ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، مەن بىر چاغلاردا ‹ياتاقتىكى پاراڭلار›نى شالىمنى چېچىپ پاراڭ قىلىپ بەرگەن، كۈندە سىلەرگە تاماق توشۇيدىغان قاچقۇن سۈرخان بولىمەن.
بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كەتتى، ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ باسما دۇكىنى ئېچىپ بېقىپتىمەن، گول، ساددىلىقىمدىن نىسىگە ماقۇل دەۋىرىپ خەقتىن پۇلۇمنى ئالالماي دۇكاننى تاقىغانمۇ بولدۇم، شۇنىڭدىن كېيىن ھاممام ئاچقان مەكتەپتە ئىشلارغا ياردەملىشىپ كېلىۋاتىمەن. مەكتەپنىڭ خارەكتېرى بولسا ئەدلىيە ئىمتىھانى ۋە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچىلارنى تەييارلىق قىلدۇرۇش بولغاچقا ھاممامنىڭ كەينىدە يۈرۈپ مەنمۇ بەزى ئىشلارغا پىششىق بولۇپ كەتتىم، ئەسلىدىكى پىلاندا بۇ يىل ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان بولساممۇ بىراق مەكتەپتىكى ئىشلارغا يىتىشىپ بولالماي كىلەر يىلى بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم، بۈگۈن سىلەرگە ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسىدا ئازراق پاراڭ سېلىپ بېرەي.
ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ بۇرۇنقى نامى بولسا ئادۋۇكاتلار ئىمتىھانى ئىدى، كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش پىلانىغائاساسەن دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىپ بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. دەسلىپىدە ئىمتىھاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق ئىدى، ئۇلار بەرگەن پەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر بېرەتتى، كۆپ تاللاش، ئېنىقسىز تاللاش (不定选)دېگەنلەر ئىمتىھان قەغىزىدە ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى كېيىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىپ ئالاھىدە رايونلاردا ئالاھىدە نۇمۇر چېكى بەلگىلەش ۋە كۆپ تاللاش ئېنىقسىز تاللاشنى چىقىرىپ تاشلاش، بىرقىسىم پەنلەردىن ئىمتىھان بەرمەسلىكنى بەلگىلىگەن ئىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەدلىيە ئىمتىھانى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زور دەرىجىدە ئاسانلىغان، خېلىكۆپ كىشىلەر مۇشۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ جەمئىيەتتە نان تېپىپ يەۋاتىدۇ.
ئەمدى ئەدلىيە ئىمتىھانى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋاتلارنى سۆزلەپ ئۆتەي.
1-قانداق كىشىلەر ئەدلىيە ئىمتىھانى بەرسە بولىدۇ؟
1) قانۇن كەسپىدىن مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش ئۇنۋانى بارلار
2) قانداقلا كەسپ بولمىسۇن تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش ئۇنۋانى بارلار
3)تولۇق كۇرس 3-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىسپاتى بىلەن بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشالايدۇ.
دېمەك يۇقارقى ئۈچ شەرتنىڭ قايسى بىرىنى ھازىرلىيالىغان شەخس بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
ئىمتىھاننىڭ خارەكتېرى قانداق؟
ئەدلىيە ئىمتىھانى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ئىمتىھانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ ، ئەمما ئىمتىھاننىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يۇقۇرى، سۇئاللارنىڭ شەكلى جانلىق .ئىمتىھان جەمئىي 4يۈرۈشكە بۆلۈنگەن، 1-2-3-يۈرۈشلەر بولسا تاللاش سۇئالى (ھەرقايسى پەنلەرنىڭ) 4-يۈرۈش سۇئال بولسا تەھلىل قىلىش سۇئالى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.
قانداق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ؟
بۇ ئىمتىھان ئۈچۈن قانۇن كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى يادلاش ياكى ھەممە نەرسىنى تولۇق چۇشىنىش زورۈر ئەمەس . ئەدلىيە ئىمتىھانى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ تۈرى بەكلا كۆپ، يەنە كېلىپ ئەدلىيە مېنىستىرلىكىنىڭ بىرەر كىتاپنى كۆرسىتىپ مۇشۇ كىتاپنى كۆرۈڭلار دەپ چىقارغان ھۆججىتىمۇ يوق، ھەر يىلى 4-5ئايلار ئەتراپىدا ئىمتىھان پىروگىراممىسى 大纲دەيدىغان بىر نەرسىنى چىقىرىدۇ، كۆپىنچە ماتېرىياللار شۇنىڭغا ئاساسەن تۈزىلىدۇ. لېكىن ھاممام ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىرلا نەشرىياتنىڭ دەرسلىكىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈپ كەلگەن، يەنى خەلق سوت مەھكىمىسى نەشرىياتى(人民法院出版社)نىڭ 专题讲座系列ناملىق كىتابى. بۇ كىتاپ يىلدا بىر قېتىم چىقىرىلىدۇ، ئىمتىھان پىروگىراممىسىغا ئەڭ يېقىن. 2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ ئىمتىھاننىڭ يەنىلا ئۆز يېزىقىمىزدا بېرىلدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇ يىللىق پىروگراممىغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەر تۈزۈپ چىقىلدى، سەۋەنلىكتىن خالى بولالمىغان بولسىمۇ مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى (ئىزاھ: بۇ دەرسلىكلەر 2010-يىلى ئىمتىھان بېرىدىغانلارغا ئەمەس، 2011-يىلى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان. بۇ يىللىق پىروگرامما چىققاندا شۇ ئاساستا يەنە بىر قېتىم تەكرار قىلىنغان).شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەكرار ماتېريالى تاللىغاندا دىققەت قىلىشىنى، كونا ماتېرىياللارنى ئىمكانقەدەر پەقەت كۆرمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن. قانۇن دېگەن نەرسىگە ھەر يىلى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ تۇرىدۇ (ئەڭ ئەقەللىيسى بۇ يىل چىققان جىنايى ئىشلار 8-قېتىملىق ئۆزگەرتىلمە).
ئىمتىھان نۇمۇر ئۆلچىمى قانداق؟
دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىگەن ئۆلچىمى 360نۇمۇر (تولۇق نۇمۇر 600) ئەمما ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار نۇمۇر سىزىقى بار (360تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما مۇقىم ئەمەس، ھەر يىلى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى، ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ). تولۇق كۇرس دىپلومى بىلەن 360تىن يۇقىرى ئالغانلار Aكېنىشكە ئالىدۇ، 360تىن تۆۋەن، ئالاھىدە نۇمۇر چېكىدىن يۇقىرى بولسا Cكېنىشكە.
ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر گەپ چىقىپ قالىدۇ، Aبىلەن Cنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى Bچۇ؟ بۇ Bكېنىشكە بولسا مەخسۇس كۇرس دىپلومى بىلەن بەرگەنلەرنىڭ 360تىن يۇقىرى ئالغانلىرىغا بېرىلدىغان كېنىشكە. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئەدلىيە مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ، ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. پەقەت رايون پەرقى چەكلىمىسى بار (بۇ تەپسىلاتلار ئېسىمدە قالماپتۇ، ئېسىمگە كەلگەندە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قوياي).
بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم، ئاندىن نېمە ئىش قىلىمەن؟
بەزى كىشىلەر ئويلايدۇ، بۇ كېنىشكىنى ئالغاندىن كېيىنلا سوتقا چىقىپ ئادۋۇكاتلىق قىلغىلى بولىدۇ دەپ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ كېنىشكە پەقەت سىزنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز ئادۋۇكاتلىق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا بىر يىل پىراكتىكا قىلىشىڭىز كېرە. ئاندىن سىزگە ئادۇكاتلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ كېنىشكىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ۋە كەسپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىلىرىدىن باشقا كۆپچىلىك ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان يەنە بىر ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى شۇكى ، سىز ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولسىڭىز ، ئىشتىن سىرت شۇغۇللىنالايسىز ، پەقەت دىلوغا چىقىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىغان تەقدىردە، مەلۇم ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويسىڭىز ، بۇ خۇددى سىز مەلۇم سودىغا پاي قاتقان پايچىكتەك مەلۇم ئۈلۈش پايدىغا ئېرىشەلەيسىز .
ھازىر بىرقىسىم ئورۇنلاردا< ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇش>دېگەن شەرتلەرمۇ پەيدا بولدى (مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگەنلەر بىلىسىلەر) بۇ ھال ئەدلىيە ئىمتىھانىنى چوقۇم ئاتلىمىسا بولمايدىغان ئۆتكەل قىلىۋەتتى.
ئەدلىيە ئىمتىھانى توغۇرلۇق زۆرۈر ساۋاتلار ئەنە شۇ، ئىمتىھان بېرىپ باققانلار بىلىسىلەر بۇ ئىمتىھان بەكلا ئاچچىق، ئەمما مېۋىسى شۇنداق شېرىن.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىقتىساد يۈكسىلىۋاتقان، قەشقەر خوتەن شەھەرلىرىمىز سىرتقا قارىتا ئېچىۋىتىلىۋاتقان زاماندا بۇ كەسپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، يەنە كېلىپ دۆلەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلماقچى بولىدىكەن چوقۇملا قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى، قانۇن ئىجراچىلىرىغا تايانماي بولمايدۇ. بۇمۇياشلىرىمىز ئۈچۈن ئېسىل بىر پۇرسەت.
ئەگەر چۈشەنمىگەن ياكى ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇھىتقا ئىھتىياجلىقلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. مەكتىپىمىزدە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ، يۇقىرى سوت، يۇقىرى تەپتىش قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن ئىلغار پىكىردىكى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىۋاتىدۇ. ئەڭ يېڭى قانۇن ئۆزگەرتىشلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئەڭ يېڭى چىققان ئىمتىھان پىروگراممىسىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر، 30مىڭدىن ئارتۇق سۇئال ئامبىرىغا ئىگە تەقلىدىي سۇئال ئىشلەش سىنىپى سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قامداپ ئىمتىھاندا يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشەلىشىڭىزگە ھەمدەمدە بولىدۇ.
تاشقى شارائىتنى بىز تولۇق ھازىرلايمىز، ئىچكى ئامىلنى ئۆزىڭىز قوزغىتىسىز. قېرىنداشلارچە ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىمتىھاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يارىتىشىڭىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.
مەكتەپ توربېتى:
WWW.ADWUKAT100.COM
ئېتىبارلار:
مەكتىپىزدە ئوقۇپ ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچىغا 10مىڭ يۈەن مۇكاپات بار. (پەقەت بىرلا سان بار)
400دىن يۇقىرى ئالغان ھەربىر ئوقۇغۇچىمىزغا 1000يۈەن مۇكاپات بار. (سان چەكلىمىسى يوق)
تىزىملاش ۋاقتى: سىز مۇشۇ ئۇچۇرنى كۆرىۋاتقان ۋاقتىڭىز دەل نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىۋاتقان چاغ بولىدۇ. ھازىر 10-ئايدا دەرس باشلىنىدىغان سىنىپقا 25ئادەم تىزىملاتتى، پەقەت 40لا سان بار. (كۈندىلىك كەچلىك سىنىپ 40، شەنبە يەكشەنبىلىك سىنىپ 40) قازاق قېرىنداشلار ئۈچۈنمۇ يەنە بىر سىنىپ ئېچىلدى ئەمما دەرسلىك خەنزۇچە، قازاق مۇئەللملەرمۇ كېلىپ دەرس ئۆتىدۇ.
ئوقۇش پۇلى:2800يۈەن
ۋاقتى: 2011-يىل10-ئايدىن 2012-يىلى 9-ئايغىچە، 2012-يىل1-ئايدىن 2012-يىلى 9-ئايغىچە، 2012-يىلى 3-ئايدىن 2012-يىلى 9-ئايغىچە. ھەر قارارلىق سىنىپ ئىككى سىنىپ، بىر سىنىپقا 40تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ بىلەن قاتتىق توختام ئىمزالايدۇ. ئوقۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش، كېچىكمەسلىك، دەرس تاشلىماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. بىز سىزنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق شەرتىڭىزنى بىجا كەلتۈرىمىز، بىراق سىزمۇ بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملىرىمىزگە بويسۇنىشىڭىز شەرت. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ كۇرس قانداقتۇر بىرەر پۇلنى كۆزلەپ ئېچىلغان كۇرس ئەمەس، قانۇن مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئەڭ سەرخىلىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بىزنىڭ تۈپ نىشانىمىز.
ئەدلىيە ئىمتىھانى چاقچاق قىلىدىغان ئىمتىھان ئەمەس، يۇقارقى سۆزلىرىممۇ چاقچاق ئەمەس. 2002-يىلى ئۆزلىكىدىن ئۆگىش ئىمتىھانى (自考) بېرىپ دىپلوم ئالغان 9ئوقۇغۇچى بىلەن ئۆز ئۆيىدە تەربىيىلەشنى باشلىغان رىزۋانگۈل مۇئەللىم ئەمدى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.ئەزەلدىن سىرتقا قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارمايدىغان، كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تونۇش-بىلىشلەردىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بۇ كۇرس ئەمدىتېخىمۇ كۆلەملەشمەكتە. چۈنكى جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان خىرىس ۋە رىقابەت بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا. دۆلەت بىزگە بولغان ئېتىبار سىياسىتىنىڭ 10يىل بولىدىغانلىقىنى، ئۇندىن كېيىن بىزلەرنىڭمۇ خەنزۇلارغا ئوخشاش ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدى، ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇمۇ پات ئارىدا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. دېمەك ئۇ چاغدا Cكېنىشكە مەۋجۇت ئەمەس، رىقابەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىمتىھان تېخىمۇ قېيىنلايدۇ. بىزگە ئوخشاش تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بېسىمۇ ئېغىرلايدۇدېگەن سۆز.......
ئاخىرىدا ئىمتىھان بەرگۈچى دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا بىر ئېغىز گەپنى قېتىپ قوياي، جەمئىيەتتە بىز توغرىسىدا ‹ئەزھەر مەكتىپى 28ۋاراقلىق بىر نەرسە تارقىتىپتۇ، ئۇنى كۆرگەن ئادەم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن› دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدۇق، ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا بۇ ئىمتىھان نەقەدەر ئاسانلاشقان بولاتتى ھە، بىراق بۇ سىرلىق نەرسە بولسابۇ يىل چىققان 8-قېتىملىق ئۆزگەرتىلىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئۆزگەرگەن كونا يېڭى ماددىلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى، 2010-يىلدىكى 10-ئايلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، بۇنداق ئىلاھىي گەپلەرگىمۇ ئىشىنىپ كەتمىگەيسىلەر. بۇ يەردىكى ھەممىمىز ئاددىي ئادەملەر، پەقەت مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باشقىلاردىن بىرتامچە تەرنى ئارتۇق ئاققۇزىۋاتقان يېرىمىز بار خالاس. قالغانلىرىنى بىزدە ئوقۇپ چىققانلاردىن ياكى بىزنى بىلىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلىڭ. ئېلانغا ئىشەنمەڭ، ئەمىلىيەتتىن كۆرۈڭ دەپتىكەن ھوشۇر قارى