(قۇديۇلتۇز)瑞星 ۋىروس تازىلاش دېتالى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، مىسرانىم تورىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان تورداشلار ياخشىمۇسىلەر :
ھازىر ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل كومپىيۇتىر ۋىروسلىرى ھەم ۋىروس تازلاش دىتاللىرى تۈزۈپ چىقىلماقتا ، بۈگۈن بۇ تىمامدا ۋىروس تازلاش تارىخى ئۇزۇن لىكىن بىز ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بىر ۋىروس تازلاش دىتالىنىڭ يىڭى نەشىرىنى تونۇشتۇرماقچىمەن .
ۋىروسخورلارغا بۇ يىل نىمە بولدىكىن ئارقا ئارقىدىن ھەقسىز تارقىتىلدى ، يەنى بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان شىرمۇ ئوخشاش ھەقسىز قىلىۋىتىلدى .
بۇنىڭ قاچان ئىشلەنگەنلكىنى مەنمۇ تازا ئۇقمىدىم ئىشقىلىپ 2001 - يىللىرى كۆرگەنغۇ دەيمەن بۇنى ، دىمەك تارىخى خىلى ئۇزۇن دىگەن گەپ ، لىكىن بىز بۇنى ئېغىر دەپ پەقەتلا ئىشلەتمەيمىز شەخسەن مەنمۇ بۇنى ئىشلىتىپ باقمىغىلى بەك ئۇزاق بولۇپ كىتىپتىكەن ، بۈگۈن تۇيۇقسىز بۇنى ئۇچىرتىپ قىلىپ ئىشلىتىپ باقتىم ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقىلى 2 ھەپتىدەك بولاي دىدى بۇرۇنقىدەك سىستىما ئىغىرلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يوق ، ھەم ۋىروسلارمۇ يوق .
بىر كۈنى بىر دوستۇم كومپىيۇتىرىنىڭ بەك ئىغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ھەم خاتالىق ئۇچۇرلىرىنىڭ جىقلاپ كىتىپ بارغانلىقىنى ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىشلىمىگەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى ، بىرىپ قارىسام دەرۋەقە شۇنداق ئەھۋاللار بار ئىكەن ، مەن 360 نىڭ ئەڭ يىڭى نۇسقىسىدا ۋىروس تازلاپ باقسام بىرمۇ ۋىروس يوقكەن ، مەن نىمىنىڭ ئىشىدۇ دەپ ، يىڭى سىستىما قاچىلاپ مۇشۇ شىرنىڭ ۋىروس تازلاش دىتالىدا ۋىروس تازلاپ باقسام ئاللا تازلىغانغا تويغازدى ، 38 ۋىروس چىقىپ ئادەمنى چۆچۈتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىردىن بىرىدن تازلىدى ، ھەم پۈتۈن ياماقلىرىنى ياماپ ئىشلىتىپ سىناپ باقتۇق بۇرۇنقى ئەھۋاللاردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى ، شۇنداق يىنىك .
دىمەك ھازىر ھەممىمىز 360 نىڭ ۋىروسخورىنى ئىشلىتىدۇ ، بۇرۇنمۇ مەنمۇ ئىزچىل مۇشۇنى ئىشلىتەتتىم لىكىن بۇ ئىشلاردىن كىيىن مۇشۇنىڭغا كۆچىۋالدىم . بۇ شىر 360 قا غارىغاندا نەچچە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقاندە ، ھى ھى ھى .
ھەم يىڭى نۇسقىسىدا نۇرغۇن يىڭى ئىقتىدار ھەم دىتاللار بار ئىكەن ، بىردىن بىردىن تونۇشتۇراي :
ۋىروس تازلاش دىتالى : 瑞星杀毒软件2011
ئوت تام دىتالى : 瑞星个人防火墙
سىستىما قوغدىغۇچىسى : 瑞星安全助手
تور كۆرگۈچىسىمۇ قىتىلىپتۇ : 瑞星安全浏览器
مىنىڭ ئىشلەتكىنىم مۇشۇ 4 تى ھەقىقەتەن ياخشى ماسلىشىپ كىتىپ بارىدۇ ، تور كۆرگۈچىسىنىڭ سۈرىتى تىزكەن ، سىستىما قوغدىغۇچىسىمۇ 360 نىڭكىدىن ھەرگىز قىلىشمايدىكەن .
مانا بۇ كومپىيۇتىرىمدا ئىجرا بولىۋاتقىتتا تارتىۋالغان رەسىم سۈرەتلەر ، ئەمدى قالغان ئىش سىلەرنىڭ سىناپ بىقىشىڭلاردا قالدى ، كەمىنە ئىشلىتىپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەگەر يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ، ئىلىخو تورىنىڭ يۇمشاق دىتال سەھىپىسىدىمۇ بار ھەم ئورگان بىكىتىدىنمۇ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ :
http://pc.rising.com.cn
تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : ئىلىخو تورى
ئىلىخو تورى