تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
پىليونكىلىق ئاپپارات ھازىرقى ئاپپاراتلارنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئاپپاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۈگۈنكىدەك زامانىۋى دەۋردە سەيلە–ساياھەت، ھەرخىل يىغىن، ئولتۇرۇش، پائالىيەت، شۇنداقلا باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە فوتو ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ مىسىلسىز رولىنى نامايان قىلماقتا. تۆۋەندە فوتو ئاپپاراتنىڭ قىسقىچە تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى، موزى يازغان ‹‹موزى تەپسىرلىرى›› ناملىق ئەسەردە، يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىش ھەققىدە خفتىرە قالدۇرۇلغان. 13–ئەسىردە، ياۋرۇپادا يىڭنە سانجىپ ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا سۈرەت قۇتسى ياساپ چىققان ھەمدە ھەرخىل ئوبرازلارنى سىزىپ چىققان.
1550–يىلى ئىتالىيەلىك كاردانو قوش كۆپۈنكى لېنزىنى ئەسلىدىكى يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسستىپ، سۈرەت ھاسىل قىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.
1558–يىلى ئىتالىيەلىك باربالو يەنە كاردانونىڭ مېخانىزمىغا يورۇقلۇق چەمبىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سۈرەتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
1665–يىلى گېرمانىيەلىك روھانىي يوھان بىر كىچىك تىپتىكى ئاددىي لېنزىلىق رېفلىكىسلىك، ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈرەت قۇتىسىنى ياساپ چىققان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللار يوق بولۇپ، پەقەت رەسىمدىنلا پايدىلانغىلى بولاتتى.
1822–يىلى فىرانسىيەلىك نايپىس يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈرەتنى ياساپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭدىكى تەسۋىر تۇتۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇر ئۆتكۈزۈشكە سەككىز سائەت ۋاقىت كېتەتتى.
1839–يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى فىرانسىيەلىك رەسسام لويى داگېر دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ شەكلى ياغاچ ساندۇققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەرقاچان ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولاتتى.
1841–يىلى ئوپتىكا ئالىمى يېگېلاند پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان.
1845–يىلى گېرمانىيەلىك فون ماتىس دۇنيادىكى تۇنجى 150 گىرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان.
1849–يىلى داۋى بىرسىت سىتېرېئولۇق ئاپپارات بىلەن قوش لېنزىلىق سىتېرېئولۇق كۆزىتىش ئەينىكىنى كەشىپ قىلغان.
1861–يىلى فىزىكا ئالىمى ماكسۋېل دۇنيادىكى تۇنجى رەڭلىك سۈرەتنى كەشىپ قىلغان.
1866–يىلى گېرمانىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئوتتو سكوت بىلەن ئوپتىكا ئالىمى كارل زېس ئىككىيلەن زېس شىركىتىدە ئوپتىكىلىق ئاپپارات كۆزىنى كەشىپ قىلغان.
1888–يىلى ئامېرىكا كوداك شىركىتى يېڭى تىپتىكى نۇر ئۆتكۈزۈشچان پىليونكىنى ئىشلەپچىقارغان. شۇ يىلى، كوداك شىركىتى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى نىگاتىپ سالغىلى بولىدىغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپپاراتنى ئىشلەپچىقارغان.
1906–يىلى ئامېرىكىلىق مۇھاجىر جورجى شىلاس ئاپپاراتتا تۇنجى بولۇپ چاقماق لامپا ئىشلەتكەن.
1948–يىلى 11–ئاينىڭ 26–كۈنى ئامېرىكا پولارويد شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى ۋاقىت ھېسابلاپ سۈرەتكە تارتىدىغان تېلېكامېرانى بازارغا سالغان.
قەدىرلىك دوستلار، يۇقىرىدىكىلەر بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىدۇر. بۇنى بىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
تەرجىمان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئالاقە مەركىزىدە