ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم :
مىسرانىم مۇنبىرىدكى بارلىق قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر ؟ ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەت،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تېلەيمەن!
مەن مۇنبەر دىن قول ئۈزۈپ 2يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ سىرداشلار كۆزنىكى پىروگراممىسى، مىنى ‹‹يەنە›› مۇنبەرگە ئىختىيارسىز جەلىپ قىلدى.
ئالدى بىلەن دۇچ كەلگىنىم تىزىملىتىش بولدى ، مەن 2يىل ئىلگىرى سەلكىن مۇنبىرىدە قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىسمىم‹‹ئەلىپئار ››ۋە ‹‹ئوغلان›› دىگەن، تورنامىم بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ كونا دوسلارنى ئىزدىمەكچى بولدۇم، ئەپسۇس بۇئىسىملار نى باشقىلار تىزىملىتىپ بوپتۇ .
تۇيۇقسىز پارول دىگەن خەت دىققىتىمنى تاتتى ، چۈنكى سەلكىن مۇنبىرىدە بۇرۇن پارول ئىسىملىك ‹‹مۇنبەر قىززىقچىسى›› دوستۇم بار ئىدى
..... بۇ ئىسىمنىمۇ بۇلاپ كىتىپتۇ!!! شۇنىڭ بىلەن ‹پ› ھەرىپىنى ‹ف› غا ئاجىزلاشتۇرۇپ بۇ ئىسىمنى قوللاندىم.
خەتنى بەك كۆپ يېزىپ دوسلارنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن، قالدى گەپنى كىتىۋېىتىپ يەنە سىردىشارمىز ، ئاخىردا تولۇقسىزدا تۇنجى يازغان شىئىرىمنى سىلەربىلەن يۈزكۆرشۈش سوۋغىسى قىلماقچىمەن...
كۈن ئۆتەر ئاي ئۆتەر يىللارمۇ ئۆتەر،
ھەريىلى ئۆمرۈڭنىڭ بىرگۈلى كىتەر.
گۈل توزۇپ بەرگىدىن تاشلىسا ياپراق،
خۇش ئاۋازدا سايرىغان بۇلبۇلمۇ كىتەر
.