ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت zulfay كە 2011-08-11 07:25 PMئەۋەتىلدى :
بىر بالا قازا بوپتۇ، ئۇ نارسىدىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خۇدا سەۋىر بەرسۇن.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، مەھەلىمىزدە ئويناۋاتقان 3 ياش ئەتراپىدا بىر كىچىك بالىنى بىرەيلەن قارا سانتاغا سېلىپ ئېلىپ قېچىپتۇ. ئاپىسى ئىشىك ئالدىغا چىقىشىغا سالغاننى كۆرۈپ، ۋاي بالام دەپ توۋلاپ بولغىچە ماشىنا قېچىپ كېتىپتۇ.
بالىلىرىمىزغا ياخشى قارايلى. خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن يۈرەك پارىلىرىمىزنى. 
مەھەللىدە ئويناۋاتقان 3 ياشلىق بالىنى ماشىنىغا سېلىپ ، ئېلىپ قاچقان قايسى مۇناپىقتۇر . ئاۋۇ ئىككى نارىسىدە بالا كۆيۈپ كەتكەن ئىشقۇ تاسادىبى يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەن ، بىراق ماۋۇ كىچىك بالىنى ئېلىپ قاچقان جوھۇتنىڭ ئىشلىرىنى نىمە دىسەك -بولار ؟!!!
ھېلىقى 3 ياشلىق بالىنى ماشىنىغا سېلىپ ، ئېلىپ قاچقان ۋەقە قەيەردە يۈز بەردى ؟