مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2496|ئىنكاس: 7

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 06:38:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى





(1990 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
3 – نومۇرلۇق
   ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى
   مۇندەرىجە
   1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
   2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
   3 – باب تەربىيىلەش
   4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش
   5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى
   6 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت
   7 – باب توسالغۇسىز مۇھىت
   8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
   9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
   1 – ماددا بۇ قانۇن مېيىپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي، ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
   2 – ماددا مېيىپلەر پسىخىك، فىزىئولوگىيە، تەن قۇرۇلما جەھەتتە مەلۇم توقۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى يوقالغان ياكى نورمالسىز بولغان، مەلۇم ئىشنى نورمال قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
   مېيىپلەر كۆزى، قۇلىقى، تىلى، پۇت – قولى، ئەقلى، روھىي، كۆپ يېرى مەجرۇھ كىشىلەر ۋە باشقا يېرى مەجرۇھ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
   3 – ماددا مېيىپلەر سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
   مېيىپلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
   مېيىپ دەپ كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. مېيىپلەرگە ھاقارەت قىلىش، زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدە ياكى باشقا شەكىلدە مېيىپلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى كەمسىتىپ زىيانغا ئۇچرىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
   4 – ماددا دۆلەت ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ۋە يۆلەش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلەرگە ئالاھىدە يار – يۆلەك بولۇپ، مېيىپلىك تەسىرى ۋە تاشقى توسالغۇنى يېنىكلىتىپ ياكى تۈگىتىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ.
   5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ ھەمدە مېيىپلەر ئىشلىرى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك.
   گوۋۇيۈەن جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات پروگراممىسىنى تۈزىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات پروگراممىسى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس ھالدا راۋاجلاندۇرىدۇ.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مېيىپلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى مېيىپلەر ئىشلىرى خىزمىتىگە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، مېيىپلەرنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، مېيىپلەر خىزمىتىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
   6 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر بىلەن، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   قانۇن – نىزام، قائىدە ۋە جامائەت سىياسىتى چىقىرىشتا، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ ئىشلاردا مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.
   مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
   7 – ماددا پۈتۈن جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەرنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك.
   دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
   دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار دائىرىسىدىكى مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
   مېيىپلەر خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا خادىملار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مېيىپلەرگە تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
   8 – ماددا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
   جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن – نىزام، نىزامنامە بويىچە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مېيىپلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
   9 – ماددا مېيىپنىڭ يار – يۆلەك بولغۇچىسى مېيىپكە يار – يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.
   مېيىپنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى شەرت.
   مېيىپنىڭ تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى مېيىپلەرنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   مېيىپلەرگە ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، مېيىپلەرنى خارلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
   10 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۆزىگە تايىنىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
   مېيىپلەر قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
   11 – ماددا دۆلەت مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ۋە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، مېيىپ قىلىدىغان ئىرسىيەت، كېسەل، دورا، ھادىسە، ئاپەت، مۇھىت بۇلغىنىش ئامىلى ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېيىپلىك دەرىجىسىنى يېنىكلىتىدۇ.
   دۆلەت مېيىپلەرنى ستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئەھۋالىنى ستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ.
   12 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنى، ھۆكۈمەت ئىشىدا مېيىپ بولغانلارنى شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا مېيىپ بولغان باشقا كىشىلەرنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىدۇ.
   13 – ماددا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان مېيىپلەرنى، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرگە خىزمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
   14 – ماددا ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – يەكشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ.
2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
   15 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى ئىقتىدارىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
   16 – ماددا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زامانىۋى تېخنىكىسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەھەللىنى ئاساس، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتىنى تايانچ، مېيىپلەر ئائىلىسىنى يۆلەك قىلىش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزمۇنىدا ئەمەلىي، قۇلايلىق، نەپ بېرىدىغان بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مېيىپ بالىلارنى ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
   17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار شەھەر، يېزىلاردىكى مەھەللە مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، داۋالاش – ئالدىنى ئېلىش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى، مېيىپلەر ئائىلىلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، مەھەللىلەردە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
   مېيىپلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ۋە مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتلار شارائىت يارىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
   مېيىپلەر كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە ئالاقىدار خادىملار، پىدائىيلار ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىقتىدار مەشىقى، ھاجىتىدىن چىقىش مەشىقى ۋە ئەمگەك ماھارىتى مەشىقىنى تىرىشىپ قىلىشى كېرەك.
   18 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېھتىياجغا قاراپ، پىلانلىق ھالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمى، مېيىپلەر سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش، خادىملارنى تەربىيىلەش، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكلەش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك.\
   19 – ماددا تېببىي مەكتەپ ۋە باشقا ئالاقىدار مەكتەپلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسىنى پىلانلىق ھالدا تەسىس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ئېچىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
   ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى خادىملىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ؛ مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ تۇغقانلىرى، ئالاقىدار خادىملار ۋە پىدائىيلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ.
   20 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قوشۇمچە سايمانلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىنى تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشى كېرەك.
3 – باب تەربىيىلەش
   21 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر مائارىپىنى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
   ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە يېتىپ ئوقۇش تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىق ياردەم پۇللارنى بېرىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ماددىي ياردەم بېرىدۇ.
   22 – ماددا مېيىپلەر مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، كەسپىي مائارىپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى پائال قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئالىي، ئوتتۇرا مائارىپتىن يۇقىرى مائارىپ پەيدىنپەي راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
   23 – ماددا مېيىپلەر مائارىپىنى مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە يولغا قويۇش كېرەك:
   (1) ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن تولۇقلاش ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش؛
   (2) مېيىپلىك تۈرى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ، ئادەتتىكى تەربىيە شەكلى ياكى ئالاھىدە تەربىيە شەكلىنى قوللىنىش؛
   (3) ئالاھىدە مائارىپ دەرسى تەسىس قىلىش، دەرسلىك، ئوقۇتۇش مېتودى، مەكتەپكە كىرىش ۋە مەكتەپ يېشىنى مۇۋاپىق ئىگىلەش.
   24 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ سانى، جايلىشىش ئەھۋالى ۋە مېيىپلىك تۈرى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ مېيىپلەر مائارىپى ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق قۇرۇشى ھەمدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا، ئوقۇشقا پۇل ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
   25 – ماددا ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان مېيىپلەرنى تەربىيىلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
   ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تۇرمۇشىغا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشى شەرت؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە يەتكەنلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنى مېيىپ دەپ رەت قىلماسلىقى شەرت؛ رەت قىلسا، ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شۇ مەكتەپنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم.
   ئادەتتىكى گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى شۇ ئاپپاراتنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلارنى ئېلىشى كېرەك.
   26 – ماددا مېيىپ گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مېيىپ بالىلار سىنىپى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى، مېيىپ بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە مېيىپ بالىلار ئائىلىسى مېيىپ بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تەربىيىلەيدۇ.
   تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تۆۋەن ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئېلىش ئىقتىدارى يوق مېيىپ بالىلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيىلەيدۇ.
   تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ۋە مېيىپلەر كەسپىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى شەرتكە توشىدىغان مېيىپلەرنى تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيىلەيدۇ.
   ئالاھىدە مائارىپ بويىچە تەربىيىلەيدىغان ئاپپاراتلار مېيىپلەرنىڭ ئۆگىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
   27 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مېيىپلەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مېيىپلەر ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش ۋە باشقا چوڭلار مائارىپى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.
   28 – ماددا دۆلەت ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئالاھىدە مائارىپ پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە كەسىپلىرىنى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ، ئادەتتىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ دەرسىنى ئېچىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن دەرس ئۆتۈپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا زۆرۈر ئالاھىدە مائارىپ بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ.
   ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
   29 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش، ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىش، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە باشقا قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلەش ۋە تەمىنلەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى لازىم.
4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش
   30 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
   31 – ماددا مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە يۆلەش – قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ.
   32 – ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر پاراۋانلىق كارخانىسى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتى ۋە باشقا پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنى يىغىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
   33 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنى نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
   دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى تېپىپ بېرىشى كېرەك. بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەنلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
   مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
   34 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىشىغا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   35 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا يۆلەك بولۇشى كېرەك.
   36 – ماددا دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزگەن، بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرغان ياكى مېيىپلەرنى يىغىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرىغا ۋە يەككە تىجارەتچى مېيىپلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەغ، ئەشيا، سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەيدۇ. دۆلەت يەككە تىجارەتچى مېيىپلەردىن ئېلىنىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلات، تۈرلەرنى بېكىتىپ، ئۇنى مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشىغا ياكى تىجارەت قىلىشىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مەلۇم مەھسۇلاتنى ئۇلار مەخسۇس ئىشلەشنى بېكىتىشى كېرەك.
   ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، ئوخشاش شارائىتتا مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
   يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.
   يەككە تىجارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان مېيىپلەرگە ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاۋۋال بېرىشى كېرەك.
   يېزىلاردىكى ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى قىلىدىغان مېيىپلەرگە ئالاقىدار تارماقلار ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە كرېدىت قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   37 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
   مېيىپلەر بىرلەشمىسى قۇرغان مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش ۋە كەسپىي تەربىيىلەشنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى قوبۇل قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   38 – ماددا دۆلەت مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ مال – مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.
   ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئېلىش، رەسمىيلەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي ئۇنۋانىنى باھالاش، ئەمگەك ھەققى، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئارام – ئوتپۇسكا بېرىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
   مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ھازىرلاپ بېرىشى ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ئەمگەك سورۇنى، ئەمگەك ئۈسكۈنىسى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەسىنى ياخشىلاپ بېرىشى كېرەك.
   دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ساقلىق ساقلايدىغان ۋە داۋالايدىغان ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   39 – ماددا مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ئۇلارنى ئىش ئورنىدا تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
   40 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەيدىغان ۋاسىتىلەر بىلەن، مېيىپلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى
   41 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پائال شارائىت يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ.
   42 – ماددا مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنى كەڭ دائىرىدە قاتناشتۇرۇش كېرەك.
   43 – ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ:
   (1) رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، كىتاب، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛
   (2) ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى، مېيىپلەرنىڭ باشقا ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشقا تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش، ئەمالارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، جامائەت كۇتۇپخانىسىدا ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى قىرائەتخانىسى ئېچىش؛
   (3) تېلېۋىزىيە بارماق تىلى پروگراممىسى، مېيىپلەر مەخسۇس رادىئو پروگراممىسى ئېچىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ خەت، چۈشەندۈرمىسىنى كىرگۈزۈش؛
   (4) مېيىپلەرنى ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا، ئالاھىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە، خەلقئارا مۇسابىقە ۋە ئالاقىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش؛
   (5) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىدا مېيىپلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېتىبار بېرىش، مېيىپلەر پائالىيەت سورۇنلىرىنى پىلانلىق قۇرۇش.
   44 – ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەرنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم – پەن، تېخنىكا ۋە خەلققە پايدىلىق باشقا ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ.
   45 – ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر بىلەن باشقا پۇقرالانىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ۋە مېيىپلەرگە يار – يۆلەك بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ بوشاشماي ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
6 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت
   46 – ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
   ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
  47 – ماددا مېيىپلەر ۋە ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك.
   مېيىپلەر تۇرۇشلۇق شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ۋە مېيىپلەر ئائىلىلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
   48 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۇرمۇش، مائارىپ، تۇرالغۇ ياردىمى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ياردەملەرنى بېرىدۇ.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق، تۇرمۇشتا بەك قىينىلىۋاتقان مېيىپلەر ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى، زۆرۈر قوشۇمچە سايمانلارنى ئېلىش ۋە ئالماشتۇرۇشىغا بەلگىلىمە بويىچە ياردەم بېرىشى كېرەك.
تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان مېيىپلەرگە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھۋالغا قاراپ، قاراش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
   49 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، باققۇچىسى يوق ياكى باققۇچىسىنىڭ بېقىش ئىقتىدارى يوق، تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق مېيىپلەرنى بەلگىلىمە بويىچە بېقىشى كېرەك.
دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنى بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   مېيىپلەرنى بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مېيىپلەرنى ھاقارەتلىشىگە، خورلىشىغا ۋە تاشلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
   50 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىگە چىققان مېيىپلەرگە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مېيىپلەر يېنىدىن ئايرىمايدىغان زۆرۈر قوشۇمچە سايمانلىرىنى ھەقسىز سېلىۋالسا بولىدۇ.
   ئەمالار شەھەر ئىچىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ترامۋاي، مىترو، كېچىك كېمىسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بىلەن ھەقسىز ئولتۇرىدۇ، پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان ئەمالار ئوقۇشلۇقىغا ھەق ئېلىنمايدۇ.
   دۆلەت تېلېگراف، رادىئو – تېلېۋىزىيە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمالارغا، قۇلىقى، تىلى مەجرۇھلارغا ئېتىبار بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرگە بېرىدىغان باشقا ئېتىبار ۋە ياردىمىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى كېرەك.
   51 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە ۋە مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ ۋە كۆپەيتىپ، مېيىپلەر خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پىدائىيلارنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
7 – باب توسالغۇسىز مۇھىت
   52 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر قاتنىشىشىغا توسالغۇسىز مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
   53 – ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى مېيىپلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ياساش ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك.
   ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ياساش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياسىلىپ بولغان ئەسلىھەلەرنى دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە تەدرىجىي ئۆزگەرتىشى، مېيىپلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاۋۋال ئۆزگەرتىشى كېرەك.
   توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش كېرەك.
   54 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
   ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ جامائەت ئۇچۇرى ئېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
    دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە باب كېلىدىغان ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە يارىتىدۇ.
    دۆلەت ئالىدىغان يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىمتىھانى، كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىمتىھانلىرىغا ئەمالار قاتنىشىدىغان بولسا، ئەمالارغا ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى، ئېلېكترونلۇق ئىمتىھان قەغىزى بېرىشى ياكى مەخسۇس خادىم ياردەم بېرىش كېرەك.
    55 – ماددا جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە جامائەت سورۇنلىرى شارائىت يارىتىپ، مېيىپلەرگە تاۋۇشلۇق ۋە يېزىقلىق ئەسكەرتمە، بارماق تىلى، ئەمالار يېزىقى جەھەتلەردە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا ئاۋۋال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
    ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى توسالغۇسىز ئەسلىھە تەلىپىگە تەدرىجىي يەتكۈزۈش كېرەك. شارائىتى بار ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى مېيىپلەرگە مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئايرىپ قويۇشى كېرەك.
   56 – ماددا سايلامنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تارماق مىيىپلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى؛ شارائىتى بارلىرى ئەمالارغا ئەمالار يېزىقىدىكى سايلام بېلىتى تەييارلاپ بېرىشى كېرەك.
    57 – ماددا دۆلەت توسالغۇسىز قوشۇمچە ئۈسكۈنە ۋە توسالغۇسىز قاتناش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يارىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   58 – ماددا ئەمالار ئەما ئىتىنى يېتىلەپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىش – چىقىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
    59 – ماددا مېيىپلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى مېيىپلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك، ئۇلار ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇنلاردىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماقلار ياكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.
    مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلەردىن دەۋا يولى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشتا ياردەمگە موھتاج بولغانلىرىنى قوللىشى كېرەك.
    مېيىپلەر تەشكىلاتى مۇئەييەن مېيىپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاقىدار تارماقلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
   60 – ماددا مېيىپلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
   ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبتىن قانۇن ياردىمىگە ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمىگە موھتاج بولغان مېيىپلەرگە شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەمدەم بولۇپ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى بېرىشى كېرەك.
   61 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا دائىر ئەرز، شىكايەت ۋە پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ، ئارقىغا سۆرەپ، بېسىپ قويۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ياكى ئەرز – شىكايەت ۋە پاش قىلغانلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى، مەسئۇل تارماق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
   دۆلەت خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانغا ئۇچرىغان مېيىپلەرگە زۆرۈر ياردەم بەرمەي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
    62 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا، مېيىپلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى كەمسىتىپ، زىيانغا ئۇچراتقانلارنى مەدەنىيەت، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.
    63 – ماددا ئالاقىدار مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئالمىغان ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن قوبۇل قىلىش تەلىپىدىن باشقا شەرت قويۇپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا چەك قويغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

   64 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچى ئېلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتكەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مېيىپ ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
   65 – ماددا بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنى ھاقارەتلىگەن، خورلىغان، تاشلىۋەتكەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
   66 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشتە، دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلماي ۋە ئاسرىماي، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
  67 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىقى باشقا قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ مال – مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
   68 – ماددا بۇ قانۇن 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەنبەسى : ئوكيان تورى

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 07:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 08:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈۋەندە ئىجرا بولسا ھىساپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44673
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3557
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1008 سائەت
تىزىم: 2011-6-17
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 10:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۈلىتمىزدە قانۇن ئەمەلدار بىلەن پۇلدارلارنىڭ ئالدىدا ھەيۋىسىنى يوقۇتۇپ قۇيىدۇ.يەنە شۇ كىشلەر تەرپىدىن پۇقرالارنى قورقۇتۇدىغان قورالغا ئايلىندۇ.بۇلۇپمۇ تۈۋەندە بۇ ئەھۋال بەك ئېغىر.ھەتتا سوتتىن ئىبارەت مۇشۇ ئۇرۇندىمۇ چىرىكلىك خېلىلا بار،بۇنى دەۋالىشىپ باققانلار ئاندىن ھىس قىلالايدۇ.شۇڭا ئاپتۇنۇم رايۇن ھەتتا بېيجىڭغىچە زور بىر تۇركۇم ئەرىزدارلار قۇشۇنى پەيدا بۇلۇپ بۇ كىشلەر بارغانچە كۈپۇيۇپ كېتۋاتدۇ.زۇڭلى ۋېنجاباۋنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۈيىنى مەجبۇرى چېقىشقا بولمايدۇ دەپ بۇيرۇق چۇشۇرۇشى،سوت.ج خ ئۇرۇنلىرنىڭ، قۇرلۇش ئۇرۇنلىرغا يانتاياق بۇلىشىنى تۇسۇش ئۈچۈندۇر.دۈلىتمىزدە قانۇننىڭ نۇپۇزى قوغدالسا بولاتتى.جازالايدىغاندا بەك ئتتىك،ھۇقۇقىڭىزنى قوغدايدىغاندا يەرلىك سىياسەت قانۇننىڭ ئالدىغا ئۈتىۋالغان.ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدا ھەرھالدا ئۈي چېقىشتا پۇلنى ئاز بەرسىمۇ ئىچكىردىكى بەزەن يەرلەردىن ياخشىكەن،ئىچكىردە قارا جەميەت كىشلىرنى ياللاپ ئۈي ئېگىللىرنى سولاپ قۇيۇپ بىر كېچىدە بىرەر مەھەللىنى تۇزلىۋەتكەن ئىشلارمۇ يۇز بەرگەنكەن.ئەمگەك قانۇنىغا ئەڭ ئاۋال خىلاپلىق قىلغۇچىلارمۇ ئىدارە-ئورگانلار بۇلۇپ دەم ئېلىش بايرام كۇنلىردە خالىغانچە ئادەم ئىشلىتىپ قانۇندا بەلگۇلەنگەن پۇلنى بەرمەيدۇ.بۇ توغرىلىق گەپ قىلسا كەيدۇردىغان قالپىغى تەييار.ھازىر ناھىيمىزدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۇشۇپ يەنە كېچىدە يوللاردا كىملىك تەكشۇرۇش دىگەندەك خىزمەتلەرنى قىلماقتا.بوپتۇ بۇنى مۇقىملىق ئۈچۈن دەيلى لىكىن ئۇلارنىڭ ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققى قېنى.ئەمگەك قانۇنىنى ياخشى ئىجرا قىلمىدىڭ دەپ شۈجى بىلەن ھاكىمنى جازالايدىغان شۇ قانۇن ئىجراچىللىرى قېنى؟ناھىيمىزدە ساقچى ماشىنلىرنىڭ قىزىل چىراقنى بېسىپ ماڭدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇردۇ،بۇلۇپمۇ قاتناش ساقچى ئەترىتنىڭ ماشىنلىردا كۈپرەك ،بۇلار ئىلىكتىرونلۇق ساقچىدىن قورقىمايدۇ،ئەمما پۇقراۋى ماشىنا تاكسى دىگەنلەرنىڭ ئەدىۋىنى شۇنچىلىك بېردىكى سىز ئالدىدا تىزلانسىڭىزمۇ 200يۇئەنگە تالۇن كەسمىگىچە بولدى قىلمايدۇ.بىر يۇئەندىن يۇقىرى 200يۇئەندىن تۈۋەن دىگەن ماددا ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئىجرا قىلىندۇ .بىراق ئۈزلىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا خالىغانچە خىلاپلىق قىلدۇ ،بۇلارنى جازالايدىغان شۇ مۇقەددەس قانۇن ۋە قانۇن ئىجراچىللىرى قېنى؟ئەڭ بىچارىلەر ئۇقۇتقۇچىلار بۇلۇپ بۇلارنىڭ دەم ئېلىشى بولمايدۇ،تەتىلى بولمايدۇ،شۇنداق ئىشلەپمۇ مائاشىنى تۇلۇق ئالالمايدۇ ،كىچىككىنە ھۇقۇقى بار مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئۇلارغا جېرىمانە قويالايدۇ،جېرىمانىنى قانداق ئۇرۇننىڭ قۇيالايدىغانلىقى توغرۇلۇق قانۇندا ئېنىق بەلگۇلىمە بار تۇرۇپمۇ بۇ ئىشنى تۇزەيدىغان ئادەم يوق،دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى قوغدۇلدۇيۇ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ .بۇنداق مىساللار بەك كۈپ شۇڭا مۇنبەرگە قانۇن مادىللىرنى يوللاشنىڭ ئەھمىيتى يوق.ھازىرقى مەسىلە قانۇننى پۇقرالارغا بىلدۇرۇش مەسلىسى ئەمەس بەلكى رەھبىرى خادىملارغا، قانۇن ئجراچىللىرغا قانۇننى بىلدۇرۇش ۋە قانۇننى ھۈرمەتلەش،بۇلۇپمۇ ‹‹ئالاھىدە ئەھۋال››نامىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرنى قەتئى تۇزتۇش ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44927
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3020
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 01:55:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ببۇ قانۇننى قايسى ئورگان بىۋاستە ئىجرا قىلىدۇ؟ 5VN4A<))  
  
مىيىپلارنىڭ ھوقوقىنى كاپالەتلەندۈرۈش دىگەنگە مىنىڭ كۈلگۈم كىلىدۇ. نەدە ئىكەن ئۇ ھوقوق دىگەن. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن مىيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ قەتئىي كارى يوق.
ئىككى قولۇڭغا ئىشلەپ يىمىسەڭ بولمايدۇ .


ۇ قانۇننى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلار بىرلەشمىللىرى بىۋاستە ئىجىرا قىلىدۇ .
ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپئەتنى قوغداش بىلەن بىرگە كۆپلەپ ياخشى ئىش قېلىنىپ ، ئەملى قېينچلقلار ھەل قېلنماقتا ، بۇنىڭدا قەشقەر ۋىلايىتنى مسالغا ئالساق باققۇچىسى يوق ئېغىر مېىيپلار ھاۋالە بېقىش مەركىزدە ھەقىسز بېقىلۋاتىدۇ ، كۆزگە ئاق چۇشۇش سەۋەبىدىن ئەما بولغان مېيىپلارنىڭ كۈزدىكى ئاق ھەقىسز ئوپراتىسيە قېىلىنىپ يۇرۇقلۇققا ئىرشۋاتىدۇ ، پۇت - قول يوق مېيپلارغا ھەقىسز سۇنئى پۇت - قول سەپلەپ بىرىلۋاتىدۇ  ، رۇھى كسەل بىمارلىرى ھەقىسز داۋالىنىش مۇلازىمىتدىن بەھىرمان قىلىنىپ سالامەتلىكى ئەسلگە كەلتۇرۇلۋاتىدۇ  ، يول يۇرۇش قېينچىلىغى بار مېىپلارغا ھەقىسز چاقلىق ئۇرۇندۇق سەپلەپ بىرىلۋاتىدۇ ، تۇرلۇك تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ئېچىلىپ مېيىپلارنى نىسبەت بۇيۇنىچە ئىشقا سياستى بۇيۇنىچە تۇرلۇك خىزمەت ئۇرۇنلىرى بىلەن تەمىن ئىتلۋاتىدۇ ، ئولتۇراق ئوي تۇلۇقلما ياردەم پۇلى ئارقىلىق كۇپلگەن مېىىپلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسلىسى ھەل قېلنۋاتىدۇ ، مانا بۇ مېيىپلارنىڭ بەھىرمان بۇلدىغان ئەملى ياخشى ئىشلار ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېيىپلارنى كاپالەتلەندۇرۇش قانۇننىڭ ئەملى ئىجىرا قىلىنىشنىڭ بىر قىسمى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 08:02:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(قاشتىشى) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس ق

ھاي ھاي بۇرادەر ....  بۇ گەپنى قىلىشتىن ئاۋۋال ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلاپ باقايلى !

ساق ئادەملەردىنمۇ ئۇ يە بۇ يەلىرىنى تېڭىۋىلىپ ، يالغاندىن قان ژىرىڭ پەيدا قىلىپ تىلەمچىلىك ، ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلار بەك كۆپىيىپ كەتتى .

مېيىپلار ساقلارغا تەلپۈنىدۇ ، ساقلار مېيىپ بولالماي ئاۋارە ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50832
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5328
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 01:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمدىكى نۇرغۇن قانۇنلار ‹قەغەز ئۈستىدىكى سىياھ›لا خالاس!

ئۆلۈم---يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر...

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 1381
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 11:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن مەركەزدىن تۆۋەنگە كەلگۈچۈ ئۆزگۈرۈپ ئەكسچە بۇلۇپ چىقىدۇ .

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش