ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. |
___ سۈرە ئالئىمران 6- ئايەت |
|
اﷲ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى ،سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا،ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارالاشتۇردى،چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق. |
_____سۈرە ئەنئام 98- ئايەت |
|
ھەربىر (ھامىلدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى اﷲ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ- قىزمۇ، بىرمۇ- كۆپمۇ، چوڭمۇ- كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ- سەتمۇ، بەختلىكمۇ- بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ- قىسقىمۇ ھەممىسنى اﷲ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىك ياكى يوغناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلدىغانلىقىنى) (اﷲ)بىلىدۇ. اﷲنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر. |
_____سۈرە رەئىد 8- ئايەت |
|
ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (اﷲنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا- ئاستا كۈچ- قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرىلىسىلەر، (اﷲتائالانىڭ ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپىشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. |
____ سۈرە ھەج 5- ئايەت |
|
ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان)دا (جايلاشقان) ئابىمەنى قىلدۇق. |
____ سۈرە مۇئمىنۇن 13- ئايەت |
|
قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲنىڭ دەرگاھىدىدۇر. اﷲ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اﷲ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى- يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر. |
_____سۈرە لوقمان 34- ئايەت |
|
اﷲ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققى قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنى، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق اﷲغا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر. |
_____سۈرە زۈمەر 13- ئايەت |
|
سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ. |
_____سۈرە ۋاقىئە 58- ئايەت |
|
ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنى) ئەمەسمىدى؟ |
_____ سۈرە قىيامەت 37- ئايەت |
|
ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان)دا قىلدۇق. |
____سۈرە مۇرسەلات 21- ئايەت |