ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت Kunduz^_^ay كە 2011-08-10 01:21 AMئەۋەتىلدى 34قەۋەتتىكى(herzaman) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
سىز چېچىلماڭ....بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى مەن سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ ، كۆرۈپ چىقىۋاتىمەن.....ئەسلى تىما ماۋزۇسى باشقا ئىدى....بەزى ئىنكاسچىلارنى مۇشۇنداق گەپنى كۆتۈرۈپ چىقارمىكىن دەپ ئويلاپ ، باشقىچە قويغان. لىكىن بۇ تىمىنىڭ تەستىقلىنىشىمۇ شۇنداق تەس بولدى...ماۋزۇسىمۇ باشقۇرغۇچى تەرپىدىن ئۆزگەرتىلىپتۇ...تەستىقلانغىنىغا شۈكىرى.....
بۇنى مودا دىگۈچىلەرگە بىرلا ئېغىز گەپ. چاچنى چىقىرىپ، شىر پادىشاھتەك بولىۋالغاندىن مىڭ ياخشى!
قىزلارنىڭ قايسى بىرى گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدۇ....بۇنىڭ ھەم دىنىمىزدا ئاشۇرۋەتتى دىگۈدەك يېرىمۇ يوق....كىينىشىڭىز ۋە ياش چەكلىمىڭىزگە قاراپ، ھەرخىل چىگىش ئۇسۇللىرىنى ئۈگەنسىڭىز بۇلىدۇ. يېشىڭىزغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئۇسۇلدا چېچىڭىزنى بۇياپ، بۈدۈرە قىلىپ مودا بولساڭلار بۇلىدىكەن....بۇ ياغلىق چىگىش ئەمدى مودا بۇلۇپ چىقتى....ھىچ قىسى يوق مودا دىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنىمۇ چۈشىنىمەن.....مەيلى تىمامغا قانداق ئىنكاس چۈشسۈن مەن ئېغىر ئالمايمەن....چۈنكى مەن ئۈچۈن بەربىر.......... 
مەن بۇ تورداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن. بۇ مۇنبەردە ھەرتەرەپلىك كۆز قاراشلا بولۇپ ئۆتۈپتۇ. بەزىلەر مودىغىمۇ كىرگۈزىشكە ئۈلگۈرۈپتۇ . مودا بولسۇن بولمىسۇن ئىش قىلىپ، بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىكەن. بەزىلەرگە بۇ ئۇسۇللار مۇرەككەپ بىلىنگەن بىلەن تەپسىلى قارايدىغان بولساق بۇنداق ئۇسۇللارنى ئالدىراڭغۇ ئادەم ھەرگىزمۇ قىلالمىغۇدەك بۇ ئىنچىكىلىكنى ھەم سەۋرچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار قىزلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىنچىكە بولمايدۇ بەزىلىرى ئۇششاق ئىشلاربىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېلىپ ئېيتسام مېنىڭمۇ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن يىڭنە ئىشلىرى ۋە باشقا ئۇششاق ئىشلارغا پەقەت قىزىققمايتى. ھەم بەك قوپال خۇددى ئوغۇللاردەك مىجەزى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە مەن ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى مەن سەۋرچانلىق بىلەن قىلاتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ئىككىمىزنىڭ مىجەزى چىقىشماي ئاخىرى ھەر ئىككىمىز . ئۆز يولىمىزغا ماڭدۇق.
مۇمكىن بولسا مەن بۇنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىشقا تىرشىمەن ماڭغا بەك ياقتى. يەنە بىر گەپ مۇنبەرگە يوللىغانلىكى نەرسىلەرگە ئازدۇر كۆپتۇر قۇسۇر چىقارمىساق كۆڭلىمىز ئۇنمامىدىكىن تاڭ باشتىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى خوش بولغان ئىدى. كەينىدىكلەرنى كۆرۈپ ئالدىراپ خوش بوپ كەتكىنىمىدىن ئۆكۈندۈم. ئاخرىدا مۇشۇ تىمىنى يوللىغان تىما ئىگىسىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئايدا بەك ياخشى دەرسلىكىنى يوللاپسىز. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.