مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2153|ئىنكاس: 0

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5106
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 863 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 01:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى

مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان ئۇلارغا ھەرساھە ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى پەرز قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇلا ئۈچۈن تۈرلۈك كەشىپىياتلاردىن يىپ ئۇچى بەرگەن تۇرسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەرەققىياتتا ۋە ئىلىم ـ پەندە باشقىلاردىن ئارقىدا قالىدۇ؟

قۇرئاندا، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەق ـ ھوقۇقلارنىڭ قانۇن ـ پرېنسىپلىرى ئەڭ ئادالەتلىك ۋە مۇكەممەل دەرىجىدە بېكىتىلگەن تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى «ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەملىكەتلەرمىز» دەپ سانايدىغان بەزى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى بۇ ھەق ـ ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشتا نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپالىقلاردىن ئارقىدا تۇرىدۇ؟

بۇلارنىڭ جاۋابى مۇنداق:
دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى ئاۋۋالقى ئەسىرلەردىكى پىرئەۋنىيلەر، ناپاليونلار، ھۇنلار، ئاندىن يۇنانلىقلار(گىرىكلەر)، ئاندىن رىملىقلار بەرپا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ياراتقان. ئۇچىنچى قەۋىتىنى بولسا، ھازىرقى ياۋرۇپالىقلار بەرپا قىلغان بولدى. بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەدەنىيەتلەرگە يات ئەمەسمىز، بەلكى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا بولۇشىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە زور ھەسسىسى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلاردىن بىيرۇنىي،  خارەزمىي، فارابىي، ئىبنى رۇشدى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى سىنا ۋە باشقا سان ـ ساناقسىز ئالىملارنىڭ ھەر بىرى، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، خېمىيە، ئاسترونومىيە، فېزىكا، بىئولوگىيە ۋە بۇلاردىن باشقىمۇ تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەلىرىدە ئەڭ ئاۋۋال پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى تۇرغۇزغانلار ئېدى. ھازىرمۇ ياۋروپانىڭ ئاتاغلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئىبنى سىنانىڭ «مېدىتسىنادا ئاساس» ناملىق قەدىمىي ئەسىرى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا. قىسقىسى، ئاتا ـ بوۋىلىمىز تەبىئەتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلغان. بىز يېراققا بارماي تۇرۇپ، ناھايىتى ئاددىغىنە بىر مىسالنى ئالايلى: « ئەينەكمۇ ئۆز دەۋرىدە قالتىس مۆجىزىلىك ئۇچۇر بولغانىدى. ئۇلار ئەينەكنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قېلىپلا ئولتۇرمىغان، بەلكى ئۇنى مەلۇم بىر ئەخلاقىي، غايىۋى دىتنىڭ مۇجەسسىمىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كۆز ئالدىدا نەق بولمىغان يېراق دۇنيانىڭ ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ كۆزىتىدىغان «جاھاننامە ئەينىكى» گە ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدۇرالىغان. روشەنكى، ئەينەك بىلەن  «جاھاننامە ئەينىكى» ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بار. ئەينەك كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىگە نەق نەرسىلەرنى كۆرسەتسە، «جاھاننامە ئەينىكى» يېراق ئەللەرنىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەينەكتەك روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇمۇ بىر كەشىپىيات ئېدى. ئەمما بۇ ـ تەسەۋۋۇردىكى كەشىپىيات، لېكىن تەسەۋۋۇردىكى كەشىپىيات بولمىسا ئەمەلىيەتتىكى ماددىي كەشىپىيات دەلىللىرىمۇ بولمايدۇ. ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەينەكتىن ئىلھاملىنىپ، «جاھاننامە ئەينىكى»نى قىياس قىلغان. بۇ ئۇلۇغۋار قىياس مەيدانغا كېلىپ تۆت ـ بەش ئەسىردىن كېيىن، «تېلېۋىزىيە» دېگەن نەرسە ياسالدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق قىياسلىرى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمىغان. ئۇنى غەربلىكلەر ياساپ چىققاندىن كېيىن ئەقلىمىز بىر مەزگىل ئالاقزادە بولۇپ، تۆت ــ بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى بوۋىلىرىمىزنىڭ خىيال ياقىدىكى كەشىپىياتنى ھۇرۇن بىر ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالدۇق.(”ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى“ دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

دۇنيادا سائەت دەيدىغان نەرسە ئىجاد قىلىنمىغان زامانلاردا، دەسلەپ قىلىپ مۇسۇلمانلار قۇم سائىتىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى فرانسىيە پادىشاھسىگە بىر قۇم سائىتى سوۋغا قىلىنغاندا، ئۇلار مېڭېۋاتقان بۇ قۇم سائىتىگە ھەيران قالغانلىقتىن «بۇنىڭ ئىچىدە شەيتان بار ئوخشايدۇ» دېگەنىكەن. بۇ ۋەقەلىكتىن بىر قانچە يۈز يىل كېيىن، غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «تېلېۋىزىيە» مىسىرغا دەسلەپ يېتىپ كەلگىنىدە، مۇسۇلمانلار بۇ ئاجايىپ نەرسىگە ھەيران قالغانلىقتىن، «بۇنىڭ ئىچىدە شەيتان بار ئوخشايدۇ» دېيىشكەنىكەن.

مۇسۇلمانلار 14ـ ئەسىردىلا قەغەز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باغداتنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپە، ئەدەبىيات، ئىسلامىيات ۋە باشقىمۇ  ئەسەرلىرىنى  قەغەزگە بېسىپ چىقارغان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى غەربلىكلەر ئەسەرلىرىنى تېرىلەرگە، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا يازغانىكەن. تەرەققىيات نۆۋىتى ئالماشقاندىن كېيىن، ھازىرقى زامان تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقىمۇ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ياۋروپالىقلاردىن يېرىم ئەسىر كىچىكىپ يېتىپ كەلدى.

قارىمامسىز! دۇنيا قانداق ئۆزگەرگەن ۋە مەدەنىيەت، پەن ـ تېخنىكا نۆۋىتى قانداق ئالماشقان؟
بۇنىڭدا دىنىمىزنىڭ بېرەر كەمچىلىكى بارمۇ؟  تەبىئىيكى، ياق!
ئۇنداقتا كەمچىلىك كىمدە؟
ئۆزىمىزدە!
بۇرۇنقىلار ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغان ۋە قۇرئاننىڭ كۆرسەتكەن داغدام  يولىدا ئىزچىل  يۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكلىرىنى تاپقان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار ئۈچ قىتئەدە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىيەلىگەن. ئۇلار شۇ زامانلارنىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن، پەن ـ تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئاساس سالغۇچىلىرى بولۇپ ياشىغان.  پەقەت 16ـ ئەسىردىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بۆلۈنۈشى، قۇرئاننىڭ روھىدىن ئاستا ـ ئاستا ئۇزاقلىشىپ ھەر تۈرلۈك خۇراپاتلارنى «دىن» دەپ قوبۇل قىلىشى، تەركىدۇنيالىقنى تەرغىپ قىلىپ تەۋەككەلچىلىك بىلەن ئۆمۈر سۈرىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى تەرەققىيات نۆۋىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەلتەنەتتىن، كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن ۋە خەلقئارالىق ئېتىباردىن ئايرىلىپ قېلىپ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال  ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، ئاندىن ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىگە زىيانكەشلىك قىلغان بولدى.

ئەمدى، قۇرئاندا، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھەق ـ ھوقۇقلارنىڭ قانۇن ـ پرېنسىپلىرى ئەڭ ئادالەتلىك ۋە مۇكەممەل دەرىجىدە بېكىتىلگەن تۇرۇپ،  ئۆزلىرىنى «ئىسلام دىنىنى تەتبىق قىلىدىغان مەملىكەتلەرمىز» دەپ سانايدىغان بەزى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى بۇ ھەق ـ ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىشتا ۋە باشقا جەھەتلەردە نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپالىقلاردىن ئارقىدا تۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، شۈبھىسىزكى، ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرى، خۇسۇسەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىرقچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان دۆلەتلەر بولۇپ، ھەممىسى «بىزنىڭ ئاساسلىق دەستۇرىمىز قۇرئان» دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ؟ ھەيھات! كاشكى شۇنداق بولسا ئېدى. بۇلار راستىنلا قۇرئانغا ئەمەل قىلغان بولسا، قۇرئاننىڭ پرېنسىپلىرىنى تەتبىق قىلىشتا، «مۆمىنلەر ئۆز ئارا قېرىنداشلاردۇر» نى «ئەرەبلەر ھەممىدىن ئۈستۈندۇر»غا، «مۆمىنلەر ئۆز ئارا كۆيۈمچاندۇر»نى «ئۆز ئارا قاتتىقتۇر، »غا، «سىلەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىسىلەر»نى «ئامېرىكىغا غالچىلىق قىلساڭلار ھاكىمىيىتىڭلارنى ساقلاپ قالالايسىلەر»گە ئۆزگەرتىپ ئىش كۆرمىگەن بولار ئېدى. سادداممۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى مۇجاھىد دەپ ئېلان قىلغان ۋە بايرىقىغا «ئاللاھۇ ئەكبەر»نى يېزىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ساددامنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمسىز؟ ساددام ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ساداقەتمەن كۈچۈكلىرىدىن بىرى ئېدى. بېراق زامان ئۆزگەردى. ئامېرىكا ساددامدىن بېھاجەت بولۇش دەۋرىگە يەتتى.ساددام  ئامېرىكىنىڭ غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش يولىدا، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلماقچى بولغان سان ـ ساناقسىز بىگۇناھ ئالىملارنى، زىيالىيلارنى «تېررورىست» قالپىقى بىلەن قىرغىن قىلغان، ھەتتا سەبىيلەرنىڭمۇ خۇنىغا بوغۇلغان، بىگۇناھ كۇرد خەلقىنى خېمىيەۋىي قۇراللار بىلەن قەتلىئام قىلغان، ئىراندا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقسارايدىكى خوجايىنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، بىگۇناھ ئىران خەلقىنى سەككىز يىل قىرغان، بۇرۇندا ئىسرائىلىيە پەلەستىننى ئىستېلا قىلغىنىنىڭ سىرتىدا، لېۋان، مىسىر ۋە سۈرىيىنىڭ توپراقلىرىنى بېسىۋالغان ۋە ئەرەبلەرنى تەھدىد ئاستىغا ئالغان ۋاقىتلاردىمۇ،  دۈشمەنگە قارشى بېرەر پاي ئوق چىقارمىغان، كېيىنچە، بېشىغا كۈن كەلگەندە پۇرسەتپەرەسلىك بىلەن ئىسرائىلىيەگە بىر قانچە باشقۇرۇلغۇچى بومبىنى ئېتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىششىنى مەقسەت قىلغان، ئىسلام شۇئارىنى ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتى ئۈچۈن قالقان قىلماقچى بولغان مەككار، نىجىس ئادەمدۇر. ئۇنىڭ زالىم ھاكىمىيىتىمۇ ئۆز خوجايىنلىرى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىندى. ئەنە شۇنداق چېكىدىن ئاشقان زالىمنى ئۇنىڭدىن ۋەھشىرەك يەنە بىر زالىمنىڭ قولى بىلەن جازالاش ئاللاھنىڭ كائىناتتا بېكىتكەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ ھازىرقى ھاكىممۇتلەقلىرىمۇ، ساددامدىن ئانچە ياخشىمۇ ئەمەس. بۇلار ساددامنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ تەختىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەدەپ ئۆز خەلقىنى  باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ زىيىنىغا مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرىنى ياۋرۇپا مەملىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا مەسىلىنىڭ تۈگىنى نەدە ئىكەنلىكىنى ئۇبدان چۈشىنىمىز.

ئۇلاردا (ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە) ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ ــ قۇۋىتىگە ئىشىنىش روھى بولسا، بۇلاردا (ئىسلام مەملىكەتلىرىدە) ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ ـ قۇۋىتىدىن شۇبھىلىنىش پاسسىپلىقى بار.

ئۇلاردا ئۆزى پىچىپ، ئۆزى تىكىش روھى بولسا، بۇلاردا  باشقىلار پىچىپ بەرگەننى تىكىش روھى بار.

ئۇلاردا دېموكراتىيە بولسا، بۇلاردا دىكتاتۇر بار.

ئۇلاردا ئەركىن سايلام بولسا، بۇلاردا ساختا سايلام ياكى تەخت مىراسخورلىقى بار.

ئۇلاردا ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش بولسا، بۇلاردا چوڭ ھاكىممۇتلەققە ـ ئاقسارايدا ئولتۇرۇپ ئىش باشقۇرىدىغان ھاكىممۇتلەققە بېقىنىش بار.

ئۇلاردا تىرىشچانلىق بولسا، بۇلاردا ھورۇنلۇق بار.

ئۇلاردا بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق روھى بولسا، بۇلاردا بۈگۈنكى ئىشنى كېلىدىغان يەنە بىر  يىلغىچە كېچىكتۈرۈش پاسسىپلىقى بار.

ئۇلاردا ئىنتىزامچانلىق بولسا، بۇلاردا بىپەرۋالىق بار.

ئۇلاردا ئىنسانىيەتچىلىك بولسا، بۇلاردا  تارمىللەتچىلىك بار.

ئۇلاردا ئىجاد ۋە كەشىپ  قىلىش روھى بولسا، بۇلاردا تەييارغا ھەييار بولۇش پاسسىپلىقى بار.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بۇلار قانداقمۇ ئۇلارغا يېتەلىسۇن؟ قانداقمۇ ئارقىدا قالمىسۇن؟

يوقىرىقى سېلىشتۇرمىلارغا قارىسىڭىز بۇ ئىككى پىرقىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى ـ گويا ياۋرۇپالىقلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆزلىرىگە دەستۇر قىلغان، مۇسۇلمانلارنى بولسا، تاش دەۋرىدە ياشاۋاتقاندەك كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتىمۇ، بىزدە ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇق جازىسى بىلەن مۇسۇلمانلىقنىڭ نامىلا قالغان، ئۇنىڭ روھىنى ياۋروپالىقلار ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. ئەجەپلىنەرلىك ھە…!

مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن ئەرەبلەر ئۆزلىرىنى خورلۇقتىن ئەزىزلىققا، نامراتلىقتىن بايلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئېرىشتۈرگەن مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ قەدرىنى بىلمىدى. ھەدەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەبىيەتلىك جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى. ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلىك بىر مىللەت قاتارىغا كۆتۈرگەن ئۇلۇغۋار ۋەھىينىڭ روھىغا خىيانەت قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززىتىنىڭ پەقەت ئىسلام دىنى سايىسىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ئىسلامدىن ئايرىلىپلا قالغان كۈنى ھۆرمىتىدىن ۋە ئىززىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئونۇتتى. نەتىجىدە، ھازىرقى كىرىزسقا مۇپتىلا بولدى.

نۆۋەتتىكى بۇ كرىزىستىن چىقىشنىڭ بىرلا چارىسى دىننىڭ ئەسلىگە قايتىش ـ سىيىاسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە قۇرئان ۋە ھەدسىنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ: «بۇ ئۇممەتنىڭ ئەھۋالى پەقەت بۇرۇنقىلىرىنىڭ ئەھۋالى تۈزەلگەن نەرسە(يەنى ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىش) بىلەنلا تۈزىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قاراپ مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىچىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى توغرىمۇ؟ ئۈمىدسىزلىنىش خاتادۇر ھەمدە چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ بۇدىننى تا قىيامەتكىچە چوقۇم داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىغا ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە مۇسۇلمان بولغانلارنى دۇنيادا ئەزىز قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى  ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەن. تارىخىمىز بۇنىڭغا يېتەرلىك شاھىد بولالايدۇ. بىزمۇ ساھابىلار(ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار)دەك بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇلاردىن كېيىنكىلەرچىلىك ھەقىقىي رەۋىشتە مۇسۇلمان بولۇپ كۆرەيلى قېنى، ئاللاھنىڭ ياردىمى، نۇسرىتى ۋە پۈتۈن ۋەدىلىرىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى شۇۋاقىتتا بىلىمىز ۋە كۆرىمىز. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ دىننى ئۆزى بىلەن قوشقاندا ئاران 4 كىشى بىلەن باشلىغانىدى. ھەتتا بىر كۈنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە تۇرغىنىدا  مۇشرىك ئەرەبلەر ئۇنىڭ بېشىغا بىر تۆگىنىڭ ئىچ قېرىنلىرىنى ئارتىپ  قويۇپ تاماششا كۆرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدىن بۇ نىجاسەتنى ئېلىۋېتىشقا ئۇنىڭ قىزىدىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان جۈرئەت قىلالمىغانىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلار شۇ دەۋرلەردە شۇنچىلىك كۈچسىز ۋە زەئىپ ھەم نامرات ئېدى. بۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرغاننىڭ سىرتىدا، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېمپىراتورلۇقلاردىن رىم ۋە پارس ئېمپىراتورلۇقلىرىنى تارمار  قىلغانلىقىدىكى پەۋقۇلئاددە كۈچ ـ قۇۋۋەت نەدىن كەلگەن؟ تەبىئىيكى، ئاللاھتىن كەلگەن! ئاللاھ شۇنداق چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىكى، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ، ئۇنىڭ ياردىمىگە يۈرەكتىن ئىشىنىپ ئۇنىڭ يولىدا ئىزچىل يۈرگەن كىشىنى ھېچ ۋاقىتتا ئۈمىدسىز قويمايدۇ ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىرىگە ئۆزى بېۋاسىتە كېپىللىك قىلىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ۋە كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ئەمەل قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ تۈگىمەس ياردىمىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ئۆلگىلىك كىشىلىرىمىزدۇر.

ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بۇ ھالىغا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەب بولغانمۇ؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولالمىغانلىقى سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن ئىسلام دىنى بىزاردۇر، ئەلۋەتتە.

بۇ ئەھۋالدا، سىز ھازىرقى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن نېمىنى كۈتىسىز؟  ھازىر بۇ مەملىكەتلەرنى  مۇسۇلمانلىقتا بىزگە ئۆلگە بولىدۇ، دەپ ئويلامسىز؟ ئەگەر بۇلار مۇسۇلمانلىقتا ئۆلگىلىك مەملىكەتلەر بولغان بولسا ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنگە قالماس ئېدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچىنچى قىبلىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ بۆشۈگى بولغان مەسچىدى ئەقسامۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىدا قالماس ئېدى. چۈنكى ھەقىقىي «ئىسلام دۆلىتى» ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرغان ۋە كېيىنىكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىمۇ ھۆكۈم سۈرگەندەك، دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مىللەت، ئىرق ئايرىمايدىغان ۋە ھەممىسىگە بىردەك ھامىي بولالايدىغان بولىدۇ.

تارىخلاردىن مەلۇمكى، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدە، بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ قۇستېنتىنىيە(ھازىرقى ئىستانبۇل) دىكى بىزانس ئېمپىراتورلىقى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلىق خەۋىرى كەلگەن ھامان، خەلىپە ئۆمەر ئېمپىراتورغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازىدۇ: «ئايالنى ھازىرلا قويۇۋەت! ئەگەر شۇنداق قىلمايدىغان بولساڭ، ساڭا شۇنداق بىر قوشۇن ئەۋەتىمەنكى، ئۇنىڭ بېشى سېنىڭدە، ئاخىرى مېنىڭدە بولىدۇ». بۇ تەھدىدتىن چۇچۇغان بىزانس ئېمپىراتورى ئايالنى تۈرمىدىن بوشىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ ۋە ئالى ئېھتىرام بىلەن ئۇنى مەخسۇس قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا خەلىپە ئۆمەرگە تاپشۇرىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق. بۇ نېمە دېگەن جۈرئەت ـ ھە! شۇ ۋاقىتتىكى بىزانس ئېمپىراتورلىقىمۇ ھېچ بولمىغاندا، ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يەللىسىگە مىنىۋالغان زوراۋان دۆلەتلەردەك كۈچلۈك ئېدى. ئەمما گەپ ماددىي كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئەمەس، بەلكى ئىمانىي قۇۋۋەتتە. ماددىي قۇۋۋەتمۇ ئىماننىڭ قۇۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن بولغان نېسىۋىسى ئۇنىڭ ئىماندىن بولغان نېسىۋىسىگە قاراپ بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلاردا ئىمان ئاجىز بولغانلىقتىن، جۈرئەتمۇ كەم، ھەتتا يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەلەستىن مەسىلىسى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ھەل بولغىنى يوق. چۈنكى بۇ مەسىلە جۈرئەتنى ئەمەس، بەلكى پۇل ـ مال كەتسىمۇ جان كەتمەيدىغان سۈنئىي دەۋالار ۋە ئايىغى چىقمايدىغان سۈلھى ـ سالالارنى دو تىكىش بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ھەقىقەتپەرۋەر، ئوت يۈرەك غەييۇرانلارمۇ ئاز ئەمەس. بىراق ھاكىمىيەت بېشىدىكى قورچاق ھاكىممۇتلەقلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئولتۇرغانلىقتىن، تەختتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى تۈپەيلى مۇستەملىكىچى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خاھىشلىرىنى ئورۇنلىماقتا ۋە ئۆز خەلقىدىن چىققان ئىقتىدارلىق سىياسىيونلارنى، زىيالىيلارنى ۋە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ئالىملارنى كۆزدىن يوق قىلىپ تۇرماقتا.

دېمەك: ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلىقتا كىشىلەرگە ئۆلگە بولالايدىغان بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى يوقتۇر.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىز باشقىلاردىن كۈتكەننىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ كېلەچىكىنى ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم ئەمەسمۇ؟! قولىمىزدا ئۆلمەس دەستۇرىمىز ــ قۇرئان بىلەن ھەدىس بار. بۇلارنى تەتبىق قىلىدىغانلار مەن، سىز ۋە ئۇ. ئەڭ ئاۋۋال بىز  دىنىمىزنىڭ چىن روھىنى ئۆزىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنى دۇنيادا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. «مۇسۇلمانلار ئۇنداق، مۇسۇلمانلار مۇنداق» دەپ ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، مەن بىلەن سىز توغرىسىنى قىلايلى! چۈنكى «مۇسۇلمان» دېگەن سۆز بىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەنبە:ياخشىلار بىلوگى
-----------------------------------------
يۇقارقى تىما ھەر-بىر مۇسۇلمان قەۋمى ئۈچۈن قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك بولىۋاتقان كەسكىن مەسىلە. مۆھتىرەم باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن....ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-16 09:38 AM  


ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش