بالىنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئەجەبلىنىشنىڭ ھاجىتى يوقبالىسىنى ياخشى كۆرۈشنى بىلىپ،بالىسىنىڭ تالانتىنى بايقىيالمايدىغان ئاتا-ئانىلار چاكىنا كىشىلەردۇر.بالىنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى بېسىش جىنايەتتۇر.بالىنىڭ كەپسىزلىكىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ توغرا يېتەكلەش،بالىنى ئويلاشقا،سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش بالىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
تېلېۋىزور ئىستانسىنىڭ بىر رىياسەتچىسى بالىلاردىن ‹‹ئاق قۇلار نېمىشقا قاتار بولۇپ ئۇچىدۇ›› دەپ سورىغاندا بالىلار ‹‹ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بىز بالىلارنىڭ بۇ غەيرىي تەسەۋۋۇرى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى تەپەككۇرى شەكلىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىمىز.
لېكىن رىياسەتچى ‹‹خاتا،يۈز نومۇر كولانسۇن›› دېدى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزەپلەندۇق،ھەسرەتلەندۇق.رىياسەتچى دۆت شۇنداقلا رەھىمسىز ئىدى.ئۇنىڭ قاتمال تەپەككۇرى تەسەۋۋۇرنىڭ بىر بىخىنى نابۇت قىلىپ تاشلىدى.ئىجابىي خاراكتېرلىك جاۋاب دائىم چوڭلارغا غەلىتە تۇيۇلىدۇ.بۇنداق ئىشلار بەكمۇ كۆپ.
بىر پېسقەدەم مائارىپچى بىزگە بىر ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ بەردى.
بىر ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرگەندە بىر مەشىق دەپتىرىدە ‹‹قار ئېرىسە نېمە بولىدۇ؟›› دەيدىغان بىز مۇرەككەپ سوئالنى كۆرىدۇ.
قارىماققا ناھايتتى ئەقىللىق كۆرۈنىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ‹‹قار ئېرىسە باھار كېلىدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
مۇشۇنداق ئاددىي سوئالغا جاۋاب بېرلمىدى،دەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ ۋە دوسكىغا ‹‹قار ئېرىسە سۇ بولىدۇ›› دەپ يېزىپ قويىدۇ.
-بۇ بىر ئاددىي بىلىم،ئېسىڭلاردا بولسۇن،ھەرگىز مۇنداق كۈلكىلىك جاۋاب بەرمەڭلار،-دەيدۇ كەسكىنلىك بىلەن.
بىز دائىم قىستىن كېيىن باھار كېلىدۇ.قار چېچىكى باھارغا ھامىلىداردۇر دەيمىز.بالىنىڭ جاۋابى سەل غەيرىي بولسىمۇ تەسەۋۋۇرغا باي ئىدى،ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى.ئۇ يەنە بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى:
بىر تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرھال بولسىمۇ كىتابنى بەك كۆپ كۆرگەچكە بىلىدىغان نەرسىسى بەك كۆپ ئىكەن.لېكىن ئۇ مۇئەللىمنىڭ نەزىرىدە بىر كەپسىز بالا ئىكەن.
بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرىسىدە ئوقۇتقۇچى ‹‹كاككۇك گۈلى قەھرىماننىڭ قېنى بىلەن گۈلىنى قىپقىزىل بوليالدى›› دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا ھېلىقى بالا پىكىر بايان قىلىشنى سورايدۇ.
-مۇئەللىم،بۇنداق دېيىش خاتا،-دەيدۇ ئۇ،-قۇربانلارنىڭ قېنى كاككۇك گۈلىنى قىزىل بويىيالمايدۇ.چۈنكى گۈل دېگەن ئاشۇنداق ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ…
بالا بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقاندا مۇئەللىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ بالىنى سىنىپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.ھەتتا كەچتە بالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بالىنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارلىقىدىن قاقشايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى بۇنداق قىلغۇچە بالىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرسە بولاتتى.بۇ بىر ئوخشىتىش ئىدى خالاس.بۇنداق ئوقۇغۇچى سىنىپتىن قوغلىنىش ئەمەس تەقدىرلەنسە ياخشى بولاتتى.
ئامېرىكىنىڭ بىر مەكتىپىدە مۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەن.بىر بالا توخۇ پاچىقى ساتىدىغان بىر شىركەتكە ‹‹سىلەر پىشۇرغان پاچاقنى مەڭگۈ ھەقسىز يېگەن بولسام›› دەپ خەت يازىدۇ.شىركەت بالىنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە قوشۇلىدۇ.
ئەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا ھەر خىل شىركەتلەرگە بىمەنە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ خەت يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.بۇ ئوقۇغۇچى دەل شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە بۇ خەتنى يازغانىكەن.
مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى ئۇسۇل.ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ تەسەۋۋۇرنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.يۇقىرىقى ھېكايىلەردىن قارىغاندا بالىلارنىڭ خۇلاسىسى ئادەمگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ.لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بالىنىڭ تەپەككۇرى قەدىرلەشكە ئەرزىيىدۇ.ئۇلار بىزنىڭ نەچچە يىللىق تەپەككۇر ئادىتىمىزنى بۇزۇپ تاشىغان.
بالىلىق بىر ئالاھىدە دەۋر.بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ بايقاش خاراكتېرلىك تەپەككۇرى ناھايتتى جانلىنىدۇ.كۆپ سوئال سورايدۇ.ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى خام خىيال بىلەن تولغان،لوگىكىدىن ھالقىغان بولىدۇ.چوڭلارغا بىمەنىدەك كۆرۈنىدۇ.ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،دەل مانا مۇشۇنداق بالىلارنىڭ ئىجادىيەت يوشۇرۇن كۈچى زور،تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.تارىختىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بايقاشلىرى ۋە كەشپىياتلىرى دەل مانا مۇشۇنداق بىمەنە خىيال ۋە غەلىتە ئويلاردىن كەلگەن.ناۋادا كىچىك ۋات ھور نېمە ئۈچۈن چەينەكنىڭ تۇۋىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئويلىمىغان بولسا ھور ماشىنىسى دەۋرى يېتىپ كەلمەيتتى.ناۋادا ئاكا-ئۇكا رايىتلار ئادەممۇ قانائەتلىنىپ قۇشلاردەك كۆكتە پەرۋاز قىلغان بولسا دەپ ئويلىمىغان بولسا ئايروپىلان كەشىپ قىلىنمىغان بولاتتى.
ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بالا تەربىيىلەشتە بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت.ئۇلار بالا كۈن بويى كىتاب ئوقۇسا،خەت يازسا،يۇقىرى نومۇر ئالسا ئىستىقبالى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.بالىنىڭ بەزى غەيرىي قىلىق ۋە خىياللىرىنى ئەيىبلەيدۇ.
بالىنى زاڭىلىق قىلىدۇ.بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.ۋەقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالا مەسلىگە دۇچ كەلگەندە سول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپلا قالماستىن ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
ھەقىقەت ئىسپاتلىدىكى،قائىدا-يوسۇنغا چۈشۈپ قالغان بالىنىڭ بىلىمگە بولغان چۈشىنىشى تولىمۇ قاتمال،مېخانىك،يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يولسزىلىقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،مۇۋاپىق يېەكلەپ،بالىنى ئويلىيالايدىغان ھەم ئويلىغىنىنى قورۇقماي دېيەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.بۇ بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
كونىلاردا ‹‹چوڭ كۆرگەننى سورايدۇ،كىچىك كۆرگەننى دورايدۇ›› دەيدىغان گەپ بار.لېكىن كىچىك بالىلارنىڭ قىزىقىش ئىستىكى چوڭلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.5~6 ئايلىق بالىلار ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامان بۇرۇلۇپ قارايدۇ.رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆرگەن ھامان قولىنى سۇنۇپ تۇتقۇسى كېلىدۇ.3~4 ياشقا كىرگەندە قىزىقىش ئىستىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.سىرتلاردا داقا-دۇمباق ئاۋازى ئاڭلانسا چىقىپ قارايدۇ.
مۇنداق بىر ھېكايە بار.بىر ئوغۇل بالا تۆت ياش ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بېرىپتۇ.دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇنلىغان ھەسەل ھەرىلىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ شىرنە يىغىۋاتقۇدەك.بۇ چاغدا ئوغۇل بالا ھەسەل ھەرىلىرى ھەسەلنى زادى قانداق ياسايدىغاندۇ دېگەن قىزىقىش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە قولىغا بىر تال بامبۇك تاياقچىنى ئېلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ،ياغاچنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىشىغىلا ھەرىلەر ئۇنى دۈشمەن دەپ قاراپ ئۇچقان پېتى كېلىپ ئۇنى چېقىۋاپتۇ.
بۇنداق مىساللار ناھايتتى كۆپ،يەنى كىچىك بالىلارنىڭ يىڭى ئويۇنچۇقىنى بۇزۇۋېتىشى يىڭى سائەتنى چۇۋۇۋېتىشى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ.بالىلار يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن سوئاللىرى بار.ئۇلارنىڭ تىلىدا ‹‹نېمە ئۈچۈن›› خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.بالىلار دائىم ‹‹بۇ نېمە››، ‹‹ئۇنېمە››، ‹‹بۇ نەدىن كەلگەن›› دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ.ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ئىچىدە بىلمەيدىغانلىرى بولسىلا چوقۇم سورايدۇ.بىلىدىغانلىرىنىمۇ گاھىدا سوراپ قالىدۇ.مانا بۇ بالىنىڭ قىزىقىش ئىستىكىدۇر.بالىلارنىڭ قىزىقىش ئىستىكىنىڭ نېمە رولى بار؟پلاتون ‹‹قىزىققۇچىلار ئىلىم دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا›› دېگەنىدى.
بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار.ئەگەر بالىدا قىزىقىش ئىستىكى بولمىسا نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ.نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشمىگەنلىكتىن نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھالىتىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر بالا قار ئۇچقۇبنلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىزىقمىسا،ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشمىسە،ئۇ چاغدا ئۇ قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۇن ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر بالا سىرتتىكى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىقىپ كۆرۈپ باقمىسا،ئۇ چاغدا ئۇ ماشىنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا قىزىقىش ئىستىكى بالىنىڭ بىلىمگە ئېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم يولىدۇر.
بالىنىڭ يولسىزلىقىمۇ بالىدا بەلگىلىك كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ،ئەلىۋەتتە.
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟تۆۋەندە بىز دائىم ئۇچرايدىغان ئۇسۇلنى بىر نەچچە تونۇشتۇرىمىز.
*سېلىشتۇرۇپ كۆزىتىش ئۇسۇلى
پەقەت سېلىشتۇرغاندىلا ئاندىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.پەقەت سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا بالىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.مەسىلەن،بالىلارغا باشقا بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆزەتكۈزۈش ھەم ئۆزىنىڭ ئەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ،كەمچىلىكىنى تېپىپ چىققىلى سېلىش.
*قايتا-قايتا كۆزىتىش ئۇسۇلى
بالىنى مەلۇم بىر شەيئىگە نىسبەتەن قايتا-قايتا كۆزىتىش ئېلىپ بارغۇزۇش،بۇ خىل ئۇسۇل بالىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى قىسقا مەزگىللىك باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ ھەم قىسقا مەزگىللىك باغلىنىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلگەن تەسىرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.قايتا-قايتا كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ نەرسىلەرگە بولغان ئومۇمىي بولغان تونۇشىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
*تەرتىپ بويىچە كۆزىتىش ئۇسۇلى
شەيئىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولىدۇ.مەسىلەن،ئۆسۈملۈك ئۆسۈشى ئارقىلىق بالىلارغا مەلۇم شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەممە جەريانلارنى تونۇتۇش،مۇكەممەل بولغان ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇش ھەم تەرتىپ بويىچە كۆزىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
*مۇھىم نۇقتىلارنى كۆزىتىش ئۇسۇلى
شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم بىر مۇھىم ھالقا بولىدۇ.مەسىلەن،ئۆسۈملۈك ئۆسۈشىدە ئۈنۈپ چىققاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان جەريان ئەڭ مۇھىم ھالغا بولۇپ،بۇ ھالقىنى مۇھىم كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىۋېلىشقا بولىدۇ.بۇ مەشىقلەر بالىلارنىڭ مۇھىم مەسىلىنى تۇتۇپ،مۇھىم ھالقىنى بايقىشىغا،ئومۇملۇقنى كونترول قىلىشىغا پايدىسى زور.
*ئورۇن بەلگىلەپ كۆزىتىش ئۇسۇلى
ئورۇن بەلگىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش،مەسىلەن،بالىنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشتا،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىش،بالىلارنى ئۇدۇلدىن چىقىپ تەكرار كۆزەتكىلى سېلىش،ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ كۆزەتكىلى سېلىش لازىم.بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بالىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە تەسەۋۋۇرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.
بالىنى بىر بالا قاتارىدا كۆرۈڭ
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يەتكۈدەك ھەممە ئىشنى قىلىدۇ.ئۆزى ئاز يەپ،ئاز ئېچسىمۇ بالىنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ.ئەمما مەنىۋى ئېھتىياجىغا سەل قارايدۇ.بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە خاراكتېرىگە تېگىشلىك دەرىجدە ھۆرمەت بىلدۈرمەيدۇ.ھەرگىزمۇ بالىلارغا چوڭ كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويماڭ.
غەربلىكلەر بالا تەربىيىلەش جەريانىدا بالىلىرىم ياخشى يېسە ئازادە كىينسە بولدى،دەپلا قارىماستىن بالىلارنىڭ روھىي تەلىپى ۋە بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.
خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە غەربلىكلەر بالىلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ.بالىلىرى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.غەربلىكلەر بالىنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيىلىنىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.تۇرمۇشتىن تارتىپ ئۆگىنىشىگىچە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.ئەمما بالىسىغا ئۈمىدى،ئۆز ئارزۇسىنى مەجبۇرلاپ تاڭمايدۇ.جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قانداق مەكتەپتە ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نېمە قىلىشىغا ماس كېلىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلىرىدىكى ئائىلە تەربىيىسىدە يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە ئىشلار مەۋجۇت.ماددىي جەھەتتىن بالىنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ،مەنىۋى جەھەتتىن ئەستايىدىللىق بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئويلانمايدۇ.بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى،خاراكتېرى،ياخشى كۆرۈشى توغرىلىق سۆز ئېچىش تەس.ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ياخشى-يامان كۆز قارىشىنى بالىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ.
مەسىلەن،بالىنىڭ ئىمتىھان نومۇرى مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.تەلەپنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەن.ھەتتا بالىلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەھۋالدىمۇ بالىلارغا ئىلھام بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.
شۇنداق بىر ئانا بار بولۇپ،ئۇنىڭ قىزى ئىككى پەندىكى ئىمتىھاندىن 196 نومۇر ئالغان،ئەمما قىزنىڭ ئاپىسى يەنىلار كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتكەن.بۇنى كۆرگەن قىز ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ گاڭگىراپ قالغان.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئانا قىزىنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قارىغان.قىزنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى ئۆلچەمگە يېتىپ ‹‹200 نومۇر›› ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.قىزى بولسا ئۇنداق قىلالمىغاچقا ئانىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان.ئەمەلىيەتتە ئانىسى بالىسىنى چۈشەنگەن بولسا،ئۇنىڭ تىرىشقانلىقىنى،197 نومۇر ئالغانلىقىنى نەزەرگە ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى.ئەمما بۇ ئانا پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ،قىزىنىڭ ھېسسىياتىغا پەرۋا قىلمىغان.
شۇڭا بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ باقساق ئاندىن پاراسەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولالايمىز.سالغان مەبلىغىمىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ،جاھاندا بارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىپ،توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ.ئۆزى ئاز يەپ،ئاز خىراجەت قىلىشقا رازى بولۇپ ھەممىنى بالىلىرىغا ئاتايدۇ.ماددىي جەھەتتىن توققۇزىنى تەل قىلىپ بەرسىمۇ،ئەمما بالىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى چۈشەنمەيدۇ،ھۆرمەت قىلمايدۇ.ئۇلارنى ماختاشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.بىزنىڭ قارىشىمىزچە ماختاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش،بولۇپمۇ بالىلارنى ھەقىقىي تۈردە بالا دەپ بىلىش كېرەك.
بالىلارمۇ ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاشلا ئادەم.شۇنداقلا چوڭلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرمۇ بار.بالىلار يېتىلۋاتقان،تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئادەم.لېكىن ئۇلاردا تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوشۇرۇن كۈچ بار.شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ سۆيۈلۈشكە،كۆيۈنۈشكە،ئاسراشقا موھتاج.يېتىلىش جەريانىدا بالىلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە ئۆسۈپ يېتىلىش بولمايدۇ.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى مەسىلىلەر بىلەن تولغان بولۇپ،بالىلار مۇشۇ مەسىلىلىرنى ھەل قىلىش جەريانىدا پىشىپ يېتىلىدۇ.بەزى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىلىرىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماسلىقى،ئەكسىچە بالىلارنىڭ قارىشى بويىچە بالىلارغا كۆيۈنۈش لازىم.چۈنكى بالا دېگەن بەرىبىر بالا.
مەنبە:
http://www.lamjin.com/?p=146#more-146