ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مىسرانىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ئۇزۇندىن بۇيان بىرقىسىم شىئىرلارنى ساقلاپ كىلىۋىدىم،ئالدىنقى قىتىم بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلى بىرقانچە پارچىنى يوللىغان ،ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك شىئىرلار بولغاچقا،بۇقىتىم ھەممىنى تولۇق قىلىپ يوللىدىم.كوپچىلىكنىڭ بولسا ساقلىۋىلىشنى ئۇمۇد قىلىمەن.
تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم يىـلـتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم (فامىلىسى يىـلـتىز) 1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 27- كـۈنـى لـوپ نـاھىيىـسـىـدىكى بـۇيـا يېزىسىنىڭ كۈنزىيا كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1970- يـىـل 9- ئايـدىـن 1979- يـىـل 7- ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى كۈنزىيا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز- تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1979- يىل 9 - ئايدا قـاراقـاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىدا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1981- يىل 9 - ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، «خوتەن گېزىتى» ئۇيغـۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1985 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىـڭ ئەدەبىيات كەسپىدە خىزمەتتىن يېرىم ئايرىلىپ ئوقۇغان؛ 1989 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچـە قـەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە خىزمەتتىن پۈتۈن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرغان؛ 1999 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىـچـە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان؛ 2003 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقـۇپ ئاسـپىرانـت بولغان.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1981 - يىلىدىن 1986 - يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تـەھـرىـر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىك، تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە مەخسۇس بەتلەر مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1987 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قەشقەر ئۇيـغـۇر نـەشـرىياتىغا يۆتكىلىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تەھرىر بۆلۈم پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، كـېيىن ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002 - يىل 6 - ئايدىـن 12 - ئايـغـىـچـە بېيجىڭدىكى «شاڭۋۇ نەشرىياتى»دا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2004 - يىل 11 - ئايدا خىزمەت ئېھتـىياجى بـىلەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىيـاتـى»نىڭ شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن؛ 2005 - يىل 7 - ئايدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نـەشرىياتى»نىڭ شىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىگە مۇئاۋىن مۇدىر بولغان ھەمدە ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىل 1- ئايدىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىيـاتى»نىڭ شىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرناللار)نىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى(ناھىيە دەرىجىلىك)، ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1978 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن ھـەر خىل شېئىـرلىرى ئېلان قىلىنغان. «يۇرۇڭقاش شادلىقى»، «توي تەنتەنىسى»، «مەسەللەر خـەزىـنىسىدىن»، «ئارزۇ بوستانى»، «كارۋان(3)»، «كارۋان(6)»، «خوتەندە راۋان يوللار»، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر»، «يـول راۋان، ئەل شادىمان»، «تاللانغان رۇبائىيلار» قاتارلىق ئوندىـن ئارتۇق تـوپلامغا بىر تۈركۈم شېئىر ۋە داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيـغـۇر شـېئىـرىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىم»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تەخمىـس ژانىرىغا تـەبىر»، «نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي - نەزەرىيىۋى ماقالىسى مـەتـبـۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك باھالاشلاردا مۇكاپاتلانغـان. «يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنـجـاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «كروران» قاتارلىق ئەدەبىي ۋە ئۇنىۋېرسال ژۇرناللار ھەمدە «شىنجـاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «قەشقەر گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلـەر، مـەركىزىي خـەلـق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات- نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ئۇ يازغان بىرقانچە مەخسۇس فىلىم ۋە ئىتوت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسـى تەرىپىدىن سـۈرەتكە ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن 1999 - يىلى 9 - نۆۋەتلىك ۋە 2004 - يىلى 11 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى نەمۇنىلىك مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تاللاپ «مـۇھەببەت لىرىكىلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 - يىل نەشرى)، نادىـر ھـەجـۋىي شـېئىرلارنى تاللاپ «قـامچا» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 - يىل نەشرى)، بىرقەدەر ئېسىل رۇبائىيلاردىن تاللاپ «رۇبائىيلىق كالېندار» (قـەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى)، ئەنۋەر ھوشۇر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى نەمۇنىلىك ھېكايىلەردىن تاللاپ «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما(1) _ «ئۇزاق كېچـە» (قەشقەر ئۇيغـۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئۇ يەنە ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى (9)» ناملىق كىتابنى ۋە «<تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى> جەۋھەرلىرى» قاتارلىق ئونغا يېقىن مەخـسـۇس كىتابنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ، ھەرقايسى نەشرىياتلاردا نەشر قىلدۇرغان. «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى ئاپتونوم رايون بـويىچـە ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى تېپىلغان <تاڭ دەۋر شېئىرلىرى>نى تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىـشـىـپ 3 - دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەر خىل دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
شائىر تـۇرغـۇن يىـلـتىزنىڭ «سۆيگۈ ئارخىپى» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1996 - يىل نەشرى)، «ئاچـقـۇچ ئېسىۋالغان بالا» (شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نـەشرىياتى 1996 - يىل نـەشرى)، «سۆيگۈ تۇمارلىرى»(مىللەتلەر نەشرىياتى 1997 - يىل نەشرى)، «جانان كېلىدۇ» (شىنجاڭ خەلق نـەشرىياتى 1999 - يىل نەشرى) «يـول، يـول، يـول...» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نـەشرى) ناملاردىكى كىتابلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يۈز كۆرۈشكەن.
تـۇرغـۇن يىـلـتىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇيغۇر بۆشۈكى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز
ئىزگ_ۈ سىر، ھېكمەت_كە ب_اي، ئەپسانە ئۇيغۇر بۆشۈكى،
خاسىيەت، ق_ۇت سەتھىدە دۇردان_ە ئۇيغ_ۇر ب_ۆشۈكى،
خ_اس ئىرىم_لىق ئ_ەنئەن_ە، نۇران_ە ئۇيغۇر بۆشۈكى،
ئېھ_تىياتلىق دىل_ئارام - دىلخ_انە ئۇي_غۇر بۆش_ۈكى،
م_ەرىپەت دۇن_ياسى_دا ش_اھانە ئۇي_غۇر ب_ۆشۈكى.
تەق_ۋادار، ك_امىل ياغاچچى ... قولىدا ئ_ەسۋاب كېلۇر،
ھەرە، ك_ەكە، رەندە، تىغ_لار بىسى_غا ئاپ_تاپ كېل_ۇر،
ئىككى جاغ پ_ەر، تاختىلار يىپ_ەكسىمان روي_اپ كېلۇر،
باش - ئاي_اغلىق چوققىلارغا ئ_ۆرگۈلۈپ مېھ_راب كېلۇر،
پ_اك ئۇپۇق_تىن ئ_اشىيان نى_شانە ئۇي_غۇر بۆشۈكى.
ئەندى_زە ب_ەرسە تول_ۇنئاي ي_ۇمىلاق ئ_ويۇق_چىغا،
جىپسا ج_اك - كۈلتۈك تۇماق_لىق ئولتۇرار ئويۇق_چىغا؛
ئاق بۇلۇت قونغاندا ئ_ودا، كۆرپە، جۈپ ي_استۇق_چىغا،
ئاي_لىنار يۇل_تۇز شۈمەك، چايشاپ، زاك_ا، يوپۇق_چىغا،
شەيئى سەرخىل سەن ئۈچۈن مەستان_ە، ئۇيغۇر بۆشۈكى.
س_وزۇلۇپ يۆگەككە، تىز، جەينەكلىكىڭ_گە خۇش بوۋاق،
تارتىلىپ پ_ۇت، بەل ۋە قولتۇق_تارتقۇلاردا زەپ ئ_وماق؛
ئې_سىلىپ خال_ۇغا ب_ۆرە ئوش_ۇقى، مونچاق ئ_اداق،
قىز- ئوغۇل_نىڭ ياستۇقى_غا ئەق_رىبا ئەي_نەك، پىچاق...
ب_ەخت - ئاسايىش سىمۋولى، يادن_امە ئۇيغ_ۇر بۆشۈكى.
ك_ەشپىياتى مۆتىۋەر ئەجداد چې_ۋەرنىڭ ئ_ەڭ ئ_ەزەل،
دىلپۇزۇر، كۆركەم، قاپارتما گۈل - نەقىشلىك، ئۇز - گۈزەل،
سەن_ئىتى نەققاشچىلىق چاق_نار ك_ەبى چولپان، زۇھەل،
ساپ ياغاچ ئەشياسى، خالىي مىخ - مېتال_لاردىن تۈگ_ەل،
ئ_ەسلىي سىرلان_ماس، «يېشىل ئاستانە» ئۇيغۇر بۆشۈكى.
كارىۋات سەن زەپ ھ_ۇزۇرلۇق، ھ_ەر بوۋاققا سەلتەنەت،
بوي_لىرىڭ_دا باش_لىنار يې_ڭى ھايات_قا م_ۇرۇۋەت،
روھ كۆزى_گە قىبلە، جىسمانىي ج_ەھەت_تىن تەربىيەت،
چ_وغ ئۇدۇم بەخشەندە «بۆشۈك ئانىسى»دا مەخ_پىيەت،
كۈن_چىقىش_تىن ئانچى_نان غەم_خانە ئۇيغۇر بۆشۈكى.
ب_اش مۇراسىم تۇنجى «بۆشۈك_كە سېلىش» دىلپارىنى،
يەت_تە ئ_ەزا ساق_لىقى_غا ك_ۆرسىتىپ ئى_شارىنى؛
چىن، مۇقەددەس بۇرچ بېقىش كەلگۈسىنىڭ شۇڭ_قارىنى،
شۇ سەۋەب بەرپ_ا قىلىش دەرك_ار كىچىك ئى_دارىنى،
باغى_بان م_ۇقەددى_مە، رىسال_ە ئۇي_غۇر بۆش_ۈكى.
ب_ۆلى_نىپ ياتسا بوۋاق، بەرگى پ_ورەك سەندىن قىيان،
ئۆركىشى «بۆشۈك تويى»غا چۆم_ۈلەر پۈت_كۈل جاھان!
چاچقۇ «ئەللەي ناخشىسى»دىن كۆك - زېمىن سۈرگەي زۇۋان،
تەخ_تى پاكىزلىك ت_ەۋەل_لۇت ئەيلى_گەي ماھىتابان...
س_ۈتكە ئايلان_غان ئ_ان_ا پەرۋان_ە، ئۇيغۇر بۆشۈكى.
ئەھ_لى مىللەت ئىچىدە كى_م ب_ار كۆزۈڭ_دە ياتمىغان؟!
كىم ب_وۋاق ئەي_يامى غەرق گىريان_دا رىشتە چاتمىغان؟!
سۇدىكى ئوي_ناق بېلىق_تەك ق_انچە پىل_تىڭ ئاتمىغان؟!
ب_ۇ گۈزەل_لىك ئەۋجىنى كىملەر ق_وشاققا قات_مىغان؟!
كاتتىلاردىن پ_ۇر مىراس _ شاھ_نامە ئۇيغۇر بۆش_ۈكى.
ھەممى_مىز باغرىڭدا ياتقان... ي_ول، ھايات نەسلىڭ_دىدۇر،
ۋادەرى_خ! ش_ۇ قەبرىلەرمۇ خىسلىتىڭ - شەكلىڭ_دىدۇر!...
تۈرك، قازاق، ئۆزبېك... تولا خەلق تىلتۇمار ۋەسلىڭ_دىدۇر،
قەدىمىي ئ_وق يىلتىزىڭ بولماس ئاي_از پەس_لىڭ_دىدۇر،
ت_ەۋرىشىڭ_گە ي_ار زېمىن، سال_نامە ئۇيغ_ۇر بۆشۈكى.
ئۇيغۇر ئەتلىسى (مۇخەممەس)
ئاپتور:تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز
تەڭدىشىڭ يوقتۇر ئەبەد شۆھرەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى،
قىز-ئاياللار قوۋمىغا زىننەت ئۇيغۇر ئەتلىسى،
رەخت بازارى كۆركىسەن خىسلەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى،
تاپقىلى بولماس سېنى ئادەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى،
ئەتىۋار بولغاچ ئۆزۈڭ ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەل-خېرىدار تۈرلىرىڭنى گۈل خوتەندىن ئىزدىسۇن،
لوپ، يۇرۇڭقاش ھەم جىيا، ئۇستا بەلەندىن ئىزدىسۇن،
يېڭىسار، يەكەن، گۇما رەڭدار چىمەندىن ئىزدىسۇن،
قاغىلىق، قەشقەر ئەزىزانە ۋەتەندىن ئىزدىسۇن،
ئۆكسۈمەي كەلدىڭ ياشاپ خىلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
تارىخىڭ شۇنچە ئۇزاق، باسقان يولۇڭ ئاندىن يىراق،
ئىختىرا قىلدى سېنى ئەجداد − چېۋەر، زېھنىي بۇلاق،
شۇنچە ئاددىي دۇكىنىڭ، ئەمما سانالمايسەن قالاق،
مەھسۇلاتىڭغا «يىپەك يولى» خۇشال ئاچتى قۇچاق،
تارقىدىڭ ئالەم ئارا ھەيۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەڭ بۇرۇن يۇڭدىن تەۋەللۇت ئەيلىنىپ چىققان ئۆزۈڭ،
سوڭرە جىسمىڭنى يىپەك، بۆز چاقنىتىپ كۈلدى كۆزۈڭ،
ئەمدى ساپ، ئۆڭمەس يىپەكتىن نۇرلىنىپ رۇخسار-يۈزۈڭ،
رەڭ تۈزۈپ جەننەت سۈپەت، سەرخىللىشىپ باغرىڭ تۈزۈڭ،
ئاشتى تۈر نۇسخاڭ ئەجىر-ھىممەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
«ئەت» ئاتالغان تەن دېمەكتۇر، «لاس» دېگەن يۇڭ يىپ، يېپەك،
يىپ - ئۈرۈشلەر ئەتلىنىپ «ئەتلەس» دېبان نامدىن دېرەك،
بولسا بابكار تەپكىسى پۇت، موكىسى خۇددى يۈرەك،
توقۇلۇپ پۈتسەڭ، خىجىل ئالدىڭدا بوستان، گۈل-چېچەك ...
بەردى پىرلەر قان ساڭا خىزمەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
چوڭ تۈرۈڭ تۆت، ھەر تۈرۈڭدە نەچچە ئونلاپ نۇسخا بار،
جىلۋىلەنگەي بەتلىرىڭدە پەسلى قىش، ياز، كۈز، باھار،
گەۋدىلەنگەي تاغ-داۋان، دەريالىرىم، باغ-لەيلىزار،
ئۇز، نەپىس، كۆركەم، ئاجايىپ ئەكس ئېتەر ئويما-مىمار،
بىر پەرىزاتسەن سېھىر -سۆلەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
چاقنىشىڭدىن رەڭلىنىپ ھەسەن-ھۈسەننىڭ قەددى «يا»،
بويلىرىڭدىن شام-سەھەر ئەگىپ كېتەلمەس خۇش سابا،
كەڭرى قوينۇڭ مېۋىلەر مەي باغلىغان باغدۇر گويا،
مول ھوسۇل سەھراسىدا كۆك سەيلىتەر نەغمە - ناۋا،
سەن ھاياتنىڭ ئەينىكى قىممەت، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
گەر كىيىم كىيسە سېنىڭدىن مەيلى ھەرقانداق ئايال،
ھۆسنىگە ھۆسن قونۇپ بولغاي پەرى، ساھىبجامال...
جان-تېنى يايراپ كېتەر، يۇمشاقلىقىڭ مامۇق مىسال،
تۇتسا ئەركەكلەر سېنى ئۆز جۈپتىگە ئەييام ۋىسال،
زەپ ئېسىل سوۋغات ئېرۇر ھۆرمەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
قىز-ئاياللار سىنىدە لىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي،
ئىزگۈ ئاشىق جىسمىدا پىژىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي،
جان قۇشۇمنىڭ ئاغزىدا جىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي،
توي-تۆكۈن، مەشرەپتە شوخ مىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي،
ئوتقا ئوت كەتكەي راھەت-ئىشرەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەتلىسىمدىن چىن پەخىرلەنمەك ماڭا ھەق، ئەي جاھان،
قول ھۈنەرۋەن ئىختىراسىغا ئىشىق-سۆيگۈم قىيان،
پاك ياشا، ئەتلەسكە داغ قوندۇرمىغىن ئۇيغۇر جانان،
يىلتىزىڭنى ھېچ قورۇتما، ئەي ئۇدۇم ئەھلى ھامان،
گۈللىسۇن يەرلىك ھۈنەر - سەنئەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئۇيغۇر كىيىملىرى (مۇخەممەس)
ئاپتور:تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز
ئەي جاھان ئەھلى، تۈزەي مۇشائىرە سۆھبەتسىمان،
باغىقىم بولسۇن بۇ نەزمەم ھەممىگە خىزمەتسىمان،
خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەم ياسىنىپ خىسلەتسىمان،
سەھنىسى شەۋكەتتە ئەيلەپ چوڭ كۆرەك ھەيۋەتسىمان،
ھەق، پەخىرلەنمەك ماڭا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتسىمان.
دەرھەقىقەتكى، ھامان ئىنساندا ئوخشاشلىق تولا،
ئەمما، ھەر مىللەت بېغىدا ئۆزگىچە گۈلزار جۇلا،
مىلىتىم كىيگەندە ئايەملىك كىيىم توزدەك گويا،
چاقنىتار تەندىن قۇياش ئەركەكلىرى ئويناپ ساما،
پەرى-پەيكەرگە زېمىن بەرمەي ئېسىل سۆلەتسىمان.
باش كىيىمدىن باشلىساق گەپ، نۇسخىسى بار نەچچە يۈز،
خوپ ياراشقاي كىيسە تاللاپ ياز، نورۇز، قىش، ياكى كۈز،
دوپپا، ياغلىق ھەم شىلەپە ئەۋجىگە يەتمەيدۇ سۆز،
تۈرى كۆپ تەلپەك، تۇماققا مىڭ بېقىپ تويمايدۇ كۆز،
باشقا قونغان بەخت قۇشىدەك، بەلكى تاج-دۆلەتسىمان.
تېرە، يۇڭ، پاختا، يىپەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
نە بۇيۇمكى، ئوت يۈرەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
يىپ ئەمەس، رىشتە-تىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
گۈل چېكىپ تالماس بىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم،
ئۈستىۋاشقا چىقسا چاقنار ئەڭ گۈزەل سەنئەت سىمان.
تاش كىيىم ھەم ئىچ كىيىم تۈر-پاسۇنى چەندان يەنە،
ئىش، مۇراسىملاردا ھەرخىل ياسىنار جانان يەنە،
ئۆيدە باشقا، سىرتتا باشقا كىينەر ھەرجان يەنە،
ئۆزگىچە ئارتىس ۋە ئاشپەز، ساتىراش، دېھقان... يەنە،
قوزغىتار قەلبىڭدە دەريا، ئۆركىشى ھۆرمەتسىمان.
كىيىمى بوۋاي-موماينىڭ خوپ سىپايە يارىشار،
خويمۇ ماس كەلگەن كىيىمگە ھەممە زوقتا قارىشار،
قىز-جۇۋانلار ئۇز ياسانماق كويىدا چاچ تارىشار،
ئايلىنىپ بىر پارچە ئوتقا، بارچە ئەر ئىز مارىشار،
قان تومۇر، ياق گەۋدىلەردە ھېسسىيات شەربەتسىمان.
ئەر-ئايال كىيملىرىدە رەڭ، شەكىللەر باشقىچە،
پەرقى روشەن يەتتە ياشتىن بەستى يەتمىش ياشقىچە،
ياشقا باغلىق چاچ-ساقال، ھەتتا بۇرۇتتىن قاشقىچە،
جابدۇقى قىز ئاياللارنىڭ ئۆزگە زەر، قاشتاشقىچە،
ياش يىگىتلەر يانغا ئاسقان تىغ-پىچاق زىننەتسىمان.
ئاق كىيم − ساپلىق، خەيرلىك قۇتقا تەڭداش ئەسلىدىن،
قاپقارا − قايغۇ ئەلەملىك، مۇسىبەتلىك پەسىلىدىن،
قىپقىزىل رەڭ بەرق ئۇرار شوخلۇق، خۇشاللىق ۋەسلىدىن،
كۆك غەيۇرلۇقتىن، سېرىق مىسكىن، پەرىشان بەستىدىن ...
رەڭ بىلەن قانداش ھايات، كىيىم-كېچەك ھېكمەتسىمان.
سەل قارالماس تېخىمۇ ئاياغ كىيىمگە ھەر پەسىل،
تۇرسا پۇت ئىسسىق، قۇرۇق، ئەلۋەتتە ساقلىققا كېپىل،
كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن ... بىلەن موزدۇز ئاجايىپ دوست ئىجىل،
مەسە-كەش، سەندەل، ئۆتۈك، بۆكۈش، بەتىنكە ... زەپ ئېسىل،
قىز-ئايال سۈلكەتسىمان، ئەرلەر يۈرەر قۇدرەتسىمان.
پوتا باغلاپ روھلىنىپ پالۋانچە قامەت ئەيلىدۇق،
ئەلمىساقتىن بەلنى چىڭ تۇتماقنى ئادەت ئەيلىدۇق،
ئادىتى ئىللىق تۇرۇشتىن بەلكى ئامەت ئەيلىدۇق،
ساقلىنىپ قورساق سېلىشتىن، شۇنچە راھەت ئەيلىدۇق،
تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ھەممىدىن قىممەتسىمان.
ئەنئەنەمدىن سۆزلىسەمم، تىل بۇلبۇلۇم خەندان بولۇر،
ھەم غورۇرلانسام، بېشىمغا كىيگىنىپ ئاسمان بولۇر،
رەڭمۇرەڭ كىيىم-كېچەكتىن كاتتا بىر داستان بولۇر،
مەنىلەر يىلتىز سۈرۈك، تەكلىماكان ئورمان بولۇر،
ئۆزلۈكۈم تارىخ بېتىدە نۇرلىنار شۆھرەتسىمان.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى (مۇسەددەس)
بـۈيـۈك نـامىڭ بـېـتى ئـەركـان ئـارا ئـەڭ كـاتـتا بـىـر ئـۇنـۋان،
ۋۇجـۇدۇڭ ھـۈپـپىـدە ۋىجـدان، بىـساتـىـڭـغا جـاھـان مېـھـمان،
ئـۆزۈڭ ئىشچان، چېۋەر چەندان، ھـىـدايـەت ۋەسـلىگـە سۇلـتان،
دىلىـسـتانىـڭ ئىـمان، گـۈلـخان، ئـەقىـدە، بارلـىـقـىـڭ ئېـھـسان؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان!
بـۇ دۇنـيانـىـڭ بـازارىـنى پــاراۋان، مــول، ئـاۋات قـىـلـدىـڭ،
كېـرەكـلـىـك مـال - تـاۋارىـنى ئـۈزۈلـدۈرمەي پـارات قىلدىڭ،
كـەسـىـپ - سـاھـە سۇۋارىنى ھـالال باقـتىڭ، ھىـمات قىـلدىڭ،
ئېسـىـپ تىنـچلىق تـۇمـارىنى، سەپـەرگـە پـۇت، قـانات قىلدىڭ؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ۋاپــادار پــەرى - دىـلـدارىـڭ تــەۋەررۈك ئــاشـىـيان ســەھــرا،
ئـۆمـۈرلـۈك ئەزگـۈ ئـەپـكـارىڭ ئېـتىز - قـىـر ئىـشقىـدا شـەيـدا،
سـەھـەر - ئـاخـشامـدا دىشـۋارىڭ ئـەزەلـدىن توخـتىماس دەريا،
ئېـچىلـغاي رەڭـگى - رۇخـسارىڭ، سائـادەت ئـەيلىـسەڭ بـەرپـا؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
باھار، ياز، كۈزدە چىڭ ئىشلەپ: ئالارمىز مول ھوسۇل، دەيسەن،
قـىـشى دۇلـدۇل كەبى كىشـنەپ: بىـنا، دامبىغا ئـۇل... دەيسەن،
ھـاشاردا قـۇم - تـوپا چىشلەپ: قازاي ئـۆستەڭ ئۇدۇل، دەيسەن...
سېـنىڭـچە بارمىدۇر ئـەشـرەپ دېسەم، بۇ سۆز نوقـۇل، دەيسەن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
قـاقـاس چـۆلـدىن ئېچـىـپ مـەرئا، كـۆكەرتتىڭ كـەڭ تەبىـئەتنى،
سـەراپ تـەكـلـىـماكـان يـەكـتا بـۈگـۈن كـۆردى كـارامـەتـنى...!
راھـەتـلـەر ئـۆزگىـگـە ئـەسـلا... چېكەرسەن كۆپ مـۇشەققـەتـنى،
ئـۆزۈڭ قـالـدىڭ يـېـرىم - يـارتـا، بـېـرىپ ئـەلـگـە ھـالاۋەتـنى؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ھېـرىش - چـارچاشـنى يـۈز - يـۈزدە بىلەلـمەسلىك لـوگىكاڭدۇر،
قـاراڭـغـۇ يـامـرىـسا كـۆزدە، قـۇرۇش سـۆھـبەت لـىـرىكاڭـدۇر،
ياتـارسـەن ئايـدالا - تـۈزدە، ئـوچـۇق ئـاسـمان يـېـپىـنچـاڭدۇر،
تـېـپـىـلـغاي ھـەممـىـسى ئـۆزدە، ئـانـا تـۇپـراق سېلىنـچاڭدۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
تـۆكـۈشـنى يـەرگـە دۇر - مېھـنەت ھـۇزۇر بىلـدىڭ كامالىڭدىن،
چىـقاردىڭ ئـاش - ئـوزۇق نېـمەت كۈچۈڭ، ئاددىي قورالىڭـدىن،
بـېـغـىـشلاپ بـارچـىـغا دۆلـەت، خـۇشاللاندىڭ ئـامـالـىـڭـدىن؛
تـەپـەكـكۇر جـەۋھىـرىڭ ھېكـمەت، ئالاي تـەلىم ماقـالىڭـدىن...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
دېھـقان دەيمەنكى − دان دەيمـەن، زىرائـەتـتىن زېـمىـن ئويـغاق،
دېھـقان دەيمەنكى − نان دەيمـەن، نېـنىمـغا بارچە ئەل مۇشـتاق،
دېھـقان دەيمەنكى − جان دەيمەن، سېنىڭسىز يوق ھايات قايناق،
دېھـقان دەيمەنكى − كان دەيمەن، لەزىز تۇرمۇش، دىيار قۇۋناق؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
پـايـانـسـىـز پـاخـتـىـزارىڭـدىن بـەدەنـلـەرگـە كـىـيـىم كـەلـدى،
كـۆلـەمـلىك ئـۈجـمـىـزارىـڭـدىن يىـپەك، دورا، گـىـرىم كـەلـدى؛
بېـغىڭ، تـەك، مىرغىـزارىڭـدىن مـېـۋە، ئوتياش ئـەزىـم كـەلـدى،
شـۇ ئـورمـان - ئـارچـىـزارىـڭـدىن بىـنالارغـا ئـىـرىـم كـەلـدى...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
كەرەملىك چارۋا، ھويلاڭدىن تۇخۇم، گۆش، سۈت، قېتىق... دەركار،
ھـۈنەرۋەن ئۇسـتا جـوراڭـدىن غـىجىم، كـەشـتە، نـەقىش بىـسيار،
ئېـرەمـلىـك سىـپـتا زىلـچاڭـدىن يـەنـە نـامـىـم ھـامـان داڭـدار،
مەدەن، قاشـتېـشى سـوۋغـاڭـدىن ئـايـان دىدار، كىـشى بىـدار...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
ئـۇلـۇغـۋار سەنـدىكى ئىـسـتەك، پـىـرى سـەن ئـەنـئەنـە، ئـەردەم،
سېخىي - مەردلىكـكە سەن ئـۆرنەك، بېشى خىسلەت، تىرىك ھاتەم،
جىـمىي جانـغا سېغىن ئـەمـچەك، تـامـام بـولـماس دېـڭىز ئـەزەم،
ئـەجىـر - تـۆھـپىدە سەن يۈكـسەك، قولـۇڭدا چـۆرگىلەر ئـالەم...!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
سـۆيـۈمـلۈكـتىن سـۆيـۈمـلۈكـسەن، تېـپىلـمايدۇ ساڭا تـەڭـداش،
كـۆيـۈمـلۈكـتىن كـۆيـۈمـلۈكـسەن، دىيانـەتـكە مـۇدام سىرداش،
تـۈزۈملۈكـتىن تـۈزۈملۈكـسەن يېـڭىلـمەس جـەڭـچىگە ئوخـشاش،
ئـۈنـۈملۈكـتىن ئـۈنۈملۈكـسەن، ئىـزىڭـدا گـۈل، دىلىڭ ئوتـقاش؛
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
دېـھـقان بـار ھـەمـمە مىللـەتـتە، لـېكىـن ئوخـشاشـمىـغاي ئۇيغۇر،
يـاشايسەن ساددا خىلـۋەتـتە، قۇرۇپ مـەشرەپ، چېلىپ تـەمبۇر...
قـېـرىپ كـەتسـەڭـمـۇ ئـادەتـتە ئـارامـنى تـەرك ئېـتىـپ مـەغـرۇر،
پـۈتـەر نـەپسـىـڭمـۇ ئەلـۋەتـتە قىلىپ يـۇرتـنى پـۇزۇر، مـەمـۇر...
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنسان،
ئوقـۇيمـەن سۆيگـۈدىن داستان، كـەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان.
غـۇرۇرۇم، ئىـپـتىخـارىمـسەن، تـېـنىڭ سـاغـلام، ئـامـان بولـسۇن!
قـۇۋانـچىـم، غـەمـگـۇزارىمـسەن، يولـۇڭ داغـدام، راۋان بولـسۇن!
داۋامـەت ئىنـتىزارىمـسەن، كۈنـۈڭ بەخت - قـۇت تامـان بولسۇن!
جېـنىـم ھـەم ئىقـتىدارىمسەن، تـۇتـاش يـىـلـتـىـز پايـان بولـسۇن!
ساڭا چـىـن ھـۆرمىتىم ئوكـيان، جاپاكـەش، ھـەي ئـەزىز ئىنـسان،
ئوقـۇيمەن سۆيگـۈدىن داستان، كەبى بۇلـبۇل ئـۇرۇپ خەنـدان...!
ئۇيغۇر چالغۇلىرى (مۇخەممەس)
جـاھـان ئـەھـلى، قـۇلاق سالـغـىـن: غـۇرۇر، پـەخـرىم، ئېلانـىم بـار،
سـادالار چـەشـمـىـسىـدىـن ئـۆكـسـۈمـەس دولـقـۇن، قـىـيانـىـم بـار،
ئـۇلـۇغ ئـەجـداد كـەشـىـپ ئـەتـكـەن تـابـانـىـم بـار، كـالانـىـم بـار،
«مـۇقام، نـاخـشا، ئـۇسـسۇل يـۇرتـى» ئـاتـالـغان دۇر ماكـانىـم بـار،
ئـاجايـىـپ چـالـغـۇ - ئـەسـۋابـلار كـۆكـىـدە ئــۈن - زۇۋانـىـم بـار!
ئـاھـاڭـلار رەھـنـەمـاسى داپ، بـوغـۇق - بـوم تـاۋۇشـى رىـغـبـەت،
قـۇيـاشـتـەك گــەردىشـىـگە ۋەسـلى ئـەتـرەت كـەلــتـۈرەر بـەيـئـەت،
رىـتـىـم، تاكت مـەۋجىدىن چاچـرار سۈرى شىددەت، تېرەن ھېكمەت؛
بـاراقـسانـلاپ گـۈلى مەقـسەت، تـاراپ كـەتـكـەي ھـىـدى لـەززەت،
ئـۇدار - پــائـۇزا ئـىـچـرە يـەكـكـە، جــور رېـھـلـەت، ئـۇرانـىـم بـار.
راۋاب ئـەۋجـى سـۆيـۈشـكـەنـدە تـېــگـەر زەخـمـەك يــۈرەكـلـەرگـە،
كـېـلـەر مـاس ئـۇ ئېـتـىـز، ئىـش، مـەيـلى كـارۋانـغا، كـۆرەكـلەرگـە؛
تـۈرى ئايـرىلغـۇسى «چاپـلىما»، «ئويما»، «بـاس»، «بېـزەك»لـەرگە،
«دولان»، «قەشقەر»، «قۇمۇل»، «قويچى» دېگەندەك كۆپ بۆلەكلەرگە،
مـۇدام «تاشۋاي» كەبى كۈيگە «يۇرۇڭـقاش»، «يار»، «چوپانىم» بار.
ئـۆيـىـدە بـارچـە ئـۇيـغـۇرنىڭ دۇتـار، تـەمـبۇر، قـوشـۇق، جۈپـتاش،
نـەزەر سـالـسـاڭ، ئېـسـىـل تـامـغا ئېـسـىـلـغانـدۇر سـاتـار يانـداش،
غـېـجـەك، دۈمــداپ، سـاپـايـە، جـالـلا، چـاڭـلار بـاشىدا ئـوتـقـاش،
ئـۇلارنـى كـىـم چـالاركـىـن، دەپ خىـيالـىـڭ بولـمـىـسۇن چىـرماش،
چـېـچـەن سـازەنـدە كـادىر، ئىـشـچى، مـالـچى ھـەم دېھـقـانـىـم بار.
گ−ۈزەل سـەھـرادا شـوخ مـەشـرەپ سـۈرەر ئـەرخـۇ بىـلـەن دەۋران،
ئــاۋازى غـوڭــقا، بـەربـاپ، بــالـىـمان، خـۇشــتـار گـويـا فـونـتـان،
گىـتار، ھـەشــتار، قـالـۇن، دىـلـتار، سـاپــايـە نـەغـمىسى ئـوكـيـان،
تـامـامـلايـسـەن چـوقــۇم ئــالـىي، بـۈيـۈك مـەكـتـەپـنى دەل پىنھان،
مـائــارىـپ، مــەرىـپـەت بـوســتـانـىـدا ئـىـزگــۈ پــايـانـىـم بــار.
بـۇرۇن جـەڭـلـەردە ئـەجـدادىـم چـېـلـىـپ بـۇرغـا، ئـۇرۇپ دۇمباق،
پـەلـەكـنى تىـتـرىتـىـپ كـارنـايدا، تـاق ئـەيـلەپ يـۈرۈش قـايـناق،
مـۇجـۇپ قـەلـبـىـنى دۈشمەنـنىڭ، زەپـەر قـۇچـقان، ئېـلـىپ بايـراق،
دېـمـەك، ئـۇشـبـۇ قـورالــلار خـىـسـلىـتى ئـالـەمشـۇمـۇل شـۇنـداق!
نـەپـىـس مـىـسـران، نـاگــانـىـم بـار، ئـامـانـەتـلـىـك كـامانـىـم بار.
تـولـۇن ئايـدىڭـدا چـالـسام نـەي، مـۇڭـى دىلـلاردا ئـوت - ئاتـەش،
مـۇھـەبـبـەتـتـىـن يـاسـار ئـاشىـق ۋە مـەشـۇقـنىڭ قـېـنى ئـۆركـەش،
نـە ئـاشـىـقـكى، نـادان، ئىشـقـسـىـز كىشى ئـاڭـلاپ ئـاچـار نـالـەش،
تېـخى ھـەتـتا چـېـكـەتـكـە، قـۇرت، ھـاشـاراتـمـۇ بـولۇر تـەڭـكـەش،
ۋۇجــۇدۇم ئــەۋجـىـگـە دىـلـكـەش ۋاپــادار، ئــۇز جـانــانـىـم بــار.
نـاۋاسـى تــەبـلـىـۋاز، نـاغــرا، سـۇنــاي تـويـدىـن بـېـشـارەتــتـۇر،
ۋەيـاكـى سـەيـلـە، ھېـيـت - بـايـرام، خـۇشاللـىـقـتـىن ھارارەتـتـۇر؛
يـېـڭـى ســودا - تـىـجـارەتــتـۇر، شـاراپــەتـلـىـك جـامـائــەتــتـۇر،
قـىـلـىـش نــەغــمـە مـاھـارەتــتـۇر، كېـيـىـن ئارمـان ئىـجابـەتـتـۇر،
ئــۇزارغــان روھ شــىـجـائــەتـتـۇر، كېـلــەچــەكــكـە ئـىـمانـىـم بار.
بـىسـاتـى سـازلـىـرىمـنـىـڭ يــاغـىـچى ئـۈجـمـە، ئـۆرۈك، بـامـبـۇك،
چىـنار، ئـالـما، يـاڭـاق، ئاندىن يـىـپـەك، ئـۈنـچە، مېـتال، كاۋچـۇك،
كېـيـىـك، ئـۆچـكـە، كــالا مۈڭـگـۈزى، بـۈركۈت سۆڭـىـكى كاندۇك،
يـىــلان تـېـرىـسـى، يـاقــۇتـلار... چـېـۋەر قـولــدا پـۈتـۈپ نـازۇك،
ھـۈنــەر - سـەنــئــەت بــازارىـدا قــىـرانـىـم بــار، دىـۋانـىـم بــار.
پــاراسـەتـلـىـك بـوۋامـلار تـىـلـغـا كـىـرگـۈزگــەن جـىـسـىـمـلارنى،
تـونـۇتــقـان خـەلـقـىـئالـەمـگـە، قـويـۇپ سەرخـىـل ئىـسـىـمـلارنى،
جـاراڭـلاش، ياڭـراش، گـۈمـبـۈرلەش... قىـلىـپ ھـاسىل ئېقىـملارنى،
مـۇجــەسـسـەم ئـەيـلـىـبان ئـۆزلـۈكـتـە ئـالــەمـچـە ســىـغىـمـلارنى،
يـېــنـىـكـلـەتــكـەن بېـسـىــمـلارنى، راۋانـىـم بـار، كـىـرانـىـم بـار!
دىـلـىـسـتان پـەدىـلـەر ئـۇچـسـا، قـۇچـاق ئـاچـقـاي جىـمى مىقـياس،
ئـەقـىـلـلـەر كـەڭـلـىـكـىـنى لـەرزىـگـە سالـغـاي سـۈرەن - قـىيقـاس،
شېـخـىـدا ھـېسسىـياتـنـىـڭ بـاغـلـىـغـاي مـەي مېـۋىسى ئـىـخـلاس،
شـۇ ئـەسـنا قـۇشـقا ئايـلانـغاي غـەزەلـخان - نـاخشـىـچى، رەقـقاس،
چـۈشـەنمـەس، باتـىـنى تىمـتاس كـىـشـىـدىن خـوپ گـۇمـانـىـم بار!
يـارەن، «ئىـنـسان تـىـلى» دەپ كـاتـتـا بـىـر تـىـل بـاركى يېـگـانـە،
ئــايـانــدۇر بــارچــە مـىـلـلـەتــكـە، ســۆزى دۇردانــە - دۇردانــە،
ئـۇنـى سـەن قـايـسى تـىـلـدۇر دەپ ھـەلـەكـتـە يـۈرمـە ھـەيـرانــە،
مـۇزىـكـا سېـھـرى تـىـلـماچـسـىـز قـىـلـۇر ھـەركـىـمـنى مـەسـتـانــە،
بــۇ يـەردىـن ئـىـزدىسـەم يـىـلـتـىـز، يـەنـە چـەنـدان بـايـانـىـم بـار!
ئۇيغۇر بازارلىرى (مۇخەممەس)
جاھاننى مەھلىيا ئەتكەن گۈزەل، قايناق بازارىم بار،
ھاياتنىڭ لەززىتى، كۆركى، نۇرى چاقناق بازارىم بار،
قاچان كەلسەڭ تەلەپلەر ھەل، كۈيى ياڭراق بازارىم بار،
جىمىي قوۋم-ئەلگە نەپ بەرگەن ئاۋات-قۇۋناق بازارىم بار،
چېۋەر ئۇيغۇرغا خاس، يەكتا قىززىق شۇنداق بازارىم بار.
قەدىم كارۋان بۈيۈك دەيمىز، ئاۋۋال چالغان گۈدۈك دەيمىز،
تاۋار ئىشقىدا يانغانلار دىلى ئۆچمەس كۆيۈك دەيمىز،
جاھانساز سودىگەر دوستلار ئەزەلدىنلا كۆنۈك دەيمىز،
شۇڭا ئۇيغۇر بازارىدا تىرىلگەي ھەم ئۆلۈك دەيمىز!
خېرىدار بارچە مىللەتلەر ھامان ئامراق بازارىم بار...
يېپەك، شايى، گىلەم، ئەتلەس بولۇپ داڭلىق، ئېسىل ماركا،
يەنە قاشتاش، مەدەنلەردىن تونۇلدۇق نام ئېلىپ كاتتا،
تېبابەت بىزدە بىر گۆھەر، تېپىلماس ھېچقاچان ياتتا،
تەۋەررۈك قول ھۈنەر-سەنئەت يۈرەكلەرنى قويار ئوتتا،
تەۋەللۇت مەرىپەتلەرگە ئاداش-قوشماق بازارىم بار.
شەھەر دەمسەن، يېزا دەمسەن، بۇ يۇرتلاردا بازار چەندان،
تاپالايسەن بازار-رەستە، قەيەردە بالقىساڭ ھەرئان،
ھۈنەرۋەندە ئۇدۇم سېھرى پەرىزاتنى قىلار ھەيران،
ئالارمەندەك ساتارمەن كۆپ، قىلار بۇلبۇلسىمان خەندان،
ئېچىلغان خەلقئارالىق ھەم يېزا-ئايماق بازارىم بار.
ئەجىر-تەرىدە دېھقاننىڭ، بازار توققۇزى تەل دائىم،
كېۋەز، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە بىلەن تۇرمۇش ھەسەل دائىم،
كېلىپ توپ-توپ سېمىز چارۋا بازار باغرىدا سەل دائىم،
كېڭەش، سودا-سېتىقلاردا ئاۋام كۈتكىنى دەل دائىم،
جېنىڭغا جان، تېنىڭگە كۈچ، يېشىل يايلاق بازارىم بار.
ھۈنەرۋەن، ھۆپىگەر، كاسىپ خېرىدار چاقىرار ھەردەم،
پولۇ، لەغمەن، كۆچە، شويلا، چۆچۈرە... ئەل ئۈچۈن زەمزەم،
كاۋاپ، پەرمۇدە، گۆشگىردە، توقاچلاردا ئاجايىپ تەم،
ئېچىل داستىخېنىم، تەييار، توخۇ سۈتى ئەمەستۇر كەم،
ئوماچ تارتامدۇ دىل ياكى ھېسىپ، قورداق، بازارىم بار.
قۇرۇق يىمىش، ئىچىملىك مول قەدىمدىن بىزگە ئۇلاشقان،
پەسىللەرگە مۇناسىپ بوزا، مەيزاپ خويمۇ قاملاشقان،
زەبىب، سىركە، مۇسەللەسلەر سورۇنلاردا ئومۇملاشقان،
ھايات پەيزى سۈرۈپ دوستلار ئارامگاھلاردا مۇڭداشقان،
ياشارتار جان راخاپ، قاردا، قېتىق-قايماق، بازارىم بار.
چىمەن باغرىدا ياڭرايدۇ دۇتار، تەمبۈر، راۋاب، داپ...ساز،
مۇقام ئەۋجىدە ئادەملىك، شۇ كۈيدە قىش، باھار، كۈز، ياز...
تالاشسا ئىت، ئۈسۈشكە قوي-كالا، بەسلەشسە ئۆردەك-غاز،
چۈشەر بەيگىگە مەرگەنلەر، سامادا ئۇچىدۇ دارۋاز،
كۆڭۈللەر خائىشى مەشرەپ، ھەزىل-چاقچاق، بازارىم بار.
كىتاب-ژۇرنال تۈرى ئەلۋەك دېڭىزدۇر، تەرك ئېتەلمەيسەن،
كىرىپ قالساڭ دۇكانلارغا، كۆرۈپ، ئالماي كېتەلمەيسەن؛
ئېسىل رەختى كىيىملەر سېھرىگە دەرھال يېتەلمەيسەن،
دەرەم بولمىسا يانچۇقتا، ئۇنى سىيلاپ-چېكەلمەيسەن،
ئەقىللەر مۈلكىدە يانغان گويا چاقماق بازارىم بار.
ئەزىز خەلقىم قولى گۈلدۇر، تۆكۈپ تەر، تالمىدى ئەسلا،
بازارغا سالمىدى مالنى، ھېچ ئۆزىنى سالمىدى ئەسلا،
ھالاللىقنى قەدىرلەرپ چىڭ، ھارام يول ئالمىدى ئەسلا،
دىيانەت ئىلكىدە كۆكلەپ، مازاققا قالمىدى ئەسلا،
تىجارەتتە مىزان بولغان ئەدەب-ئەخلاق بازارىم بار.
چېچەكلەيدۇ بازار ھەركۈن يېزا-قىشلاقتا زىننەتتە،
تۈمەن مىڭ مېۋىسى مېھنەت قىيام باغلايدۇ نۇسرەتتە،
بازار ئەلنىڭ تويى گويا، قوشۇن تارتىدۇ سۆلەتتە،
بازار ئادىل باھالايدۇ كىشى ئەجرىنى ئەلۋەتتە،
سېتىق-سودا ئاقار دەريا-ئېقىن، ئويناق بازارىم بار.
ئەيا ئەھلى جاھان، بىزنىڭكىدەك ھەيۋەت بازار بارمۇ؟
كامالەت بابىنى پۈتكەن ھۈنەر-سەنئەت، بازار بارمۇ؟
ھۇرۇن -يالقاۋنى ئەمگەككە قىلار دەۋەت بازار بارمۇ؟
ھالال مېھنەت بىلەن قۇچقان بەخت-نۇسرەت، بازار بارمۇ؟
تېرەن يىلتىزلىغان توغراقسىمان ئويغاق بازارىم بار...
ئۇيغۇر ئۇسسۇلى (مۇخەممەس)
كۆككە ئىككىنچى قۇياش سەنئەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
چىن كامالەتكە ئاداش شۆھرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
ئەھلى ئەمگەككە قاياش مېھنەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
ھەممىنى ئەتكەن ھاپاش غەيرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى،
سەھنىدە ئۇزلۇققا باش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
سازچىلار دۇنيا تەۋەللۇت ئەيلىسە مەرغۇل بىلەن،
ناخشىچى باشلار غەزەل ئۈن تالىشىپ بۇلبۇل بىلەن،
بەيگىگە چۈشكەي ئۇسسۇلچى بەسلىشىپ دۇلدۇل بىلەن،
يۆگىشىپ كەتكەي بەدەنلەر بالقىشىپ سۇمبۇل بىلەن،
سەزگۈلەرنى ئوۋلىغاي خىسلەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
ئاق، ئوماق بارماق، بىلەك، بەل سەتھىدە يانسا سېھىر،
چۆرگۈلۈش ھەم ئۆرگۈلۈشلەردىن چېچىلغاي ئوت، مېھىر،
ھەرىكەتلەر مەۋجىدە پاكلىق، ھايا، ۋىجدان زىكىر،
ھەر تەرەننۇم، تاشلىنىشنىڭ ۋەزنى تاغلاردىن ئېغىر...
ئەلگە يار ساغلام، سۈزۈك ئىسكەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
ياندىشىپ دىلبەرگە، شوخ-شوخ ئوينىسا ئوغلانلىرىم،
پارلىغاي ئوبرازى باتۇر، ئوت يۈرەك پالۋانلىرىم،
زەڭ سېلىپ باقساڭ، ئۇنىڭدا ئەڭ بۈيۈك ئارمانلىرىم،
پەللىلەردە ئۈندۈرەر گۈل مۇسكۇلۇم-دەرمانلىرىم،
ئەھلى ھىممەتكە ھامان رىغبەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
مەيگە ئايلانغاي قېنىڭ شېرىن، خۇش ئاۋاز ئالدىدا،
تەن قۇشۇڭ قاققاي قانات، بۈركۈتچە پەرۋاز ئالدىدا،
سەن ئېرىپ ئۆركەش ياسارسەن جەزبدار ناز ئالدىدا،
مېۋىلەر ساڭرى پىشارسەن گۈلباھار-ياز ئالدىدا،
پەرىنى قىلغاي خىجىل نۇسرەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
سۆيگۈ ئىزھارى ئۈچۈن گەپ ئىزدىمە سۆز كانىدىن،
مەقسىتىڭ ھەل، بەس، ئېشىپ چۈشسەڭ ئۇسسۇل ئاسمانىدىن،
بولغىنىڭ شۇ: قۇت-بەخت سۇلتاندىن، جانانىدىن،
قەھرىمانلىق نامى ئالغايسەن ھايات داستانىدىن،
قۇشلىبان بەرگەي ھۇزۇر ئىشرەت ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
توي-تۆكۈن، ئايەملىرىمدە، بالقىسا نەغمە-ناۋا،
ھېيىت، مۇراسىم كۆركىدۇر باشتىن-ئاياغ ئۇسسۇل-ساما،
ھەر كىشى قاينام ئارا ئالىي سۈپەت ئارتىس گويا،
ئوينىغانلار شاد-خۇرامدۇر ھەم تاپار تەنگە داۋا،
روھىنى ئەيلەر كۆرەك ھەيۋەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
ۋەسلى ئون ئىككى مۇقامنىڭ دىلبىرى-رەناسى ئۇ،
بەزمە-مەشرەپ، ئولتۇرۇشنىڭ زەپ ئېسىل- ئەلاسى ئۇ،
ئالەمى كۆركەم، نازاكەتنىڭ گۈزەل سەھراسى ئۇ،
تەرجىمانسىز كەڭرى، دۇنيا زاھىرى، يەكتاسى ئۇ،
ئۆز تىلىدىن دۇر تۆكەر ھېكمەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.
ئەھلى ئۇيغۇرغا ئۇسسۇل تۇغما تالانتتۇر، ئەي جاھان،
ئىزگۈ ئارمان ئەۋجىدە سۇنماس قاناتتۇر، ئەي جاھان،
ناخشا-ئۇسسۇل قوينىدا ھەركىم ھاياتتۇر، ئەي جاھان،
پۇت-قولى گەر كەلمىسە ئۆلمەك - ئۇياتتۇر، ئەي جاھان،
ھېچ تېپىلماس باشقا بىر مىللەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى!
ئەي ئۇسسۇل، پەخرىم، غۇرۇرۇم، يىلتىزىڭدىن ئۆرگىلەي،
شاخلىغىن كۆركەم، باراقسان، ئەڭگىزىڭدىن ئۆرگىلەي،
ئۆزگىچە چېچەك، مېۋەڭدىن، مېغىزىڭدىن ئۆرگىلەي،
سەن ئۈچۈن جان بەرگۈچى ئوغلان-قىزىڭدىن ئۆرگىلەي،
ئۆزلۈكۈڭدىن ياشنىغىن قىممەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى!
ئۇيغۇر كارىزى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن يىلتىز
ئاڭلا جاھان، بىر مۆجىزات _ تۇرپ_اندا ئۇيغۇر كارىزى،
ئات_ەشسىمان يۇرتتا ھىمات _ ئويمان_دا ئۇيغۇر كارىزى،
بەرگ_ەن جىمىي جانغا ھاي_ات فونتاندا ئۇيغ_ۇر كارىزى،
ۋەسلى گ_ۈزەل مەقسەت- مۇراد ئەپش_اندا ئۇيغۇر كارىزى،
دۇنيادا كات_تا كەشپىيات، ج_ەۋلان_دا ئۇيغ_ۇر كارىزى.
«كارىز» دېگەن مەشھۇر ئىسىمنىڭ مەنىسى قان_داق؟ دېمە،
«كار»نىڭ «ئىزى» دەپ بىل ئۇنى، سۆز مەنىسى تومتاق دېمە،
ئىش- ك_ار زېمىننى ياشنىتار، كارسىز كىشى قۇۋناق دېمە،
«كار ئىز» دېمەك _ كارىز دېمەكتۇر، سەن بۇنى چاقچاق دېمە!
تارى_خ ياراتتى ئەڭ بۈيۈك، پىن_ھاندا ئۇيغ_ۇر كارىزى.
سۇ بەھرىدىن كۆكلەر زېمىن، سۇ ئىلكىدە مەۋجۇت ھايات،
سۇسىز تەبىئەت ياشنىماس، سۇسىز ئاۋامدا غەم- ۋاشات،
يەر شارىدا سۇ نەدە بار، شۇ يەردە ئىنسان، يۇرت، رابات...
سۇدىن ھۇما پەيدا، ھامان ئارزۇ قۇشى قاقق_اي ق_انات،
بولغان تەۋەلل_ۇت ئىزدىنىش، ئېھساندا ئۇيغۇر كارىزى.
بىلسەڭ، ئىدىقۇت باغرىنى تۇرغاي ئوراپ كۆپ تاغ- داۋان،
بوغدا تېغى، تۇزتاغ يەنە قۇمتاغ، ئېدىر، چۆلتاغ پايان؛
گۈلخانغا تەڭداش بۇ ماكان بەئەينى غايەت چوڭ قازان ،
شىمالى دۆڭ، جەنۇبى پەس... ئەلگە كۈشەندە قۇم - بوران،
چەندان كارامەت_تۇر مۇش_ۇ مەيداندا ئۇيغۇر كارىزى.
شۇ ئەلمىساق... ئوقچۇپ بۇلاقلار... ياپيېشىلكەن ھەر تەرەپ،
تۇنجى ماكان قىلغان ياشاپ ساك سارماتىن _ ئۇيغۇر نەسەب...
يىللار ئۆتۈپ...تاغلار قۇرۇپ...ئۆكسۈپ قىيان، پەسلەپ سەلەپ،
باشلاپتۇ جەڭ «سۇ...» دەپ ئاۋام، قۇرغاقچىلىق بولغاچ سەۋەب...
ئاچ_قان ئاشۇنداق ك_ۆز، ئۈمىد- ئارمان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئەجدادى تۇرپ_ان خەلقى ئەمگەكچان، سۈرۈك باتۇر، چېۋەر،
دەۋرى قالاق_تا پەم_لىگەن سۇ ئورنى نەدە؟... شۇ قەدەر!
ي_ەر ئاستىدا ت_ۇرغان سۇنى باشلاش ئېرىققا دەر - ھۈنەر،
كولاپ قۇدۇق_لارنى، چېتىپ بىر - بىرسىگە شام_ۇسەھەر...
بارلىق_قا كەل_گەن مۈشكۈلات، جەريان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئۇستا، زىرىپ كارىزچىلارنىڭ مۆل_چىرى سەركار ھامان،
خۇددى سۇغۇردەك ئۆمىلەپ ئىشلەشكە خەلق دەركار ھامان،
چىغرىق ۋە غالتەك، ھارۋىلاردا ئ_ات، كالا تۇل_پار ھامان،
بولغاي بەدەل ئەقل_ۇپاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەت بىسيار ھامان،
يۈرۈشلىشەر نۇرغ_ۇن قورال- سايمان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
ئۈچ چ_وڭ بۆلەك بىرلەشكىنىدە بىر يۈرۈش كارىز تامام:
ئاۋۋال قۇدۇق_لار كولىنىپ، يۆتكەلسە قۇم، تۇپراق، قورام...
ئاندىن تېشىل_سە تەش_مىلەر ئېرىق بىل_ەن ئۇلاپ تامام؛
بولغاندا ھاسىل تىلمىلار، س_ۇ ئاقق_ۇسى تارام - تارام...
سىمفونىيە ھ_اسىل قىل_ۇر بارخان_دا ئۇيغۇر كارىزى.
تۇرپان، پىچان، توخسۇندا كارىز سانى مىڭ بىر يۈز رېئال،
ھەر پەسلىدە يىلنىڭ مۇقىم مىقدارى سۇ، جۇشقۇن، زۇلال؛
ئەپسۇس... بۇزۇلغان، قۇرىغاننى يوق دېمە، قۇچماي ۋىسال،
ھازىرغىچە، ئاھ ... ئىككى يۈزدىن تولىسى تاپتى زاۋال...!
سەھ_را، شەھەر، رەستە - بازار، بوستاندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىز بىلەن ت_ۇرپان «ئۈزۈم يۇرتى» ئاتالدى گۈلئۇزار،
كارىز بىلەن ئېكىن، بېدىش، چۈنچە ئاجايىپ دىل_خۇمار،
كارىز بىلەن جەننەت_كە تەقق_اس مېۋىزار ھەم مىرغىزار،
كارىز بىلەن خەلقى قۇمۇلمۇ بولدى ئەلۋەك، تۆھپىكار،
قۇچ_تى كارامەت ھەر زامان - دەۋراندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىز دېسە، ھەر كىم ئۇنى كۆرمەككە ئەيلەر چىن تىلەك،
ھەر يىل ساياھەتچى ئۈزۈلمەس بەسلىشىپ ئۆمەك - ئۆمەك...
ھەر يىلقى «ئۈزۈم بايرىمى»نىڭ داڭقى بار ئاسمان پەلەك،
بىل، ئۇشبۇ بايرام بەلكى كارىز بايرىمىدۇر، قىل كۆرەك!
ئالەمنى ھەيران قال_دۇرۇپ سەيلان_دا ئۇيغۇر كارىزى...
تەڭرىتېغىم ب_ولسا يۈرەك، كارىزلىرىم رەت - رەت تومۇر،
تومۇر - تومۇردا ئاققىنى قان، سۇ ئەمەس، ۋىجدان، غۇرۇر!
بۇلغانمىغان ئەركەك_لىكىدىن ھېچ تاپال_مايسەن قۇسۇر...
جىمجىت ياساپ قاينام، ۋەتەنگە يەتكۈزەر بەختتىن ئۇچۇر،
ئىچكەن_دە ھەر جان_غا ھۇزۇر، نارزاندا ئۇيغۇر كارىزى.
كارىزكى ئەج_داد روھىدىن بى_زگە مىراس، مەدەنىيەت،
مەۋجۇدىيەتكى، ئ_ۇ بىل_ەن تاپتى كام_ال مۇۋازىنەت،
مۇۋازىن_ەت ئەۋلادق_ا يۈك_لەيدۇ ئېغىر مەجبۇرىيەت،
يىل_تىز ياشارغ_اي قۇرىماس كارىز بىل_ەن ئەبەدىيەت،
شاد كۈي_لىنەر تىللاردىكى داستان_دا ئۇيغ_ۇر كارىزى!
ئۇيغۇر تېبابىتى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن يىلتىز
پۈتۈن ئالەمدە شۆھرەتلىك، چېۋەر ئۇيغۇر تېبابەتتە،
مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك، ئىجاد يۈكسەك پاراسەتتە،
داۋالاش كۈچى قۇدرەتلىك، سىرى رېتسېپ، كارامەتتە،
ئەجىر- تۆھپىدە نۇسرەتلىك، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە،
ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك، تازا، ئىلمىي لاياقەتتە.
قاچانكى، تەندە ئەجدادلار كېسەللىك ھەم يارا تاپتى،
شۇنىڭدىن سوڭرە، ئىزدەشنى ئامال، چىن مۇددىئا تاپتى،
ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋا تاپتى،
سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل ئىلكىدە ھەر كىم شىپا تاپتى،
خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۈرلۈك تەبىئەتتە.
خىلىتلار تەلىماتى: قانۇ سەپرا، سەۋدا، بەلغەمدۇر،
يەنە مەزمۇنى روھ، قۇۋۋەت، مىزاج، ئەزامۇ ھەمدەمدۇر،
تولا توم-توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر،
ساۋاق - تەجرىبە ئوكيانى، رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر،
بىشى ئۈچ مىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشەققەتتە.
تېۋىپ، ئەمچى، باھادىر ئاتا ساغۇنلارغا تىپ غازباي،
چىۋا، كومراجىۋا، گەنجۇ قاغىن، باشلاقنى كۆر، ئايھاي!
ئەبۇنەسىر فارابى ھەم ئىبىنسىنا، تارىم... نۇر - ئاي،
خوتەنىي، قەشقەرىي، ھاجىپ، مۇرات... يوللىرى ھاڭغىرقاي،
خەزىنە بولدى تەۋەررۈك مىراسلاردىن بالاغەتتە.
«كاتالوگلار»، «مۇجەررەپ نۇسخىلار» قالدى سادىر مىشتىن،
ھەدىيە «دەستۇرۇلئىلاج»، شۇ سۇلتان ئەلى دانىشتىن،
ياراتتى «تەجرىباتى تېببىيە» ئوسمان ئىجاد - ئىشتىن،
تەجەللىي پۈتتى «رېتسېپلار» دېبان توپلام كەچۈرمىشتىن،
مۇھەممەد ئىختىرا ئەتتى «... قۇلۇپ»لارنى جاسارەتتە ...
يېقىن تارىختا ئەجمالخان، يۈسۈپ، تۇردى... ياشاپ ئۆتتى،
باياخۇن، ئەمەت ھاجى، ھەزرىتىم ... ناملىق جاناب ئۆتتى،
ئەزەمخان، ئەمچى سامساقباي... كېسەللەرگە قىماپ ئۆتتى،
مۇتىللا، ئاخۇنۇم، ئىنايىتۇللا... دىن ساۋاب ئۆتتى،
يۈسۈف ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە...
سىناق- تەجرىبىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن؟!
نەمۇنە ئۈلگىلەر كەممۇ كلاسسىك، پېشقەدەملەردىن؟!
قۇت ئاتتى كۈنسېرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن...
دەرىخ! قانچىسى ئۆتكەندۇ باھادىر مۆھتەرەملەردىن،
بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھېدايەتتە؟!
سوراپ قالساڭ: ئىلىم ئۇيغۇر تېبابەتتە بۆلەك، دەيدۇ،
مۇرەككەپ، يەككە ئەزاغا بۆلۈش تەننى كېرەك، دەيدۇ،
تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل، تومۇر، پەي، چاچ، سۆڭەك... دەيدۇ،
مۇرەككەپكە مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك... دەيدۇ،
رەئىس ھەم خادىمىي ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە...
تېۋىپلار كۆپ كېسەللىكنى چىرايلاردىن قاراپ بىلگەي،
تومۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر، ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي،
بەدەنلەرنى تۇتۇپ- سىيلاپ، يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي،
ئېدىتلاپ چىقىرىندى ماددىنى، توغرا، روياپ بىلگەي،
ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمىي تۇرقى بىشارەتتە...
داۋالاش ئۆزگىچە: روھىي ئالامەتلەر مىزانغا باش،
ھاۋا يۆتكەش، قۇۋۋەت ساقلاش، قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش،
قىلىش ھوقنە، چۈشۈش ئارشاڭۇ قۇمغا، ئۇۋۇلاش، داغلاش،
تېڭىش، دەستكار، ئۇرۇش نەشتەر، قويۇش لوڭقا، بېرىش ئوتياش...
مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۈزرە سالامەتلىك كاپالەتتە.
ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەن تۈمەن خىل دورىغا ئەشيا،
قىيام، شەربەت، ئەرەق، كاشكاپ، سۇاۇپ، سىركەنجىۋىل ئۇختا،
جاۋارىش، ئىترىفىل، مەجۈن، لوئوف، ھەب، قۇرسى... جان گويا،
زىماد، مەتبۇخ، خېمىر، مەلھەم، ئايارەج ھەم مۇھىم تۇتقا،
شىپادۇر ھەممىسى، ئەكس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە.
ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان، تېبابەت ئۇندىكى چولپان،
نە چولپانكى، جىمىي روھ-جان ياشارغان گۈل، چىمەن، بوستان،
يارالغان مۆجىزە چەندان، يېشىللىققا جاھان ھەيران،
بۈيۈك مەسئۇلىيەت، ۋىجدان يىلىك مەركىزىدە ئىنسان،
ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۈك - قان، سۈرە دەۋان كامالەتتە.
تۈركىي تىللار دىۋانى (مۇخەممەس)
زەر دىۋان، كەۋسەر دىۋان، دىلبەر دىۋان، سەرۋەر دىۋان،
تۈركىي تىللارغا خاقان، تىل تەختىدە رەھ_بەر دىۋان،
ئىپتىخارىم جانىجان، پ_ەن سەتھىگە ئەخ_تەر دىۋان،
تىلشۇناسقا ب_اغىبان، داستان ئ_ارا جەۋھ_ەر دىۋان،
كۇللىياتقا تەرجىمان، ئوك_يانى تىل، مۇن_بەر دىۋان.
داغدۇغا قۇچقان بۇ يىلنى ئىككى مىڭ سەككىز، دېدۇق،
بەلكى «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يىلىدۇر» شەكسىز، دېدۇق،
خەلقى_ئالەم ئەتتى بەخش تاجدار باھا، تەقرىز، دېدۇق،
ھۆرمىتى ئ_الىمغا ئىنسان ئەھلىنىڭ چەكسىز، دېدۇق،
بارچە دىلنى شۇنچە مەستخۇش ئەيلىگ_ەن ئەنبەر دىۋان.
قوزغىغان دۇنيا ئ_ارا زور زىل_زىلە كىم_دۇر ئۆزى؟
كىم ئ_ۇ پۈتكۈل ئەھلى ئىنسان ئالدىدا ئاپ_تاپ يۈزى؟
كىم ئ_ۇ ۋەسلى مەرىپەتتە يەك_كە ھەم ئۆتكۈر كۆزى؟
كىم ئ_ۇ مىليون توننا زەرگە توختىغان ھەر بىر سۆزى؟
ئىسمى مەھمۇد كاشغەرىيدۇر، ق_ولىدا ئەسەر _ دىۋان!
ۋادەرىخ! مىڭ يىل ب_ۇرۇن دۇنياغا ك_ەلدى بىر بوۋاق،
يۇرتى كاشغەر گۈلئۇزار، ئ_وپال ئاڭا ئاچ_تى قۇچاق،
جىسمىدا ئۆرك_ەشلىدى ئەركەك سۈيى ن_ورۇز بۇلاق،
زېھنىنى ت_اۋلاشقا پ_اك تاۋابى_ئات بولدى ئوچ_اق،
م_ەكتىپى ئازىق_تا باغاشلاپ قەلەم، دەپ_تەر، دىۋان.
ئ_اتىسى ئ_ەمىر ھۈس_ەيىن بەخ_تىيار ئەلنىڭ بېشى،
جەڭ - ئەلەم، خىزمەت، ق_ەلەمدە تەڭ يېتىل_گەن دانىشى؛
ئ_انىسىدۇر ب_ۈۋى رابى_يە خېنىم، ك_ۆپ پەرۋىشى،
پەن - ئىلىم پەرۋانىسى، ئەخ_لاق - پەزىلەت خ_انىشى،
ئ_ارزۇلۇق مەھمۇد ئۇلارنىڭ باغ_رىدا ن_ۆۋەر، دىۋان.
شۇ زام_ان... ئالىي بىلىم ئوكيانى كاش_غەر جانجىگەر،
كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا داڭقى، پەن_گە ھۆددىگ_ەر،
«مەدرىسەئى ساجىيە»، «ھامىدىيە»... ئ_ەل بەھرىۋەر،
خۇددى شۇ ئوكيان_دا غەۋۋاس ئىزچى مەھمۇد مۆتىۋەر،
پ_ەن - ئىلىمگە جان پىدالىق كۆڭلىدە مۆلچەر، دىۋان.
روھىنى دۇني_اغا چ_اتسا مەن_تىقە، ئىلمى نۇج_ۇم،
م_ەشغۇلى تارىخ، يەن_ە جۇغ_راپىيە بول_دى ئۇدۇم،
تەت_قىقات ئەيل_ەپ جاھانسازلىق، تېبابەتتە چوق_ۇم،
ئەرەبى، پارس تىللىرىدا ق_المىدى مۈج_مەل ئۇقۇم...
بارچە پ_ەن گوياكى ئالتۇن، ھەزرىتىم زەرگەر، دىۋان.
ئ_وردىسى قاراخانىي_لاردا ئېدىت_لاپ مەشغ_ۇلات،
ئىگىلەپ ئى_دارە قىل_ماق ھەققىدە م_ول تەپسىلات،
ق_ەھرىمان سەركەردىلەر ك_ۆرسەتسە تەلىم، ئىلتىپات،
ئات مىنىش، ئوق_يا ئېتىشتا قۇچتى يۈكسەك ئىستېدات،
ئوينىتىپ ئ_ۇ نەيزە، قالقان ھەم قىلىچ، شەمشەر، دىۋان.
ھ_القىغاندا ئىككى ئوندىن ياش، ت_ازا پىشتى يۈرەك،
سۈردى بىخ دىل كەڭ_لىكىدە بىر يېڭى، ئالىي تىلەك:
مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىختىن يىغىپ سەرخىل چېچەك،
تۈركىي مىللەت قوۋمىنى دۇنياغا قىلماق چوڭ كۆرەك،
مەلۇماتلاردىن يۈرۈشكە ئالدى ي_ول لەشكەر، دىۋان.
ش_ۇ ئۇلۇغ ئارمان_دا بالقىپ باشلىدى قۇتلۇق سەپەر،
ئىزدىنىشتە قالمىدى ئ_ۇ بارمىغان سەھ_را - ش_ەھەر،
تۈركىي ئ_ەل دۇنياسىنى تەكشۈردى پۇچقاققا ق_ەدەر،
ئىختىرادا ئۆتتى تېز ئون نەچچە يىل... توپلاپ خەۋەر،
قايتتى كاشغەرگە، مۇناسىپ تەقلىنىپ مەرم_ەر، دىۋان.
ك_ۆلسىمان تاش_قاندا زەم_زەمدەك تولۇق ماتېرىيال،
پەر قېقىپ ئۇچقان قەلەمنىڭ ئالدىغا چ_ۈشتى س_وئال،
ھەزرىتى موللام ش_ۇئان يول ئال_دى باغدادقا خۇشال،
بولدى ھەل ئۇندا چىگىشلەر، يۈز ئېچىپ ئىزگ_ۈ ۋىسال،
ئىككى يىل قۇرلار چېچەكلەپ پۈتتى شام - سەھەر دىۋان...
يەتتە مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق سۆز - ئاتالغۇ، تەزكىرە،
دەۋرى ق_اراخانىيلاردىن خ_اتىرە، ئ_ۇز مەن_زىرە؛
ئى_ككى يۈزدە قى_رىق ئىككى ئەدەبىي راي سەم_ەرە؛
ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ھېكمەت ج_ان، ھاياتقا ئەندىزە،
ھەر كەسىپ، تۇرمۇشقا دائىم تۇز ۋە بال، شېكەر دىۋان...
ق_ەبىلە، قوۋملار ئ_ارا جەڭلەر ئېسىل داستان سۇۋار،
سەجئىلەر، بېيىت - قوشاقلارغا ئوقۇرمەن چىن خ_ۇمار،
بات ماقال - تەمسىل، رەجەزلەر مىسلىسىز كەتمەس باھار،
ئ_ۆتمۈشى ئەجدادلىرىمنىڭ ئ_ۈنچىدەك قاتار - قاتار...
بايلىقى ئۇيغ_ۇر، كۆڭۈللەردە ئ_ەتىر - سەبدەر دىۋان.
دەيدۇلەر مەھمۇد بوۋام: «... سۆز دېڭىزى بولدى قىيام،
ھېچكىشى قوللانمىغان ئۇسلۇب بىلەن ئ_ەتتىم تام_ام،
مەڭگۈ خەلقىمگە تەۋەررۈك چوڭ مىراس بولسۇن مۇدام...»
دەرھەقىقەت، ب_ۇ ئەسەرنى ئ_ەڭ بۈيۈك بىلدى ئاۋام...
شۇنچە ھېكمەتلەرگە ب_اي، كاتتا، لېكىن كەمتەر دىۋان!
ئ_ادىمى_يات پەن_لىرىدە ب_ۇ ئەس_ەر يې_گانىدۇر،
ھەر سۆزى، ھ_ەر جۈملە، ھەرپى بى_باھا دۇردانىدۇر،
ئۆزگىچە ئۇسل_ۇب، ئاجايىپ م_ۆجىزە، شاھانى_دۇر،
تەڭدىشى يوق_تۇر جاھاندا، ئ_ەل شۇڭا ھەي_رانىدۇر،
يىل_تىزىم، بەختىم، غۇرۇرۇم، دەستۇرۇم گۆھەر دىۋان!
ئۇيغۇر نانلىرى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن يىلتىز
كەڭ بازارى بۇ جاھاندا بىباھا ئۇيغۇر نېنى،
باشقا ئەلدىن ھېچ تېپىلماس تۇتىيا ئۇيغۇر نېنى،
ئۆزگىچە تۈر- شەكلى، دۇر-زەر، كەھرىۋا ئۇيغۇر نېنى،
تەنگە كۈچ دەرمان، جېنىڭغا جان، داۋا ئۇيغۇر نېنى،
زېمىنى دۇنيا، ھاياتقا نۇر- زىيا ئۇيغۇر نېنى.
نانۇ- چايدا ناشتا قىلماق ھەممىگە ئادەت ئىرۇر،
نان يېيىشتىن باشلىماق ھەر كۈننى، زەپ راھەت ئىرۇر،
ناشتىدىن سوڭرە بوسۇغا ئاتلىماق ئامەت ئىرۇر،
شول سەۋەب بىزلەردە جەۋلان جەڭگىۋار قامەت ئىرۇر،
كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ئەيلەپ جۇلا ئۇيغۇر نېنى.
كۆر تونۇرنى: مۆجىزە...! نان كانىنىڭ ئەلاسىدۇر،
شور، كۇلال، خىش، بەلكى تاشتۇزلار ئۇنىڭ ئەشياسىدۇر،
گەۋدىسى، دىۋارى مەرئا، * داپخۇنى دەرياسىدۇر،
بارچە ئاشلىقتىن ئېتىلگەن ئۇن- خېمىر تەشناسىدۇر،
كى يانار تاغدىن ئېتىلغان ئوت- لاۋا ئۇيغۇر نېنى.
نان پۈتەر ئۇنتاختىدا، تارغاق تۈكۈچلەر گۈل چېكەر،
ئىشتىھانى قوزغىتار كۈنجۈت، سىيادان، ماي، شېكەر،
گەزنە، نانگال، رېپىدە، پەشخۇندا چاقنايدۇ ھۈكەر،
زىخ، چوقاللار ئىچرە چوغ نانتاختىغا كۈن، ئاي تۆكەر،
نەۋقىران قىز مەڭزىدەك كۆركەم، زىبا ئۇيغۇر نېنى.
توي- تۆكۈن، مەشرەپۇ- ھېيتلار قىزىغاي مېھمان بىلەن،
باشلىنار ھەر داستىخاننىڭ ئالدى مەزە- نان بىلەن،
كەلسە شورپا كاكچا، تومنان ۋە ھەمەك، دامان بىلەن،
چىشلىسەڭ ياغلىق توقاچنىڭ لېۋىدىن ئارمان بىلەن،
چىن ھۇزۇر تەختىدە سۇلتانسەن، شىپا ئۇيغۇر نېنى.
كۆپ تۈرى: ئاقنان، تېرىقنان، ئارپانان، جۆۋەندەنان،
قاتلىما، زاغرا، كۆمەچ، شىرما دېگەنلەردىن ئايان...
راسلىنار گاھ قىيمىلىق، گاھ قىيمىسىز ئۇ ھەرقاچان،
نامىنى تىزسام ساناپ، بولغاي شۇتاپ لۇغەت- داۋان،
ئەڭ قەدىرلىكتۇر تائام سەترى ئارا ئۇيغۇر نېنى.
سامسا، پەرمۇدە سېغىنساڭ، ئۇستىكار قەشقەرگە بار،
گىردە، گۆشگىردە يۇرۇڭقاشتا بەلەندۇر دىلخۇمار،
غۇلجىنىڭ پېتىر توقاچ، قاتقېتىدىن قەلبىڭ قۇۋار،
سىرتتا يۈرسەڭ، بولسىلا يانپاشتا نان بىر تىلتۇمار،
ھەر نەپەسكە بەك زۆرۈر، خۇددى ھاۋا ئۇيغۇر نېنى.
نان ئېتىشتە بار ئۇسۇل- چارە، تونۇردىنمۇ بۆلەك،
تاشكۆمەچ، چوغ پوشكىلى، بېغىركۆمەچ دوستى يۈرەك،
قاقلىما، سوقتا، چۈرۈچلەرگە پەقەت گۈلخان كېرەك...
بەس، يېتەر گۆشنان ئۈچۈن قىلسام كۆمەچداننى كۆرەك!
زەپ ئېسىل، سەيلە ساياھەتتە دالا ئۇيغۇر نېنى.
نان يېقىش بىزدە ئومۇملاشقان ھۈنەردۇر ئەسلىدىن،
نان چېچەكلەر ھىد بېرەر يىلنىڭ ھامان تۆت پەسلىدىن،
بولمىغاي نان كەم شەھەر- سەھرا ئۆيى، يول- رەستىدىن،
ئۇستا ناۋايلىق سېزەرسەن قىز- ئاياللار ۋەسلىدىن،
ئوتتا پىشقان، مەڭزى ئۇيغۇردەك گويا ئۇيغۇر نېنى.
نان دېسە، كەشىپ ئەيلىگەن ئەجداد چېۋەر پەخرىم مېنىڭ!
نان دېسە، چىن قەھرىمان دېھقان پەدەر پەخرىم مېنىڭ،
نان دېسە، بەرگەن ئانام قۇتتىن خەۋەر پەخرىم مېنىڭ،
تاكى ناۋايدىن ئايالىمغا قەدەر پەخرىم مېنىڭ،
نان دېسە، يىلتىز تىلى بۇلبۇلگويا، ئۇيغۇر نېنى.
ئۇيغۇر كاۋاپلىرى
(مۇخەممەس)
تۇرغۇن يىلتىز
«كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز،
ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز،
تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت - دەرمان، كاۋاپ يەيسىز،
ھۇزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز،
ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ يەيسىز.
رىسالەئى غىزادا يەتمىش ئىككى باب تىزىلغاندۇر،
ئۇلۇغ ئەجداد كەشىپ ئەتكەن تائام نامى يېزىلغاندۇر،
ئۇدۇم، خىسلەتلىرى نەق كۆرسىتىلگەندۇر سىزىلغاندۇر،
دېمەك، بۇ ساھا ئۇيغۇر قوۋمىدا چوڭقۇر قېزىلغاندۇر،
ئۇنىڭ بىرسى كاۋاپ بولمىش ئېسىل دىۋان، كاۋاپ يەيسىز.
چېۋەر، ئەمگەكچى ئەجدادىم مۈلۈكدار چارۋىچى نەسلى،
كاۋاپ ئەتمەكنى ئەڭ باشتا شۇڭا بىلگەن ئۇلار ئەسلىي،
كاۋاپ بولغان ئاساسلىق ئوزۇقى يىلنىڭ كى تۆت پەسلى،
ئېرىشكەن قەددى قامەت، تەن ساپاسىغا ھايات ۋەسلى،
كاۋاپقا ئۇستا بۇ مىللەتتە ھەر ئىنسان، كاۋاپ يەيسىز.
تۈرى چەندان كاۋاپلارنىڭ: تونۇر، جاڭگال، دالا... دەيدۇ،
قوۋۇرغا، قاقلىما، زىخ، داغلىما، كۆممە، تاۋا... دەيدۇ،
قازان، بەل، قورۇما، سوقما، شىرە، ياقما، چاۋا... دەيدۇ،
يەنە پوستۇمبا، ئاسما، تىكلىمە، قىيما، ياۋا... دەيدۇ،
دۇكان، سەترىدە مىڭ ئۇسلۇب- ئۇسۇل پىنھان، كاۋاپ يەيسىز.
بېلىق، غاز، باچكا، ئۆردەك، توخۇ، قۇشقاچقا خۇمارىم بار،
ئۇلاي، توشقانۇ، كەكلىك، جىگدىچىگە ئىنتىزارىم بار،
ئوماق پاقلانۇ قوي، ئوغلاق، موزاي يەپ كۈچ مادارىم بار... !
كاۋاپ سىمۋولى ئۇيغۇرنىڭ، دېڭىزچە ئىپتىخارىم بار،
بىلىڭ، بىزدە كاۋاپچى بىر ھېكىم لوقمان، كاۋاپ يەيسىز.
يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، تالدىن كاۋاپ جان تۇتىياسى دەل،
ئۈچەي، ئۆپكە، قېرىنلار كۆپ كېسەللىكنىڭ داۋاسى دەل،
خۇرۇچلار، دورا- دەرمەكلەر ئاجايىپ بىباھاسى دەل،
جۇلاسى، ئەۋجىدىن قۇترار كىشىنىڭ ئىشتىھاسى دەل،
بۆلەكچە تەمدە ئۇرغاي جىسمىڭىز خەندان، كاۋاپ يەيسىز.
پۈتۈن قوي كاۋىپى بىزدە ئەزىز ئىنسانغا ھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن ئۇي كاۋىپى تالماس، زېرەك دېھقانغا ھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن ئات كاۋىپى مەرد، قەھرىمان ئوغلانغا ھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن تۆگە كاۋاپ ھارماس، بۈيۈك كارۋانغا ھۆرمەتتۇر،
ۋەتەن ئەل ئىشقىدا چىن قىلسىڭىز جەۋلان، كاۋاپ يەيسىز.
«پۈتۈن ھايۋان گۆشى پىشقايمۇ...» دەپ كەتمەڭ خىيال ئەيلەپ،
كاۋاپچى چوڭ تونۇرنى راسلىغاي ئەپچىل، ئامال ئەيلەپ،
تولا، غەيرى كاۋاپ سايمانلىرى، يۈرمەي مىسال ئەيلەپ،
كاۋاپلار مەززىلىك، شېرىن، ئېتەرمىز خوش كامال ئەيلەپ،
تۈرى، نۇسخىسى ئۆز ئەينەن، راسا ئوبدان كاۋاپ يەيسىز.
سەپەرگە چىقسىڭىز يوللۇق، بەلەن، ئالىي ئوزۇقتۇر ئۇ،
بۇزۇلمايدۇ ئۇزاق ئايلاردىمۇ، پىشقان قۇرۇقتۇر ئۇ،
يىگىت - قىزلار ئارا ياخشى كۆرۈشكە تىل، يورۇقتۇر ئۇ،
يېقىن دوستلارغا سوۋغات تۇتسىڭىز، بەكرەك تولۇقتۇر ئۇ،
كاۋاپسىز بىزدە بولماس دەستىخان ھەرئان، كاۋاپ يەيسىز.
كۆرۈڭ، كاۋاپچىلىقتا كاتتا ئەڭگۈشتەر ياراتتۇق بىز،
لەزىز، خۇش بۇيىنى ھەر لەھزە ئالەمگە پۇراتتۇق بىز،
ماھارەتتە بۇ دۇنيا ئەھلىنى قولغا قاراتتۇق بىز،
مىراس، يىلتىز ھۈنەر جەۋھەرلىرىنى كەڭ تاراتتۇق بىز،
شۇتاپ بولدۇم كاۋاپ ئىشقىدا زور گۈلخان، كاۋاپ يەيسىز!
ئۇيغۇر مېۋىلىرى (مۇخەممەس)
باغمۇباغ كۆزلەر جۇلاسى مېۋىلەر،
تاغمۇتاغ چاقنار زىياسى مېۋىلەر،
قىر-ئېتىز، تەكلەر لىباسى مېۋىلەر،
راھىتى جان، تەن داۋاسى مېۋىلەر.
مېۋە توغرۇلۇق جاھاندا بولسا گەپ،
نامىمىز بار «مېۋە-چېۋە يۇرتى» دەپ،
ئەلمىساقتىن بىزگە بەرسى مېۋە نەپ،
داڭق چىقاردۇق مېۋە تېرىپ، مېۋە يەپ،
ئەنئەنەم، بوۋام مىراسى مېۋىلەر.
ئۈجمە، شاتۇت − يەل يىمىشلەر ئەلچىسى،
تۇنجى رەت ئاغزىڭغا تەگكەي مەززىسى،
قانغا قان، بۆرەككە قۇۋۋەت شىرنىسى،
دورىدۇر قوۋزاقۇ يىلتىز... ھەممىسى،
قۇش-قاناتلار كۈي-ناۋاسى مېۋىلەر.
يېڭىسار، يەكەن، كۇچاردا شاھ ئۆرۈك،
چىشلىسەڭ راھەت، شېرىندۇر ھەم چۈرۈك،
گۈلە-قاق، بادام ئاجايىپ بىر مۈلۈك،
مېغىزىغا ئەھلى ئەر ئامراق، كۆنۈك،
روھ ۋە شوخلۇق تۇتىياسى مېۋىلەر.
قوغۇنى پىچان، قۇمۇل، لوپ، پەيزاۋات،
تېتىغاي ئاغزىڭغا بال، كەۋسەر، ناۋات،
خىسلىتى تېخنىكىدىن تاپقاچ ھايات،
بازارى دۇنياغا بولدى جۈپ قانات،
خۇش پۇراق سەھرا-دالاسى مېۋىلەر.
خېرىدارلار تىلىغا نەشپۈت مۇدام،
كورلىنى ماختاش بىلەندۇر سۆز-كالام،
ئىشقىنى نەشپۈتكە بەرگەن ئەل-ئاۋام،
بۇ ئۇدۇمنى ئەيلىدى ئەۋلاد داۋام،
مىللىتىمنىڭ كۆز قاراسى مېۋىلەر.
ئاتۇش ھەم تۇرپان ئۈزۈمدىن كەتتى پۇر،
سورتى ساپ، كۆپ، ئۆزگىچە، سەرخىل، پۇزۇر،
نە پۇزۇركى، بەخش ئېتەر خوشلۇق، ھۇزۇر،
بىر يېدىڭمۇ، ئوت كېتىپ جىسمىڭ تونۇر...!
بەك بەلەن سايە، ھاۋاسى مېۋىلەر.
ياخشىراقى غۇلجا، ئاقسۇ ئالمىسى،
قاغىلىق، خوتەن ياڭاق، ئەينۇلىسى،
بەشكېرەم ئەنجۈر، گىلاس ئالۇچىسى،
باي ئانارغا گۇمىنىڭ پىيالمىسى،
پەسلى كۈز قايناق ساماسى مېۋىلەر.
نامى «شاپتۇل» بولسىلا، شاپتۇل ئەمەس،
بۇيا، ئويتوغراقتا چىن شاپتۇل پەۋەس؛
ئوخشىغاي خاسىڭ، چىلان، ئاپتاپپەرەس،
جىگدە، ئامۇت، بېھىسىگە جىق ھەۋەس،
داستىخاننىڭ گۈل-راۋاسى مېۋىلەر.
يۇرتمۇيۇرتتا خىل مېۋىلەر، چەندان بۈگۈن،
قوينى يۇرتۇم جەننەتۇل رىزۋان بۈگۈن،
كۈيلىمەك باغۋەننى خوپ ئارمان بۈگۈن،
بارچە يىلتىزنىڭ تىلى خەندان بۈگۈن،
ئۇيغۇرۇم جاھاننەماسى مېۋىلەر.
ئۇيغۇر مۇقاملىرى (مۇخەممەس)
يار مۇقام، گۈلزار مۇقام، بىدار مۇقام، داڭدار مۇقام،
جەۋھىرى يۈكسەك ئەقىل، نۇر كۆكسىدە رەڭدار مۇقام،
قەسرى دىللاردا جاھانساز، زەر، گۆھەر تاجدار مۇقام،
سەنئىتى دۇنيادا كاتتا، مەڭگۈلۈك مېمار مۇقام،
شۆھرىتىڭدىن ھەممە يەرنى قۇچتى خۇش ئەخبار مۇقام!
سەن ئىجادكار مىللىتىمنىڭ تۇرمۇشىدىن نام - نىشان،
ھەم مۇجەسسەم ھۆرىيەت، نۇسرەت، خۇشاللىق، دەرد - پىغان،
ۋادەرىخ! قانچە ئەسىرلىك تارىخى كۈندەك ئايان،
بارچە قىسمەت ھەر ئاھاڭ، تاۋۇشتا ئۆركەشلەر ھامان،
مول، باھادىر ئوكيانۇس، خىسلەت ئارا بىسيار مۇقام.
ئەلمىساقتىن كۈينى ئەجداد جىسمىغا قان ئەيلىگەن،
بەلكى قاندىن ئەتىۋار روھ ئەسلىگە جان ئەيلىگەن،
قانچە ئۇستاز- پىر ئىجاد ئىشقىدا قۇربان ئەيلىگەن...
تامچە- تامچە بىرلىشىپ ئەپشاندا ئوكيان ئەيلىگەن،
بۇ ھاياتلىقنى سۇغارغان توختىماس ئەنھار مۇقام.
چاتتى ئىشق ئابدۇرەشىدخان، رەتلىدى ئاماننىسا،
ئەشتى رىشتىڭنى قىدىرخان، ئوت يۈرەك تۇردى ئاكا،
سوڭرە ئەۋلاد ئىختىرا ئەيلەپ، بېغىشلاپ جانپىدا،
پەسلى كۈزنى قىلدى ئەھيا تۆھپىلەر شاخلاپ سىپا،
بولدى ئالەم كۆزلىرى ۋەزنىڭ ئۈچۈن ئەپكار، مۇقام.
«راك» بىلەن باشلانسا نەغمەڭ، بىناۋالەر دەس تۇرار،
«چەببەيات» ئىلكىدە ئاشىق قەلبىنى ھەريان ئۇرار،
نەۋقىران «سەگاھ» ئارا ۋىجدان، ئەقىل ئۆزلۈك سورار،
«چەھارگاھ»تا ھەر كىشىكىم ئەنجۈمەن - سالۇن قۇرار،
«پەنجىگاھ» ئۈزرە ئەجەپ زاھىر پەلەك - رەپتار، مۇقام.
ياڭرىسا «ئۆزھال»، قەپەسلەر تەۋرىنەر، قۇش سايرىشار،
ئەۋجىگە چىققان «ئەجەم»دىن ئەل - ئاۋام چام ئايرىشار،
بەيگىسى «ئۇششاق» تامان يەل جۈپ قاناتنى قايرىشار،
چۆللىرى چەكسىز «بايات»، ئالۋۇن ماماتتا يايرىشار،
كىم «نەۋا» چەكسە، ئاڭا ھىجران بولۇر روزغار، مۇقام.
مەپكۇرە چاچسا «مۇشاۋەرەك» دېبان ئەمگەك، كۈرەش،
ئىزگۈلۈك، مەردلىككە ئۈندەيدۇ «ئىراق»، خاماندا چەش...
سانجىلار رەزىل يۈرەكلەرگە بولۇپ شەمشەر، دەرەش،
يوق ئىدى قىرغىنچىلىق... كىم ئاڭلىسا، قىلسا كېڭەش،
بارچە ۋەھشىيلىك، پەزىلەتسىزگە خوپ گۆركار مۇقام!
تەرجىمان كەتمەس تىلىڭدۇر داپ، ساتار، تەمبۈر، غىجەك،
نەي، دۇتار، قالۇن، راۋاب، مۇڭتار، پىپا ئۇتقاي يۈرەك،
چاڭ، ساپايە، بۇرغا، ئۇد، ناغرا، سۇناي قىلسا كۆرەك،
تەڭكىشى دۇمباق، قوشۇق، قوشتاش كېرەك، ھەيران پەلەك،
غوڭقا، ئەرخۇ، بالىمانلار سەن ئۈچۈن تەييار، مۇقام.
كۈي، ئاھاڭ- مەرغۇللىرىڭ ئالەم بىلەن مەڭگۈ ھايات،
جۈپ قۇلاقتىن كىرگۈچى سەرخىل ئۇرۇق، يۇمران كوكات،
نە كوكاتكى، ماركا − ئۆزلۈك سەترىدە ئەلگە قانات،
سەندە ئوتتۇز ئالتە ئوكيان، لىق - پەۋەس روھىي بىسات،
«شەرق مۇزىكا گۆھىرى» دەپ ئاتىقىڭ سەركار، مۇقام.
نەزمىدە شائىر نەۋائىي باب ئېچىپ دەسلەپ كېلەر،
ئارقىدىن مەھزۇن، قەلەندەر، سادىقىي، مەشرەپ كېلەر،
مەشھۇرىي، لۇتفىي، ھۇۋەيدا، زەلىلىي ئەشرەپ كېلەر،
نەۋبەتى، ھاپىز، بىلال، گۇمنام كەبى مەزھەپ... كېلەر،
سەندە مىللەتنىڭ مۇھەببەت - نەپرىتى ئەشئار، مۇقام.
ھەرنە چوڭ نەغمەڭ ھامان ئالەم كېزەر شامۇسەھەر،
ھەر ئېسىل مۇقەددىمەڭدىن تۇتۇلار چولپان، ھۈكەر،
ھەر تەئەززە، نۇسخە بائىس سەھنە، رەققاسقا چېۋەر،
سەلىقە، جۇلا، سەنەملەر رىشتى داستانغا سەپەر،
مۇڭ، چۈشۈرگە، مەشرىپىڭگە ھەر كىشى خۇشتار، مۇقام.
سەندە گۈل ئۇيغۇر ھاياتى، سەندە يۈكسەك سەلتەنەت،
سەلتەنەتكى، قەھرىمان خەلقىم ئۇدۇمى، ئىرسىيەت،
سەن تومۇرلار ئىچرە ئاققان پەلسەپە، زور ماھىيەت،
يىلتىزىم تۇپراقلىرىڭدا تاپقۇسى چىن ئەھمىيەت،
مەرىپەتلىك ئەھلى مىللەتتە ئەبەد شوئار مۇقام!
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى (مۇخەممەس)
تـەڭدىـشىڭ ئـالـەمدە يـوق، شاھـانـە ئـۇيغـۇر مـەشـرىپى،
مـەرىـپـەت دۇنـياسـىـدا يـېـگـانــە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىـپـى،
ئۈلـگە ئـەجـدادتىـن، پـۇزۇر يـادنـامـە ئۇيـغـۇر مەشرىپـى،
كـاتـتا سـىـر - ھېكمـەتـكـە بـاي ئەپسانە ئۇيغۇر مەشرىپى،
مىللـىـتىـمـنىڭ تارىخى - سالـنـامـە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپـى.
تـا ئـەزەلـدىن چـەشمـە بولـدۇڭ كـۈي - ئاھـاڭ بوسـتانىغا،
جـان ئاتـا قـىـلـدىڭـكى ئـون ئىـكـكى مـۇقـام داسـتانىـغا،
مـاي تـۆكـۈپ كـەلـدىڭ مـۇدام ئـارزۇ - تىلـەك گۈلخانىغا،
ئـەل - ئـاۋام ۋىجــدانـىـغا، خــەنـدانـىـغا، جــەۋلانـىـغا،
ئـاڭ - پـاراسەتتـىـن نىـشان - دۇردانـە ئـۇيـغـۇر مەشرىپى.
خـىـسلـىـتىڭ چـەكسـىـزلىكىدىن دەيـدۇ خەلـقىم بەھـرىۋەر:
بـالـىـنى مـەشرەپكە بـەر، ئانـدىن كېـيىن مـەكـتەپـكە بەر...
چۈنكى سـەن ئـادەمـنى چـىـن ئـادەم قىلىـشـتا ھـۆددىگەر،
شـۇ سـەۋەب، دەيمىزكى مەشرەپ كۆرمىگەننى بەچچىغەر...!
دىلـغا نـۇر چاچـقان قـۇياش نـۇرانـە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپـى.
سـەنـدە ئـەلـنەغـمـە، يېـمـەك - ئىچـمەك، رىۋايـەتلەر قىـيان،
سەندە ئۆرپ - ئادەت، يوسۇن، ئەخلاق - پەزىلەتتىن مىزان،
سەندە تىـل، تەنـتەربىـيە، ھەر خىل كەسىپ - ئىشتىن پايان،
سەندە دارۋازلـىـق، تىـياتـىـر، سېـھـىـرگـەرلـىـك شـادىـمان،
ئـويـۇنـۇڭ مـىـڭـدىن تـولا، دىـلـخانـە ئـۇيـغـۇر مەشـرىپى.
سەندە ھـەر يىـگىتـبېشى تـەرتىـپكە مـەسـئۇل بـەگ، ۋەكىل،
سەندە قـازى ھـەق ھـۆكـۈمـدار، جـارى قـانـۇنىي شـەكىل،
كـىـم خـاتـا ئىش قىلدى، كىملەر بەتـنىيەت، كىملەر رەزىل؟
سوتـتا - شـۇ مەيـدانـدا قىلمـىـشقا جـازا چۈشـكەي تېگىل،
كـەمـچىـلـىـكـنى يـوق قـىـلار دوسـتانـە ئـۇيـغۇر مەشرىپى.
شـوخ ھـەزىلـكەشـلەر يـۇمـۇر، چـاقـچاق، لـەتىپە سۆزلىگەي،
ئـۇستا ۋائىـزلار ئـۇزاق جـەڭـنامـىـدىن مـەرد ئىـزلـىـگـەي،
نـەزمـىـلەردە بـارچـە شائىـر ئـەزگـۈلۈك، قـۇت كـۆزلـىـگەي،
پەنـد - نەسىـھەت، دىـت، ھېـكايـەت ئەگـرىلەرنى تۈزلىگەي،
ئــادىمـىيـلـىـك ۋەسـلـىـگـە نـىـشانــە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپى.
بــارچـە ئىـشـتا ئېـچـىـلار ھـەربـىـر سـەھىـپە سـەن بىلـەن،
ئـەنجۈمـەن، تـۈرلـۈك مۇراسىم، توي - مەرىكە سەن بىلـەن،
شاد - خۇراملىق، قايغۇ - ھەسرەت، ئەرك، ۋەسىقە سەن بىلەن،
چـىن مۇھەببەت، رىشتە، تۇرمۇش، بۇرچ ھەمىشە سەن بىلەن،
يـۈكسـىـلىشـتـە جـەڭـگـىـۋار ھـامـانـە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپى.
نـەغـمـىـكـەشلەر بـولسا ئورمان، ناخشىـچى بۇلـبۇل سىـياق،
ئەسـلىـتەر قـۇشـلارنى لـەرزان ئويـنىـغان ئۇسـسۇل، تـۇراق،
ئـۆزئـارا سـۆز تـاشـلىـشـىـشلار ھـەممـىـگە مـەقـبۇل، ساۋاق،
تـوقـقـۇزى تـەللـىكتە سۇلـتان كەمـبەغـەل - يوقسۇل، ئىـناق،
قىـز - يىگىـت، بـوۋاي - موماي پەرۋانـە ئۇيغۇر مـەشرىپى.
غـۇلـجىـدا مـەشـرەپ قـىزىتـسا تـاللـىنىپ «ئوتتۇز ئوغـۇل»،
«ئـوردا»دا «كـۆك» بـەزمـىـسىدىن زوق ئالار خەلقى قۇمۇل،
قـاشـتېشى يۇرتىـدا «گۈلچاي»، «كىلىـياڭ» قۇچسا ھوسۇل،
«چـايـخانـا» ئىچـرە «كىـتابخانلىـق» قىـلار قەشـقەر ئوقـۇل،
«تـاغ»لىرى ئـاقـتـۇ ھـامـان مـەستانـە ئـۇيـغـۇر مەشـرىپـى.
چاقىلىق، چەرچەندە «توپۇق»، «توي» كۇچادا «باغ» گۈزەل،
بـورتـالا «بـوزقىر»دا شـاخـلار، «ئـوۋچى» مەكىـتتە زۈھـەل،
يېڭـىـسار «ئىسپال»غا ماھىر، «قەيت» ئېـتەر تـۇرپان مـەتەل،
«ئـوردىكام» كەلپـىندە، «كاچۇڭ» يەكىنىـمدە مـول تۈگـەل،
«تاغـلىقلار» مـورى تامـان دىلـخەنـدە، ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپى.
كۆكـلىسە ئاقسۇدا «چوغـتال»، «جۇۋان توي» ئوينار ئاۋات،
ئۇچـتۇرپـان «توقـقـۇزبـۇلاق»، يـوپـۇرغـىدا «ھويلا» پارات،
مـەكىـت «ساغـادى»، پىـچان «مېلىس» دېـبان يايسا قانات،
ئـاتـۇشۇمـدا كـۆر «باراۋەت»، لوپنۇردا «گـۈلخان» ھىمات،
تـوقسۇنـۇم «مـەرتـەم» بىلـەن مـەردانـە، ئـۇيـغـۇر مـەشرىپى.
تـاغـلىرى كـۆركـەم ئـۈرۈمچى، «سەيـلە» باشلا، مەرھەمەت،
يايـلىقى ئالـتايـدا «تەبـرىك» ھـەر قـەدەمـگە سەلـتەنـەت...
قـايسى ئـۇيـغۇر يـۇرتىـغا بـارسـاڭ، مـۇشـۇنداق ۋەزىـيەت،
بـارچـە سەھـرايـۇشـەھـەر، يـايـلاقـتا مـەشـرەپ ئـاقـىـۋەت،
تـۈرى يـۈز ئـەللـىـكچە بـار، سـەيـلانـە ئـۇيـغـۇر مـەشـرىپى.
ئـەھـلى مـەشـرەپ خـۇددى سـەنـئەتكار، لاياقـەت كۆرسىتەر،
خـالـىـغانـلار سـەھـنـىـدە پـەيـدا، مـاھـارەت كـۆرسـىـتـەر،
يـۇرتـتا مـوھـتاجـلارغـا بـايـلار قــەد، شـاپـائـەت كۆرسىتەر،
ھـەر قـېـتىملـىق بـەزمە - مەشرەپ يول، ھىدايەت كۆرسىتەر،
ئـەل - ئـاۋامـغا ھـەرقـاچـان غـەمـخانـە ئـۇيـغـۇر مـەشرىپى.
سـەن بـۈيـۈك فـولـكـلـورىمىزدا بـىـر گـۆھـەر، چوڭ مۆجىزە،
دەرسـلـىـرىڭ قـانـۇنـىـيەت، دىلـلارغـا قـۇيـدۇڭ پـەلـسەپـە،
سـەن ھـاياتـقا ئـەنـدىـزە، مـەڭـگـۈ يـوقـالـماس ئـەنـئـەنـە،
پـۇشـتى ئـۇيـغـۇر ئەيلىسە ھـەق سەن ئۈچۈن بەرق، تەنتەنە،
تـاپ كامـالـەت، يىـلـتـىـزىم - جـانـانـە ئۇيغۇر مەشرىپى...!
ئۇيغۇر دوپپىسى (قەسىدە)
باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى،
ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر،
مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ،
ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر،
دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون،
باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ،
دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»،
مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ،
ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك،
ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە،
يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز،
كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق»، «بۆك»، «پوچى»، «كۈلگۈنچەك» دېسە،
نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا،
خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن،
بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ،
جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا،
بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام،
روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن،
باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن،
كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئۇيغۇر باغلىرى (غەزەل)
يەكتا جاھان بوستانىدا شۆھرەتتە ئۇيغۇر باغلىرى،
ھۆر پەرىلەر داستانىدا جەننەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
پەسلى باھاردىن كۈزگىچە جەۋلان-جۇلاسى ئۆزگىچە،
كۆز تاشلىساڭ، يايغان قانات ھەيۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
بارغىن قەيەرگە ئىختىيار، دوقمۇشتا باغ-باغ گۈلئۇزار،
مەيلى يېقىن، ھەتتا تولا خىلۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
رەستە-بازار ئەلۋەك ھامان، كەل تۆت پەسىلدە بىگۇمان،
ھېچ ئۆكسىمەس قالتىس ھۈنەر-سەنئەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
جاننىڭ جېنى خۇشبۇي ھاۋا، ئەيلەر بەلەن قۇشلار ناۋا،
يۇرت ھۆسنىگە قوشقاي ھۆسن زىننەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
كىم مېۋىگە تەگسە ئېغىز، بولغاي سالامەت-ساق، ئەزىز،
كەۋسەرنى خوپ چۈشكەي بېسىپ قۇۋۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
تۈر-سورتلىرى چەندان ئىرۇر، ئەل تەمىگە ھەيران ئىرۇر،
مەستخۇش قىلار دىلنى شېرىن شەربەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
غىزا - تائام يوقمۇ دېمە، بار ھەممىسى، يەيسەن نېمە،
توخۇ سۈتىدىن باشقىسى ھىممەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
باغ ۋەسلىگە قىلساڭ ھەۋەس، لوقمان ھېكىم ھاجەت ئەمەس،
نە ئۇ رىۋايەت، چىن-رېئال خىسلەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
سەيلە-ساياھەت ئەۋجىدە، ئەھلى ئارام شاد بەزمىدە،
مېھماننى بىلگەي ئەتىۋار ھۆرمەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
يۆلەنچۈكى روھ شاھ مۇقام ئاۋازى ئۆچمەيدۇ مۇدام،
ئەھلى ھايات سۈرگەي راھەت، سۆھبەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
يىلتىز چېۋەر باغۋەن پەدەر، بەرگىن گۈزەللىكتىن خەۋەر،
ياشناپ ئەبەد قۇت تاپقۇسى قىممەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
ئۇيغۇر پىچاقلىرى (قەسىدە)
تـەۋەررۈك بايـلىـقىـم كـۆپـتـۇر، زامـانـلار كـۆكـىـدە ئـەخـتـەر،
ئـەقىللىق، كـاتـتا ئەجـدادىم يـاراتـتى ئـۆكـسۈمـەس جـەۋھـەر.
قەدىمـدىن تـاش، مېـتاللاردىن ياساپ ھەر خىل قورال - سايمان،
يـاشاپ كەلـدى ھـۈنـەر - سەنـئەت بېغىدا چىن بولـۇپ سەرۋەر.
شەرەپ - شـان قـۇچـتى بىس - تىغـلار كۆزىدە چاقـنىتىپ تارىخ،
تىـلى سـۆزلـەپ تـۇرار ئوقـيا، قېلىـچ، نـەيـزە، سىـپەر، شـەمشەر.
پىـچـاقـلار تـۈرى يەتمىـش ئىككىدۇر، بىر - بىرسىدىن قـالـتىس،
بېـزەپ، ئـەيـلەپ قـۇلاي تـۇرمـۇش ئـۇسـۇلىنى، بېرەر كـەۋسەر.
ئـوچاق، بازغـانـۇسەنـدەل، بولـقا، ئـۈشكـە بەھـرىدىن پۈتـكەي،
سـۇغـارغـانـدا بـەلـەن ئـۇسـتام، چاراقـلار نـۇرلىـنىـپ زەڭـگـەر.
پـولاتـتۇر بىسـلىرى، دەستىسى مۈڭـگۈز، تـۇچ، قـەلەي، ياقـۇت،
قامـاشـتۇرغاي كـۆزۈڭنى گۈل، نەقىشلەر، زەر، كـۈمۈش، مەرمەر.
ياغاچـچى، تىكـكـۈچى، موزدۇز، كۇلالچى، سىرچى، قاسساپلار...
جىـمى مـاھىـر ھـۈنـەرۋەنـنىڭ پىچاقـسىز ھـالـى خـوپ بەتـتەر.
تـۆشـۈك ئىش - كارىمـۇ قىڭـراق - پىـچاقـلاردىن چېـچەكـلەيدۇ،
تـائـامـلار ئـوخشىـغاي ئـۆيـلەردە، كـۈلـگـەي ئـانىـلار، دىلـبـەر.
يىـگىـت - ئـەرلـەرگـە زىنـنەت، بـەلـگىسى سۆلـەت، جاسارەتتۇر،
تـۇغـار قـۇت بـارچـە ئـەركـەك يانپېـشىدا يـارىـشىپ خـەنـجـەر.
لـەۋەن قـىـزلار ھـامـان قـەلـەمـتـىـراشـنى ئـايـرىماس يـانـدىن،
ئىـشەنـچ پـارلايـدۇ دىلـلاردا، سېـھىـرلىـكـتۇر ۋۇجـۇد، پـەيـكەر.
ئـانـا تـۇغـسا ئـوغـۇل پـەرزەنت، بېرىشكـەيلەر پىـچاق سوۋغات،
پىـچاق ھـەمـراھ بـۆشـۈك، تەكـىـيە، ياسـتۇقـقا كـەبـى ئـەسكـەر.
قـەسـەم قىـلـماق بولـۇشـقانـدا پىـچاق سانـجىپ قويـۇپ يـەرگە،
ئـۇنـى شاھىـد قىلىپ دەرلەر: كـۆرۈشكـەيمىـز كـۈنى مەھشەر...!
ئـۇلـۇغـلايـدۇ پىـچاقـنى مىـلـلىـتـىم بـەك خـاسىـيەتـلىـك دەپ،
يېـقىـن كەلمەس پىچاق بار يەرگە شەيتان، جىن، گۇمان، خۇنپەر.
پىـچاق يـۇرتى ئـەزەلـدىن يېـڭىـسار، يـەكـەن، خوتـەن، غۇلـجا،
يـۈرۈپ ئـاقـسۇ، كـۇچـالاردا كـۆرەرسـەن شـۇ قـەدەر مـۇنـبەر...
پىـچاقـلار خىسلـىـتى ھـەم مەڭـگۈ بـۇ مىلـلەت ئۈچـۈن يىـلتـىز،
تـەرىپـلـەيـمەن مىـراسىمـنى، بىلىـپ ئـۆزلـۈكـكە خـاس گـۆھـەر.
ئۇيغۇر ئۆيلىرى (غەزەل)
قەھرىمان ئەج_دادىمىزدىن ي_ادىكار ئۇي_غۇر ئ_ۆيى،
ئەن_ئەنە، ئۆزلۈك، ئۇدۇم_دىن تىلتۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئ_ۇپۇقى دەرۋازىدا چاق_نايدۇ يۇلتۇز، ئ_اي، قۇياش،
تال باراڭ، بوس_تان، چىمەنزار - لالىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
كەشپىيات ئەيلەپ مېمار چارچاپ، تۇرۇم، زەگۈندىنى...
تاپتى ي_ەر تەۋرەشكە مەزمۇت ئىقتىدار ئۇيغۇر ئ_ۆيى.
لاك، سۇۋاق، ئويما، قاپارتما گ_ەردىشى ئالتۇن ھىسار،
سوقما، چىت_لاق ۋە كېسەكتە نەۋب_اھار ئۇيغۇر ئۆيى.
گەج بىلەن قاتقاندا خىش - كاھىش، بىنا مەرمەر رەۋىش،
نەگە ك_ۆز سالساڭ نەقىش، پاك - بىغۇبار ئۇيغۇر ئۆيى.
تاملىرى سەنئ_ەتكە ئۆرن_ەك، تورۇسى ئاندىن كۆرەك،
گ_ۈل ۋاسا، تۈۋرۈك، ب_الادا زۇلپىقار ئۇيغ_ۇر ئۆيى.
تاش، سېغىز، شاخ - شۇمبا، يۇلغۇن، چىغ، سامان ئىمكانىدۇر،
شۇن_چە ئاددىي مۈل_كى، ئەمما ئەتىۋار ئ_ۇيغۇر ئۆيى.
ھويلا، ئايۋان، كەڭ پېشايۋان چىللىشار مەشرەپ، مۇقام،
توي - تۆكۈن، ئ_ۆلۈم - يېتىمدا غەمگۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
ت_ۆرىدە دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، سۇناي، داپ... كۈيگە يار،
تەكچىدە توپ_لام - دىۋان_لار مىرغىزار ئۇيغۇر ئ_ۆيى.
خانە مېھماندا يېكەنداز، زىلچا، رەت - رەت ئ_ۇز جاھاز،
چوڭ - كىچىككە ئىمتىياز، بات، ئىختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.
قى_ز - ئاياللار كەشتىسى چەندان تۈرى، ۋەسلى جاھان،
ياسىداق، سىپتا بېزەل_گەن ش_اتىۋار ئۇيغ_ۇر ئۆيى.
تىككۈچى، موزدۇز، تۆمۈرچى، سىرچى، خارەت... ھەممە تەل،
ق_ول ھۈنەرۋەن بەيگى_سىدە ئۇستىكار ئۇيغۇر ئۆي_ى.
ئايمىقى ت_ۈركۈم ئېرۇر، م_ەھەللىسى كۆجۈم ئېرۇر،
بەھرىدە ئەمگەك - چېلىشنىڭ بەختىيار ئۇي_غۇر ئۆيى.
ك_ۆلىدە زەمزەم سۈزۈك، باغدا ئانار، شاپتۇل، ئۆرۈك...
مېۋىلەر شېرىن، چۈرۈك... دان، پاختىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
قوشنىلار ھەم ئ_ۆزئ_ارا ئۆملۈك، ئىمان_غا مەھلىيا،
ئ_ەڭ چىرايلىقـــتىن چىرايلىق گۈلئۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
توخۇ، ئۆردەك، ئىت، مۆشۈك، مال... ياڭرىتار سىمفونىيە،
ئىل_كىدە ياي_رايدۇ ب_ارچە ج_انىۋار ئۇيغۇر ئۆي_ى.
چ_ۆچىكى بوۋاي - موماينىڭ ئ_ارمىنى جەننەتسىمان،
ئەھلى بات_ۇر خىسلىتىگە جەڭ_گىۋار ئۇي_غۇر ئۆيى.
مەكتىپى ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت، ئۆرپ - ئادىتىم،
ئادىمىي_لىك_تە ئاۋام_غا ئې_تىبار ئــۇيغۇر ئۆي_ى.
ئىزگ_ۈ ئىشلار ئ_ۇۋىسىدۇر قۇت، ھايات_قا باشپاناھ،
بايلىقى ئىن_سانىيەت_كە ت_ۆھپ_ىكار ئۇيغۇر ئۆي_ى.
«ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقىدۇر پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى»،
ھەم ئەزىز مېھمان ئۈچۈن شاد دىل_خۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
سەن ئۆمۈرلۈك قىممىتىم، قۇدرەت قۇچۇشتا ھۆرمىتىم،
ئالدى پ_ارلاق مىللىتىمگە ئىزب_اسار ئۇيغۇر ئ_ۆيى.
ئ_ۆي مېنىڭ جان لەزىزىم، ئۇشبۇ ۋەتەن_دە يىلتىزىم،
تىنچ - ئامانلىق، قۇت، راھەتكە ئىنـتىزار ئۇيغۇر ئۆيى!
ئۇيغۇر بېزەكلىرى (غەزەل)
ئەيا ئەھلى جاھان، تاپقىن خەۋەر بىزنىڭ بېزەكلەردىن،
ھاياتىم كۆركى، ئەجداد روھى، سۇلماس گۈل-چېچەكلەردىن.
نېمە بۇندا بېزەكسىزدۇر، ئاشۇ ئەلگە كېرەكسىزدۇر،
تەۋەللۇتكى بېزەك ئۆزلۈك، تېرەن، ئالىي تىلەكلەردىن.
بېزەكلەردە ئاقار دەريا، چاراقلار ئاي، قۇياش، يۇلتۇز،
ساداسى مەۋجۇداد ھالقىپ چۈشەر ئاسمان-پەلەكلەردىن.
قەدىم ئۆرنەكلىرى مىڭئۆي، بېزەكلىك، تاشكېمىر رەڭدار،
جاۋاھىر تارىخى شاھىد چېۋەر، ئىشچان بىلەكلەردىن.
نەقىشتۇر ئۆي-ئىمارەت تام، تورۇس، پەگاھلىرى ھەتتا،
ئېچىلغان خىلمۇخىل گۈل تاش، سېغىز، گەچ، سىر، كېسەكلەردىن.
بېساتى-بارلىقى ھەركىم ھۈنەر-سەنئەتتە مەڭگۈلۈك،
جۇلا ئەيلەر سەرەمجانلار ئىشىك، تۈڭلۈك، روجەكلەردىن.
تۆمۈرچى سوقسا سايماننى، قىلىپ لال پەرى-شەيتاننى،
ياغاچچى راسلىغاي سىپتا-نەپىس جابدۇق كۆتەكلەردىن.
گىلەم، كىگىز، يىپەك، ئەتلەس يۈزىگە باغ-ئېرەم يەتمەس،
زىيا ئۆچمەيدۇ زەي، زۇننار ئېسىل كىيىم-كېچەكلەردىن...
ئويۇلغان قاشتېشىدىن ئۇز زىبۇزىننەت كۆزۈڭگە ئوت،
كۈلەر تۇرمۇش ئۈزۈك، ھالقا، بىلەزۈك، كېپىنەكلەردىن.
مۇھەببەتتىن كۈلەر ئالتۇن بەلەن زەرگەر قولى ئۈزرە،
يانار يالقۇن بېزەنگەن خۇش، ئوماق قىز-سېكىلەكلەردىن.
گېزىت-ژۇرنال، كىتابلار ھەم بېزەكلەر ئىلكىدە جەلىپكار،
يەنە ھەيكەلتاراش، رەسسامۇ-خەتتات قوشكېزەكلەردىن.
بېزەشلەردە شەھەر، سەھرا، بىنا، يول... ھەممىسى كۆركەم،
كۆرەرسەن يېڭىلىق پەرداز ئېتىز، قىر، تاپ-چۆنەكلەردىن...
«ھۈنەر-قىلساڭ ئۈنەر»، بۇ ئەنئەنەمنى چاغلىما ئاددىي،
گۈزەللىك جەۋھىرى تامغاي پىچاق، قايچا، ئېكەكلەردىن.
جىمى ساھە، كەسىپ سىدام چىقارماس مەھسۇلات زىنھار،
بۇيۇملارغا كۆچەر ئەينەن ئۇدۇم، ئوتلۇق يۈرەكلەردىن.
بېزەكلەر قۇرۇماس يىلتىز، ھاياتىي كۈچى زور-چەكسىز،
تاماشا ئەيلە ئۇيغۇر قوينىدىن-كاتتا كۆرەكلەردىن... !
مەنبە:ئوزۇم يىغىپ ساقلىغان.
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى