ئوخشىمىغان قاراشلارغىمۇ قاراپ بېقىڭلار:
ئىختىلاپلار بىزدەك ئاددى مۇسۇلمانلارنى تەمتىرىتىپ قويىدىكەن.
http://www.musulmanlar.com/?p=1558
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
رامىزان ئېيىدا خۇپتەندىن كېيىن جامائەت بولۇپ ئوقۇلۇپ كەلگەن ناماز خەلق ئىچىدە «تەراۋىھ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شۇنداق بىر نامازكى، ئادەتتە مەسچىت – جامەلەرگە كەلمەيدىغانلارمۇ رامىزان ئېيى بويىچە بۇ نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن جامائەتكە قېتىلىدۇ، ھەتتا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمايدىغانلارمۇ رامىزاننىڭ باشلىرىدا بىرقانچە كۈن بۇ نامازغا ھازىر بولىدۇ.
لېكىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە ئوقۇغان نامىزىنىڭ تەراۋىھ ئەمەس، تەھەججۇد نامىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى ئۆيىدە ئادا قىلاتتى. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چاغلىرىدا مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ھۇجرىسىدا ئادا قىلاتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر رامىزاندا بۇ ئادىتى بويىچە مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ھۇجرىسىدا ئۇ پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان (تەھەججۇد ئوقۇۋاتقان) چېغىدا، مەسچىتتە ھازىر بولغان مۇسۇلمانلار بورىنىڭ ئارقىسىدىن پەيغەرمبىرىمىزگە ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۇد ئوقۇغان. پەيغەمبىرىمىز ئۈچ كۈن بۇ توغرۇلۇق ئۇلارغا بىر نەرسە دېمىگەن، تۆتىنچى كۈنى ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن توسقان.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن رامىزان ئېيىغا مەخسۇس تەراۋىھ دەپ ئاتىلىدىغان بىر ناماز پەيدا قىلىنىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەھەججۇد نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى، بۇ يېڭى پەيدا قىلىنغان تەراۋىھ نامىزىغىمۇ دەلىل قىلىنغان. شۇڭا ئۇ ھەدىسلەر ھەدىس كىتابلىرىدا ھەم كىتابۇتتەھەججۇد «كتاب التهجد» دا، ھەم كىتابۇ سەلاتىت تەراۋىھى «كتاب صلاة التراويح» دا، زىكىر قىلىنىدۇ.
دېمەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان دىنىمىزدا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مانا مۇشۇنداق بىر ناماز پەيدا قىلىنغان.
بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ۋە باشقىلارغا توغرىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن بىر نەتىجىگە بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىرقەدەر تەپسىلىي توختىلىمىز.
1- تەھەججۇد نامىزى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«نامازنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن. سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، چۈنكى سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىغا كېچىنىڭ ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ.
كېچىنىڭ بىر قىسمىدا قۇرئان ئوقۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئويغانغىن. بۇ، (يەنى كېچە نامىزى) ساڭا مەخسۇس بىر ئىبادەتتۇر…»- ئىسرا 17/78- ۋە 79- ئايەتلەر.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئايەتتە، ئۇنى كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە «نافىلەتەن لەكە (بۇ، ساڭا مەخسۇس بىر ئىبادەتتۇر)» سۆزى بىلەن بىرىنچى ئايەتتە بۇيرۇلغان بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز ئىكەنلىكىنى، كېچە نامىزى (تەھەججۇد) نىڭ بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىلا پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى، رامىزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.- بۇخارى، تەراۋىھ 1، تەھەججۇد 3؛ مۇسلىم، سەلاتۇلمۇسافىرىن 125؛ تىرمىزى، سەلات 208؛ نەسەئى، قىيامۇل لەيل 36؛ مۇۋەتتا، سەلاتۇل لەيل 3؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/36، 73، 104.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ نامازنى 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، 11 رەكئەت ۋە 13 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن 13 رەكئەت ئوقۇغان چېغىدا بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- بۇخارى، كىتابۇتتەھەججۇد 10.
خۇلاسە:
ئا- تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، ئۈممىتىگە سۈننەتتۇر. رەكئەت سانى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ ئەڭ ئارتۇق بولغاندا 11 رەكئەتتۇر.
ئە- تەھەججۇدنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن تاڭ يورۇغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر. لېكىن ئوقۇلغان نامازنىڭ «تەھەججۇد نامىزى» بولۇشى ئۈچۈن بىر مۇددەت ئۇخلاپ ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، ئاندىن ئوقۇش لازىم. چۈنكى بۇ نامازنىڭ «تەھەججۇد» دېگەن ئىسمى كېچىسى ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئاللاھ تەئالا تەقۋادارلارنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلىگۈچىلەردۇر»- ئال ئىمران 3/17،
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى»- زارىيات 51/18.
بۇ ئايەتلەردىكى «سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەش» ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسىغا ئىشارەت قىلىدۇ. قۇنۇت دۇئاسىنىڭ سەھەرلەردە قىلىنىشى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان ۋىتىر نامىزنىڭ تەھەججۇد نامىزنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكئەت ئىكەنلىكى، تەھەججۇد نامىزىنىڭ، قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاق رەكئىتىنىڭ كېچىنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بىر ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندىكى ۋاقىتقا سەھەر دېيىلىدۇ.- لىسانۇل ئەرەب، ئەسسىھاھ فىللۇغە، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغە.
ب- تەھەججۇدنى مەسچىت – جامەلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزىنى مەسچەتتە ئۆزىگە ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا «قىلمىشىڭلارنى بىلدىم، ئى ئىنسانلار! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار. چۈنكى كىشىنىڭ پەرز نامازدىن باشقا نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇغىنى ئەۋزەلدۇر» دېگەن.- بۇخارى، ئەزان 81.
پ- ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ، رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرى بولسۇن، باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرى بولسۇن ھەر كېچە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، ئارتۇق بولغاندا 11رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشى ئىنتايىن ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئوقۇشى پەرز بولغان تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇشقا پۈتۈن ئۈممەتنى تەشۋىق قىلغان.
2- تەراۋىھ نامىزىغا دەلىل قىلىنغان ھەدىس:
ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق خەۋەر بەردى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى ئوتتۇرا كېچىدە چىقىپ مەسچىتتە (نەپلە) ناماز ئوقۇدى. بىرقانچە كىشى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئەتىگىنى ئىنسانلار بۇنى سۆزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كېچىسى تېخىمۇ كۆپ كىشى يىغىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ناماز ئوقۇدى. يىغىلغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى. يەنە ئەتىگىنى ئىنسانلار بۇنى سۆزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى كېچىسى مەسچىت ئەھلى كۆپەيدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ ناماز ئوقۇدى. يىغىلغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى.
تۆتىنچى كېچىسى بولغاندا مەسچىتكە ئادەملەر سىغماي قالدى. بۇ قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغىچە چىقمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنسانلارغا ئالدىنى قىلدى ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، يىغىلغانلىقىڭلاردىن خەۋىرىم بار. لېكىن ئۇ نامازنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىپ، سىلەرنىڭ ئادا قىلالماي قېلىشىڭلاردىن قورقتۇم».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىندى. بۇ ناماز شۇ پېتى يەنى جامائەت بولۇپ ئوقۇلمىغان ھالەتتە قالدى.- بۇخارى، سەلاتۇتتەراۋىھ 1، جۇمۇئە 29؛ مۇسلىم، مۇسافىرىن 177 ۋە 178؛ مۇۋەتتا، سەلات فى رامىزان 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سەلات 318؛ نەسەئى، قىيامۇللەيل 4.
ئەسكەرتىش:
بۇ ھەدىستىكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ» دېگەن ئىپادىلەر، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدىن مەسچىتكە تەراۋىھ ئوقۇغىلى چىقىپ» دېگەن بولماستىن، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتىكى (بورىدا ياسالغان) ھۇجرىسىدا تەھەججۇدنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ» دېگەن بولىدۇ. بۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە ئېنىق زىكىر قىلىنىدۇ.
بۇخارى بۇ ھەدىسنى جامىئۇسسەھىھ ناملىق مەشھۇر كىتابىدا بىرقانچە يەردە رىۋايەت قىلىدۇ. بىز بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ ھەدىسنى ، يەنە شۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ:
ئا- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ھۇجرىسىدا ناماز ئوقۇيتتى. ھۇجرىنىڭ تېمى پەس ئىدى. ئىنسانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەۋدىسنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىغا ئەگىشىپ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ) ناماز ئوقۇدى. بۇلار ئەتىگىنى بۇنى سۆزلەشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى كېچىسىمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى. ئۇلار بۇنى ئىككى كېچە يا ئۈچ كېچە قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقمىدى، يەنى ھۇجرىسىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز قىلمىدى. ئەتىگىنى ئىنسانلار بۇنى زىكىر قىلىشقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كېچە نامىزىنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىشىدىن قورقتۇم» دېدى.- بۇخارى، ئەزان 80.
ئە- يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر بورىسى بار ئىدى، ئۇنى كۈندۈزى يەرگە سالاتتى، كېچىسى ھۇجرا قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يىغىلىپ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدى.- بۇخارى، ئەزان 81.
ب- زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا بورىدىن بىر ھۇجرا ياساپ كېچىلىرى ئۇنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىغا ئەگىشىپ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ) ناماز ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بىلىپ، ئولتۇرۇۋالدى. ئاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلارنى بىلدىم، ئى ئىنسانلار! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار. چۈنكى كىشىنىڭ پەرز نامازدىن باشقا نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇغىنى ئەۋزەلدۇر» دېدى.- بۇخارى، ئەزان 81.
بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، تەراۋىھ نامىزىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان يۇقىرىدىكى ھەدىس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە بولغان بىر ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە روزا تۇتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاينىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىگە قەدەر بىزگە ئىمام بولۇپ ھېچ (نەپلە) ناماز ئوقۇمىدى. ئاينىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنى قالغاندا يەنى رامىزان ئېينىڭ 23– كۈنى، تا كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى كەتكۈچىلىك ناماز ئوقۇدى. ئاندىن 6– كېچىسى يەنى رامىزاندىن 6 كۈن قالغاندىكى كېچە بىز بىلەن ناماز ئوقۇمىدى. بەشىنچى كېچىسى يەنى رامىزاندىن 5 كۈن قالغاندىكى كېچە بىز بىلەن تا كېچىنىڭ يېرىمى كەتكۈچىلىك ناماز قىلدى. بىز: «يا رەسۇلەللاھ! بۇ كېچىنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ بىز بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسىلا!» دېگەن ئىدۇق، ئۇ: «ئىمام قايتقۇچىلىك ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغان كىشىگە بىر كېچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ» دېدى.
ئاندىن ئايدىن ئاخىرقى ئۈچ كۈن قالغۇچىلىك بىز بىلەن ناماز ئوقۇمىدى. ئايدىن ئۈچ كۈن قالغان كېچىسى بىز بىلەن ناماز ئوقۇدى. بۇ نامازغا ئائىلىسىنى ۋە ئاياللىرىنى چاقىردى. رەسۇلۇللاھ بۇ نامازنى شۇنداق ئۇزۇن ئوقۇدىكى، بىز زولۇقنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلدۇق.- ئەبۇ داۋۇد، سەلات 318؛ تىرمىزى، روزا 81؛ نەسەئى، سەھىۋ 103، قىيامۇللەيل 4.
خۇلاسە:
ئا- رامىزان كېچىلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتتە ئوقۇغىنى باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرىدە ئۆيىدە ئوقۇپ كەلگەن تەھەججۇد نامىزىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادىتى بويىچە بىر رامىزاندا مەسچىتتە ئۆزى ئۈچۈن بورىدا بىر ھۇجرا ياساپ، شۇنىڭ ئىچىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ۋە تەھەججۇد نامىزىنى شۇ ھۇجرىسىنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرۇپ ۋە ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ئوقۇغان. بۇ ئەسنادا مەسچىتتە ھازىر بولغان ساھابىلەر بورىنىڭ ئارقىسىدىن رەسۇلۇللاھقا ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۇد ئوقۇغان.
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم بولغان. تۆتىنچى كېچىسى پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ تەھەججۇد ئوقۇمىغان ۋە بامداتتىن كېيىن ئۇلارغا بۇ تەھەججۇدنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
ئە- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قېتىم ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىدا مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى (بورىدا ياسالغان ۋاقىتلىق) ھۇجرىسىدا يۇقىرىدىكى شەكىلدە تەھەججۇد ئوقۇغانلىقى، ئۇ چاغدا مەسچىتتە بولغانلارنىڭ ئۈچ كېچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۇد ئوقۇغانلىقى، كۈنىمىزدە «ئىسلام دۇنياسى» دا خۇپتەندىن كېيىن جامائەت بولۇپ ئوقۇلۇۋاتقان تەراۋىھ نامىزىغا ئەسلا دەلىل بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىدا تەراۋىھ دەپ ئاتىلىدىغان، رامىزان ئېيىدىلا ئوقۇلىدىغان بىر ناماز يوق دەپ ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.