ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى بىر ھېكايە
خەلىپە ھارۇن رىشىت بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن دۈشمەن گېنىرالىغا شۇنداق دەپتۇ. مېنىڭ ساڭا بىر شەرتىم بار ئەگەر سەن ئۇ شەرتىمنى ئۇرۇنلىساڭ سېنىڭ جېنىڭنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىمەن ۋە سېنى ئازات قىلىمەن. مېنىڭ شەرتىم شۇ: «ئاياللار ھاياتىدا نىمىنى ئەڭ كۆپ ئارزۇ قىلىدۇ؟» بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپ، جېنىڭنى قۇتقاز، دەپتۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان گېنىرال جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇچرىغان ھەممە كىشىدىن دىگۈدەك سوراشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى كىشىلەردىن كاف تېغىدىكى بىر جادىگەرنىڭ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ، كېچە- كۈندۈز دېمەستىن ئات چاپتۇرۇپ ئۇ جادىگەرنى ئاخىرى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە جادىگەردىن- «ئاياللار ھاياتىدا نېمىنى ئەڭ كۆپ ئارزۇ قىلىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
قورقۇنۇچلۇق جادىگەر گېنىرالنىڭ بۇ سۇئالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنداق قورقۇنۇچلۇق بىر شەرت قۇيۇپتۇكى، جادىگەر گېنىرالغا- «سۇئالىڭنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن ئۆيلۈنۈشۈڭ كېرەك ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا سۇئالىڭنىڭ جاۋابىنى ئۆگۈنەلەيسەن» دەپتۇ. جارىسىز قالغان گېنىرال جان قايغۇسىدا جادىگەرنىڭ بۇ شەرتىنى قوبۇل قىپتۇ.
گېنىرال جادىگەردىن سۇئالىنىڭ جاۋابىنى ئېلىپلا يولغا چىقىپتۇ ۋە ھارۇن رىشىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ- « ئاياللار ئەڭ كۆپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خېلىپە ھارۇن رىشىت گېنىرالنى كېچۈرۈم قىپتۇ ۋە قويۇپ بىرىپتۇ.
گېنىرال جادىگەر بىلەن ئۆيلىنىشكە ۋەدە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارۇن رىشىتنىڭ ھوزۇرىدىن چىقىپ جادىگەرنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ۋەدىسى بويىچە ئۆيلۈنۈپتۇ. توي كېچىسى گېنىرال شۇنداق جادىگەرگە قارىغان ئىكەن ئۇ جادىگەر شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى، ئۇنداق چىرايلىق بىر ئايال دۇنيادا يا بار، ياكى يوق ئىكەن.
جادىگەر ئۇ قاراڭغۇ ئۆيدە گېنىرالغا- مېنىڭ تەغدىرىم مەنە مۇشۇنداق، بىر كۈننىڭ پەقەتلا يېرىمى مۇشۇنداق گۈزەل بولىمەن قالغان قىسمىدا قورقۇنچلۇق جادىگەر ھالىتىدە ياشايمەن. مەن بۇنىڭدىن كېيىن كېچىلىرى سېنىڭ بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا مۇشۇنداق چىرايلىق بۇلايمۇ ياكى كۈندۈزلىرى سىرتتىكى ھاياتىمدا چىرايلىق بۇلايمۇ؟ سەن بۇنىڭغا نىمە دەيسەن دەپ گېېنىرالدىن سوراپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ گېنىرال ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئويلۇنۇپتۇ ۋە ئاخىرى- قانداق قىلىشنى سەن بىلىسەن، ئۈزەڭ قارار قىل دەپتۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ جادىگەر ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە شۇ گۈزەللىكى بىلەن قېپتۇ.
1- ئاياللار ئەڭ كۆپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
2- ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلغان ئايال ھەر ۋاقىت گۈزەلدۇر.
3- مەيلى گۈزەل بولسۇن، ياكى سەت، ھەر ئايال ئەسلىدە بىر جادىگەردۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى، ئۈمۈت قىلىمەن.
http://www.gencsau.com/forum/kad ... ikaye-t30789.0.html