مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5554|ئىنكاس: 14

بىزدىكى ئىسراپچىلىق ‹1› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19265
تۆھپە نۇمۇرى: 2473
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 07:38:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ
ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪت ۋە ﻣﯘﻗﻪددەس ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﺋﻪرزان ﮬﻪم ﺧﺎرﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﮔﻪرﭼﻪ ﮬﺎﻳﯟاﻧلار، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻧﺪار ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯜل - ﮔﯩﻴﺎھ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ۋاﻗﯩﺖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاﻗﺘﻪك ﻛﯚرۈﻧﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﮕﻪ، ﺗﺎغ - دەرﻳﺎﻧﯩﯔ، ﺗﯘﭘﺮاق، ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ. ﺟﺎﻧﺪارلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘزاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەب، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪۋﺟﯘداﺗلاردﯨﻦ ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە. ﺋﯩﺴلام رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ __ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﺪار - ﺟﺎﻧﺴﯩﺰلار ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن. ﮬﺎﻳﯟان ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪە ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪم ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﺗﯧﺰ ﺗﻪﻳﻴﺎر ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﺎدەم ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﺗﻪﻳﻴﺎر» ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ. ﻛﯚﭘﻠﯩﺮى 20 ﻳﯩﻠﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻮلاﻟﻤﺎي ﻗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ! ﺷﻪﻛﻠﻪن ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﯩﻲ ﺧﯘي - ﭘﻪﻳﻞ، ﮬﺎﻳﯟاﻧﯩﻲ روھ ﺋﺎزاﻳﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ روھ ۋە ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﻪرﺷﺎرﯨﻐﺎ ﻳﯜك، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﯘدۇﻟلا ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘراﻟﯩﺴﺎق ۋە «ﺋﺎدەم» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎق، ﺑﻮﻳﻨﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ۋەزﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﻗﺎرﻧﯩﺪا ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺋﺎي، ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻛﯜن، ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺳﺎﺋﻪت، ﺗﻮﻗﻘﯘز دەﻗﯩﻘﻪ ﺗﯘرۇپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻛﯚز ﺋﺎﭼﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ۋاﻗﯩﺖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻐﺎن ۋە ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ، ﺑﯩﺰ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ. راﺳﺖ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ، ﺋﻮﺗﺘﯘراﮬﺎل ﺑﻮلاﻟﯩﺴﺎق، ﺷﯜﻛﯜر دەﻳﺘﺘﯘق. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺑﯩﺰ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن __ ﺋﻪۋرﯨﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻳﺎۋاﻳﻰ ﺋﻮرﻣﺎن ﭼﯚل ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪڭ ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ! ﺑﯘ ﺋﻪﻳﯩﺒﻨﻰ ﺗﯜزﯨﻤﻪك ﻗﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس، ﭘﻪﻗﻪت ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﮕﻪن ﻗﻪرەﻟﺪە ﻗﯩﻠﺴﺎﻗلا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ! ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻳﺎۋاﻳﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪردۇر. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘلار ﻣﯩﻨﯘت - ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻨﻰ ﺑﯩﮭﯘدە زاﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺴﻪ، ﺋﻮۋلاپ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎۋاﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟان ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻮۋﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ.
ﺑﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ زاﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺧﺎﮬﯩﺶ - ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﭘﻪﻗﻪت ﻧﺎﻣﺎزﺧﺎن ﺗﻪﻗﯟادارلار ﻧﺎﻣﺎز ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ (ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪپ ﺑﯩﻠﻪﻧلا، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪەك ﺋﻪزﯨﺰ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﮬﺎﻳﺎت ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪە ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇۋاﺗﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ). ﺋﺎددﯨﻲ ﻣﯩﺴﺎل: ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪچ ﺳﺎﺋﻪت ﺑﻪﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎ، ﺳﺎﺋﻪت ﻳﻪﺗﺘﯩﺪە ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﺎر: ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺗﺎﻛﻰ ﻛﻪچ ﺳﺎﺋﻪت ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎي ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ «دەل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺑﺎرﻏﺎن»ﻏﺎ ﺗﻮﻳﯘپ ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺗﻮي ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺳﺎﻟﻤﺎي ﺳﺎﻗلاﻳﺪۇ - دە!
ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەپ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ رازى ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﯟﯨﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ، ﺑﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﺋﯚﻣﯜر ﺋﯩﺴﺮاپ ﺑﻮﻟﯘۋﯦﺮﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺗﻮي ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯚﻣﯜر ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯜز ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪن ﺑﻮلار ﺋﯩﺪى! ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟال ﻳﯧﺰﯨلاردﯨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘلار ﭘﻪﻗﻪت ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﺎدەت ﭘﯜﺗﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻳﺎﻣﺮﯨﻐﺎن؛ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﻘﺎن.ﺋﯘﻧﺪاﻗلار ﻧﺎۋادا ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ راﻳﻰ ﺑﺎرﻣﯩﺴﺎ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮەر ﭘﺎرﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﻛﻮﻳﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺗﺎزﯨﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚزى، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە، ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە، ﺗﻮﻏﺮا - ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪى؟

ۋەدە - ﻟﻪۋزە ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ
ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ، ۋەدە - ﻟﻪۋزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺴﯩﺮاش ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰدە ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟال ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﺘﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪت ﺋﻪۋج ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ زاۋاﻟﻠﯩﻖ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜرۈپ ﺗﺎﺷلاﻳﺪۇ.
ﻛﯚﯕﯜل ﺧﯘش ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺶ - ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺸلار ﺑﯩﺰدە ﺑﺎر. ﻣﯩﺴﺎل، ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜن، ﺋﯚﻟﯜم - ﻳﯧﺘﯩﻢ، ﻧﻪزﯨﺮﻟﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ، ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ؛ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ - ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ؛ ﺑﺎلا - ﭼﺎﻗﺎ، ﺋﯚي - ﺑﯧﺴﺎﺗلارﻧﻰ دﯦﺮەﻛﻠﻪش، ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﺷلار … ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت رﯨﺸﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻗﺎن - ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ زەﻧﺠﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻣﻪﮬﻜﻪم ﺑﺎﻏلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ ﮬﻪم ﺗﯘرۇۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻳﺎﻏﻠﯩﻤﺎ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪت ﺋﺎرﯨلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻟﻪززﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ زەﮬﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸلاردا، ﮔﻪﭘﺘﻪ، ۋەدە ﺑﯧﺮﯨﺶ، ۋەدە ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻟﻪۋزە ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ «ﻟﻪۋزى ﮬﺎلال» ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪۇر ﺗﻮﻟﯘق ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﮔﻪپ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ - ﺳﻪۋەب دﯦﮕﻪن ﺟﯩﻖ. ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳلا ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪز، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ، ﮬﯧﻴﻠﯩﮕﻪر، ﮬﺎراﻣﺘﺎﻣﺎق ﺋﺎدەﻣﻠﻪر - ﻗﻮۋﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ: «ﺑﯩﺰ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ!» دەﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ، ﺧﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ، ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮاﻗلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺧﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ - ﺳﻪۋەﺑﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ داﺷﻘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﯩﻠﻐﺎرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﺳﺎق، ۋۇﺟﯘدﯨﻤﯩﺰدا ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ - ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ روﮬﯩﻲ ﻛﯜچ - ﻗﯘۋۋەت ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ!
ﮬﺎﻳﺎت ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، داۋاﻣﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮرﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ __ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ۋەزﯨﭙﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻠﻪش، ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺒﺎدەت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ۋەزﯨﭙﯩﻤﯩﺰ. ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﯩﺰدە ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ روﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﺶ - ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻛﯚرۈﻟﯜۋاﺗﯩﺪۇ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن! ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن؛ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻢ - ﺑﯧﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪت ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ۋەدە - ﻟﻪۋزە ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن زەﺋﯩﭗ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻗلا ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. دورﯨﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، راﺳﺘﭽﯩﻞ، ﭘﺎك دﯨﻞ ۋە ﺋﺎدﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘش! ﻛﺎززاﭘﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﺎرﯨﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻜﻜﻪ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻳﻪردە ﺋﻮرۇن ﺑﻪرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ.
ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ
ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪڭ ۋاﻳﺴﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﺶ دەرﯨﺠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻗﺸﺎش دەرﯨﺠﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪرق ﺑﻪك ﭼﻮڭ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚرە، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﮔﺎھ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎق، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜم، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﻳﺎرﯨﺘﺎلاﻳﻤﯩﺰ! ﺳﯩﺮﺗلاردا ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﻛﯧﻜﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜدەك ﺋﻪﻣﻪس، ﻳﻪپ ﺑﻮلاﻟﯩﻐﯘدەك ﺑﯘﻳﺮۇﺗﺴﺎق؛ ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﯘش دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﻪپ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺴﺎق، ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﭗ ﻳﯧﺴﻪك؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻏﯩﺰا - ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﺴﻪك، ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎق ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻤﯩﺴﻪك ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯘ! ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﺰدە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﭘﯘل، ﻗﺎﭼﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎق ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎلال ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﻗﺎن - ﺗﻪر ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن، ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘزۇپ - ﭼﯧﭽﯩﺶ، ﺧﺎرلاش ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﻮق. ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ - ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﭘﯘﻟﺪا ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﺎردۇ؟ ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘزۇپ - ﭼﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘۋاﻟﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯩﻤﯩﺰ! ﻣﻪن ﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪك ﻳﺎدلاپ ﺗﯘرﯨﻤﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯚزۈم ﮔﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮاق. ﺑﻪزﯨﺪە ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚپ ﺑﯘﻳﺮۇﺗﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﻣﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﻤﻪن. ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪس ﺑﯘ!
ﺑﯩﺰدە «ﻛﯧﺴﻪل ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘلاﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ، ﺟﺎن ﺗﯘﻣﺸﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﻗﺎ ﭘﯩﺸﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻰ ﺑﺎر. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﺪە ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﺑﺎر. ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﭘﯘﭼﻪﻛﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯧﺴﻪل ﺋﺎدەم ﺟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﻠﻪﯕﺴﯩﺰ، ﺳﯧﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎرﯨﺴﺎ ﺋﺎۋاق، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺴﯩﺰ ﺑﻪدەن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯘش ﭼﯩﺮاي، ﻏﯘﻧﭽﻪ ﺑﻮي، ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﯘۋادان ﺗﯧﺮەﻛﺘﻪك ﺗﻪﻣﺒﻪل، ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﺎرﯨﭽﯘﻏﺎ ﺑﯘرۇن، ﺑﺎدام ﻗﺎﭘﺎق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﻏﯩﺰالاﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ﺑﯘزۇﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ. ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ - ﻳﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻣﺸﺎق - ﺳﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘۋۋەﺗﺴﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮاﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻤﺎي ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﺴﺎ، لاﻳﯩﻘﯩﺪا ﺋﯩﺶ - ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯜزەﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ! ﮬﻪر ﻛﯩﺸﻰ ﺧﻪﻗﻘﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎي ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪردﯨﻦ، ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺳﯚزﻟﻪردﯨﻦ، دﯨﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ - ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﻠﺴﺎ؛ ﺋﻪﻗﯩﺪە - ﺋﯩﻤﺎن، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرﺳﺎ؛ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ زەﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗلاپ، ﺗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎزا ﺗﯘﺗﺴﺎ …«ﺗﻪن»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﻪڭ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ۋەﺗﻪن ﺳﺎق ﺗﯘرﻣﺎي ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس! ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺳﺎﻏلام ﺗﻪن ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮرﺷﯩﯟاﻟﯩﺪۇ! ﻧﯚۋﯨﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜش ﻛﯧﺮەك: ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰدا ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﻧﺎۋاﻳﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ دورﯨﺨﺎﻧﺎ ﻛﯚپ؛ ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ دورا ﻛﯚپ؛ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎن دوﺧﺘﯘردﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺧﺎﻧﯩﯟەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘل - ﻣﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘلاﯕﭽﻰ ﻛﺎززاﭘلار ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ دوﺧﺘﯘرلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪپ، ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ دەپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘل ﺳﺎﻧﺎش ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ دوﺧﺘﯘرلارﻧﯩﯔ ﻳﯜزﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜپ، ﺷﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎپ ﺑﻮﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ رادﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﺶ - ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺳﺎق ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن دورا، داۋالاش ﺋﯧلاﻧﻠﯩﺮى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘرۇۋاﺗﯩﺪۇ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎرار ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻤﯘ ﺗﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ! ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺴﺎق، ﺑﯘ ﺑﺎزارﻧﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎن، ﺑﯘ ﺑﺎزار ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧلار دەل ﺑﯩﺰ ﮬﻪم ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﯩﺴﺎق، ﭘﯘرﺳﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﻪر ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﺎﻳلاﻳﺪۇ، ﺧﺎرلاﻳﺪۇ. ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﯩﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻗﻮﻏﺪارﻣﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ «ﺗﻪن»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚي روﮬﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎرﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﯩﻜﻪن، ﺑﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻛﻮﻧﯩﺮاپ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەر ﺋﺎﺳﺮاپ، ﺋﺎﻗلاپ، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯚي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﻛﯧﺮەك! ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﯚي ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎي ﺑﺎﺷﻘﯘراﻟﻤﯩﺴﺎڭ، ﺋﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪر ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ؟ ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ لاﻣﺰەﻟﻠﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﺎرﯨﺴﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺟﺎن دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮەر ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ دۇﻛﺎﻧﺪا ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﭘﺎراﺳﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ﻛﯧﺮەك. ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪن ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎك روﮬﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﯔ ﺳﺎﻗلاش ۋەزﯨﭙﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎر!  ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﻮﭘﺎﻟﺮاق ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﺴﺎق، ﺳﻪن ﺋﯚﻣﺮۈﯕﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻤﻪي، ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪۇر ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪر ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺋﯚﻳﯜﯕﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ؛ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘل - ﻣﯧﻠﯩﯖﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﺪۇ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎﯕﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪەﻳﺪۇ، ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﯕﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺮﯨﯖﮕﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﺑﺎلاﯕﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﺎرﯨﺴﺎ، ﻣﻪﻳﻠﯩﻐﯘ!)، ﺳﻪن ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ، ﺳﻪن ﻳﺎﺗﻘﺎن ﻛﺎرﯨﯟاﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﯩﺪۇ! ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟

ﮔﻪپ - ﺳﯚز ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎز ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﺮ، ﻗﯘلاق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﺋﯘﺳﺘﺎز ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘر ﺑﯘ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﮬﺎﺳﯩلاﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﮔﻪپ ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎدەم ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﯨﺪۇ. ﮔﻪپ ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻪپ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﯨﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﻪرﮬﻪق ﭘﺎﻛﯩﺘﻜﻰ، ﺑﯩﺰدە ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺋﺎدەم ﺗﻮلا. ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧلار ﺑﯘ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟلار، ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ راﮬﯩﺘﯩﻨﻰ، ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚردى. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧلار راﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﺪى ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﻠﻪر ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﯘرۇق، ﻳﺎﻟﻐﺎن - ﻳﺎﻏﻠﯩﻤﺎ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﯕلاﭘلا ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯩﺰدە ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلاردﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار، ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺟﺎن ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار، ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪﮬﻪﻳﯟەت، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎدﻟﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش - ﺑﻪزﻣﯩﻠﻪردە ﺧﻪﻗﻘﻪ ﻳﺎدلاپ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻣﯘزدﯨﻦ ﺋﻮت ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯘرۇق ﺳﯚﻟﻪت ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺪى. ﻗﯘرۇق ﺷﻮﺋﺎر، ﻳﺎﻏﻠﯩﻤﺎ - ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎدان ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺑﺎلاﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﺗﻮلا ﺗﻪﻛﺮارلاﻧﺪى. ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪرﻛﯩﻠﻪر ﺑﯩﭽﺎرە ﻗﻮﻳلارﻧﻰ ﻗﯘﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﭘﻮﻛﺎﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻏﺎﻣﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻟﺪى - ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﺎي ﻏﺎداﻳﻐﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯚﻟﻪﺗﯟازﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ ﮬﯚرﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻜﻪن ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادى دەل ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﺴﻪك ﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﯘۋۋەت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚرە، ﻧﺎن ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ، ﺑﯘﻏﺪاﻳﺪﯨﻦ ﻛﯚرە ﺳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎلا ﮔﻪﭘﻠﻪردۇر. ﺑﯘرۇن «ﺧﻮﺗﯘن ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰ ﺋﯘزۇن، ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ» دەپ ﻗﺎراﻳﺘﺘﯘق. ﮬﺎزﯨﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﭼﯧﭽﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮاپ، ﺋﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﭼﺎچ ﭘﻪرﻗﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﻪرﻗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﻪر ﺧﻮﺗﯘن ﺧﻪﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘق! ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ دﯦﮕﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻏﻪﻳﯟەت ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﮔﻪپ ﺗﯜرى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ ﺋﻪڭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪۇ ۋە ﻏﻪﻳﯟەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺧﺎم ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘ، ﮔﯘﻧﺎﮬلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮى، دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪۇ. ﺟﺎن، ﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚز ﻳﯘﻣﻐﺎﻧﺪا ﮬﻪر - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎزا ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪا ﻧﺎﻣﺎز ﭼﯜﺷﯜرﮔﯜﭼﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻗﻪرزﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﭗ رازﯨﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻏﻪﻳﯟەت - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت، ﺑﻮﮬﺘﺎن؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى، ﻣﺎددﯨﻲ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯘل - ﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. دﯦﻤﻪك، ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ دوزاخ ﺋﺎزاﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ دوزاخ ﺋﺎزاﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻘﯘزﯨﺪۇ. ﺋﯩﺶ - ﺋﻪﻣﮕﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪش؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻗﯩﺪە - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪر، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت - زﯨﻴﺎرەت، ﺟﺎﮬﺎن ﺋﯩﻠﻐﺎرﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ؛ ﻛﯩﺘﺎب ﻛﯚرۈش، ﺋﯚزى، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە، ﺋﺎرﺗﯘق - ﻛﻪم ﺗﻪرەﭘﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻳلاش، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ؛ دوﺳﺘلار ﺋﺎرا ﺧﯘش دﯨﺪار، ﺧﯘش ﺳﯚﮬﺒﻪت ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش؛ ﻛﯚﯕﯜل ﻛﯚﺗﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻳﯘن؛ ﺑﻪدەن ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻛﯜچ - ﻗﯘۋۋﯨﺘﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪن ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﮔﯜزەل - ﮬﻪ! ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﯩﺰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎلا ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻏﻪﻳﯟەﺗﻠﻪر ۋە ﮔﻪپ ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻧﯧﺮى ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎز - ﺳﺎز، ﺟﺎﻳﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻠﻰ.

ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ
ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻟلاھ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪم ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرۈش ﺋﯜﭼﯜن، ﺗﯧﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﺎلاﺋﯩﻚ، ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪزاﺳﯩﻨﻰ زﯨﻴﺎرەت ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎﻧﻤﯩﺶ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى، ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن - ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺋﺎدەم» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ، روھ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺗﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﺎلاﺋﯩﻚ، ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﻪر ﺷﯘﺋﺎن ﺋﺎﻟلاﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎن: ﺋﺎدەم دﯦﮕﻪن ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘرﺳﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘغ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪن، دەپ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﺎۋﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯘ، ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﻪرﮔﻪ دەرس ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪرﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏلاﻧﻐﺎﻧﻤﯩﺶ. دﯦﻤﻪك، ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﻰ «ﺋﺎﻟﯩﻢ» ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﺎدەم»ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاﺷﺘﺎ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﻪلا ﺑﯩﻠﮕﻪن، ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪن. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚرە، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺗﯘرﻏﺎن. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯩﺰدەﻧﺴﻪ، ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ، ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘز «ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن» ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﻨﻰ راﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا … ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ راۋۇرۇس «ﺋﺎدەم» ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎق ﺋﺎﺳﺎن، ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻤﺎق ﺗﻪس. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﺋﺎدەم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪت ﺗﻪڭ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن … ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻪلا ﺑﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ! ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪ، ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮬﺎلاﻛﻪت. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯘزۇﻗﭽﯩﻠﯩﻖ! ﮬﺎۋاﻳﻰ - ﮬﻪۋەس، ﺗﻮﻏﺮا ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎزدۇرۇش، ﺧﺎلاس!
ﺋﯚز ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪڭ دەﭘﺴﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪڭ ﺧﺎرلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺰدە، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺑﺎر. ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ، روﮬﯩﻤﯩﺰدا ﻛﻮﻧﺎ دﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎرﯨﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﻗﯟادارﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚرە، ﺷﻪﻛﻠﻪن ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﻛﯚپ. ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﭘﯘل - ﻣﺎل، راﮬﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﯚزى ﻳﺎﺳﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﯘدلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪۇ، ﺗﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﺗﯘرۇپ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪۇ، ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺗﻪﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺧﯘﺷﺎﻣﻪت- ﺗﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﺟﯩﺮﺳﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪن راﮬﻪت، ﺗﯩﻠﯩﮕﻪن ﮬﻮﻗﯘق، ﺗﯩﻠﯩﮕﻪن ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى، ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎز. ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻛﻪﻳﭗ - ﺳﺎﭘﺎ، ﮬﯘزۇر - راﮬﻪت ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﺎﻣﺪﯨﻦ، دوﺳﺘﯘﻣﺪﯨﻦ، ﻳﯘرﺗﯘﻣﺪﯨﻦ، ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪن دەپ، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﻮﻳلاردا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ۋﯨﺠﺪاﻧﻰ ﺋﯚرﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻳﯜز ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯩﺸﻰ ﺳﻪﺳﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ - ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪردە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق راﮬﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺟﺎﭘﺎ، ﺟﺎﭘﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە راﮬﻪت ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺋﯘ ﺧﯘددى ﺑﯩﺮدەم ﻛﯧﭽﻪ، ﺑﯩﺮدەم ﻛﯜﻧﺪۈز ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺋﯩﺶ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪت. ﺑﯘ ﺟﺎﭘﺎ ﮬﻪم راﮬﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﯚز لاﻳﯩﻘﯩﺪا ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﮬﻪم ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ راﮬﻪت ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ روﮬﯩﻤﯘ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﺎر. ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﻪن ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﺑﻪزﯨﺪە روﮬﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ روﮬﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﺑﯘ ﺋﺎدەم ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﻪك ﻳﯜرﮔﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪل - ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﺎدەم ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺘﻪك ﻛﯚرۈﻧﯩﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯚﻟﯜم __ ﺋﯚزى ﮬﺎﻳﺎت ﺗﯘرۇپ ﺧﻪﻟﻘﻰ - ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﮬﯚرﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﻗﺎن ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎي ﺟﺎن ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺟﺎن ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎي ﺟﺎن ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﻮﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﭽﻪ، «ﻳﺎ ﺋﯘ دۇﻧﻴﺎﻟﯩﻘﻰ، ﻳﺎ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻟﯩﻘﻰ ﻳﻮق» ﺋﯚﻟﯜﻣﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزى ﺧﺎر ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ۋە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ لازﯨﻤﺪۇر.
ﻛﯚز - ﻛﯚز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸلار، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪپ - ﺋﯩﭽﯩﺸﻠﻪر، ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚي، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩلار؛ ﺋﺎﻏﺰى - ﺑﯘرﻧﻰ، ﻗﻮل - ﺑﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪر، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮي - ﻧﻪزﯨﺮﻟﻪر، ﺑﻪس - ﺑﻪس ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘل ﺑﯘزۇﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸلار ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلار ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘراﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﺎﺳﺎﺗلاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ! ﺑﯩﺰدە ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﻐﺎن ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎر، ﭘﯘل - ﻣﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘش، ﮬﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە، ﭘﯘل - ﻣﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪا ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺧﺎر ﺑﻮﻟﯘش؛ ﭘﯘﻗﺮاﻧﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻪزى ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻧﯩﯔ، ﺑﺎﻳلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪك ﭼﯩﺮﯨﻚ، ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻳلار، ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘ، ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻖ! ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﮬﺎلال ﻗﺎن - ﺗﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ؛ ﺗﻮﻏﺮا دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراش، ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﯘرﻏﯘزۇﺷﻨﻰ؛ ﻗﺎلاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ - ﻧﺎداﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜس ﻗﻮل ﺋﯜزۈﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ … ﺑﯩﺰدە «ﻳﯧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﺳﻪل ﺑﺎر، ﻳﻪپ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎن زەﮬﻪر ﺑﺎر» دﯦﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎ ﺳﯚزى ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﯩﻐﺎي!









ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر    مەنبە:يىغىپ ساقلىغان ئەسەرلەر توپلىمى‹جۇڭگۇ مىللەتلەر ژورنىلى 2009-6سانىدىن›

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zalim1 + 10 ئسىل
nazila998 + 30

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 40   باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 11:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايا بازارغا چىقىپ بىر دۇكاندا 2 ئايالنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى .
- ئاداش ، ئەل ئاغىنىلەر ھەم دوستلارنىڭ ئىچىدە بالىلىرى ئالى مەكتەپكە ماڭغانلاردىن ساناپ باقسام 8،10 ى باركەن . ھەممىسىنىڭكىگە خوشلىشىش ئۈچۈن بارسام ئاز دىگەندە 50 يۈەندىن ئاپارسام 500 يۈەن كىتىدىكەن . يېقىنراقلىرىمغا 100 دىن ئاپارمىسام بولماس . مۇشۇنداق قىلسام ئالغان مۇئاشىم يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ . ھېيت كىلىپ قالدى .ھېيت تەييارلىقنى قىلمىسام تېخى ، نەچچە توي تۈكۈن باركەن ، قانداقمۇ قىلارمەن ؟........
   ئاخىرىنى ئاڭلىمىدىم . تاپقان پۇلىمىزنىڭ تايىنى يوق تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىكلەر ئادەمنى ھالسىراتماقتا . نېزىر چىراققا ماڭغان ، توي تۈكۈنگە ماڭغان . مۇشۇ جەرياندىكى ئىقتىساد ھەم ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، بەزى قىز ئاياللىرىمىزدىكى قىممەت پۇللۇق چاچ ياسىتىش ھەم كىيىم كىچەكنى ھەشەمەتلىك كىيىشلىرى ، بەزى ئەرلىرىمىزدىكى كۇچىدىن كىرمەي قالايمىقان پۇل خەجلەپ قىمار ، ھاراق سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشلىرى ......... ، دىسەم گەپ تۇلا ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقى ئىسراپچىلىق ، بىز ھاياتىمىزنى مۇشۇنداق ئىشلار بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرارمىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:23:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ يازمىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن   ، رەخمەت سىزگە ،دىمىسىمۇ راس، بىزدىكى ئىسراپچىلىقلار  ھەقىقەتەن ئىغىر ،ھەممىسى «سەندىن مەن قالامەنمۇ » دەپلا بولۇۋاتقان ئىراپچىلىقلار بۇ  .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24292
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6233
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:31:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر نۇرغۇن كىشلەر ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كىتۋاتىدۇ.ئۆتمىشنى ئەسلىسە قىلغان ئشغا قىلۋاتقان ئىشغا پۇشايمان قىلغان بولاتتى.ئۇلۇغ ئاللا ھەممىزگە ئېنساپ ئاتا قىلسۇن ئامىن!

كۇلۇپ ياشا

بىز كىم !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36843
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3975
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1647 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 01:51:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى بايقاپ قالدۇ ، لېكىن بەزىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى باشقىلارنىڭ قەلىمىدە قەغەز يۈزىگە چىقىپ ، ۋە باشقىلار كۆرۇپ ئىنكاس يازغاندا ، ئاندىن بايقايمىز ياكى بىرە كۇن ئەمەل قىلىپ باقىمىز ، ئاندىن يەنىلا كونا ئىقلىمدا قالىمىز .
بىز ئۇيغۇرلاردىكى مانا مۇشۇنداق ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتمەك ، تەكلىماكاننى يۆتكۇگەندىن بەتەر تەسكە توختايدۇ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
يىرىتلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ،
ياشلىق گۇلىدىن توكۇلىدۇ بىر يوپۇرماق .      
                                                      
                                                      لوتپۇللا مۇتەللپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 09:54:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ئىسىل تىمىكەن. بىزدىكى ھەممەئىللەتلەر ناھايتى تەپسىلى يىزىلىپتۇ.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

بۇگۈن ماڭا ئەتە ساڭا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46559
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4396
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-7-3
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:06:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقتىمىز چىقمايدىكى غەيۋەت شىكايەتكە  يىتىپ ئاشقۇچە،
نامراتلار يەي دىسە يوق سورۇنلاردا ئېشىپ تاشقۇچە .
جاپالىق ئىشلەشكە رايىمىز يوق ياتىمىز كۈنلەر پاتقۇچە ،
يەيلى دېسەك ئاش- نان يوق ھالىمىز مۇشۇ كەمگىچە .
قاچانمۇ تۈگەر بىزدىكى بۇ ئىسراپخورلۇق.

مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى،يۇمشاق كىرپىسى

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:34:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىچە ياشاڭ! ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلىدا!

ئەخلاقنى ئەخلاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12067
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8813
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ئەڭ كۆپ نەرسە يەنىلا ۋاقىت، ئەجداتلىرىمىز بۇرۇنلا ئەسكەرتىپ بولغان ،«ۋاقتىڭ كەتتى _بەختىڭ كەتتى » دەپ ،ئىنسانلار ئەزەلدىن« قىل »دىگەننى قىلماي ،«قىلما»دىگەننى قىلىمىز ،شۇڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9832
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9241
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 659 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 07:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە نېمىمۇ دەرمەن ،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش