سۇرە فاتىھە
مەككىدە نازىل بولغان7ئايەت
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم
ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىيىن.ئەررەھمانىررەھىيم.مەلىكى يەۋمىددىين.ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين.ئىھدىنەسسسىراتەل مۇستەقىيم.سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم.غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين.
مەنىسى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى ئاللاھ غا خاستۇر
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە
مېھرىباندۇر.
قىيامەت كۇنىنىڭ ئىگىسىدۇر
(رەببىمىز)ساڭىلا ئىبادەت
قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم
تىلەيمىز.
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە
ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس،
سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ
يولىغا(باشلىغىن).
فاتىھە شەرىپنىڭ پەزىلىتى
بۇ مۇبارەك سۇرە جانابى ھەقكە ئېيتىلغان ھەمدۇ سەنا،ئۇ ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ مۇقەددەس سۈپەتلىرىنى،ئۇ ئۇلۇغ مەئبۇدقا بولغان بەندىچىلىكنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئەڭ مۇھىم مۇناجاتى ئۆز ئىچىگە ئالغان.سۇرىنىڭ دەسلەپكى سۆزى بولغان ئەلھەمدۇلىللاھى نىڭ كەڭ مەنىسى ۋە سىرى بار.بۇنىڭدا سەككىز ھەرپ بولۇپ،جەننەتنىڭمۇ ئىشكى سەككىزدۇر.بۇ مۇبارەك سۇرىنى ھەقىقى چۇشىنىپ،ئىشىنىپ داۋاملىق ئوقۇغان ۋە تەسبىھ ئېيتقان كىشى(مۇسۇلمان)جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكىگە لايىقتۇر.
پەيغەمبىرىمىز:‹‹قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ساۋابى جەھەتتىن ئالغاندا ئەڭ ئۇلۇغى نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسىدۇر››دېگەنىدى.بۇ مۇبارەك سۈرىدە ئىسمى ئەزەمنىڭ ھەرىپلىرى بولغاچقا،ئىسمى ئەھەمنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە ئىشىنىپ ئوقۇلسا ئۇنىڭ ساۋابىغا ئىگە بولدۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.بۇ مۇقەددەس ھەدىستە ‹‹فاتىھە››(ئۇممەل كىتاب_ئاناكىتاب)سۇرىسىنى بىر نەپەستە تولۇق،توغرا ئوقۇغان كىشىنىڭ ھەرقانداق ھاجىتى بولسا جانابى ھەق ئىلتىپات قىلىدۇ.جەھەننەم ئوتىدا كۆيدۇرۇلمەيدۇ،قەبرە ئازابى،ۋە قىيامەتنىڭ دەھشەتلىك كۇنلىرىدە جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ››.دېيىلگەن.
مەنبە:‹‹ناماز››ناملىق كىتاب
كۇچۇرۇلگەن مەنبە:
باتۇرلار ئۇنىۋىرسال بىلوگى