مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3588|ئىنكاس: 25

ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38379
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6310
تۆھپە نۇمۇرى: 1536
توردا: 2835 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 08:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
***دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .
*** ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئازاپلايدىغان ئىش ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ،
*** ئازاپ ۋە دەرتكە مۇپتىلا بولغاندا چۈشكۈنلەشمەسلىك ، قاتتىق ھاياجانلانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك .

*** بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشىنىسەن .
*** ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .
*** ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ .
*** مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس ، دىلى ئاقارغانلاردىن سۇرا .
*** ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، باشقىلارنى يىغلىتىپ كېتىدۇ .
*** ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ۋاقتىڭدا ساڭا تەسەللى بەرگۈدەك بىرەرىنىڭ يوقلۇقى روھىڭنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
*** ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچان بولسا زىممىسىدىكى يۈكى شۈنچە ئېغىر بولىدۇ .
*** سەۋر – تاقەت ئىناق تۇرمۇشنىڭ بايلىقى .
*** بىر – بىرىگە مەپتۇن بولۇش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئولى .
*** بىلىم ئۆگىنىش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى .
*** پەرزەنت _ چىن ئەقىدىنىڭ يېلتىزى .
*** قىمار ئويناش ئائىلىنى ئوتتا كۆيدۈرگەنلىك .

** ھەممە كىشى سىناق ئۈستىدە؛ ئالدىغۇچى ئالدىنىدۇ، ئەزگۈچى ئىزىلىدۇ.

** ھېچكىمنى كەمسىتمە، باشقىلارغا ئورا كولىغان كىشى ئۆزى دۇمۇلايدۇ.

** ئەڭ چوڭ بالا تىلدىن كېلىدۇ.

** كىشىنىڭ ئىشى بولسا ئىشى، سۆيەر ئۇنى ھەر كىشى، كىشىنىڭ ئىشى بولسا كىشى، راۋاج تاپماس ھېچ ئىشى.

** مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بولغان يەردە مۇھەببەت بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بولغاندا غەلىبە قولغا كېلىدۇ.

** مۆمىن ھەر دائىم ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان غىزاغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

** ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.

** “ياخشى بولسا مۈشۈنچىلىك بولا” دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.

** قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.

** قۇل ھەققىدىن قورققان كىشى پۇتىنى ئۇزۇتۇپ، راھەت ئۇخلىيالمايدۇ.

** مەردلىك – سېنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش ۋە سەن ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىشتۇر.

** تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئىمىدۇ، تىلى ئاچچىق موزاي بىر ئانىنىمۇ ئىمەلمەيدۇ.

** مۇرۇۋۋەت – ئىنسانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسىدۇر.

** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: “بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ” دېگەن.

** تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.

** بېخىل ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

** ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.

** ئىككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.

** بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز “مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە” دەپ بىكار ئېيتمىغان.

** ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.

** تەبەسسۇمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مۆتىبەر بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

** مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.

** ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.

** ھالىڭدىن دەرتلەنمە، ياماننىڭ يامىنى بار.

** يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. ئامما بىر بىنادا بىر يامان كىشى بولسا، ئۇنىڭ يامان خۇيلىرىنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىق ئىھتىمالى يوق.

** مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىررى تەبەسسۇم، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل سىياسەتتۇر. گۈزەل سىياسەت ھەممە كىشىنىڭ خۇرسەن بولۇشىدۇر.

** مۇھەببەت يېقىنلىق تەلەپ قىلىدۇ، يىراقلاشقان مەھرۇم بولىدۇ.

** باشقا كەلگەن ھەر بىر خاپىلىقنىڭ سەۋەبى گۇناھ ئىشلەشتۇر.

** كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان بالالارنى كەلتۈرىدۇ.

** ياخشىلار بىلەن دوست بولغان كىشى يامانلارنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

** قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.

** باشقىلارغا يۈك بولغان كىشى خورلىنىدۇ.

** گەپ توشوش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.

** ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغاننىڭ باشقىلارغا ھەرگىز ئىچى ئاغرىمايدۇ.

** ئالىم بىلەن يۈرگەن ئەزىز، بىلىمسىز بىلەن يۈرگەن زەلىل بولىدۇ.

** مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.

** ئەدەپ ـ ئەخلاق، ئەقىلنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدۇر. كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقى قەدەردۇر.

** ئەقلىدەك سەرمايە، ياخشى خاراكتىردەك دوست، ئەدەبتەك مىراس، ئىلىمدەك شەرەپ بولمايدۇ.

** تىل يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ سېنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.

** كىشى تىلىنىڭ ئاستىدىدۇر، قانداقلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.

** يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش يامان دەپ قارايدۇ.

** پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ بېشى يامان دوستتۇر.

** دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.

** ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.

** ھەر قانداق ياخشىلىق سەۋر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

  
   
            مەنبە  :            http://www.tirkesh.cn/thread-880-1-1.html
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
harsan + 50 ياخشى تېما يوللاپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23751
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 09:26:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋالدىم ئەمىسە ، جېنىم .ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوقۇشقا تىگىشلىك ھىكمەتلەركەن .رەھمەت ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بىرەر .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 09:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنداق ھىكمەتلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ھەم ساقلايمەن ، رەخمەت سىزگە ،ساقلىۋالدىم .

      ئاقىل بولساڭ نادان بىلەن گەپ تالاشما .

       نەپسىنىڭ ئازدۇرشى كۆڭۈلنى قاراڭغۇلاشتۇردۇ.

     ھەسەتخورلار ئۆزلىرى سەزمىگەن ھالدا  سېنى ماختايدۇ .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8007
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 10:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم  ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.......

دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37525
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇساقلىۋالاي بەك ياخشى ھىكمەتلەركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي . ئىسىل ھىكمەتلەر ئىكەن. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ساقلىۋىلشىقا ئەرزىگۈدەك ھىكمەتلەرئىكەن. كۆپ تەشەككۇر.

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...

ئەسسالامۇ ئەلەي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33027
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7497
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 1447 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي نەدىن تېرىۋالدىڭىز بۇنداق گەپلەرنى

پۇل تاپاي دىسىڭىز دىغار شەھىرىگە كېلىپ تاش كولاڭ

ئۆيدىن چىققاندا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45046
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3275
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئىسىل ھېكمەتلەر ئىكەن ،ھارمىغايسىز

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21402
تۆھپە نۇمۇرى: 3694
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 11:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش