ئازاپلىق ئەسلىمە
ھېيت نامىزىدىن قايتىشىپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇدۇل ئۆيىگە ماڭغانلارمۇ، قەبرە بېشىغا ماڭغانلارمۇ، دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ياكى ساۋاقداشلىرىنىڭ، ئىشلەمچىلەر بولسا خوجايىنلىرىنىڭ ياكى خوجايىنلىرى يېتىپ قۇپۇش ئۈچۈن بەرگەن ئۆيلەرگە ماڭغانلارمۇ بار ئىدى، قەبرە بېشىغا ماڭغانلاردىن ھېلىمكا قەبرە بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر تۆۋەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى، ھېلىمكامنى بۇ ئاۋاز ئۆزى تەرەپكە تارتىپ ئېلىپ ماڭدى، چۈنكى بۇ ئاۋاز ئەر تەرىپىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە يىقىنلاپ كېلىپ ئاۋاز ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى تۇنىۋالدى، ئۇدۇل مېڭىپ دادىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ دۇئا قىلىۋېتىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان قۇناقلىرىنى قەبرە ئەتىراپىغا چېچىۋېتىپ قايتىپ ماڭدى، ئەمما بايا چىقىۋاتقان بۇ يىغا ئاۋازى تېخىچە داۋاملاشماقتا ئىدى. ئۇ يىغا ئاۋازىنىڭ ئىگىسى باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى چىمەن ئىدى. ئۇ چىمەننىڭ ئارقا تەرىپىدىن يىقىنلىشىپ ئۈچ تۆت قەدەم ئارلىق قويۇپ توختىدى. چىمەنگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ ماڭدى. ئۆيىگە بارغاچ ئويلاپ قالدى. بۇ قىز بۇ يەردە نىمە قىلىدىغاندۇ؟ بۇ كىمنىڭ قەبرىسى بولغىيتى؟ ئۇ ئويلىماي دىسىمۇ كۆڭلى قويمايتى، بوپتۇلا دەپ ئويلىدى ئۇ. چىمەنمۇ 20 ياشتىن ئاشقان تۇرسا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەخپىيەتلىكى بولىدۇ. ئۇنىڭغىمۇ يول قوياي دەپ ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىغاچ ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ قۇربانلىق قوينى سويدى...
چىمەن شۇ ئولتۇرغان ئىزىدا خېلىغىچە ئولتۇرۇپ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرتىۋەتتى. ئاندىن ئۈنسىز سۈكۈت ئىچىدە خىيالغا پاتتى...
نەچچە يىل ئىلگىرىكى دەل بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئالىي مەكتەپكە بارغان ئىدى، ھاۋا ئىسسىق ھەم تىنجىق بولۇپ چىقىۋاتقان بوش شامالمۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە ئوتتەك قىززىق ھارارەتتە ئۇرىلاتتى، چىمەن چامادان سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ بولالماي چامداننى بىر يەرگە قويۇپ دىگەندەك كۆتۈرۈپ كىتىپ باراتتى. ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان دوستلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتقان دولقۇن چىمەننى كۆرۈپ توپتىن ئايرىلىپ ئۇدۇل چىمەننىڭ قېشىغا كەلدى.
-تىشلىقمۇ؟
-تىشلىقمۇ؟ چىمەن مۇنداقلا سالام بېرىپ قويۇپ يەردىكى چاماداننى سۆرەپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
-ياردىمىم كېرەكمۇ؟ سورىدى دولقۇن چىمەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ
-رەھمەت. ئۇ شۇنداق دەپلا دولقۇننى يانداپ ئۆتۈپ كەتتى
-چىمەنگۈل، توختاپ تۇرۇڭ. دىدى دولقۇن ئۇنىڭ ئالدىنى قايتا توسۇپ.
-سىز.... ؟دىدى چىمەنگۈل دولقۇننى تازا ئىسىگە ئالالماي.
-سىز مىنى بەلكى تۇنىمايسىز. مەن سىزدىن بىر يىل ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتەپدىشىڭىز. سىز مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى چىمەنگۈل ھېلىم شۇغۇ؟
- ھەئە، لىكىن مەن سىزنى زادىلا ئىسىمگە ئالالمىدىم.
-ئۇنىسى تەبئىي ئىش بىز دىگەن سىزدەك نام شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن يالاڭتۆش بالىلار تۇرساق. ھې ھې ھې ....
-ئۇنداقمۇ ئەمەس، مەن نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرىشىم كېرەك. كېيىن كۆرىشەيلى.
-مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئەكىرىشىپ بېرەي بىللە تاماق يىسەك قانداق؟
-بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ. دىدى چىمەنگۈل سەل ئىككىلىنىپ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويارمەنمۇ؟
- ۋاي ياقەي، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۈتىۋالمىساق بولمايدۇ، دىدى دولقۇن جاۋاپ كۈتمەستىنلا چىمەنگۈلنىڭ يېنىدىكى چاماداننىڭ تۇتقىچىنى سۆرىگىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى...
قوينى بۇغۇزلاپ بولغان ھېلىمكا ئۆيدە تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ چايدىن بىرئىستاكان ئوتلىۋەتتى دە ئالدىدىكى تەخسىگە چىرايلىق تىزىلىپ قويۇلغان ساڭزىدىن بىر چوكا ئوشتىۋېلىپ ئاغىزىغا سېلىپ بولۇپ ئوغلى سەمەردىن سورىدى.
-ئوغلۇم، چىمەن كۆرۈنمەيدىغۇ؟
-بىلمىدىم، ئەتىگەن يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپلا چىقىپ كەتكەن. بەلكىم بىرەر دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتتىمىكىن؟
-ھە... بوپتۇ، نەچچە كۈندىن بېرى ئاچاڭمۇ چارچاپ قالدى. ھېلىمكا شۇنداق دىدى يۇ لىكىن ئىچىنى بىر نەرسە چېقىۋاتقاندەك بىئارامسىزلىنىپ كەتتى. - ھېلىراقتا كىرىپمۇ قالار. دېدى
چىمەن ئورنىدا خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇئا قىلىۋېتىپ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. كۈزنىڭ سالقىن شامىلى ئونىڭ ياغلىققا بويسۇنماي چىقىپ قالغان چېچىنى ئويناپ، كىچىك يوللاردىكى بوشاپ كەتكەن توپىنى ئۇچۇرۇپ، دەل-دەرەخلەرنى لىڭىشتقانچە كىشىگە شىرىن تۇيغۇ بېغىشلىماقتا ئىدى. ئەمما شۇ تاپ چىمەننىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم ئىدى. ئۇ يول بويى بايىقى ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى خىيال قىلغىنىچە ھېچنىمىگە پەرۋاسىز ھالدا غەمكىن ئېغىر قەدەم تاشلاپ كىتىپ باراتتى...
كېيىنكى كۈنلەردە دولقۇن دائىملا چىمەننى ئىزلەيدىغان، ئۇقىمىسىمۇ دائىم ئۇنىڭدىن كىتاپ سورايدىغان بولىۋالدى. چىمەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ تىرىشىپ سىنىپ بويىچىلا ئەمەس ، مەكتەپ بويىچە ياخشى ئوقۇغۇچى نامىنى ئېلىپ كېتىپ بارماقتا ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئۇنى تۇنىمايدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. مەۋسۇملۇك ئىمتىھاندا ئۇ «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالىنىپ نامى پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى. ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ ئىسمىنى ئاڭلىسا مەكتەپ بويىچە ئۇنى تۇنىمايدىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن ئاز دىيەرلىك ئىدى. دولقۇن چىمەننىڭ دائىملا كۇتۇپخانىغا ياكى كىتاپخانىغا بارىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. شۇڭا ئۇمۇ ئىلگىرىكى ئىچەرمەن چىكەرمەن ئاغىينىلىرىغا مىنىڭ ئىشىم بار دەپ قويۇپ ئۇدۇل كىتاپخانا ياكى كۇتۇپخانىغا بېرىپ چىمەننى ئىزلەيتى ھەمىشە چىمەننىڭ ئالدى تەرىپىدە ياكى ئارقا تەرىپىدە، يا بولمىسا يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنى كۈزىتىپ ئولتۇراتتى. ياكى ئۇنىڭدىن بىر نىمىلەرنى سوراپ زىرىكمەيتى. چىمەنمۇ ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ھارمايتى....
-قىزىم نەگە باردىڭ؟ خەلچىخان ئانىنىڭ سۇئالى ئۇنى خىيالدىن بۆلدى .
-ھېچ... ھېچنەگە چىمەن دۇدۇقلىغىنىچە ئاپىسىغا جاۋاپ بەردى.
-كۆزلىرىڭ نىمە بولدى؟ ئەجەپ قىزىرىپ كىتىپتىغۇ؟
-ھە؟ ھە... راس يولدا كەلگۈچە كۆزۈمگە پاشا كىرىپ كېتىپ...
-مۇشۇ ۋاقىتتا پاشا نىمە قىلىدۇ؟ بول قىزىم ھېلىراقتا ئاكاڭ يەڭگەڭنى ئەكىلىپ قېلىشى مۇمكىن. تېزرەك تەييارلىق قىلمىساق ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز.
-بولىدۇ. چىمەن دادىسى پارچىلاپ تەييارلاپ قويغان گۆشنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ خېمىرغا تۇتۇش قىلىپ كەتتى.
خېلى ۋاقىتقىچە ئاكىسى كەلمىگەندىن كېيىن خەلچىخان ئانا ھېلىم ئاكىنىڭ ئاغا - ئىنىلىرىنىڭ ئۆيگە مىھمانغا چاقىرىشقا سەمەرنى چىقىرۋەتتى. ئۆز بولسا بايا قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ ئۈچەي قورساقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. ئەمدى ھېلىم ئاكا بىلەن چىمەن ئۆيدە يالغۇز قالدى.
-قىزىم بايا نەگە باردىڭىز؟
-ھېچنەگە دادا، مەن نەگىمۇ باراتتىم؟ چىمەن كۆزلىرىنى دادىسىنىڭ كۆزىدىن ئېلىپ قېچىپ جاۋاپ بەردى
-يالغان سۆزلىسىڭىز مەن بىردەمدىلا بىلىپ قالىمەن، راست گەپ قىلىڭ قىزىم بايا نەگە بارغان ئىدىڭىز؟
-يالغان سۆزلىمىدىم دادا، مەن گۆھەرنىسانىڭ ئۆيىگە چىققان ئىدىم.
-قىزىم، دىدى ھېلىمكام چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ. - گۈھەرنىسانىڭ ئۆيى قەبرىستانلىقتىمىكەن؟ قايسى گۆھەرنىسا ئۇ؟
«ئاپلا دادام بىلپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئويلىدى چىمەن ۋە جاۋابىنى ئۆزگەرتىپ:- قەبرىستانلىققا بىر دوستۇمنىڭ تۇپراق بېشىغا چىققان ئىدىم.
-قانداق دوستىڭىز ئىدى ئۇ بىزدىن شۇنچە يۇشۇرغىدەك؟
-بۇ مۇنداق ئىش دادا. ئالدىنقى يىلى دەل مۇشۇ كۈندە بىر دوستۇم تۈگەپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ قەبرىسىگە باردىم.
-گەپنى ئەگىتمەڭ تۈزلا دەڭ قايسى دوستىڭىز ئۇ؟
- دادا... بولدى سورىمىسىڭىزچۇ؟ ... ئادەمنى خىجىل قىلىپ.. دېدى چىمەن خىجىللىقتىن قىزارغىنىچە دادىسىغا ئەركىلەپ.
- ھې ھې ھې ... ماقۇل سورىماي. قىزىم چوڭ بولدى راس.
-ھە.. شۇ ئەمەسمۇ؟ مەنمۇ چوڭ بولدۇم. بۇ يىل 24 ياشقا كىرىدىم جۇمۇ مەن؟
- ھەر قانچە قېرىپ كەتسىڭىزمۇ سىز مىنىڭ ئالدىمدا يەنىلا بالا.
-ئۇغۇ شۇنداق دادا مەن چىقىپ ئۇچاققا قاراپ باقاي، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن يەنە.
- ھە... چىقىڭ ئەمسە.
ئىشنىڭ تىگىگە ئانچە مۇنچە يەتكەن ھېلىمكا ئەمدى خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
چىمەن ئوچاققا ئوتۇننى سېلىۋېتىپ كۈيۈۋاتقان ئوتقا قارىغىنىچە خىيالغا غەرىق بولۇپ كەتتى...
ئوقۇش 2- مەۋسۇمغا قەدەم قويغان چاغ ئىدى ھاۋا ئاستا-ئاستا ئىسىپ يەر ئاستىدا قارغا كۈمۈلۈپ سارغىيىپ كەتكەن چىم ئۇچ تارتىشقا باشلىدى. ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشتىن چۈشكەن چىمەن تاماق يىيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردى. ئۇنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كىرگەن دولقۇن ئۇدۇل كەلگىنىچە تاماقنى ئاغىزىغا ئەكىلىشىگە دولقۇن كەينىدىن كېلىپ ئۇنى چۆچۈتۈپ قويدى.
-تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
-ھە؟ مەن... ماڭا دەۋاتامسىز؟
-ھەئە سىزگە دىدىم. بۈگۈن سىزدىن بۆلەك يەنە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؟
-ھە.. راست بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن. قاراڭە سىزنى ، ئادەمنى شۇنچىۋالامۇ قورقىتامسىز؟
- سىزنى بىر چۈچۈتۈپ قوياي دىۋىدىم. بۇنچىۋالا قورقۇپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇ چىمەننڭ يەۋاتقان تامىقىغا قاراپ تاڭلىيىنى چاكىشتىپ قويدى.
-نىمە بولدى؟
-قاراڭ سىزنى مۇشۇنى يەمسىز؟ ئاران بىر قاچا چىللىغان كۆكتات، ئىككى تال مانتا؟ بۇلارغا مىنىڭ چىشىممۇ تويمىغۇدەك.
-ھاھاھا... سىز دىگەن ئوغۇل بالا تۇرسىڭىز. بىر چەتتە ئىككىسىگە قاراپ تۇرغان تۇرغۇن كەلدى.
- ۋاي.... ۋۇي..... قىززىتىۋېتىپسىلەرغۇ؟ دىدى ئۇ قولىنى چىمەننىڭ يۈزىگە ئاپىرىپ.
-تارت قولۇڭنى ۋۇ ھايۋان. دولقۇن شۇنداق دەپلا تۇرغۇننىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى.
-ۋاي... ۋاي... ۋاي... قەھرىمان يىگىت بىلەن ساھىبجامال قىز، تازا ماسلىشىپسىلەر ھاھاھا... ئۇ دولقۇننى مازاق قىلىۋاتاتتى.
- مەن ساڭا قەھرىمانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇرغۇنغا دىلىيىپ كەلدى.
-بولدى قىلىڭ. بۇ دىگەن ئاشخانا. دىدى چىمەن دولقۇننىڭ قولىدىن تارتىپ، ئەمما يىقىملىق بىر ئېقىم دولقۇندىن چىمەننىڭ بەدىنىگە تاراپ بولدى.
-خەپ سىنى ئەگەر ئاشخانا بولمىغان بولسا... دىدى دولقۇن ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ
- ھە قانداق قىلىتىڭ؟ سەندەك شۇملاردىن قورقۇپ قالمايمىز بىلىپ قوي.
-ماڭقاڭنى قىرىپ كەل. توخىنىڭ پوقى.
ئىككىسى تېخىمۇ دىيىشىپ قېلىۋاتقاندا مەكتەپنىڭ ئامانلىق مۇدىرى تاماققا كىرىپ قالدى. تۇرغۇن ئۆزىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى. جىدەلمۇ ھازىرچە مۇشۇ يەردە بېسىقىپ قالدى. دولقۇن تامىقىنى ئەڭ ئاستا سۈرئەتتە يىمەكتە ئىدى چۈنكى چىمەندىن بۇرۇن يەپ بولسا بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولاتتى. تاماق يەپ بولۇنغاندىن كېيىن سىرتقا چىققاندا دولقۇن چىمەننى توختىتىۋالدى.
-چىمەنگۈل دىدى دولقۇن چىمەن ئاڭلىيالىغۇدەكلا. - بۇ مەرەزنىڭ سىزنى پايلاپ يۈرگىنىگە خېلى بولغان بۇنى مەكتەپتىكى ئوغۇللار ئاساسەن دىگۈدەك بىلىدۇ. ئۇ لالمىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ ،ماڭا خەۋەر قىلىڭ ھېچ بولمىسا بىر نەچچە دوستلىرىڭىزنى بولسىمۇ ئېلىۋېلىڭ.
- دوستۇمنى تاپماققۇ ئاسان ئىش. لىكىن سىزنى تاپماق خېلى قىيىن . سىز تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ تۇرۇپلا يوقاپ كىتىدىكەنسىز.
- مەن سىزگە نەق مۇشۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سوۋغا بەرمەكچى خالامسىز؟
- قانداق سوۋغا ئۇ؟
- ئاۋال خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
- ھە بوپتۇ خالاي ئەمسە ،
- ئۇنداقتا ياخشى. دولقۇن شۇنداق دىگىنىچە يانچۇقىدىن بىر دانە كىچىك زىرەك تېلىفۇنىنى ئېلىپ چىمەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
- بۇ سوۋغىڭىز ئېشىپ كەتتى، مەن قۇبۇل قىلالمايمەن.
- بولىدۇ قۇبۇل قىلمىسىڭىز چېقىۋىتىڭ.
-ياق.
- تاشلىۋەتسىڭىزمۇ، باشقىلارغا بىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- ئەڭ ياخشىسى سىزدە قالسۇن. چىمەن شۇنداق دىگىنىچە تېلىفۇننى دولقۇنغا قايتۇرۇپ بەردى.
- مىنىڭ قولۇمدا تۇرسىمۇ چوقۇم چېقىلىپ كىتىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى سىزدە قالسۇن. بۇ دىگەن ئەرزان باھالىق. قىممىتىنى ئېلىپ بىرەيمۇ دىگەن سىزنىڭ مۇشۇنداقلىقىڭىزنى بىلىپ ئەرزىنىنى ئالغان ئىدىم. ئەگەر ئەمدى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدىلا چېقىپ تاشلايمەن.
-ھە.. بولدى بولدى سىز بىلەن تالاشماي مەندە قالسۇن.
-ھىم.. مانا ياخشى بولدى، دولقۇن يېنىدىن تېلىفۇنىنى چىقىرىپ تاكىسلىتىپ بىر نىمىلەرنى باستى دە قۇلىقىغا چاپلاپ تۇردى. چىمەننىڭ يېنىدىكى تېلىفۇن يىنىك سايرىدى... -قېنى تېلىفۇننى ئېلىڭ- دىدى دولقۇن چىمەنگە قاراپ.
- ھە مانا چىمەن تېلىفۇننى ئالدى.
- قېنى گەپ قىلىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي.
-ھاھاھا... ھازىر ئاڭلىمايۋاتامسىز؟
-تېلىفۇندا دەڭ تېلىفۇندا ئاڭلاي.
- ئەمدى بولدىمۇ؟
-ياخشى ئەمدى تېلىفۇننى قويىۋەتمەي ياتىقىڭىزغا كىرىپ كىتىڭ.
-ھە ماقۇل.
ئىككىسىنىڭ ئارلىقى يىراقلاشقاندىن كېيىن دولقۇن سورىدى.
- سىزگە بۇ سوۋغام يارىدىمۇ؟
- يارىدى ئىنتايىن خۇش بولدۇم.
- رەھمەت.
- رەھمەتنى مەن سىزگە ئېيتسام توغرا بولاتتى،
- ھاھاھا... ئىككىلىسى تەڭلا كۈلۈپ كەتتى.
....
-ۋاي چىمەنگۈل كۈن چۈش بولغاندا توڭلاپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟ ئوچاقنىڭ ئالىدا ئولتۇرىۋېرىپ بىر قارا ئىككى قارا بولۇپ كەتمەڭ يەنە. دەرۋازىدىن كىرگەن مۇنىرە چىمەنگە چاقچاق قىلدى. ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆيىڭىزنى ئوغرى ئالسمۇ بىلمەي ئولتۇرامسىز؟
- ھاھاھا... قاراڭ سىزنى ئوغىردەك كىرىپ، بىرگە بولسۇن. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟
-ياخشى مەن ئەتە كىتىمەن.
-نىمىشقا ئەمدى؟
-تەتىل توشقان تۇرسا. ھېيت بولمىسىغۇ ھەپتە بۇرۇن قايتاتتۇق.
- ھە راست
چاقىرىلغان مىھمانلار بىردىن ئىككىدىن كىرىپ كەلدى. ئۆي ئىچى بىردەمدە قاينام تاشقىنلىققا تولۇپ كەتتى. ئۆيگە داسىتىخانلار سېلىنىپ، مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ھۆل قۇرۇق يىمىشلەر، ساڭزا مەزانلار تىزىلدى. خەلچىخان ئانا كىرىپ گۆشنى لىگەنلەرگە ئۇسۇپ بولۇپ شورپىسىغا سۇيۇق قىلىپ ئۈگرە ئەتتى. گۆشلەر يىيىلىپ تۈگىگەندىن كېيىن سۇيۇقئاش كەلتۈرۈلۈپ، مىھمانلارنىڭ ھاردۇقى چىقتى ھەممە ئادەم خۇشال كەيپىياتتا ئولتۇردى كەچتە ئەرلىرى قېلىپ شاراپقا تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى چىمەن بىلەن خەلچىخان ئانا داستىخانلارنى يىغىشتۇرۇپ كەچكى سورۇنغا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى.
ئاۋۇ چەتتە ئولتۇرغان سىمىز ئادەم مۇشۇ كەنىتنىڭ كەنىت مۇدىرى بولۇپ قورسىقى بىر يان ئۆزى بىر يان يانپاشلاپ ئولتۇرغىنىچە چىشىنى كوچىلاۋاتاتتى. جىم ئولتۇرۇپ باشقىلارغا نەزەر سالماقتا ئىدى. يېنىدىكى ئېگىز بوي تەمبەل ئادەم مۇشۇ كەنىتنىڭ سۈيىنى باشقۇردىغان سۇ كادىرى بولۇپ كۆرۈنمەككە كەنىت مۇدىرىدىنمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم ھېلىم ئاكا ئىدى. ئىلگىرى كەنىتنىڭ سىياسى شۇجىسى ئىدى شۇڭا كەنىتتە خېلى ئابرويلۇق سانىلاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى ھېلىم ئاكىنىڭ كىچىك ئىنىسى غالىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ساقاللىق كەلگەن كىشى ھېلىم ئاكىنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى سايىت چوڭ بولۇپ كەنىت مۇدىرى بىلەنمۇ ئازراق ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىقى بار ئىدى. بۇ كىشىنى نىمىشقىكىن يېزىدىكىلەرمۇ خېلى ھۆرمەتلەيتى . ئىشقىلىپ بۈگۈن بۇ ئۆيگە جەم بولغانلار ئاساسەن كەنىتنىڭ چوڭئاملىرى بولۇپ، كەنىتتە يۈزى سۆزى باردىن ئىدى. كەنىت مۇدىرى ئۆيدىكى تىنجىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدى . مۇدىر ئىشىك تۈۋىدە كۆكتات يۇيىۋاتقان چىمەننىڭ ئۆرۈم ئۆرۈم چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرغان سايىت چوڭنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاستا پىچىرلاپ ئۆزلىرىنىڭ قىززىدەك قىز بالا جۇمۇ بۇ ھەۋەس قىلمىغانلىرى تۈزۈك. دىدى.
-ھا ھا ھا ھا... ماۋۇ ئادەمنىڭ قىلغان گىپىنى ھەي مىنىڭ ئوغلۇم ئابدۇرھىمنى بىلىدىلىغۇ؟
- ھە.... ئەسلى ئىش مۇنداق دىسىلە؟
ھاھاھا.... قاقاقلاپ كۈلۈشكەن يەرگە ھېلىم ئاكا كېلىپ قالدى. ۋاي قىززىپ كىتىپتىغۇ قېنى ئۆيگە كىرەيلى «چاي»لارنىمۇ ئېلىپ كەلدىم.
ئىچىشىش باشلاندى. سىرىتتا قورۇما قورىۋاتقان خەلچەم ئانا ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، چىمەن ئۇنىڭ قولىدىكى چۈمۈچنى ئېلىپ قورىمىنىڭ داۋامىنى قورۇشقا باشلىدى. قورۇما قورۇلۇپ بولۇندى، تەخسىلەرگە بۆلۈنۈپ مىھمان بار ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ داستىخاننى مول قىلىۋەتتى. داستىخان ئۈستىدە يىمەكنىڭ ئەڭ ئۇششىقى گازىر،كەمپۈتلەردىن تارتىپ چوڭى قوۋرۇغا كاۋاپقىچە تىزىلىپ كەتتى. ھە قېنى ئېلىشسىلا بىلەن سورۇن مۇڭ غەزەل بىلەن باشلىنىپ كەتتى. كەچمۇ كىرىپ قالدى، چىمەن سەمەرنى باشلاپ چارۋىلارنى بېسىقتۇرۋېتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ بىر نىمىلەرنى ئۇرۇشقا باشلىدى. يەنە شۇ كۈندىلىك خاتىرىلەردىن باشلانغان سۆز ھىكايىلەرگە ئۆتۈپ كەتتى....
ئىككىسى مۇشۇ تەرىقىدە كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇن ئالاقىسى قىلىشىپ يۈردى، بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەن دولقۇنغا كەلگەن تېلىفۇن ئۇنى ئۇيقۇدىن چۈچۈتۈپ ئويغىتىۋەتتى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ...
دوستلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈتۈنىمەن. (ھىكايە ئاخرلىشىپ بولغىچە) بولمىسا داۋاملاشتۇرغۇم كەلمەي قالىدىكەن «ياخشى يېزىپسىز»، «داۋامى يوققۇ» دىگەندەك ئىنكاسلار بىلەن بەت توشقۇزىۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئۆزۈم