مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7425|ئىنكاس: 55

79مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14073
تۆھپە نۇمۇرى: 2147
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 05:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 )
بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم .

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( 1018-1085 )
قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ( 880-1212 ) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ( بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر . ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان .

3.فارابى ( 870-950 )
« شەرق ئارستوتېلى » نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى ، بارلىق زېھىن - قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر ، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتورا ئەسىر جاھان ئىلىم - پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن .

4. ئەلىشىر نەۋائى ( 1441-1510)
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۈغۇلغان ۋەيەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

5. سۇلتان سەئىدخان ( 1490 - 1533 )
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق ، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن ، يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن . سۇلتان سەئىدخانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن .سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان .

6.ئۆمەر ھەييام( 1040- 1123)
نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا « مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى » نى ئىشلەپ ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن . ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى » « ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .

7.سەئىدى ( 1203 ~ 1292 )
ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر پارس شائىرى . ئۇ « بوستان » ۋە « گۈلىستان » ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونوشلۇق . سەئىدى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە دەرۋىش بولۇپ ، يىگىرمە يىللىق سەرگەندانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن . سەئىدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر كەپىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان .

8. برۇنى ( 973 ~ 1044)
ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنى خارازەمدە تۇغۇلغان ، كېيىن غەزىنىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان . « ھىندىستان تەزكىرىسى » « قەدىمىكى يادىكارلىقلار » « مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمىشۇناسلىقى قائىدىلىرى » ... قاتارلىقق ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇ ئوتتورا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان .

9. زەلىلى ( 1672~ 1745 )
تىلىنىڭ گۈزەللىكى ، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى . شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17 ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ ، ئەمما شائىرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق « سەپەرنامە » داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدۇر .

10 . خاراباتى ( 1638~1730)
شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاجسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال - مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان « كوللىيات مەسنەۋىخاراباتى » ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان . شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك « ھاجى خاراباتى خانىقاسى » نى بىنا قىلىپ ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن .

11.نىزامى ( 1141~ 1209 )
كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوتتورا ئاسىيا ئېپىك داستانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىزامى گەنجىۋى ئوتتورا ئاسىيانىڭ گەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئىسلام مەدرىسسىدە بىر نەچچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن سىرت ، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان . ئۇ يېزىپ چىققان « خەمسە » شەرقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان .

12.فىردەۋسى ( 934~ 1020)
« شاھنامە » ناملىق شاھەنە ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ، مەشۇھر ئىران شائىرى ، تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم فىردۋسى . ئۇ بۈگۈنكى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى خۇراسان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن . فىردەۋسىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆز يېرىدە پاتقۇزمىغان بولسىمۇ ، ئۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن . « شەھنامە » نى ھەرخىل نۇسخىلىرى ۋە پارچىلىرى ھەر قايسى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ تىلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان .
>
13.تەجەللى (1850 ~ 1930)
ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان . ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان .

14.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923~ 1995 )
« ئىز» ، « ئويغانغان زېمىن » قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم ، يازغۇچى ، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۈشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

15. ئابدۇقادىر داموللام
مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، تەرەققىيپەرۋەر زات ، تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ،شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشىقىرى ( تەخەللۇسى غازى ) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ يېڭى ئىلىم - پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق ، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان . شۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن . نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى ، ساتقىنلارنىڭ ققول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن .

16.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995)
« غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ،« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .  

17.مەمتىلى ئەپەندى ( 1901~1937 )
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتى ئۈۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

18.لۇتبۇللا مۇتەللىپ ( 1922~ 1945)
ئوت يۈرەك شائىر ، ئىنقىلابىي جەڭچى ، « يىللارغا جاۋاپ » ، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى ) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ۋەتىنى ، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .

19. موللا زەيدىن ( 1815~ 1881)
مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۇكچۈندە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ ، غوجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا ، ئوردىن سەككىز قېتىم قوغلانغان . ئەپسۇسكى ، ئۇ ھەجۋىي قوشاق ، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ - غوجىلارغىچە ، ئالدامچى سوپىلاردىن چالا موللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن . موللازەيدىن چاقچاقلىرى ھېلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە .

20. زوردۇن سابىر ( 1937~ 1998 )
« ئانا يۈرت » . « ئىزدىنىش » ، « ئۇنتالمايمەن گۈلسارە » « ئاۋرال شاماللىرى » « ئاتا » « خىرە دېرىزە » « دولان ياشلىرى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا ، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .

21. ئابلىز نازىرى ( 1925~ 1994)
تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « سىڭلمغا » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن « كۆڭلۈم سەندىدۇر » « ئالتاي پارتىزانلىرى خاتىرىسى » « مۇجۇلغان يۈرەكلەر » « مۇڭلۇق ئالچۇق » ، « چېچەك پەسلى » قاتارلىق كۆپىلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت قۇشۇلنىنى تەشكىللەش ، تەربىيىلەش ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .

22. ئابلىز ھاجى ( 1911~ 1987 )
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئارتىس ۋە رېژىسسور ئابلىز ھاجى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 1942- يىلى « سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ » ، « قانلىق داغ » « غېرىپ -سەنەم » قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ زور شۆھرت قازانغان .
ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قازانغان نەتىجىلىرى سەنئەتخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

23. رائىلە خانىم ( 1860~ 1917)
ئۇيغۇر يېڭىچە مائرىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەللىمە - ئاتۇش « ھۈسەينىيە » مەكتىپىنىڭ مەئەللىمەسى رائىلە خانىم - موللا ئاچا « ھۈسەينىيە مەكتىپى » دە 2 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيلەش بىلەن يېڭى مەكتەپ مائارىپىدا بىردىنبىر تۇنجى ئايال مائارىپىنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلغان . مائارىپنى كەڭ ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى قىلىپ ، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن .

24.ئەبراباي ( 1860~ 1938)
1930- يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى ، پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي « يوقسۇلارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .

25.ئەخمەتجان قاسىمى ( 1914~ 1949)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى . زۇلۇمغا ، ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخماتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر . ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بولۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

26.ئەلقەم ئەختەم (1922~ 1995)
شائىر ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى . ئۇنىڭ « ئۈمىد دولقۇنلىرى » « كۈرەش دولقۇنلىرى » قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تىلىنىڭ يېنىكلىكى ، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلۇقى بىلەن قەلبلەرەە ئىشەنچ بېغىشلاپ بىزنى يۈرەكلىك ئلاغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ .

27.ئەلائىددىن خوتەنى ( 1150~ 1222 )
قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تەېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە .

28.ئەمەت ئۆمەر ( 1916~ 1987 )
ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى ئەمەت ئۆمەر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نادىر تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ بۇجەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەرگەن .

29.ئەمەت ھاجى ( 1882~ 1944)
كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى ، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان . « ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى » نىڭ 1 - تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان . ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى ، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

30. ئەمەتجان ئەھمىدى ( 1931~ 1997 )
« باھارغا مەدىيە » (6-1) ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى تونۇلغان مۇقام تەتقىقاتچىسى ئەمەتجان ئەھمىدى 1978 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تېگىشلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساھەسىدە تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدىغان شەخسىكە ئايلاندى .

31.ئارسىلان ( 1950~ 1996)
«ئاھ ، مېنىڭ خەلقىم » ، « يۇلتۇزلار يۇرتى » ، « كىندىك قېنىم تامغان ماكان » ... قاتارلىق داستان ، شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق شائىر ئارسىلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن - ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولوپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان .

32.ئايشەم كېرەم ( 1931~ 1998)
تالانلىق كىنو - تىياتىر ، مۇقام چولپىنى ، ئۇ كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەنئەت تالانتى بىلەن « قادىر مەۋلان » « گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم » قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ تالانتىنى نامايان قىلغان . « غۇنچەم » ، « غېرىپ - سەنەم » « ئارشىن مال ئالان » ئوپىرالىرى ، « رەنانىڭ تويى » « تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل » « نەسىردىن ئەپەندى » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان .

33.ئېلىخان ھەززىتىم ( 1887~ 1989 )
« ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى » ، « ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى » ، « تېبابەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئېلىخان ھەززىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ ، ئوردو ، پارس ، ئەرەب ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ ، يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان . 102 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بۇ پېشۋانى كېيىنكى ئەۋلادلار ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ .

34. ئەزىروف قاسىم ( 1924~ 1994)
«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ، ناھايىتى كۆپ جەڭلەرنىڭ شاھىدى گېنېرال ئەزىزوف قاسىم قورال ئېلىپ جەڭ قىلىدىغان جەڭچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ھەربىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، ئۇ يازغان « مارشالنىڭ نەسىھىتى :» « ئۇرۇش ۋە قوماندان » « جەڭ شەمشىرى » « قىساس خەنجىرى » قاتارلىق ئەسەرلەر كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇرۇلغان ئېسىل مىراستۇر . گېنىرال ئەزىزوف قاسىم خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

35.مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ( 1915 ~ 1970)
گېنىرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ يىگىرمە يېشىدىلا كۈرەش جەڭچىسى قابىل تەشكىلاتچى سۈپىتىدە تونۇلغان ، ئۇنىڭ گومىنداڭنى شىخودىن قوغلاش جېڭىدىكىى باتۇرلۇقىنى ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن شىددەتلىك ئوقلارغا پەرۋا قىلماسلىقتەك قەيسىرانە روسىنى ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ .

36.غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى ( 1916 - 1994)
پۈتۈن ئۆمرىدە ئەللىك يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرشىچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى .

37. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ( 1924~ 1944 )
مول بىلىملىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق - پەزىلەت ئىگىسى ، نۇرغۇن تارىخىي ، تېببىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمى بىلەن يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن . بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشىلىرىنى گۈللەردۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئۆزىنى بېغىشىلاپ بۇ ساھەگە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى .

38. ھەمدەم بەگ ھاجى ( 1980 ~ 1938 )
1933- يىلى قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ھەربىي ئىلىمدە يېتىلگەن ئىستېداتلىق ئەرباب ، پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەم بەگ ھاجى ھەر قانداق جەڭدە مەغلۇپ بولماسلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە نائىل بولغانىدى . ئەپسۇسكى جاللات شېڭ شىسەي ھەمدەم بەگ ھاجىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە نامەلۇم .

39.غازىبار ( مىلادىدىن ئىلگىركى 3- 4 ئەسىرلەر )
ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ « غازىباينىڭ ئوت- چۆپ دورىلار قامۇسى » ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان . بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيىدىن 3- 4 ئەسىر ئىلەىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

40.خېۋىر تۆمۈر ( 1922~ 1992 )
« موللا زەيدىن ھەققىدە قىسە » «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە » « بالدۇر ئويغانغان ئادەم » «تاڭ ئالدىدا » ... قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى پەزىلەتلىك كەمتەر ، تىرىشچان ، يازغۇچى خېرىر تۆمۈر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئېسىل مىراسلىرى ئۇيغۇر ئەدەنىياتى غەزىنىسىدە مەڭگۈلۈك پارلاق چاچىدۇ .
41. غېنى باتۇر
ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققانىيەتپەرۋەرلىكى ، ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقى ، قەھرىمانلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا ھەر خىل ئەپسانىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان غېنى باتۇر 40- يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە ناھايىتى مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان . ئۇ 1953 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولغان .
1956- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ۋە 90- يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولغان .

42.خوجىنىياز ھاجى ( 1889 ~ 1938 )
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ ئىشلارنى قىلغان . ئۇ قوزغىغان قوزغىلاڭنى دەۋرىمىز قەدىرلەيدۇ ھەمدە تارىخ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىباھا ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن بېرىدۇ . خەلقىمىز خوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئازاتلىق ، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغدىغۇچى مىللىي قەھرىماندىن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ .


43. نىيازى ( 1780 ~ 1865)
موللا مۇھەممەت نىياز بىننى ئابدۇلغەفۇر خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچانلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى ھازىرلاپ ، ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ، « قىسسەسۇل غەرايىب » « دىۋانى نىيازى » ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدۇر . ئۇ يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، « تارىخى رەشىدىي » نىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭ تىپلىك مىسالى .

44.بايا رەھىم مەشرەپ
ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئازابلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر ، ئىسيانكار مۇتەپەككۇر ، ئۆزبېك ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە بايا رەھىم مەشرەپ 20 يىلغىچە داۋاملاشقان سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلاپ ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىدە ، ئېيتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى مەھمۇدخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

45. ناقىس ( 1843 ~ 1922)
يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى بىر قاتار بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن تاشقىرى بەكمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان قىزقارلىق ھەم كۈلكىلىك ھەزىللىرى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەت ۋە شەرپكە ئېرىشكەن تالانتلىق ئەدىب ، « دىۋانى ناقىس » نىڭ مۇئەللىپى ، « گۈلزار بىنىش » ناملىق شېئىرىي روماننىڭ ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگۈچىسى ناقىسنىڭ نام - شەرىپى تىلدىن - تىلغا كۆچۈپ ئەدەبىي يادلانغان ھالدا ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۆتىۋەر ئەدىبلەر قاتارىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ .

46.نەزەر خوجا ( 1887~ 1951)
ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەرىپەتپەرۋەر زات ، تارىخچى ، يازغۇچى ، شائىر ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نەزەر خوجا ( تەخەللۇسى ئۇيغۇر بالىسى ) پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - مەرىپەتكە ، مائارىپقا ئاتىغان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ يازغان ماقالە ، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى « يورۇق ساھىللار » دېگەن نامدا توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ ، قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىپ قالدى .

47.تۆمۈر سىجاڭ ( 1886~ 1933)
قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ ئىنقىلابقا ماسلىشىپ كۇچاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر ئېلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، « سىجاڭ » لىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن .

تۆمۈر سىجاڭ گەرچە قورقماس بولسىمۇ ، ئەمما قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولغاچقا ، ناھايىتى كۆپ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويىدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈر سىجاڭنىڭ خەلق ئىنقىلابىدا ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولغان .

48.ئوسمان قاسىم ( 1920~ 1944)
قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان . ناھايىتى كۆپ ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى يادقا ئېلىپ ، ئافراسىياپ ، قاراخان ، سۇتۇق بۇغراخان ، ئافاق خوجا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن . ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن مەتبەئەگە ئېلىنغان « ئافرات خاقان ۋە توققۇز قىز » ناملىق رىۋايەت چوڭ تەسىر قوزغىغان . ھەر خىل رىۋايەت توپلاملىرىغا ئۇ سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن . ئۇ يەنە خېلى كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان .

49.ناسىر بەگ ( 1891~ 1979 )
يىگىرمىچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرجىمانلىق بىلەن تونۇلۇپ ، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ناسىر بەگ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ياشىغان قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . گەرچە ئۇ ياڭ ، جىن ، شېڭ ، ۋە گومىنداڭدىن ئىبارەت تۆت خىل ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما خەلق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان .

50.ئابدۇللا داموللا ( 1898 ~ 1940)
توقسۇندا تۇغۇلغان . 1933- يىلى تۆمۈر سىلىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن . كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە بولۇپ ، قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان ۋە شېڭ شىسەينىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازىرى ، ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلەپ ، خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن .

51. تىيىپجان ھادى ( 1922~ 1989)
يازغۇچى ۋە تارىخچى ، « پالۋان كەلدى » ، « چورۇق ھېكىم » ،« ئۆچكەدۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر » نالىق ھېكايىلەرنىڭ ، « ئىلى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى » ناملىق تارىخى ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن ئىنقىلابى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ، ئەپسۇسكى ، « ئىلى تارىخىدىن ئىزلار » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن .

52. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( 1914~ 1990 )
مول تارىخىي بىلىمگە ئىگە تاىخشۇناس ۋە تەزكىرىشۇناس ، « قەشقەردىكى يادىكارلىقلار » « تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا » « ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە » قاتارلىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ۋە ئەسلىەم خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل ماقالىلىرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى ( ئىشقى ) بىلىمخۇمار ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

53. روزى ھاجىم ( 1860 ~ 1962)
ۋەتەنپەرۋە ، مىللەتپەرۋە ، مەرىپەتپەرۋەر زات روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، ئۇ ھەرخىل خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت ، ئۈرۈمچىدە « ئەختەرىيە ، ( دەسلەپتە » تۇرانى » ئىدى ) مەكتىپىنى ئېچىپ ئەۋلاد تەربىيلەشكە كۈچ چىقارغان . ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرى جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ ، تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .

54. شاتگۈل ئۇيغۇر ( 1960~ 1987)
« رەنانىڭ تويى » فىلىمىدە ياسانچۇق قىز سوفىيەنىڭ ، « ئارتىس بولالمىغان قىز » فىلىمىدە چاقچاقچى شوپۇر قىز ھۆرىيەتنىڭ « سىرلىق كارۋان » فىلىمىدە بېشىغا كەلگەن تەقدىر تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان ئىككى خىل شارائىتتا چوڭ بولغان ، ئىككى خىل خاراكتېردىكى قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللار - ئاينۇر بىلەن ماھىنۇرنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئارتىس شاتگۈل بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان .

55. تۇرسۇن ئايۇپ ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، « ئوغۇزنامە »، « قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما » قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەيسلەيدۇ .

56.موللا بىلال ( 1823~ 1900)
ⅩⅨ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، « غەزەليات » ناملىق دىۋاننىڭ ، « غازات دەرمۈلكى چىن » ، « چاڭموزا يۈسۈپجان » ، « نۇزۇگۈم » قاتارلىق داستان - قىسسەلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . شائىرنىڭ پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ ، ياركەنت شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن . موللا بىلال خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ مۆتىۋەر ئورۇندا ياشايدۇ .

57.بىلال ئەزىزى ( 1921__ 1945)
ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ، « ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى » نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان . ئەپسۇسكى ، دوستلىرى لۇتبۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945 _ يىلى 18- سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى .

58.مۆجىزى ( ⅩⅧ ئەسىر)
« تەۋارىخى مۇسىقىيۇن » ( مۇزىكىچىلار تارىخى ) ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۈللا ( مۆجىزە ) خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما « تارىخىي مۇسقىيۇن » ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ناملىق قېدىرخان يەركەندى ، ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ئەسەر مۆجىزىنىڭ نامىنى كەڭرى تارقىتىپ شۆھرىتى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە .

59.جامالىدىن ئاقسارايى ( ⅩⅨ ئەسىردە ئۆتكەن )
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان بىلىملىرى ئاساسىدا « كىتابى تىپ ئاقسارايى » ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلۇپ تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۆتىۋەر ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئالىمنىڭ ئەسىرى ھىندىستاندا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن .

60.قەمبەرخانىم ( 1922~ 1994)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۆزبېكىستان ، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان . موسكۋادا ئۇيغۇر كلاسسىك ئۇسۇلى « نىم پەدە » نى ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان . 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسى تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان . ھازىر ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىنماقتا .
بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل بىلەن ياشىغان قەمبەرخانىم خەلقىمىز قەلبىدە يادلىنىدۇ .

61. موللا شاكىر ( 1805~ 1870)
ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى ، موللا شاكىر « زەفەرنامە » ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق . ئەمما ، « زەفەرنا » داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەۋلادىلىرى قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ ھايات .

62. موللا ئىسلام ( شاڭزۇڭ ) ( 1890~ 1960)
1943- يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ ، گومىنداڭغا قارشى كۈزۈشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي ، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر ، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان . موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ .

63.ھاشىم ھاجى ( 1869~ 1952)
شىنجاڭ ، ئوتتورا ئاسىيا ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن نام قازانغان . ئايىمخان ھاجى ، سىدىق ئاخۇن ... قاتارلىق پەرزەنتلىرىنى مۇقامچىلىق ۋە دارۋازلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەربىيلىگەن مەشھۇر سەنئەتكار . ئۇ خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ، كىچىكىدىن دارۋازلىق سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ ، ئۇنى بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغان . نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .

64.لۇتفى ( 1366~ 1465)
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھىراتتا دۇنيغا كەلگەن بولۇپ ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان . ئۇنىڭ « گۈل ۋە نەۋرۇز » ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر . لۇتفىغا نەۋائى « ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى » ( سۆز پادىشاھى ) دپە نام بەرگەن . لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم .

65.ئابلىمىت ھاجىيوف ( 1917~ 1933 )   
ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان . 1944- يىلى 9- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجسىى ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، بولۇپ ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان . ئۇ كېيىنمۇ ھەرخىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ 76 يېشىدا ۋاپات بولغان .

66.ئەسئەت ئىسھاقوۋ ( 1912~ 1976)
پېشقەدەم زىيالىي ، رەھبەر ئەسئەت ئىسھافوۋ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە « شىنجاڭدا تىنچلىق ، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ، ۋاقىتلىق مەسئۇلى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ ، كىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇ پ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى . ئەپسۇسكى ، ئۇ « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولدى .

67.غېنى كېرىموف ( 1922~ 1949)
غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان . ئۇ دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇپ ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىدى .

68.ھۈسەيىنبەگ ( 1899~ 1934)
ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919- يىلى كۈزدە « ھۆر سۆز » گېزىتىنى چىقارغان . « ئىلى سەنىمى » نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن .

1927- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن « ھۈسەينىيە مەكتىپى ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتورا مەكتەپ ) نى سالدۇرغان ... بۇ مەرىپەتۋر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا .

69.ئەنۋەر ناسىرى ( 1914~ 1946)
شائىر ئەنۋر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ . شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر . ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ل . مۇتەللىپنىڭ « مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى » دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى .

70.ئولبۇلخەيرى ( 1934~ 1944 )
« ئاماننىساخان » ، « نەسىردىن ئەپەندى » ، « بەخت ناخشىسى » ، « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » ، « رەنانىڭ تويى » .... قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . كىنو ، تىياتىر ئارتىسى ئوبۇلخەيرى ئۆمۈر بويى تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .

71.ئابدۇراخمان ھاۋاز ( 1935~ 1993)
« ئانارخان » ، « يايلاقتىكى بۈركۈت » ، « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن » ، « يول باشلىغۇچى » ، « غېرىپ - سەنەم » قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە بىر مۇنچە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە باش رول ، ئاساسلىق روللارنى ئويناپ ، خەلق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980 - يىلى نەشىر قىلىنغان « جۇڭگو كىنوچىلىرى » ناملىق چوڭ تىپلىق كىنو لۇغىتىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان .

72.نېمشېھىت ( 1906 ~ 1972)
ئۇيغۇر ھازىرقى زمان ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ، « ۋەتەن مۇھەببىتى » « شېئىرلار » ، « يۈرەك سۆزى » ، « مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن » قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئەرمىيا ئېلى سايرامى ھەققىقىي ۋەتەنپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈيچىسى بولۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم ، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .

73.ئەھمەت زىيائى ( 1913~ 1989 )
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، پېشقەدەم شائىر ، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 19 47- يىلىلا « توزىماس چېچەكلەر » « لاداخ يولىدا كارۋان » « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە » قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات ، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ .

74.سەيپىدىن ئەزىزى ( 1915~ 2003)
« سۇتۇق بۇغراخان » ، « ئۆمەر داستانى » قاتارلىق رومان ، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىنبىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر ، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە ، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە . ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى .

75.زۇنۇن قادىرى ( 1912~ 1989 )
« غۇنچەم » ، « گۇلنىسا » « ماغدۇر كەتكەندە » « شەپقەت ھەمشىرى » قاتارلىق ئوپېرا ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ، تالانتلىق يازغۇچى ۋە دارامماتورگ زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىدىيە ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئىنقىلابىي رېئالىزمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان .

76. قۇربان ئىمىن ( 1914~ 1992)
« تارىم غەزەللىرى » ، « قەشقەر ئاۋازى » ، « مېنىڭ ناخشام » قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر ، داستانلارنى يېزىپ ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك ، ئاممىباب ، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا ، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن . .

77. تۇردى سامساق ( 1923~ 1992)
« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر » ، « بەش تال ئوق » « ئۆچمەس يۇلتۇزلار » قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر .
ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان .

78. ئابدۇكېرىم خوجا ( 1928~ 1988 )
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، ئاتاقلىق شائىر ۋە پىشقان ژۇرنالىست ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ، « باھار ناخشىسى » « تۇپراق ، باھار ۋە مەن » ن قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇكېرىم خوجا لىرىك ھېسسىيات بىلەن مول پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى يۈغۇرۇپ ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان ئىدىيىۋى كۈچ ھاسىل قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر . خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭ مول ، جاپالىق مىنىۋى ئەمگەكلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ .

79. جاپپار ئەمەت ( 1929~ 1999 )
ئىزدىنىش روھىغا باي ، سەمىمىي ، پەزىلەتلىك شائىر ، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى بىلەن دېگۈدەك شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .

مەنبە:ساداقەتمەن بىلوگى

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
APANDIM0903 + 27 ھارمىغايسىز...
OTYAK + 300
mawjud_ + 100 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 427   باھا خاتىرىسى

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13800
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 05:59:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى  مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى ئىكەن ..  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ساقلىۋىلىشقا تىگىشلىك  ياخشى تىمىكەن بۇ ،   بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق  ياخشى تىمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئۈزىمىزنىڭ مەشھۇر شەخسىلىرنى قانچە كۆپ بىلۋالساق شۇنچە ياخشى ..

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ۋەتىنى يوق ئادەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1567
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10891
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك شەخىسلەركەن.

79مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى (تەۋسىيە)
بەزى شەخىسلەر باشقا مىللەتلەرگە تەۋەكەن.تېما ئىسمى بىلەن مەزمون ماس كەلمەي قاپتۇ.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىمۇ كۆرۈپ قويسۇن، ئۇيغۇرلار زاباي دېگەن تېمىنى يوللىغان كىشىلىرىمىز...

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 4790 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:21:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما ئىكەن نادىرلاپ قويغۇدەك...
تىما ئىگسىدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43095
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(totem) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

سىزنىڭچە  قانداق  بولسا  بولاتتى   ،؟   كىملەر  باشقا   مىللەتكەن   ؟   قايسى  قايسى    ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10294
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8235
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 4479 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخى ھەمىدى ››، ‹‹ تارىخى ئەمىنىيە ›› نىڭ ئاپتورى مەشھۇر ئالىم بۇ كىشى چۈشۈپ قاپتىمۇ قانداق ؟

سەنسىزمۇ ئۆتىدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11309
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 07:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 07:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  narkos كە 2011-08-07 06:05 PMئەۋەتىلدى  :
بۇنىمۇ كۆرۈپ قويسۇن، ئۇيغۇرلار زاباي دېگەن تېمىنى يوللىغان كىشىلىرىمىز...
ئۇلار بۇنداق تېمىلارنى كۆرمەيدۇ ئاساسى جەھەتتىن.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4079 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 07:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا! كىمدۇ شۇ ھەممە تىمىغا كىرىپ مەنىسىز دىگەننى بىسىپ قويدىغان. ئاشۇ مائۇسنى تۇتقان قولىنى چانىۋەتسە ئىككىنچى قىلمايدىغان بولىتى. ،كاللىسىنى قاغا چوقىۋالغانلارنىڭ ئىشىمۇدۇ مۇشۇ.........

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش