مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14995|ئىنكاس: 66

پاكلىق بەرگىمدىن سۆيگۈ گۈلشىنىمگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57732
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 03:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[paragraph]



سۆيگۈ گۈلشىنىدىكى ھەر قانداق بۇلبۇل ئۆزى خالىغان ھەر قانداق گۈلگە قونالايدۇ،لىكىن پاكلىق بەرگىدە ئېچىلغان ھەرقانداق گۈل ئۆزى خالىغان بۇلبۇلنى ئۆزىگە قوندۇرالمايدۇ.


     تاڭ قوينىدىكى يوشۇرۇنغان ۋىسال شەپەقلىرىدە مىنىڭ سۆيگۈم بار ئىدى. ئۇنى ئۇپۇقلارغا تىكىلگەن كۆزۈممۇ كۆرۈپ باقمىغان،چىن ۋاپانىڭ غەمخانىسى قەلبىم، ھەممە گۈزەللكىدىن مەمنۇن بولدىغان ئەمما بۈگۈننىڭ ماتىمى بولغان ئاشۇ ئۇپۇققا ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدىم. پاكلىق رەستىسىدە سۈزۈكلۇك ئىلكىدە ھۆرمەت سازىنى كۈيلەپ ئىنسانى مىھرلىرىم تومۇر تومۇرلۇرۇمغا سىڭگەن ئىدى،ئەقىدەمدىكى ئاقلىق، كەلگۈسى ئۆمۈر يېشىم بىلەن يۈغرۇلغان ئىدى،ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىمىگىمۇ،مۇڭسىرغان تەنھا دىللارغىمۇ ، تەلمۈرگەن تەبەسسۇملارغا سىڭگەن ئاشۇ قارا كۆزلەرگىمۇ، چىن لەۋدىن يىراق ۋەدىلەرگىمۇ، مال دۇنيا بىلەن ئادىمىيلكى قوشۇلۇپ كەتكەن سىمالارغىمۇ،قوشۇلماي تۇرۇپ بۇيۇك ئارمانلار چۇلغىغان جۇپ يۈرەكلەرگىمۇ،ئۆز رەڭلىرى بىلەن ئۆزى قايمۇققان بىچچارە دۇنياغىمۇ كۆرسىتىپمۇ باقمىغان ئىدىم، شۇنچە تاتلىق كۈلىكىسى بىلەن ھىجران دىلىمنى گاھ ئۆرتەپ گاھ ئاچچىق ھېسلاردا ھەم ئوماق ھەم رەھىمسىزئىنسان بېرىلگەن ئۇلۇغ مۇھەببەتتىن  يىراقلاپ كەتكىنى قەلىب ئىدى رازىلىق بېرلگەن سۆيگۈم تۇزلۇق كۆز ياشلرىمنى قوشۇپ پاك زىمىن يامغۇرى پۇتۇن كائىناتنى يۇيغان ئۇنچە سۇلىردەك پاكلىق ئىلكىدە شۇنچە جىلۋىدار ئىدى.


مەيلى سەن ئۈچۈن

زىمىن گۇناھ ئارىتسا ساڭا،مەن سەن ئۈچۈن گۇناھكار بولاي،

مەيلى قەدرىمگەيەتمەي خار قىل،ئەقىدە باغلىغان گۇناھىم ئۈچۈن،

بەندە قولىدىن كەلمەيدۇ ئەسلا،بەندە گۇناھىنى ئۆزىگە تىلەش،

مەيلى بىر ئۆمۈر تىلىسەم،سىنى دەپ قول كۆتۈرگەن دۇئايىم ئۈچۈن.

باشقىغا باق،سۆيگۈ تىلەپ يالغان كۈلۈپ،ئۇنى خوش قىلىپ،

مەيلى يۈركى كۈلمەس بولغان،ئاشۇ بەخىتسىز دۇنياھىم ئۈچۈن،

باھارىڭدىكى كۈلكەڭنى دەپ،سۇلساممۇ ئۈششۈك جۇدۇندا ھەم،

مەيلى ئايلانسام ئىنساندىن تاشقا،سەن كەبىي گىياھىم ئۈچۈن.



قەلبىم سېۋىتىگە لىققىددە تولدۇرۇلغان شىرىن ھەم سۈزۈك تۈنجى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بەدلىگە ئەقىدەمگە بىرلگەن تەقدىرنىڭ ئاددىي ئەمما چوڭقۇر زەخمىلىك كۈتۈلمىگەن ئەمما كۈلكىلىك جاۋاپى <<ئايرىلىپ قېلىش>>ئېرىشتىم.



    زىمىن ئاسمىنىدا نۇرغۇن جۇلالىق يۇلتۇزلار بار ئىدى. سەن بىر يۇلتۇزۇم سۆيگۈمنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئاشۇ شەپەق تەرەپكە قاراپ ئاقار يۇلتۈزلار كەبىي ئۆچتۈڭ، يەنە نۇرغۇن جۇلالىق يۈلتۈزلار ماڭا قاراپ كۈلۈپ چىمىرلايدۇ،دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ كىلۋاتاتتىم ، مىنىڭ ھەر بىر تاللاش پۇرسىتىمدە رىسقىمنىڭ ئالدىنقىدىن كەملەپ كىتىدانغانلىقنى بىلەتتىم، تىنىلغان ھەر بىر دەقىق نەپسىمدىن ،شۇنچىلىك ئسسىق ھىدلىرىمىزنى ئىزدەيمەن،ئەمما تاپقىنىم ھىجران ئىچىدىكى ۋىسالسز تىتىرگەن ئۆزۈمنىڭ تىنقى ئىدى ... سوقۇۋاتقان ھەر بىر دەقىق يۈركۈمدىن سۆيگۈ قۇچقىدا ئەللەيلەنگەن يۈركىمىزنىڭ تاۋۇشنى تىڭشايمەن.. ئاڭلىغىنم ھاياتتىن ئاخىرقى مەنزىللىرگە بېرىپ قالغان قاچان توختاپ قېلشى نامەلۇم بولغان ئۆزۈمنىڭلا يۈركىنىڭ بارغانچە ئاستىلاۋاتقان تاۋۇشى ئىدى...
   ھەجەپ تاتلىق مۇھەببەت ياراتقان ئىدۇق پەرھات –شىرىنلاردەك تىللاردا داستان مۇھەببەت يارتالمىساقمۇ ئاددىي ئەمما ئۇنتۇلغۇسىز ھەمىمىز سۆيۈنگۈدەك مۇھەببەت يارتىمىز دىگىنىمىز ھەر ۋاقىت بوينۇمدىكى مۇھەببەت تۇمارى بولۇپ يالتىرايتى. ھەر قېتىملىق ئەسسالامدىن كىيىنكى كۆزلىرىمىز ئىچىگە تىكلەلمەي يەرگە قارىغان كۆزلىرىمىزدىن، شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمىزدىن ئەخلاق ،ھايا بۇلاقلىرىدىن قانغۇدەك ئىچسەكمۇ يەنە قانمىغان قەلىبلىرىمىزنىڭ سىماسى ئەكىس ئىتەتتى.ۋاپا-ھۆرمەت تۇتۇشقان قوللىرىمىزنى چىڭ ئاجىرىماس قىلغان ئىدى.
باھاردىكى سىم-سىم يامغۇر نۇرغۇن دىللارغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ  ئاتا قىلغىنىدەك ياشلىقتىكى توختالغان ئەقلىمىز بىزگە ئاشىقلار كوچسىدىكى ئەقىدىدىكى پاكلىقنى ئاتا قىلغان ئىدى،ماڭا بولغان كۆيۈنۈشىڭ ۋە ساڭا بولغان مەسئۇلىيەتىم مۇھەببىتمىزنىڭ يىمرىلمەس،يىقىلماس ئابىدىسى ،ئەڭ زىل يارقىنلىقى ئىدى،سەن كىتىپ پەرىشتىلەرنى يىغلاتقان كۈنىڭ چۈشلىرىمگە كىردىڭ چەكسىز نۇرلار ئىچىدە يۈرگۈدەكمىز ،ئاپئاق كىيىملىرىمىز نۇرلار ئىچىدە كۆزنى چاقنىتاتتى ،سەن ماڭا پات –پات قاراپ قوياتتىڭ تەبەسسۇملىرىمىز ھىلىلا چۈشۇپ كىتىدىغاندەك يۈزلىرىمىزدە لىغىرلايتى،بارماقلىرىم بارماقلىرىڭغا ئېلىنغان ئىدى،قوللىرىمىزدىكى گۈلگە قوشۇلغان سىمايىمىز ھەممە جانلىقلارنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى، ئالتۇن ئۈزۈككە قوشۇلغان ياقۇت كۆزلەرمۇ بىزدىن خىجىل بولاتتى، شۇنچىلىك مەمنۇنىيەت ئىلكىدىكى جىلۋىدارلىق ئىچىدە كىتۋاتاتتۇق تۈيۈقسىز ئاسماننى قاپقاراڭغۇلۇق قاپلىدى ،ئاپئاق نۇرلار بىزدىن خوشلىشىپ بىر يەرلارگە يوشۇرۇندى،بىر-بىردىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەن قارۋەيامغۇرمۇ  بىللە ئاسماندىن چۈشەتتى ،بورانلاردا چاچلىرىڭ ھەريان تولغۇناتتى، شۇنچىلىك قاباھەت ئىچىدە بەخىت يولىمىزنى تىز پۇكمەي داۋاملاشتۇرۋاتاتتۇق، سەن يىغلىۋەتتىڭ،مەن كۆزلىرىڭدىكى ئۈنچە كەبىي ياشلارنى سۇرتۇپ تەسەللىي بېرەتتىم،چاپنىمنى سېلىپ ساڭا كىيگۈزدۇم، چىڭ قۇچاقلىدىم كۆز ياشلىرىڭ سوغۇق مۇرەمنى ئىللىتقان ئىدى ،مۇھەببەت ئۇ ئىككى يۈرەكنىڭ ئۆز ھەۋەسلىرى ئۈچۈن ھەرخىل تىترىشى ئەمەس ئىككى يۈرەكنىڭ بىر يۈرەككە ئايلىنىپ ئوخشاش رىتىمدا بىر ئارماننىڭ قۇچقىدا مەڭگۈلۈك بەخىت مەنزىلى ئۈچۈن يول ئالغان قەدەملەردە ئىدى،  ئاشۇ بەخىت مەنزىلىمىزدىكى ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن  قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتقىنمىزچە يەنە يولىمىزنى راۋان قىلغان ئىدۇق ،مەن شۇنىڭدىن خۇشال قىسقا بولسىمۇ ئۇنتۇلغۇسى ئاشۇ سەپەرلەردە قوللىرىمىز ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى، سىمايىڭ ھازىرغىچە دىلىمنى ھەسرەت بىلەن ئۆرتەپ ،ئاچچىق سۇلارنىڭ يۈتكۈزەتتى، ھاياتنىڭ جۇدۇنلىرىدا،قىينالغان داۋانلاردا،ئاچچىقتا تولغان چاغلىرىمىزدا بىز بىرگە ئىدۇق.




ئازاپنى تاشلا،ھاياتقاقىسقىن گۈل

بەختىڭ كۈلىدۇ،يىغلىما يۈرەك،

كۆزئالدانسىمۇ ئالدانمىسۇن دىل،

بەختىڭ كۈلىدۇ،يىغلىما يۈرەك،


ۋاپاسىزدىن زارلىنىپ سۆيگۈ سورىما

خاتا ئاتالغان ئەقىدەڭدىن سورا

تەبەسسۇمۇڭدائۆتنە جاھانغا قارا،

بەختىڭ كۈلىدۇ،يىغلىما يۈرەك،


چىن سۆيگۇگە ئېرشمەك تەس،

خارلىنىپ،قەدرىڭنى قىلما پەس،

ئەقىلىڭ بەختىڭگە ياپماس خەس،

بەختىڭ كۈلىدۇ،يىغلىما يۈرەك،




مۇھەببەت ئۇ بىر نازۈك گۈل


ئۇنى ئاۋايلاپ تۇتالمىدىم
ئالقىنىمدا قەدىرلەپ تۇتالمىسام توزىدى ،سۇلدى، چىقىپ كەتتى، بەك تەنتەكلىك قىلغان ئىدىم ،ياشاشنى باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ يوقاتقاندىن كىيىن قەدرى ئۆتۈلۈپ  ئۆز دەردىمنى پەقەت ئۆزۈمگىلا ئېيتتىم، تاللىغان گۈلۈمنىڭ قىممەتلىك نازاكىتى ئۇنىڭ دەل تىكىنىدە ئىكەن مۇجۇيمەن دىۋدىم قولۇمغا تىكىنى سانچىلدى،چۇنكى ھەممە مەۋجۇداد ئۆز قىممىتى بىلەن يارالغانلقنى ئەمدى بىلگەن ئىدىم....
ئۇنى ئاۋايلاپ پۇريالمىدىم.
كىچىككنە ھېسيات ئارلاشقان ئەخمەقلىقىم بىلەن ئەمەس،نىممەتلەپ بېرىلگەن ئەقلىم بىلەن پۇرۇدۇم،ئۇماڭا ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلىدى، مۇھەببەتلىك ھايات قوينىدا يايرىدىم. ئازغۇن بەندىلكىم شەيتانلارغا باھانە تېپىپ بەردى، ئۇزۇنغا بارمىدى، ھەر خىل پۇراقلارنى پۇرغۇم كەلدىم ئازغۇنلۇقۇم تەن بەردى،پارقىرىغان رەڭلەر مەسخۇش بولدۇم  ،مۇستەھكەم ئەقىدەم قورغىنى ئۆكسۇپ يىغلىدى،  كىينكى پۇشايمنىم مەن بىلەن ھەمراھلىققا تاللاندى ، خازان بولغان ئەقىدە ياپراقلىرىمنى مانا ھازىرغىچە سارغايغان قەلبىمدە باشقىلارنىڭ ئۇقۇشماي دەسسەپ سالماسلىقى ئۈچۈن ئاۋايلاپ تېرىپ كىلۋاتىمەن، كيىنكى بەختىمنىڭ چالا سايىسى يېقىنلاپ كىلۋاتاتتى ھەقىقىي بەخىت گۈلۈمنىڭ ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇپ ئۆتۇپ كەتكەن ئىدى  ئۆزۈمگە ‹‹ پىشانەمگە پۈتۈلگىننى ئەمەس رىسقىم قوشۇلالايدىغان ئۆز خىلىمدىكنى پۇراي،چۈنكى ھەممە گۈل ئۆز خىلىدىكلەرگىلا ھەققىي پۇراق چاچالايدىكەن››دىگۈم كەلدىيۇ...لىكىن كىچىككەن ئىدىم..
ئاۋايلاپ كۆرەلمىدىم...
،ئۆز پاكلىقىمغا چاڭ قونغان،پارقىراق خۇمالىق ،لكىن ئەقىدەم بۇلغانغان،نۇرغۇن ئاشىقلىق سىمالار، مەسخۇشلارغا توشۇپ كەتكەن قاپقارا كۆزلىرۈرم بىلەن كۆردىم  ماڭا قالغىنى پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز يېشى بولدى ، ياش كۆزلىرىمنى سۈرتۇپ ،مۈرلىرىمنى تىترەتكىنىمچە ئەقلىمگە كەلگەندەك بولدۇم ،ۋارقىردىم: ۋاپا ھۆرمەت بىلەن سۇغرۇلغان،ھەقىقىي ساپ مۇھەببەتنىڭ گۇۋاھچىسى ئاپئاق قەلبىم بىلەن كۆرەي،ئالۋۇنلارغا كۆزۈم ئالدانسىمۇ قەلبىم ئالدانمىسۇن ،مىنى ئاپئاق ياراتقان ئىگەم ئالدىدا ئاپئاق كېتىشىم ئۈچۈن مۇدھىشنى ئەمەس ئاپئاق ئەقىدە تىلەي،سەۋەپ ئەجىر قىلاي، شۇندىلا كۆز يېشىمنىڭ سۈزۈكلىكى ئۆزگەرمەيدۇ...




خەيىر سۆزلىرىم لەۋلىرىمنى چىشلىدى، مىڭ قەدەھ  زەرداپ ئىچىدە ئۆرتىنىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم، زۇلمەت قوينىغا ئەمەس تاڭلارغا ئۇلاشقان ساڭا ئوخشاش سۆيۈملۈك بىردەملىك بولسىمۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان شەپەق قوينىغا ئۈزتۈپ قويدۇم،


مۇھەببەتنىڭ كشەنسىز ھۆرلۈكى شۇمۇ؟

شۇم تەقدىرنىڭ كۈلۈپ تۇرغان زورلۇقى شۇمۇ؟

بەرگىنىڭ كۆپ ھېساپسىز،بەرگىنى كۆز يۇمۇش ئاخىر،

سەن تەلمۈرگەن بەخىتنىڭ خورلۇقى شۇمۇ؟


خەيىر...


ئاخىرقى ۋىسالنىڭ دەقىقلىردە مۇنۇ سۆزلەرنى خالىمساممۇ يەنە چىقاردىم تىلقىپ كۈلگەن چاغلىرىمىزغا خەيىر
بۇ سۆز شۇنچىلىك قىسقا ئەمما تالاي جۇپ يۈرەكلەرنى مەڭگۈلۈك ئايرىيدۇ،  بۇ سۆز شۇنچىلىك  ئاددىي، ئەمما تالاي ئاشىقلارنى  قان –قان يىغلىتىدۇ .

تاتلىق ئەللەيلەنگەن سۆيگۈمىزگە خەيىر
بۇ سۆزنى دىمەككە ئېھتىمال
كىتىدۇ بەلكىم بىر تىنىق،
لىكىن تالاي يىللارغىچە ئاشۇ بىر  تىنىقنىڭ پىراقىدا كۆيىمەن،
كىتىدۇ بەلكىم  يىنىك كۈلۈمسىرەش
لىكىن ئاشۇ بىر كۈلۈمسىرەش بىلەن قەلبىمدىكى زەرداپلارنى يوشۇرالامدىم؟؟؟؟

كىتىدۇ بەلكىم مىسكىن ئۇمچىيىش ياكى <<ئۇھ...>>
مۈرلەرنى تىترىتىپ ئۇزاق –ئۇزاق ئىسەدەش
<<ياق>> دىگەن مەندىكى باش چايقاش ۋە چىڭ يۇمۇلغان كۆزلەردىن چىققان بىر تامچە ياش ۋە ياكى يىراق -يىراق جايلارغا بېرىپ ئازغان كەبىي ساراڭلارچە ۋارقىراش،
شۇ سۆزدىن كىيىن ئېھتىمال ئىككى ھايات پويىزلىرىمىز
كىتىدۇ سىنىڭ ھايات پويىزىڭ قىسغىغىنە ھاياتلىق بەرگىڭدىن بىرمۇ گۈل ئېچىلماي ھەتتا توزۇشقىمۇ ئۇلگۇرمىگەن ئۇ دۇنيادا ساقلاۋاتقان مەن تىلىگەن جەننەتكە قاراپ،   غەلبە گۈدىكى ھايات پويىزىڭنى  تېزراق مېڭىشقا ئۈندەپ مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ سۈكۈتى دۇنيانىڭ ئۇچىتىگە ئورۇنلاشقان قەبرەڭگە ئۇزتىدۇ.
كىتىدۇ مىنىڭ ھايات پويىزىم ھال رەڭ زىمنىنىڭ بۇرچىكىدىكى سۇس بىنەپشە رەڭ بىلەن ئورالغان شەپەق ئارسىغا كىرۋاتقان قۇياشنىڭ ئارقىسىدىن ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن كەلگەندىمۇ ئۆزى يالغۇز كىلىپ كەتكەندىمۇ ئۆزى يالغۇز كىتىۋاتقان سەرسانلىقنىڭ ئامانىتى تەنھا يۈرەكلىك يىتىم بالىدەك دۇنيانىڭ يەنە بىرچېتىگە، سۈكۈت ئىچىدىكى مىڭ دۇنيالىق ئازاپنى قۇچاقلاپ،
ئىھ ،دۇنيا كۆرۈپ تۇرۋاتسەن بىر رىلىستىكى ئىككى ھايات پويىزى دۇنيانىڭ ئىككى چېتىگە قاراپ كىتىۋاتدۇ...
يۈرىكىم يالغاندىن<< بەخىت>>لىك بولالايدۇ لىكىن قەلبىمدىكى ئازاپقىچۇ ئۇنى نىمە نىقاپلىيالايدۇ ؟؟؟؟
سەن كىتىسەن،ئەڭ ئاخىرقى رىسقىڭنى تۇگىتىپ بىر يۈرەكنىڭ رىشتىلەر ئارسىدىكى قان-قانلارنىڭ سىرغىپ چىققىنغا قارماي،كۆزلىرىمدىن زەرداپ ئۈچقۇنلىرى چۈشىدۇ بەلكىم كۆز يېشىم مەڭىزلىرىمنى قۇرۇتماي ھۆل –ھۆل قىلىپ ، لىكىن سەن قەبرەڭدە كۆز يېشى قىلما،قەبرەڭنىڭ مەڭگۈ باھار بولشىنى تىلەيمەن،روھىڭنىڭ قورۇلۇپ قالماسلىقى،ماڭا تارتىشىپ،يۈزۈڭدىكى تەبەسسۇمنىڭ خىرەلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۈركۈم يالغاندىن بەخىت،چىرايىم ساختا تەبەسسۇمدىن گىرىم قىلىپ، كىتىمەن بەلكىم ‹‹بەخىتلىك بولسەن››دىگەن كونا بىر ئاھاڭدىكى بىر قېلىپتىكى ئەزەلدىن يادقا دىيلىدىغان داۋاملىشۋاتقان ھىجرانلىق بىچچارەلەرچە بەخىت سۆزلىرىنى ئۆزۈمنى ئالداپ تەسەللىرىمگە قوشۇپ ئۆزۈمگە تىلەپ،
شۇنىڭ بىلەن خەيىر سۆزلىرىمۇ كىتىدۇ يىراقلارغا تارىلىپ  ‹‹خەيىر››...







ئېيتىشلارغا قارغاندا ئاپئاق  ئىنسانلار ئۇ دۇنياغا بارغاندىن كىيىن، پەرىشتىلەرئۇلار ئۈچۈن  كۆزيېشى قىلدىكەن،تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرى سېھىرلىك نۇرلار ئىچىدە،قۇچقاچلار ئايلىنىپ يەر يۈزىگەن چۈشۇپ ئاپئاق ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىگە ھەمراھ بولىدىكەن، ياپيېشىل يۇمشاق كۆكاتلار بىلەن ئورالغان قەبرەڭگە ئۇزۇن دۇئالىرىمدىن كىيىن دان چاچتىم ئەنە پەرىشتىلەرنىڭ كۆزياشلىرى ئۈچۈن...پەخىرىرلەندىم پەرىشتىلەرنىڭ كۆز يېشىغا مۇيەسسەر بولغان قەبرەڭدىن...
تىلىگىم شۇ :چوقۇم ئىككى دۇنيالىق بەخىتلىك بول،شۇندىلا بۇ يولدىن پەرىشان ھالدا قايىتمايمەن،قانچە قىينالساممۇ ئازاپ چەكتىم دىمەيمەن،تېخى كۈلكەم بىلەن يوشۇرىمەن،چۈنكى مۇھەببەت،پۇشايمان ۋە كۆز يېشى بىلەن تولۇقلاشقا مۇھتاج ئەمەس..
بەخىت تىلەش ناخشىلىرىنى ئېيتالمايمەن.ئايرىلىش سۆزلىرىنى ئېغزىمدىن چىقارمايمەن،پەقەت بەخىتسىزلىك پۇتۇلگەن پىشانەمنى كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ،مۈرلىرىمنى تىترەتكىنىمچە كۈلۈپ تۇرۇپ سىلاپ قويمەن...
خەيىر كەتسەڭمۇ كەت،چېھرىڭدىكى كۈلكەڭ كەتمىسۇن...
ئىنسان ۋە مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ئۈنچىلىك ئەرزان بولمىسۇن...



بەخىت ئىزدەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار

ئۇ  مۇھەببەت پاكلىقىدا،

بىۋاپاغا نىسىپ بولماس،

ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئاقلىقىدا،

ۋاپا دەپ يۈمەڭلار دوسىتلار،

سۇنۇلغان جۇلالىق ھىدسىز گۈلنى،

چىن ئەقىدىگە باغلانسۇن سۆيگۈ،

ھەسرەتلەر قىينىمسۇن دىلنى

ھىجران دەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار

ۋىسالسىز تۆكۈلگەن بىر تامچە ياشنى،

پاكلىق بەرگىدىن سۇ ئىچسە گەر

كۆكلىتەر ھەتتا قەدىرسىز تاشنى،

سۆيگۈ دەپ يۈرمەڭلار دوسىتلار،

قول تۇتۇشقان ئىككى سوغۇق قولنى،

تىلگىم:ئاللاھ ئىگەم ئاپئاق قىلسۇن

بەختىڭلار ئۈچۈن بېسىلغان يولنى،


ئەلشىر ئابدۇقادىر زامانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 07:25 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
atax1982 + 20
MUHTAR3818 + 11 ئىسل جۇمۇ```````````````
ئۇدۇن ئوغلى + 2323 بەك ئىسىل تىما بوپتۇ ئاغىنە !
KULKEZ + 500 ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىكەن ...
tahirbeg + 100 قەلىمىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن بۇرادەر
Eltekin + 99 يېقىشلىق ھاياجانىڭىز ئۈچۈن
musilina + 300 ئېسىل تېما....

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 3353   باھا خاتىرىسى

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47111
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 2989 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندىن بىرى تەستىقلانغان ئەڭ نادىر تىما .

قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بۇپتىكەن زامانىنىڭ تېمىسنى كۆرمىگىلى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51024
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4490
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى  قېتىم  تېمىڭىزنى  كۆرۈشۈم ،  قەلىمىڭىز  بەكلا  ئۆتكۈركەن

ئادەم  نېمىلەرگە كۆنمىگەن  دەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38399
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1382 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىز غا دەت بەمىسۇن،سىزنىڭ ئەسىرلىرىڭىز نى ياختۇرۇپ ئۇقۇيمەن،،خىلى بۇلغان ھە سىز ئەسەر يۇلىمىغىلى،،،649945181 بۇنى چ چ رىڭىزغا قۇشۇۋالسىڭىزمۇ بۇپتىكەن ،،

ئاينىگار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97740
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:20:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قارىسام خەتلەرنىڭ ھەممىسى رامكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىپتۇ،ئۈستىدىكى يولداشلار قانداق ئوقىغاندۇ ياكى مېنىڭ كومپىيوتىرىمدا مەسىلە بارمۇ؟

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29116
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام زامانى ئۇزۇن بوپتىكەن  سىزنىڭ يۈرەكتىن چېقىپ يۈرەككە تىگىدىغان ، نادىر تېمىللىرىڭىزنى كۆرمىگىلى !!!
بىر-بىردىن پاسائەتلىك سۆز ئىبارىلەر ، جانلىق سۈپەتلەش .... تېمىڭىزنى شۇنچللىك ئېسىل چېقىرىپتۇ.

مەزكۇر تېمىنى نادىرلىسا ياخشى بولاتتى. ئېسىل تېما مۇنبەرنىڭ چوقىسىدا تۇرسا ، مۇنبەرنىڭ ھۆسنىگە -ھۆسۈن قوشقان بولاتتى!!!

كىمنى كۆرسەڭ ئۆز يايرىم دېمە،يار بولالماس ئۆتكەن~كەچكەنلەر…

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7171
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ پاكلىق بىلەن كۆكلىگەن سۆيگۈ گۈلشەنلىرىگە كۆز تەگمىسۇن.
ئىسىل تىزمىلار ئارىسىدىن قەلىپ تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ بارغانسىرى ھالسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم.چۈنكى مەندىكى ماغدۇر يەتمىدى.

نادىر تېمىللىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇش نىسىپ بولغاي~!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئاللاھ ھەممىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7452
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8530
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2398 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 05:59:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئوغۇللىرىمىزنىڭ سىزدەك بولغان بولسا ئاجىز قىزلىرىمىزنىڭ كۆز يېشنى كۆرمىگەن بولاتتۇق...
قىزلىرىمىزدىكى پاكلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى يوقلىپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،سىزدەك بىر ئوغۇلنىڭ سۈزۈك پاكلىق تۈيغۇڭىزدىن ، ھەققىي پاكلىقتىن بىز قىزلار ئازراق خىجىل بولدۇق...
نادىر تىما ،..قەلبىىزدىكى سۆيگۈڭىزنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇق مىسرانىم ئاۋازلىق مۇھەببەت لىرىكىلىرغا يەنە بىر ئېسىل ئەسەر قوشۇلدى دەپ قارايمەن...

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى، ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122378
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2615 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 06:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇدالىق
ئۇ بىز ئۈچۈن ئەزىزىم قىيامەت!
ئويلىغۇم يوق ،ئۇشبۇ كۈنلەرنى ... سېغىنىش بىلەن ئاتقۇزارمەن تاڭ ،ئاھ ئۇزۇن تۈنلەرنى....
  

بۇ تېمىڭىز يۈرىكىمنى چۇلغىۋەتتى...

غــــەيرەت قىـل ئــاي !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش