بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش ئەندىشسى
بىر زامانلاردا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر بوۋاق بار ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئاللاھتىن سوراپتۇ؛
-ئىلاھىم! پەرىشتىلەر ئەتە مىنى دۇنياغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئەمما مەن بەك كىچىك ۋە زەئىپ. بۇ ھالىتىمدە ئۇ يەردە قانداقمۇ ياشىيالايمەن؟
_پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر پەرىشتە تاللىدىم.ئۇ سېنى ئۇ دۇنيادا كۈتۈپ تۇردۇ ۋە سېنى ھىمايە قىلدۇ . پەرىشتەڭ ساڭا ھەركۈنى ناخشا ئېيتىپ بىردۇ ۋە كۈلۈمسىرەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن سەن ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى ھىس قىلسەن ۋە خۇشال بولىسەن .
_ئۇنداقتا!!!.. ئادەملەر ماڭا بىر نەرسە دىگەندە تىللىرنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئېيىتقانلىرنى قانداق چۈشىنىمەن ؟
_پەرىشتەڭ ساڭا سەن چۈشىنەلەيدىغان ئەڭ گۆزەل ۋە شىرىن گەپلەرنى سۆزلەيدۇ ،ساڭا گەپ قىلىشنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىتىدۇ.
_ئىلاھىم مەن سىزگە سۆزلىمەكچى بولسام قانداق قىلمەن ؟
_پەرىشتەڭ ساڭ اقولۇڭنى ئېچىپ دۇئا قىلىشنىمۇ ئۆگتىدۇ.
_دۇنيادا ئەسكى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم مىنى كىم قوغدايدۇ
_پەرىشتەڭ ئۆز ھاياتىغىمۇ قارماستىن سېنى قوغدايدۇ.
_پەقەت مەن سىزنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن؟
_پەرىشتەڭ ساڭا ھەردائىم مېنىڭ ھەققىمدە گەپ قىلىپ بېردۇ ۋە ماڭا كېلىشنىڭ يوللىرنى ساڭا ئۆگتىدۇ .
دەل بۇ ۋاقىتتا جەننەتتە جىمجىتلىق ھاسىل بولىدۇ ۋە دۇنيانىڭ ئاۋازلىرى جەننەتكىچە يېتىپ كېلىدۇ.بوۋاق كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ۋە ئاخىرقى بىر سۇئالنى سورايدۇ ؛
-ئىلاھىم مەن ھازىر كېتىش ئالدىدا تۇرغان بولسام ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ مېنىڭ ئۇ پەرىشتەمنىڭ ئىسمى نىمە ؟
-پەرىشتەڭنىڭ ئىسمى موھىم ئەمەس، سەن ئۇنى {ئانا }دەپ چاقىرسەن
مەنبەسى ؛ئسلام تەلىم- تەربىيىىسىدىن سۇئال -جاۋاپلار دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى