[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت ARKZAT كە 2011-08-13 07:41 PMئەۋەتىلدى :
مەن ئادەتتە قالايمىقان ئىنكاس يازمايمەن، ئىنكاس يازسام، ھەقنى سۆزلەيمەن. بەزى ئىنكاسلىرىم نېمە ئۈچۈنكىن، چىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى كارامىتىدىن بولسا كېرەك، خۇددى جۇڭيى دورىلىرىدەك كارامىتىنى ئاستا-ئاستا كۆرسىتىپ، تېما ئىگىسى ياكى ئىنكاس ئىگىسىنى بەزىدە بەك ئۆرە-تۆپە قىلىۋېتىدۇ!
دەل بۇ«ھايات ھەقىقەتلىرى»گە ئېيتىلغان يۇقىرىقى بىر نەچچە جۈملىلىك ھەق سۆزلىرىممۇ باياتىندىن بېرى، تېما ئىگىسىنى بەكلا بىئارام قىلدى بولغاي، QQ رىمنى قەيەردىندۇر تېپىپ-قاچىلاپ، ماڭا قايتۇرغان جاۋابى بەكلا تېتىقسىز بولدى، خالاس!
«-تازنىڭ نېمىسى بار؟ -تۆمۈر تارغىقى!!!» دېگەندەك ئىككى-تۆت تال چاسا-چاسا ھەرپلەر قۇراشتۇرمىسىنى يىغىۋېلىپ، ھەممە مۇنبەرگە ئەخلەت تۆككەندەك تۆكۈش-مېنىڭچە، ھەقىقىي قەلەم ساھىبىنىڭ پەزىلىتى ئەمەس!
تېما ئىگىسىگە سەمىمىي سۆزۈم شۇكى، مۇنبەردىمۇ پەزىلەتلىك بولايلى! مۇنبەر ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلايلى!
ئەگەر بۇ سۆزلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا، باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرۈپ تاشلىسا بولىدۇ!!!!
يۇقىردىكىسى7-قەۋەتتىكى ئەرىكزاتنىڭ ئىنكاسى.
جاۋابىم.
جانابى ھەق سۆزلىگۆچى ئەرىكزات ئەپەندىم .مىنىڭ بىر تىمىنى ئىككى تور بەتكە تەڭلا ئەۋەتكىنىم راست .مەن بۇنىڭدىن ئاللىقانداق نەپكە ئىرىشش ياكى ساختا شان شۆھرەتلەرگە مەستانە بۇلۇش ئۈچۈن قىلغىنىم يوق.مىنىڭ مەخسىدىم ئانچە-مۇنچە تەربىۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان
بۇ تىمىنى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلاردا زەررىچە بولسىمۇ ئىللەتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش خالاس. سىز يۈكسەك مۇنبەر سۈيۈش روھىڭىز بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىرگە چىققان تىمامنى باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر قىلىپ يۈرۈپ ئۈچۈرتكۈزۈپسىز.بىر تىمىنى ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ يەرگە يوللاش مىنىڭلا قىلغان ئىشىم ئەمەس .ئۈزىنى ھەقنى قوغدۇغۇچى دەپ ئاتىۋالغان مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى ئەرىكزات ئەپەندىم يەنى سىز مىسرانىم مۇنبىرى ئەتىۋارىنى قىلىپ نادىرلىغان تىمڭزىنى يەنە باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىسڭىز بۇلىدىكەنۇ مەن قىلىسام بولمامدىكەن.ماڭا نەسىھەت ۋەزەھەرخەندىلىك قىلالايدىكەنسىزيۇ گىپىڭىزگە ئۈزىڭىز ئەمەل قىلالمايدىكەنسىز. سىزمۇ ‹‹مۇنبەر مۇھىتىنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى›› ‹‹ دادا›› دىگەن تىمىللىرىڭىزنى نىمە ئۈچۇن ئىككى مۇنبەرگە تەڭ يوللايسىز. دىمەك يۇقىردىكى ئەھۋاللار سىزنىڭ ھەقىقەتچىلىكىز ئەمەس زەھەرخەندىلىكىڭزنىڭ ئىپادىسى خالاس. مانا بۇ ئادىرىسلار بۇنىڭ ئەمەلى پاكىتى.
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=55042
--------------------------------------------------
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=4614
-----------------------------------------------------------
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=53347
--------------------------------------------------------------
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=4189
بۇنىڭدىن كىيىن بىرسىگە نەسھەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۈزىڭىزنى دەڭسەپ بىقىپ شۇنداق ئالىجاناپلىق ئۈزىڭىزدە تېپىلسا ئاندىن نەسھەت قىلارسىز.بولمىسا ئىشىڭىزنى قىلارسىز.
ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەپەندى مەن مىسرانىمنىڭ قائىدە پىرىنسىپلىرىغا تۇلۇق بۇيسۇنۇپ كىلۋاتقان بىر ئەزا.مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ئەرىكزات ئەپەندىم بىر تىمامنى ئىككى يەرگە چاپلىغانلىقىم ئۈچۈن يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى تىمامنى ئۈچۈرتۇپتۇ.بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي مىسرانىم مۇنبىرىدە داۋراڭ سېلىپ ماڭا ھاقارەتلىك ئىنكاسلارنى يېزىپ يۈرۈپتۇ.مۇمكىن بولسا بىر تىمىنى بىر نەچچە يەرگە يوللىسا ئەزالىق ھۇقۇقى چەكلىنىدۇ دىگەن تەلەپ باشقۇرغۇچىلارغىمۇ قۇيۇلسا .ئۇستىدىكى ئەركزاتنىڭ بىر تىمىنى ئىككى يەرگە ئەۋەتكەنلىكىنىڭ پاكىتلىرى.بۇ قائىدىگە ئەزالارلا ئەمەس ئەرىكزات ئەپەندىممۇ ئەمەل قىلسا دىگەن ئۈمىتىمەن.
مىسرانىم ئەپەندىمنىڭ جاۋابىغا ئىنتىزارمەن.