مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2482|ئىنكاس: 4

MSN دا توپ قۇرۇش دەرسلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://www.alip.biz

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33319
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8249
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 1838 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 04:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MSN Messenger نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىشلىتىدىغانلار كۆپەيسۇن دېگەن مەقسەتتە afrasyap@live.cn دېگەن ھەقلىق MSN توپنى قۇرغان ئىدىم. بۇ توپتا ھازىر 200 دەك ئادەم بار. بۇ توپتىكى بەزى تورداشلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا توپ قۇرۇش ئارزۇسى بار ئىكەن. پات-پات شۇ ھەقتە سوراپ قۇيىدۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىكنى تۈزۈپ قويدۇم.

MSN Messenger نىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىۋاستە توپ قۇرۇش ئىقتىدارى بار، ئەمما ئۇ توپقا ئاران 20 ئادەم پاتىدىكەن، ھەم تورداشلار تىزىملىكىمىزدە يوق كىشىلەرگە توپ ئادىرسنى ئەۋەتىپ تەكلىپ قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئۈچۈنچى تەرەپ ۋاستىسى ئارقىلىق توپ قۇرساق خېلى قولايلىق، ئادەم سانى ۋە باشقا جەھەتلەردە چەكلىمە يوق. (ئۈچۈنچى تەرەپ دېتالىنى قوللاش MSN Messenger نىڭ باشقا ئالاقە دېتالىدىن پەرقلىندىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى. بۇ ئىقتىدار بولغاچقا ئەسلىدە يوق ئىقتىدارلارنى ئۆزىڭىز خالىغانچە پىروگرامما تۈزۈپ قوشالايسىز)

توپ قۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئادېرسنى ئېچىڭ. http://msngroup.cn  ئاندىن ئۈستىدىكى 创建MSN群 دېگەن يەرنى بېسىڭ.
  

بۇ رەسىمدىكىدەك چىققاندا MSN ئادېرسىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ جەزملەشنى بېسىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدەك چىقىدۇ.

  

بۇ رەسىمدىكى  自由加入 دىگەن تۈر تاللانسا توپقا كىرمەكچى بولغانلار خالىغانچە كىرەلەيدۇ.
申请加入 تاللانسا باشقۇرغۇچى تەستىقلىسا ئاندىن كىرەلەيدۇ.
问答加入 تاللانسا ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان سۇئالغا توغرا جاۋاپ بەرگەندە ئاندىن كىرەلەيدۇ.
限制加入 تاللانسا پەقەت باشقۇرغۇچى تەكلىپ ئەۋەتىپ ئەكىرسە ئاندىن كىرەلەيدۇ.

بۇلاردىن بىرسنى تاللاپ كېيىنكى قەدەمنى بېسىڭ. تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.
  

بۇ ئورۇنغا توپ ئىسمى، خاراكىتىرى، ئورنى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ كېيىنكى قەدەمنى باسىسىز.

  

بۇ يەردىكى 使用系统分配的群帐号(免费)دېگىنى ھەقسىز توپ بولۇپ، پۇل تاپشۇرمايسىز. توپتا سۆزلىشۋاتقاندا ئېلان كۆرۈندۇ ھەم توپنىڭ ئادېرسىنىمۇ سىز بەلگىلىيەلمەيسىز، group123456@msnzone.cn دېگەندەك ئىسىمنى سىستېما ئاپتۇماتىك بەلگىلەپ بېرىدۇ.
使用个性化帐号(价格:200i币/终身) دېگەننى تاللىسىڭىز ھەقلىق توپ. ئېلان كۆرۈنمەيدۇ. ئادېرسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز. مەسلەن: afrasyap@live.cn  دېگەندەك.

بۇلاردىن بىرسنى تاللاپ كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز. مەن سىناق ئۈچۈن ھەقسىزنى تاللىدىم. تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنسە توپ مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ.

  

ئاندىن بۇ يەردىكى 点击以添加 نى بېسىپ قۇرۇلغان توپنى MSN گە قوشىمىز.
  
  
  

بۇلاردىن جەزملەش ياكى كېيىنكى قەدەم دېگەنلەرنى بېسىۋەرسەك بولىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توپنى قۇرۇش ۋە ئۆزىڭىزنىڭ MSN گە قوشۇش مەشغۇلاتى تاماملاندى. ئەمدى تورداشلارنى تەكلىپ قىلىپ ياكى ئادېرسىڭىزنى تورداشلارغا ئەۋەتىپ ئۇلار كىرگەندىن كېيىن سۆھبەتنى باشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى توپتا سۆزلىشۋاتقاندىكى ھالەت.
  



چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئالىپ تورىدىكى مەنبەسىگە كىرىپ سورىساڭلار تېزلىكتە جاۋاپقا ئېرىشەلەيسىلەر

MSN نى قاچىلاش، ئۇيغۇرچىلاش، ئىشلىتىش دەرسلىكى بۇ يەردە

مەنبەسى : ئالىپ تورى

ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم.
ئالىپ تور بېتىدە مەخسۇس ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار بار http://www.alip.biz

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئالىپكا ، جاپا تاتىپسىز .

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
raddiya بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 06:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 06:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىشلىتەي دېگەن سىغىمىمۇ بەكلا چوڭكەن.ھەم مېنىڭ ئىشلىرىمى ئاساسەن چ چىدىلا يۈرۈشىدۇ،ماڭا لازىملىق ئارىسىدا خەنزۇلار كۆپرەك بولغاچقا ئامال يوق بولۇپ قالدى.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 08:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش