ھېكايە
مەڭگۈلۈك ئاخسا شۇم
كۆزلىرىمنى ھاراق بىلەن لىق تولدۇرۇلغان رومكىغا تىككىنىمچە نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم . تىلفۇنۇمنىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى بىلەن ئاشۇ گادىرىماچ خىياللاردىن قۇتۇلدۇم . تىلفۇننىڭ ئېكىرانىدىكى ماڭا يادا بوپ كەتكەن شۇ نۇمۇرغا ئاچچىق تىكىلدىم . ئالماي دېدىميۇ قايسىدۇر بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە يەنە تىلفۇننى ئالدىم .
__ قەيەردە سەن ؟__ شۇنچە زىل ئاۋازمۇ قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى .
__نىمە چاتىقىڭ ؟__ ئاچچىق بىلەن شۇ سۆزنى ئېيتتىم !
__ كەلسەڭ ئوبدان بىر پاراڭلاشساق بوپتىكەن !
__ نىمىنى پاراڭلىشىمىز !؟ ساڭا ئىشەنمەيمەن ! بىلىپ قوي قىزلار دېگەن ساماندەك ، ئاشۇ ساماندەك قىزلار تۈگەپ كەتكەن تەقدىرىدىمۇ ساڭا ئىشەنمەيمەن ! بىلىۋاتامسەن ! ؟
تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم ، قايتا _ قايتا كەلگەن تىلفۇندىن بېشىم ئاغرىپ بولالماي تېلفۇنۇمنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئۇنىڭ نۇمۇرنى كىرگۈزىۋەتتىم .
نېمىشقىكىن ئالدىمدىكى شۇ ھاراقنى ئىچكۈم كەلمەي قالغان ئىدى . ئەتگەندىن بېرى كاللامغا كىرىۋالغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كۆرۈپ شۇ جاۋاپقا ئېرىشىپمۇ بولغان ئىدىم .
تېلېفۇنۇم يەنە قايتا سايرىدى . قارىمايلا تىلفۇننى ئالدىم .
__ ۋەي ، ئاداش ، نەدە سەن !؟
__ نەدە بولاتتىم ، كونا جايدا تىز كېلە !
تىلفۇن قىلغان سىنىپ باشلىقىم ئادىل ئىدى . ئۇمۇ ھايىلىشمايلا كەلدى .
__ يالغۇز ئولتۇرۇپسەنغۇ ئاداش ؟ نېمانچە ئۆزۈڭنى قىينايسەن ؟ دېدىمغۇ ! ئۇنىڭدىن ۋاپا كەلمەيدۇ !
بايىقى بىر نەچچە رومكا ھاراقنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ، بېشىمنى ئۇنىڭ دۇلىسىغا قويغىنىمچە يىغلاپ كەتتىم . ئۇمۇ مېنىڭ بۇ قىلىقىمنى كۆرۈپ ھەيران بولغان بولسا كېرەك .
__ ھوي ، بىز دېگەن ئەركەك ! نىمە يىغلاپ يۈرۈيسەن ! بولدى قىل ھە ، بىزنى ئانىمىز ئوغۇل دەپ تۇغقان ئاداش، بولدى قىل ! -
ئۆزۈمنى شۇ يىغىدىن مىڭ تەستە توختاتتىم .
__ ئاداش ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىدىم ؟ قارا ئاداش ئوغۇل بالىدىمۇ شۇنداق بىر يۈرەك بار ئىكەن . شۇنچە نازۇك . بىلەمسەن ؟ بۈگۈن نېمىنى كۆردۈم ؟ بىلمەيسەن !
يەنە شۇ يىغا مېنى قاپساپ تۇراتتى .
__ قارا بۈگۈن سۇ ئۈستى باغچىسىغا تولۇقتا بىللە ئوقۇغان باللار بىلەن چىققان ، ئوغۇللارلا دىيىشكەن قىز دوسلىرىمىزنى ئېلىپ چىقماقچى بولغان . مەن ئايقىزغا بىللە چىقايلى دېسەم دادام كەلمەكچى ئىدى شۇنىڭ ئالدىغا پويىز ئىستانسىغا چىقىمەن دېدى . بوپتۇ دادىسىنىڭ ئالدىغا چىقمىسا قانداق بولىدۇ دېدىم . بىراق سۇ ئۈستى باغچىسىدا ئۇ بىر ساۋاقدىشىم بىلەن تۇرۇدۇ ، قىزىق ساۋاقدىشىم ئۇنى بىزگە تونۇشتۇرغىچە ئۇ مېنى كۆرمىدى . قارا ئاداش . مېنى تونۇشتۇرغاندا چاندۇرماي ياخشىمۇسىز دەيدۇ ! ئاداش ئۇنىڭغا ئەمدى ئۆلسەممۇ ئىشەنمەيمەن ! ئاداش ، ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قىلمىغىنىم قالمىدى . مانا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتىرىمىز . ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن ! نېمىلەرنى قىلمىغان !
ئادىل گەپلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى .
__ ماڭا قارا ئاداش ، ساڭا دېگەنغۇ مەن ! ئۇ قىز بولمايدۇ دەپ ! ئاڭلىدىڭمۇ ؟؟؟ ساڭا يالۋۇردۇم ! ئاڭلىدىڭمۇ ؟؟؟ تىللىدىم ! ئاڭلىدىڭمۇ ؟؟؟ توغرا ، بىرسىنى ياخشى كۆرۈش خاتالىق ئەمەس ، ياخشى كۆرۈشكە تېگىشلىك ئەمەس ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مانا بۇ خاتالىق !
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ بىر خىل ئازاپ چىقىپ تۇراتتى . چىلاشقۇدەك ئىچۇق . مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىن ياتاقتىن بىرنى ئالدۇق ۋە ئادىل بىلەن شۇ ياتاقتا ياتتۇق . بىر كېچە ئوتتۇرىمىزدا نېمە پاراڭلار بولدى ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى .
__ ھەي ، دىل! تۇرە !
كۆزلىرىمنى مىڭ تەستە ئاچتىم ، ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك باشلىرىم لوڭۇلداپ ئاغرىيتتى. ياتاقنى قايتۇرۇپ سىرىتقا چىقتۇق . بىر تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىدىن سۇيقاش ئىچىپ مەكتەپكە قايتماقچى بولدۇق .
__ ئاداش ، تورخانىغا كىرەمدۇق ! ؟
ئادىل ماڭا سۇئال تەلەپپۇزدا قاراپ تۇراتتى . بېشىمنىڭ ئاغرىپ تۇرىشىغا قارىماي مەنمۇ قوشۇلدۇم .
كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىمەن ، خىياللىرىم قەيەرلەرگىدۇر پەرۋاز قىلغان . چ چ رىمنى ئاچتىم . چ چ رىمنى ئېچىشىمغىلا تىتىلداپ شۇنداق كۆپ خەت كەلدى . بۇ خەتلەر باشقا بىرىدىن ئەمەس ، دەل ئايقىزدىن كەلگەن ئىدى . خەتلەرنى بىر بىرلەپ ئوقۇشقا باشلىدىم .
__ دىل ، بىلىمەن سەن مېنى ياخشى كۆرىسەن ! شۇنداق ياخشى كۆرىسەن ! بۇنى بىلىمەن ، مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن . بىراق ، مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ياخشى قىز ئەمەس ! ساڭا دېسەم ، مەن شەھەردە ئويناپ شەھەرگە كۆنۈپ قالغان بىر قىز ! كچىكىمدىن دادام ئانامنىڭ باشقۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي كوچا قىزلىرى بىلەن ئالاقەم ناھايتى قويۇق بولغان ، شۇ قويۇۇق مۇناسىۋەت مېنى كوچا ئوغۇللىرى بىلەن تونۇشۇشقا مەجبۇر قىلدى . كىيىنچە مەن ئۆزۈمنى تارتاي دەپمۇ تارتىپ بولالمىدىم ! بىلەمسەن ؟ مەن ئوغۇللار قىلمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىمەن . ساڭا دېگەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ ، ئچ ، چەك ، ئوينا دەپ ، سەن قىلالىدىڭ . شۇ نامازلىرىڭنى تاشلاپ مەن دىگەننى قىلالىدىڭ ! مەن شۇ چاغدىلا سېنىڭ مېنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى بىلىپ يەتكەن . بىراق ساڭا ئوچۇق قىلىپ پۇشايمان قىلىسەن دېسەم . سەن ئۈچۈن ئەرزىيدۇ دېگەن ئىدىڭ ! بىلەمسەن ؟ شۇ چاغدا سېنىڭ مېنى ياخشى كۆردىغىنىڭنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم . بىراق ساڭا دېسەم مېنى ياخشى كۆرمە ! ھازىردىن باشلاپ مېنى ئۇنتۇپ كەت ! ھاياتىڭدا مەن بوپ باقمىغان بولاي . مېنى ئۇنتۇپ كەت !
مۇشۇ خەتلەرنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . ئېسىت شۇندىن باشقا بىر قىزغا شۇنچىلىك ئەقىدە شۇنچىلىك ئۈمۈد باغلىغان بولسام ھە !
تورخانىدىنمۇ شۇنچىلىك مەيۈس ھالدا چىقىنىمنى كۆرگەن ئادىل ماڭا ئۈمۈدسىزلا بىر تىكىلدى . ئۇ يەنە نىمىلەرنىدۇر ئويلدى .
__ ئاداش كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ توپ ئوينايلى قانداق ؟
__ بولدى قىلايلى ئاداش كىرىپ ئارام ئالاي !
ئۇمۇ باشقىچە گەپ قىلمىدى . ياتاققا كىرىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم . كۆزلىرىمدە بىر خىل ئۇيقۇ مېنى ئۆزىگە جەلىپ قلىپ تۇراتتى .
سۇ ئۈستى باغچىسىدا ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناۋاتىمەن ، ئۇنىڭ شۇ ئىللق قولىىرىنى پۈتۈن ھارارىتىم بىلەن تۇتۇپ تۇرىمەن ، ئېللىق كۆزلىرىگە پۈتۈن مېھرىم بىلەن تىكىلىمەن ! بىراق ئۇ شۇنچە سوغۇق . مۇزمۇ ئۇنداق سوغۇق بولماس . پۈتۈن بەدىنىم مۇزلىماقتا . تتىرىمەكتىمەن !
__ دىل ، ئويغىنە ئاداش ، كەچلىك مۇزاكىرىگە چىقىمىز !
ئورىنىمدىن شۇنچە دەرمانسىزلا تۇردۇم . سىنىپقا كىردىم ۋە ئادىلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم .
__ ئاداش بۇنى يەۋال .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۈستەل ئىچىدىن بولكا بىلەن بىر بوتۇلكا مېنرال سۇ بەردى . ئۇنىڭغا رەھمەت دېگەن مەنىدە تىكىلدىم . قورۇسقۇمنىڭ ئاچلىقىدا ئۇنى بىر دەمدىلا يەپ بولغان ئىدىم . مېنىرال سۇنى ئىچىپ شۇنداق راھات ھېس قىلدىم . چۈنكى ئادىل قەلبىمنى چۈشەنگەندەك مېنرال سۇنىڭ قۇتىىسغا پىۋا قاچىلاپ ئەكىرگەن ئىدى . ئىچىپ بولۇپلا يەنە شۇ مۇڭلۇق ئۇيقۇمنى باشلىۋەتتىم . بىرىنىڭ تۈرتىشى بىلەن ئويغاندىم .
__ ئاداش ، سېنى چاقىرىدۇ !
ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقتىم . سىرىتتا سەن تۇراتتىڭ .
__ نىمە ؟ ئىزدەپتىكەنسەن ؟
ئۇ ئاستالا ماڭا قارىدى .
__ ماڭا ئىشىنەمسەن ؟
ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى ، قانداق جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەيتتىم . راستىنى ئېيتسام ، مەن ياخشى كۆرگەن مۇشۇ قىزغا ئىشىنەمدىم ، ئىشەنمەمدىم . بۇنى بىلمەيتتىم .
__ ئىشىنىمەن !
ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلگىنىچە
__ مەن ساڭا شۇنزىۋىلا ئىشلارنى قىلساممۇ ماڭا ئىشىنەمسەن بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
__ چۈنكى ..... مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن !
ئارىدىن 3 يىل ۋاقىت ئۆتتى ئوغلۇممۇ تەمتىلەپ ماڭغىدەك بولدى . ئايقىز بولسا ماڭا ھەمراھ !
ئۇنىڭ چ چ رىمغا شۇ كۈنى ئاخشىمى ، ھېلقى سېنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن ئاخشىمى نىمە دەپ خەت قالدۇرۇلغىنىنى بىلەمسىلەر !؟؟؟؟؟
__ دىل ! سېنىڭ ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىڭگە رەھمەت ، بىلەمسەن ؟ سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى ئاشۇ يىگىت مېنىڭ نەۋرە ئاكام ! ساڭا رەھمەت . ماڭا شۇنداق ئىشىنىدىكەنسەن . مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىكەنسەن ، بىلەمسەن سەن ماڭا تەلەپ قويغان كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى تۈزۈدۈم . ناماز ئوقۇشنى ئۈگەندىم . ھازىر بەش ۋاخ ، ھېلقى كۈنى چ چ رىڭغا قالدۇرۇپ قويغان خەتلەر پەقەتلا سېنى سىناش . نىمىشقىكىن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئەنە شۇندىن كىيىن ئۆزگەردىم ، سەن باشقا قىزلارغا چاخچاق قىلساڭ باشقىچە بوپ قالاتتىم . ساڭا راست گەپنى دېسەم مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن !
2011 -يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى
مەڭگۈلۈك ئاخسا شۇم
ئەسكەرتىش : ھېكايە ئاكامنىڭ ئاغزىدىن ، مېنىڭ ئازىراق ئۆزگەرتكەن يەرلىرىممۇ بولدى.