مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2270|ئىنكاس: 3

ياشانغان ئاغرىق كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى قاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 01:52:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشانغان ئاغرىق كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش كېرەك  ؟

ھۆرمەتلىك تورداشلار  ، يېقىندا مىنىڭ بىر قېرىندىشىم مۇنداق بىر باش ئاغرىقىغا مۇپتىلا بولدى  ، بۇ قېرىندىشىم ئەسلى يالغۇز قىز بۇلۇپ 2يېشىدىلا ئاپىسىدىن مەھرۇم بولغان (دادىسى ئاپىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسىمۇ قايتا توي قىلمىغان   )   ، ئۆزىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان دادىسىنىڭ ئەجرىنى قايتۇرىمەن دەپ تاكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  ، 33ياشقا كىرگۈچە توي قىلماي دادىسىنى كۈتۈپ ھەمرا بۇلۇپ  ، ئاخىرى دوستلىرى ۋە تۇققانلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن توي قىلدى ، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئەسلى تولىمۇ تىرىشچان  ، كۆپكە قابىل ، ئىقتىدارلىق ، شۈكرى قانائەتچان ئۇقۇتقۇچى ئىدى ، يالغۇز قىزىنى دەپ 30نەچچە يىل بويتاق ئۈتۈپ كەتتى  ، 40يىل خىزمەت قىلىپ ، ئاران دىگەندە پىنسىيە يېشىغا ئۇلاشقاندا كۆپ خىل مۇرەككەپ كېسەللەر بىلەن پارالىچ بۇلۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، مېڭىش-تۇرىشى قىيىنلاشتى ، ئىككى قولى پالەچ بۇلۇپ قالدى ، بۇ قىز توي قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە دادىسىغا قارايدىغان ئادەم تەكلىپ قىلىپ ھارمىدى، كىشىلىك تۇرمۇشتائاقكۈڭۈل ئادەملەرمۇ بار ، پۇلنى دەپلا كىشىگە چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىدىغانلارمۇ بار ...بۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئۇزاق مەزگىل ئادەم تۇرۇپ بۇلالمىغاندىن كىيىن بۇ قىز ئاخىرى دادىسى كېسەل بولسىمۇ بىر ھەمرا تېپىپ تويىنى قىلىپ قۇيۇشنى قارار قىلدى  ،كۆپ ئىزدىدى  ، شۇڭغىچىلىك بۇقىزئۆزى  توي قىلىپمۇ يەنە ئامالسىزلىقتىن قېينى ئانىسى ۋە ئىرى بىلەن بىللە تۇرالماي كۆپىنچە دادىسى بىلەن بولدى ، دادىسىنى باقتى ، تامىقىنى يىگۈزدى ، ئۇچىسىنى تۇتتى ، بەدىنىنى يۇدى ،  دادىسىغا ۋە بوۋىقىغا قارايدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن  تۇغۇپ 10ئايغىچەخىزمەتكىمۇ بارالمىدى .....  تېخى بىرەرئاينىڭ ئالدىدا تۇنۇشلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن يىراقراق بىر يېزىدىن ئۆزى ئۇرۇق بىر يېزا ئايالىنى تېپىپ، ئۇ ئايالنىڭ دادىسى بىلەن تويلىشىپ دادىسىنى كۈتۈشكە رازى بولغىنىغا خوش بۇلۇپ كىتىپ ، نېرى بىرىسىنى كۆپ سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيلا  ئادەمگە زارچىلىقتا تويىنى قىلىپ قويدى ،12000يۈەن(ئون ئىككى مىڭ ) تويلۇق  بەردى ،  تويدىن كىيىن ھەر ئايدا ئۇ ئايالغا كارتا بېجىرىپ 500يۈەندىن پۇل قۇيۇپ بىرىدىغان (ئۇ ئايال دەسلەپتە خىجىل بولغان قىياپەتتە بالىلىرىم 1000سورىغان دىدى )، پارچە خىراجەت بىرىدىغان (قېرىندىشىم ئۆزىلا ئايدا 200يۈەن بەرمەكنى كۆڭلىگە پۈككەن ، دادىسىنىڭ بىرىدىغىنى يەنە ئايرىم بۇلاتتى ) ، ئۇرۇق تۇققانلىرى كەلسە مىھمان قىلىدىغان ، كۈتىدىغان ، ئۇ ئايال ئاغرىپ تارتىپ قالسا قانچىلىك چىقىم بۇلسا كۆتىرىدىغان بۇلۇپ كىلىشتى ..... ئۇزاق مۇددەت چارچاش  ، روھى بېسىم تۈپەيلى بۇ قىز قېرىندىشىم دادىسىنىڭ تويى بولىدىغان ھارپا كۈنى ھەتتا ھۇشىدىن كىتىپ 15مىنۇتتىن كىيىن ئەسلىگە كىلەلىدى   ....خۇلاسە كالام ، ھېلىقى مەزلۇم توي قىلىپ كىرگەنگە قەدەر 1)ئۆزىنىڭ يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى ئېيىتىپ ، بۇ ئۆيگە كىرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ، ئەسلى ئۆز دادىسى ئاپىسى ۋە 5قېرىندىشىنىڭ بارلىقىنى باشقىلارنىڭ دەپ قۇيىشى بىلەن ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدى ، 2)بۇ مەزلۇم توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ يېشىنى راستىنى دىمەستىن 45 ياش ئەتىراپىدا دەپ يالغان سۆزلەپ تويغا خەت ئالىدىغان چاغدىلا ئۇنىڭ 37ياش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى لىكىن قېرىندىشىمنىڭ تاغىسى (ئاكىسىغا ۋاكالىتەن توي رەسمىيىتى بېجىرگىلى بارغان ) بۇنى قېرىندىشىمغا دىمىگەن ، قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ ئۆزىدىن 2ياشلا چوڭلىقىنى بىلگەن چاغدا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ، 3)ھېلىقى ئۇرۇق مەزلۇم ئىزچىل ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بۇ ئۆيىدىكىلەردىن يۇشۇرۇپ ، «تىنىم تازا ، بىراق شۇ ئازراقلا كىكىدىكىم قىچىشىدۇ ....»دەپ  دوختۇرغا بېرىپ تەڭشۈرتۈشكە مايىل بولمىغان ، بىر ئايغىچىلىك قېرىندىشىم ئۇنىڭغا ئۇدا 3باسقۇچ ، ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورا، ۋىتامىن ، زۇكام دورىسى ، كاناي ياللۇغىغا قارشى مىللى تىبابەت دورىسى دىگەندەكلەرنى ئەكىلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ھېلىقى ئايالنىڭ سالامەتلىكىدە ياخشىلىنىش بولمىغان ، تېخى بۇ ئايال توي قىلىپ ئۆيگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن «مىنىڭ كۈزۈم ئاجىز ، ئىلگىرى ئوپراتسىيە بولغان  ، تويدىن بۇرۇن كۆز ئەينەك تاقىسام  نىمە دەپ قالاركىن دەپ تاقىمىغان »دەپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغان .
4) بۇ مەزلۇم توي قىلىپ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن بېنا ئۆينىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا كۈنۈپ بولالمىغاننى بانىداپ 2 ھەپتىگىچە قازان بېشىغا ئۆتكىلى ئۇنىمىغان  ، بەزى چاغلاردا قېرىندىشىم ئۇ ئايال« يۇغان  »قاچىلارنى قايتا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ...
5)ئەڭ يامان يېرى ، ئارىدا ھىچقانداق سەن-پەن يامان گەپ ئۆتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ يېزىدىن كەلگەن ئايال ، ئۆزى  خالاپ قانۇنى تەرتىپ بىلەن ، شەرىئەت قائىدىسى بىلەن توي قىلغان 60ياشتىكى ئاغرىقچان ئىرىگە دەپمۇ قويماستىن ، كىيىم كېچەكلىرىنى تۇيدۇرماي يىغىشتۇرۇپ ئالدىن ماڭغۇزىۋېتىپ ئۆزى  بىر كۈنى كەچقۇرۇن« ھاۋا يەپ كىرەي» دەپلا ئوغرىلىقچە قېچىپ كەتكەن !
كىيىن قېرىندىشىم ۋە دادىسى ئەنسىرەپ تەرەپ تەرەپكە تىلىفۇن قىلىپ ئىزدىگەندىن كىيىن ئۇنىڭ بىراقلا كەلگەن مەلىسىگە قېچىپ بىرىۋالغانلىقىنى بىلگەن ، قېرىندىشىم نىمەئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ خوتۇن نەدىكى تايىنى يوق باھانە -سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ----ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئۆزى بىلمىگەن ، دىققەت قىلمىغان بەزى ئىشلاردا قېرىندىشىم تۈزىتىش پىكرى بەرگەن ئىشلار ، ۋە ئەرزىمەيدىغان ، ھەددىدىن ئاشقان تەلەپلەر -مەسىلەن «مەن توي قىلىپ كىرگەندىن كىيىن بىرپۇڭ پۇل بىرىشمىدىڭ ، (12000يۇەن تويلۇق ئالغان ئايالدا بىر ئايدا پۇل -پۇچەكمۇ قالماسمۇ ؟!!)  ،  تالاتۈزگە چىقىپمۇ باقمىدىم (ئارىلىقتا 3كۈن ئۆيىگە بېرىپ كەلدى ، بىر كۈنى ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۈنۇپ كەلدى، توي ئوينىدى بازارغا باردى، قېرىندىشىم 300يۈەن قىممىتىدە دورا ئېلىپ يىگۈزدى  ، ئۈيىگە بارغان چاغدا 100يۈەن پۇلنى كىرا قىلىپ بارسىلا دەپ بەردى  ئاقسۇغا بارغاندا 80نەچچە يۈەن قىممىتىدە سوۋغات ئەكىلىپ بەردى ......)مىنى سىلكىشلىدىڭ ،بۇيرۇپ ئىشلەتتىڭ (ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايال جېنىنىڭ ئاز قالغىنىنى يۇشۇرۇپ سۇلىشىپ ياتقاندا بالابىلەن ئۆي ئىشلىرىدا يىتىشەلمەي قالغان قېرىندىشىم ئۇنى ھەمكارلىشىشقا ئانچە مۇنچە چاقىرغان ، ) تۇققانلىرىمنى چەتئەلدىن كەلگەن تۇققانلىرىنڭدەك كۈتمىدىڭ  ، يېنىمدا پۇل، يوق -بالىلىرىم بەرگەن 500يۈەننى خەجلەپ ساغىرىپ كەتتىم دىگەندەك بىر تالاي باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ قېرىندىشىمغا بولدى دىگۈچە ھاقارەت قىلدى، ۋە «مەن 10كۈندىن بىرى ئۇ ئۇيدە مەجبۇرى ئىشلەپ يىقىپ قالاي دىدىم ئەسلىدىمۇ تىنىم تازا ئەمەستى  » دەپ تۇرىۋاپتۇ .....قېرىندىشىمنىڭ دادىسىغا «مەن سىلى بىلەن بالىنى كۈتەلمەيمەن ، راستىنى دىسەم قىزلىرى بىلەن نەۋرىلىرى ئۇ ئۆيدە تۇرسا مەن تۇرالمايمەن  » دەپتۇ ،    ئەسلى ئۇ ئايال ئۇچۇق يۇرۇق ھالدا راستچىل بۇلۇپ  قېرىندىشىمنىڭ كۆزىچە دادىسىنى قىزغىن ھالدا كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلسىلا قېرىندىشىم بوۋىقىنى ئېلىپ قېينى ئانىسىنىڭكىگە كەتمەكچى بولغان ، ئاقسۇدىكى 4كۈنلۈك ئۆگىنىشىنى تۈگىتىپلا «ئاچىسىنىڭ » سالامەتلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈش قىلىپ داۋالىتىشنى ئېيتقان ئاخشىمىنىڭ ئەتىسى بۇ «ئاچا »ھەممە نىمىسىنى ئوغۇرلۇقچە ماڭغۇزىۋېتىپ ئۆزى بۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپلا غىپپىدە تىكىۋەتكەن ، ئۆيىگە بېرىۋېلىپلا ھېلىقىدەك باھانە -سەۋەپلەر بىلەن قۇشۇپ ئۆزىنىڭ قاتتىق ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ، ئۆلەي دەپ قالغانلىقىنى دەپ ، ئاۋۇ قىزنىڭ دادىسىغا «4كۈنگىچە بارامەن » ياغلىما سۆزلەپ قۇيۇپ مانا 15كۈندىن بىرى يوق ، ئەمدى نىمە دىگۈدەك ؟ «مەن بارالمەيمەن ، ئاجرىشىمەن  ، قىزى بالىسىنى ئېلىپ قېينئانىسىنىڭكىگە كەتسە مەن سەۋەپ بۇلۇپ قالىدىكەنمەن (قېچىپ كەتكەننىڭ ئەتىسى ئۆزى شۇنى تەلەپ قىلغان !) ئۇ يوق چاغدا دادىسى بىرنىمە بۇلۇپ قالسا  مەن قىزىنىڭ گىپىنى كۆتىرەلمەيمەن  ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاجرىشىمەن ، ئەمما 12000كوينى قايتۇرغۇدەك مادار يوق ، ئالساڭلار مەندە ئىسسىق جان بار » ..............................
  تەھلىل قىلىپ بېقىڭلار تورداشلار ، بۇ ئايال ئۆزى قانداق خوتۇن ؟! 12000يۈەن تويلۇقنى ئېلىپ 35كۈن تۇرۇپلا  ئۆيگە ئىسسىقىنى بەرمەستىن ، ئۆزى تەگكەن 40يىللىق شەرەپلىك خىزمەت سىتاژىغا ئىگە ئىرىنى   نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويماستىن -ئاغرىق كىشىنى تاشلاپ قۇيۇپ قېچىپ كىتىشى جىنايەتمۇ ئەمەسمۇ ؟! قىزبىلەن ھەرقانچە سەتلىشىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ _ئۇنداق ئىشمۇ بولمىغان -ئوغرىلىقچە قىچىپ كىتىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ !
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قېرىندىشىم بىلەن ئاجىز ئاغرىق دادىغا بەكلا كۆڭۈل ئاغرىقى بولدى ، بۇلار ئۆزلىرى تارتقان كۆڭۈل ئاغرىقىنىغۇ دىمەي تۇرايلى ، ئاۋۇ ئىقتىسادى زىياننى قانداق قىلغۇلۇق ؟!
قىسقىچە ئەھۋال مۇشۇ ، دادا-بالا ھازىر قانۇن ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت كۈتمەكتە ....ياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار .......ھەم پەخەس بۇلۇڭلاركى ئاغرىق يالغۇز دادىلارنى پايلاپ ، مۇشۇ ئۇسۇلدا پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنى كۆزلىگەن تۈلكە خۇيلۇق شۇم خۇتۇنلاردىن ھەممەيلەن پەخەس بولايلى !  قانۇنى ئاساسلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى ۋە پىكىر بايان قىلىشىڭلارنى كۈتىمىز ...........................




مەنبە : قېرىندىشىمنىڭ بايانلىرى ۋە پىكىرلىرىم .
2011-يىل 8- ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 1381
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 08:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  تىما يوللاپسىز ، قىنى ئۇلار نىمە دەيدىكىن

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 11:41:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران مۇشۇما  ؟ بىرنىمە دەپ باقمامسىلەردوستلار ....سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس جۇمۇ بۇ ...

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49272
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3860
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2011-7-26
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 12:59:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ ئالدامچىلىقى .
بىر كىشىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تەگكەن ،تەگكەندىن كىيىن تاشلىۋېتىپ كارى بولمىغان .شۇڭا قايسىلا تەرەپتىن بولسۇن ،جىنايەت ھېساپلىنىدۇ.
ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنغا دىلو مەلۇم قىلىڭلار .دىلۇ مەلۇم قىلىش ماتىريالىنى ئادۋوكاتتىن بىرنى تېپىپ يازدۇرۇڭلار .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش