مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 9

شېئىر ۋە شائىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 03:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىر ۋە شائىر  


شېئىر  دىمەك شائىرغا لەززەت،
نە لەززەتكى جاننىڭ ئارامى.
شېئىر ئۈچۈن تىگىشەر ئويسىز ،
زىمىستانغا گۈلگۈن باھارنى.

زىمىستانغا گۈلگۈن باھارنى.
تىگىشەر كىم شائىردىن بۆلەك.
ئۇ ئاشۇنداق ئۇلۇغ بىر ‹‹ئەخمەق››،
ئەخمەقلىققا كۈيەردىل-يۈرەك.

ئەخمەقلىققا كۈيەر دىل- يۈرەك.
ئازاپلاردىن ئىزدەپ بىر مەنا.
ئازابىلارنى ئايلاندۇر قۇتقا،
ئىلھام ئاتلىق ئەي گۈزەل بەرنا.


ئىلھام ئاتلىق ئەي گۈزەل بەرنا،
سەندىن ھاسىل روھى ئېچىرقاش.
شائىر ئۈچۈن مۇسىبەت-ماتەم،
ئىلھامسىز دىل-شېئىرسىز  ياشاش .

     مەنبە:ئىجادىيەت


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 100 قەلەملەر بەركەت تاپقاي!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

0998ۋارىس

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3215
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9815
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3963 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 05:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ قەلەم ، شائىر ۋە مەن ناملىق شېئىرى يادىمغا كەچتى،
مىنىڭ ئىمزائىمدا بىر كۇپلىتى  بار.

ئاستىغا قاراڭ!!

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 05:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ئۇ يۈرەكنىڭ ئىسسىق تىۋىشى،
شېئىر ئۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق كۆرىشى.
ھەقىقىي شېئىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرار،
شائىرنىڭ كۈلكىسى ،دەرتلىك كۆز يېشى.

                      يالپۇز 0997----

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23357
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8574
تۆھپە نۇمۇرى: 1561
توردا: 607 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:53:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېر مىنى قويۇپ بەرمىدى ،
يۈرىكىڭنى ئويۇپ بەر دىدى .
بەرمىدىممۇ بارىمنى ساڭا ،
يۈرىكىممۇ شۇنچىلىك ئىدى .

قارىغايغا قىش ۋە ياز ئوخشاش ، كۈندە ئىللىق نۇر چاچار قۇياش . يات ئۇنىڭغا زارلىنىش .قاقشاش ، خىسلەت ئاڭا ئۈمىدۋار ياشاش.

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 06:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرىكىممۇ شۇنچىلىك ئىدى،
شىئر ئوت بوپ يالمىدى يىدى.
خالاس بولغىن ئازاپتىن دىسەم،
مەن شىئىرسىز ئۈلىمەن دىدى.

0998ۋارىس

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 05:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ، يەنىمۇ تىرىشىڭ !

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 1381
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 01:05:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىر ئادەم قەلبىنى تۇغرا يولغا باشلايدىغان نۇرلۇق مەشئەل .

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 12:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىر ۋە شائىر توغرىسىدا


ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن



شېئىر -مەۋھۇم ھادىسە، شەكىلسىز جىسىم. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈش، قول بىلەن تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىچكىي سېزىم ئارقىلىقلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. سېزىمچانلىقى ئۆتكۈر كىشىلەرلا شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بەخش ئېتىدىغان ھوزۇر-لەززىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
  
  ھەقىقى شېئىر مۇستەھكەم ئېتىقاتتىن تۇغۇلىدۇ. غۇر-غۇر شامال تەبىئەت دۇنياسىنى چاڭ-توزاندىن خالاس ئەتكەندەك، ئېتىقادمۇ شېئىرنى غۇباردىن تازىلاپ پاكلاشتۇرىدۇ. شېئىرنىڭ جىسمىغا جان، تومۇرىغا قان بەخش ئېتىپ، ئۇنى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئېتىقاد سىڭدۈرۈلمىگەن شېئىر دەھرىنىڭ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قىلغان ئىبادىتىگە، تەرەتسىز ئوقۇلغان نامازغا ئوخشايدۇ. مۇنداق ئىبادەت تەڭرىگە مەقبۇل بولمىغاندەك، ئۇنداق شېئىرلارمۇ كىتابقا مەقبۇل بولمايدۇ.
  
  شېئىر- ئۈزۈلۈپ قالغان چۈش، ئۇنىڭ داۋامى ئوقۇرمەننىڭ شېرىن چۈشىگە ئۇلىنىدۇ. شېئىر- ئاخىرىغا يەتمىگەن خىيال، ئۇنىڭ ئاخىرى ئوقۇرمەننىڭ خىيال-ئارزۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. شېئىر-ئاخىرىلاشمىغان ناخشا، ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى داۋاملاشتۇرىدۇ. شېئىر-چېكىپ بولۇنمىغان تاماكا، ئۇنىڭ قالغىنىنى ئوقۇرمەن چېكىپ تۈگىتىدۇ.
  
  شېئىر سۆيگۈسى- شائىر قەلبىدىكى ئىشق -مۇھەببەتنىڭ تۇنجى تۇغۇمى، ئەۋجى ۋە تۈگللىمىسىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا چىنلىق بىلەن گۈزەللىك، ھەقىقەت بىلەن ھۆرلۈك، قۇت بىلەن ئەزگۈلۈككە ئوخشاش ئۇلۇغ سۈپەت ۋە پەزىلەتلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەمدە تەڭرىنىڭ بۇيۈك تەرىپ-سىپاتلىرىدەك مۇقەددەسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ.
  
  شېئىر- ھەقىقەت ۋە ئەزگۈلۈك ئاسمىنىدا چاقنىغان نۇر، شائىر-يولچى يۇلتۇز.
  
  شائىر ئۆزىنىڭ بارلىقى بىلەن ئىشقىۋاز بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قان قۇسۇپ ناۋاغا چۈشكىنى- كۆڭلىدىكى قايناق سۆيگۈسىنى تىل بىلەن ئىزھار قىلىۋاتقان پەيتى. بىھۇش بولۇپ سۈكۈتكە چۈمگىنى- ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى دىل بىلەن ئىزھار قىلىۋاتقان پەيتىدۇر.
  
  شائىر- ئۆز ئېتىقادىنىڭ قۇلى، ئېتىقاد ئۇنىڭغا ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇر ئىرادە، ئالىي پەزىلەت،مەردلىك، ھىممەت بەخش ئېتىدۇ. پەقەت چىن ئېتىقادلا ئۇنى ھەقىقى شائىرلىق لاياقىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.


توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 12:01:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شائىرلارنىڭ شېئىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى



* شېئىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسسىياتنى ۋە تۇيغۇنى ئىپادىلەش دېمەكتۇر . ھېسسىيات بىلەن تۇيغۇ شەخسكە مەنسۇپ بولۇپ ، ئىدىيىدىن پەرقلىنىدۇ . ئىدىيىنىڭ ئەھمىيىتى ھەممە كىشىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولىدۇ .

— توماس ئېلىئوت

    * شائىر ۋە يازغۇچىلار دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ .

— سالۋاتور كاشىمودو

  * شېئىر چوقۇم ئوقۇرمەننى غىدىقلىيالىشى ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر قىلالىشى كېرەك .

—ئوكتاۋىئو پاز

  * شائىرلار گىگانت ئادەملەردۇر ، لېكىن ئۇلار يىڭنە تۆشۈكىدىنمۇ بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ . شائىرلار ھەم ئىنتايىن كىچىك ئادەملەردۇر ، لېكىن ئۇلار پۈتكۈل كائىناتنى تولدۇرالايدۇ .

— پېررې رېۋېردى

  * شائىرلارنىڭ يولى بۇلاققا ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىدىغان يولدۇر .

— لوسئان بلاگا

* يالغان شائىرلار ئۆزلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ – يۇ ، باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىدۇ . ھەقىقىي شائىرلار ئۆزى بىلەن پىچىرلىشىۋاتقان چاغدا باشقىلارغا سۆزلەۋاتقان بولىدۇ .

— ئوكتاۋىئو پاز


ئەكبەر ھىمىت تەييارلىغان
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى


توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 12:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىر ۋە ئۇنى چۈشىنىش


  غەيرەت ھوشۇر



   شېئىر ھەرقانداق ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى شائىر بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى ئادەملەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم. ئادەم دېمەك−شائىر دېمەكتۇر. شائىرلار پەقەت ئاشۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇق بىلەن خىيالەن سۆزلىشىدىغان، ۋۇجۇدىنى ئوت قاپلىغان، قەلبىدە گۈزەللىك ئالىمىنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان، روھىي ئالىمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئالەم، ھايات ھەققىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن چۇقانلارنى ئەڭ نازۇك، ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شېرىن مۇزىكىلىق تىل بىلەن گۈلدەستە تىزغۇچىلاردۇر. شېئىر شائىرلارنىڭ گۈزەللىك ئالىمىگە تويۇنغان روھىي بۇلاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان زەمزەم. ئۇ قاغجىرىغان قەلب چۆللۈكىدە گۈل-چىمەنلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شائىرلاردىن مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىققىنىدەك، مىڭلىغان شېئىرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى شېئىردىن بىرنەچچىسى چىقىدۇ.
    قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر شېئىرىيەت ھەققىدە خېلى كۆپ گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئېغىزدا دېگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە دۇنيا شېئىرىيەت سەۋىيىسىنى ياراتقان بىر قىسىم شېئىرلار ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ئوتتۇرىغا قويۇلدى دەپ قارىغاندىمۇ مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەنمىدى، بىر قىسىم قەلەم ئىگىلىرىنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، كۆزگە ئىلماسلىق، ياخشى ئەسەرلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ياخشى شېئىرلار پىكىر-مۇلاھىزىسىز قېپقالدى. ياخشى شېئىرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ناچار شېئىرلارنى ئىنكار قىلىش ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى جانلاندۇرۇشتا، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۈملىدىن ئەدەبىياتنىڭ چوڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدىغان شېئىرىيەت ژانىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شېئىرغا ئاشىق بولۇش ھەققىدىكى نەچچە يۈز بەت دەبدەبىلىك بايانلىرىمىزدىن، بىر كۇپلېت تاتلىق شېئىرغا بېرىلگەن بىر بەت باھا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. چۈنكى، ئالمىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۇنداق تاتلىق، بۇنداق چۈچۈك دەپ ماختاپ يۈرگەندىن، بىر چىشلەپ يەپ كۆرۈپ باقسا ئالمىنىڭ تەمى ھەققىدىكى چۈشەنچە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. گەرچە شېئىرنى يېگىلى بولمىسىمۇ، ئۇنى چۈشىنىشتىن ئالغان ھۇزۇر ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياخشى شېئىرلار خېلى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنى ھەزىم قىلىپ جامائەتچىلىككە تونۇتىدىغان، ئۇنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، چۈشىنەلەيدىغانلار سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋالغاچقا، نۇرغۇنلىغان ياخشى شېئىرلار جامائەتچىلىكنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىمىدى. بىر قىسىم شېئىرلارغا بېرىلگەن باھالارغا مەجبۇرىي ئىدىيە يۈكلەش خاھىشى ئېغىر بولۇپ، شېئىر بىلەن بېرىلگەن باھا بىر-بىرىگە ماسلاشمايدىغان، ئىككىسى ئىككى دۇنيا بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان ئەھۋاللار مەتبۇئات يۈزىدە ئانچە-مۇنچە كۆزگە چېلىقىپ تۇردى. شېئىر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان بىر قىسىم قەلەم ئىگىلىرى بىر پارچە شېئىرغا قارىتا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە، شېئىرنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ھالقىپ، ئەركىن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، شېئىرنى نېمە دېسە بولۇۋېرىدىغان يۇمىلاق تاۋۇزغا ئايلاندۇرۇش تەرىپىدە تۇردى.
    ئەمەلىيەتتە بىر كۇپلېت شېئىر، بىر پارچە يۇمۇر، بىر قۇر ئەقلىيە سۆزدىمۇ بەلگىلىك ئىدىيە ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. شېئىردىكى تەپەككۇر بوشلۇقىنىڭ ھەرگىزمۇ نېمە دېسە بولۇۋېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاشۇ بوشلۇققا، ئاشۇ تەپەككۇر كەڭلىكىگە شائىرنىڭ مەلۇم مۇددىئاسى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزىمۇ شېئىر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور بەخت. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شېئىرنى چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن، ھەممە ئوقۇرمەننىڭ شېئىرنى چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. شېئىرنى قانداق چۈشىنىش گەرچە بىر ئوقۇرمەننىڭ ئەركىنلىكى بولسىمۇ، بىراق ئۇنى توغرا، ئۆز يۆنىلىشى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈش يەنىلا قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئىشى. ھەربىر شېئىر ئايرىم بىر دۇنيا، دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش شائىرنىڭ بەدىئىي دىتى، سەنئەتلىك تىلى، دۇنيا قارىشى، گۈزەللىك چۈشەنچىسى، تەپەككۇر ئادىتى، ئۈمىد-ئارزۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بەدىئىي جەريان. شائىر بىر شېئىرنى يېزىپ تاماملىغانىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆز ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۋەتكەن بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئاشۇ ئىدىيىنى رەڭگارەڭ ئوبرازلىق تەپەككۇر، جۇغلانغان ئەقىل جەۋھەرلىرى ئارىسىدىن تونۇپ يېتىشنىڭ ئۆزى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ شائىرلىق قىسمىتى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 6-سانىدىكى «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ناملىق شېئىر يەتتە بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، باشتىن-ئاخىر قەسىدە خاراكتېرىدە يېزىلغان. شېئىر ئۆزىدىكى تەبىئىي ھەم تەمكىن ھېس-تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇرمەننى جەلپ قىلىدۇ. شېئىر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ئاشۇ يەتتە بۆلىكىگە بىر روماننىڭ ۋەزىنىدىكى مەزمۇننى سىغدۇرغان بولۇپ، «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نىڭ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۇلۇغ روھى، رېئاللىق ھەقىقىتىگە ئۇيغۇن ھالدا مەدھىيىلەنگەن. شېئىرنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە شائىر «ئاتۇش بىر تال چوغ زېمىندىكى» دېگەن مىسرانى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاتۇشنىڭ، يەنى «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نىڭ قاراڭغۇ دىللارنى يورىتىدىغان چوغنىڭ تارقىغان جايى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك شېئىرىي مەنزىرە ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شېئىردىكى ئادەمنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدىغان تەرەپ تەبىئىيلىك بولۇپ، شائىرنىڭ ھېس-تۇيغۇسى تاغ باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيىدەك ئادەمگە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. شېئىردىكى كومپوزىتسىيە ئەركىن تەپەككۇر شەكلىدە ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئىچكى باشلىنىشى ھۈسەينىيە روھى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شېئىردىكى قەسىدە پۇرىقى گېزىت-ژۇرنال يۈزىدە بىز بىلەن دائىم يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان «دەك، تەك»لىرى ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان، «ئاھ، پاھ»لىرى سۈنئىي تۇيغۇ خالتىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان قەسىدىلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇ قەسىدىدە پەقەت شائىرنىڭ ھېسسىياتى شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە پورەكلەيدۇ. يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان بىۋاسىتە ھېسسىيات، بىۋاسىتە تىل بىلەن قەغەز يۈزىگە چۈشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شائىرنىڭ چۈچۈك، تاتلىق تىلى شېئىرغا ئۆزگىچە تەم ئاتا قىلىدۇ. ھەرقانداق شائىر ئۆزىنىڭ قايناپ-تاشقان ھېس-تۇيغۇلىرىنى تىل ئارقىلىقلا ئىپادىلەش مەقسىتىگە يېتىدۇ. شائىرنىڭ تىلى گىرىمسىز، تەبىئىي، گۈزەل سەھرا قىزىغا ئوخشايدۇ. بۇ شېئىردا ھەممىدىن بەك ئادەمنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى شېئىرنىڭ 5-بۆلىكى بولۇپ، بۇ بۆلەكنىڭ روھىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھايات ئىزلىرىنى ھەقىقىي مەنىگە تولدۇرىشى مۇمكىن.
نى-نى بايلار كەلدى بۇ يۇرتقا،
ئاينى سېتىپ ئالغۇدەك.
يىپ-يىڭنىسىز كەتتى قۇرۇقلا،
ئۆلۈكلەر شەھىرىدە بىر خېرىدارسىز.

لاينى سېتىپ ئالغۇدەك،
ئالتۇن تاپقانلار يەكسان بولار تېز.
ھەممە نەرسە كەلمەيدۇ پۇلغا،
ھەر پادىشاھلار نام-نىشانسىز
ھۈسەيىن بايدىن قالدى بىر ئوردا.
كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، شائىر ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ئىنتىلىشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مال-دۇنيا قارىشىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن چىقارغان پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە ھۆكۈمى بىلەن ئوقۇرمەننى قايىل قىلىدۇ. بەختكە، بايلىققا، ئەمەل-مەنسەپكە شېئىرىي تىل ئارقىلىق توغرا تەبىر بېرىپ:
«...ھەر پادىشاھلار نام _ نىشانسىز
ھۈسەيىن بايدىن قالدى بىر ئوردا»
دېيىش ئارقىلىق تارىختا سان-ساناقسىز پادىشاھ، باي-غوجاملارنىڭ مال-دۇنيالىرى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرى، ساناقسىز مال-مۈلۈكلىرى ۋەيران بولۇپ تۈگەپ كەتتى. بىراق، ھۈسەيىن باينىڭ مەكتەپ قۇرۇپ قوشقان تۆھپىسى تارىخ بېتىدە چاقناپ، خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى دۇنيادا پۇل تېپىۋاتقان، ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ پۇل ياكى ھوقۇقنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دېمەك، ئوقۇرمەنلەر شېئىرنى چۈشىنىش، ھۇزۇر ئېلىش، ئىستېتىك تۇيغۇسىنى قاندۇرۇش، مەلۇم ئىدىيىۋى پىكىرنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. قانداقلا شېئىر بولسۇن، پىكرى ھەرقانچە چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ، مىسرا بىلەن مىسرا، جۈملە بىلەن جۈملە، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدا بوشلۇق شۇنچە كەڭ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا شائىرنىڭ ئىدىيىسى سىڭگەن بولىدۇ. بىر پارچە شېئىرنى ئوقۇرمەن ئوقۇغاندا، قەلبىدە چوقۇم بىر خىل تۇيغۇ گۈزەللىكىنىڭ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ خىل گۈزەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ شېئىردىكى مەزمۇن ۋە شەكىل ھاسىل قىلغان بەدىئىي ماھارەتنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەدىئىي ماھارەت شائىرنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرگە تويۇنغان، پىشقان، ئوبرازلىق تىل گۈزەللىكى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شېئىرلاردا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شائىرلارنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىنى قوللىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى شائىرلار ئىنسانىيەتنىڭ يۈرەك رىتىمىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان گۈزەللىك ئالىمىنى ئىزدەپ تەپەككۇر يۈرگۈزسە، يەنە بەزى شائىرلار ئۆز ئىدىيىسىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىلنى نىشان قىلىپ، تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. يۈرگۈزۈلگەن تەپەككۇرغا شائىرنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى چوڭقۇر سىڭىپ، ئادەم ئامىلىغا، تەبىئەت ئامىلىغا ياكى ئىجتىمائىي ئامىلغا تويۇنغان لىرىكا ياكى ئىپكا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شائىرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەرگە تۇتاشقان تۈرلۈك تەسەۋۋۇرى، ھەرقانداق ئابستراكت نەرسىنى، ھەرقانداق كونكرېت نەرسىنى ئوبراز ئىچىگە باشلاپ كىرەلەيدۇ.
مەسىلەن، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 3-سانىدىكى «ئات كۆندۈرگۈچى ۋە قىز» ناملىق شېئىرنىڭ ئاخىرقى كۇپلېتىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئاستىمدا ئات يوقتۇر مىنەي دېگەنگە،
قولۇمدا چۇلۋۇر يوق، تىزگىن سىيرىشكە.
يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتتى، مەن ئۆلەي،
بىراق، ھېچكىم يوق ئۆلۈپ بېرىشكە!...
ئات كۆندۈرگۈچىدۇرمەن، يايلاق ئوغلانى،
شەھەردە ئات يوقتۇر، مەن ئەمدى نېتەي؟!
غايىۋانە ئېتىم يىراقتا
قىيغىتىپ يۈرىدۇ چوقۇم خىرامان
بولدىلا «تالاشقان شەلىرىڭ قالدى»
ناتونۇش جايلارغا سەرسان بوپ كېتەي.
شېئىردىكى ھەممىدىن بەك ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان كونكرېت ئوبراز «ئات» بولۇپ، «ئات» مەننىڭ تەنھا تۇرمۇشىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سۆيگۈ مەنزىلى. شائىر سۆيگۈدىن ئىبارەت ئىنسان روھىدىكى تەبىئىي پسىخىكىنى ئاتتىن ئىبارەت كونكرېت ئوبراز ئۈستىگە يۈكلەپ، گۈزەل قىزنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازىنى ئات ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، لىرىك كەيپىيات ياراتقان.
شېئىرنىڭ بۇ كۇپلېتىدا مەركىزىي مەزمۇن خۇلاسىلانغان بولۇپ، مەننىڭ تەنھالىقى، كۆڭلىدىكى سۆيگۈنىنى سېغىنىپ بۇرۇقتۇرما بولغانلىقى، قەلبىدىكى كىشىسىنى غايىۋانە تەسەۋۋۇر قىلىپ ئاخىر سۆيگۈنى ئۈچۈن سەرسان خىياللارغا پاتقىنىدەك روھىي كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن. شېئىردىكى تۇيغۇ سانسىزلىغان ئادەملەردىكى تۇيغۇ، شېئىردىكى تەنھالىق ياشلىقتىكى تەنھالىق، شېئىردىكى ئېچىرقىغان سۆيگۈ ئەركەكتىكى تەشنالىق. بۇ شېئىر رېئاللىق بىلەن لىرىكىلىق يول ئارقىلىق تۇتاشقان، ئەركەكنىڭ ئات كۆندۈرۈشى ئەمەس، ئەركەكنىڭ قىز كۆندۈرۈش خىتابنامىسى. بۇ شېئىرنى بىر قېىتم ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياشلىق پەسلىدىكى ئات كۆندۈرۈش ئەسلىمىسى كۆز ئالدىغا كېلىپ، گاھى ياشلارنىڭ ئاتنى كۆندۈرەلمەي مۇھەببەت يولىدا موللاق ئاتقان كەچمىشى ئېسىگە كەلسە، گاھىلىرىنىڭ ئاتنىڭ پەشۋاسىنى يەپ يۈرىكىنى زىدە قىلىپ، ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ سېغىنىشىدا ئۆتكەن نادامەتلىك ھايات ئىزنالىرى ئېسىگە كېلىدۇ. گەپ شېئىرنى قانداق چۈشىنىش، قانداق ھەزىم قىلىش، قانداق تەتبىقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر شېئىرنى مۇنداقلا ئوقۇپ قويۇپ، شائىر باش قاتۇرغان شېئىردىكى ئىچكى قاتلامنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. يەنە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر شېئىرغا نىسبەتەن ئىخلاسمەن مۇخلىس سۈپىتىدە قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، شېئىردا شائىر يەتمەكچى بولغان ئىچكى بوشلۇقنى تولۇق چۈشىنىپ، بەلگىلىك ئىستىتېكىلىق زوققا ئىگە بولىدۇ. دېمەك، شېئىرنى ئوقۇش كۆزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ياكى ئىچ پۇشۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى شۇ شېئىردىن مەلۇم نىسبەتتە روھىي ئوزۇق، گۈزەللىك تەسىراتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 4-ساندىكى «دۇتارچى ئايال» ناملىق شېئىر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. شېئىردىكى ئىپادىلەش ماھارىتى «سۈنئىي رېئالىزم» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھېسسىياتنى زورلاپ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بىر قىسىم ساختا شېئىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شېئىردىكى مىسرالار بىر-بىرىگە شۇنداق مۇستەھكەم باغلانغان بولۇپ، كۇپلېتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى تەسەۋۋۇر شېئىرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە كۆرۈنمەستىن تۇتىشىپ كەتكەن. شېئىردىكى تۇيغۇ ئورنىنى تاپالمىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە كۆزگە چېلىقمايدۇ. شېئىردا پەقەت جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن نەرسىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىلا قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئىپىكا ئىچىدە لىرىكا، لىرىكا ئىچىدە ئىپىكا بىر-بىرىگە تەبىئىي رەۋىشتە سىڭىشىپ، شېئىرنىڭ ئۆلمەس قىياپىتىنى نامايان قىلغان.
بارمىقىڭ چاپتۇرۇپ كېلەر قىقاسلاپ،
تارلارنىڭ ئۈستىدە ساناقسىز ئاتنى.
بىر چىنە قىزىق چاي ھور ئۆرلەپ تۇرغان،
كېلەر ئېھ، گۈپپىدە ئىچكۈم ھاياتنى.

ھېلىقى كوچىغا باشلىدىڭ يەنە،
يارىمنىڭ كۆڭلىكى قىپقىزىل ئىدى.
يەشمەكتە بىر-بىرلەپ تۈگمىلىرىنى،
ئاھ، سېنىڭ ناخشاڭنىڭ نازۇك قوللىرى.

ئۆرگىلەي ئاسماندا ئايىڭ بولمىسا،
قايتاي مەن تېمىڭنى ئۆرۈپ كېچىدە.
مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ يامان ئوغرى،
تۇتۇلماي كەلگەن ئۇ ناخشا ئىچىدە.
كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، «دۇتارچى ئايال»نىڭ دۇتار چالغان چاغدىكى قىياپىتى، دۇتاردىن چىققان سادا شائىرنىڭ كۆز ئالدىدا ساناقسىز ئاتلارنىڭ چاپقان تۇياق ئاۋازىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، قاغجىرىغان تەنگە ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى بىر پىيالە ئىسسىق چاي سۈپىتىدە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. شائىر «دۇتارچى ئايال»نىڭ گۈلدەك ھاياتىنى بىر پىيالە چاي بىلەن قوشۇپ ئىچىۋېتىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە «دۇتارچى ئايال»نىڭ چالغان سازى شائىرنى ئىشق كوچىسىغا باشلاپ كىرگەنلىكى، ناخشىنىڭ سېھرىي ئەركەكلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت بېشارەتلەر، شېئىرنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە قىلىپ ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا بىر گۈزەل لىرىك كەچمىش بەرپا قىلىدۇ. شېئىرنىڭ ئاخىرىدا مۇھەببەتكە بېرىلگەن قىسقىچە تەبىر ئوبرازلىق بايانلارغا زىچ بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى «مۇھەببەت بىر كۆڭۈلدە پىنھان بولغىنى بىلەن مىڭ كۆڭۈلدە مېھمان بولىدۇ» دېگەن قاراشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شائىرنىڭ «دۇتارچى ئايال»غا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى، مېھىر-مۇھەببىتى، جان پىدالىقى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، يىغىنچاقلىغاندا شېئىرنى چۈشىنىش ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ سەنئەت ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى شېئىردىن ھېس قىلىش ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. شېئىرنى ئوقۇپ قويغانلىقنىڭ ئۆزى شېئىرنى چۈشەنگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شېئىرنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم شېئىرنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىنى باغلاپ تەپەككۇر قىلغۇدەك ئىقتىدار، ئەدەبىيات ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي ساپانىڭ بولۇشى زۆرۈر. شېئىرنى چۈشىنىش مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، مەزمۇن جەھەتتىن چۈشىنىش؛ يەنە بىرى، شەكىل جەھەتتىن چۈشىنىش بولۇپ، شەكىل مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەزمۇن شەكىلنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىل ئاجرالماس بىردەكلىككە ئىگە. شەكىلسىز مەزمۇن، مەزمۇنسىز شەكىل مەۋجۇت بولمايدۇ. شېئىرنى مەزمۇن جەھەتتىن چۈشەنگەندە ئۇنىڭدىكى ئىدىيىۋى پىكىرنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شەكىل جەھەتتىن چۈشەنگەندە شېئىردىكى بەدىئىي قۇرۇلما تىل، ئېستېلىستىكىلىق ۋاسىتە، ئۇنىڭدىكى رەڭ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تېتىملىق بولۇشىغا قارىلىدۇ. ھازىرقى بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭدىكى ھېچ نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. بىر ئوبدان ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ، تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ شېئىرغا بولغان قىزىقىشىنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى شائىرلىق كوچىسىغا كىرگەنلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. گۇڭگالىق شېئىرغا سىرلىق تەپەككۇر كەڭلىكى ئاتا قىلىدۇ، ئەمما گۇڭگالىقنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتسە قاراڭغۇلۇق كېلىپ چىقىدۇ. قاراڭغۇدا ھېچقانداق نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرلارنىڭ شېئىر يازغاندا ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈنمۇ يازىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىرنى چۈشىنىش ۋە چۈشەنمەسلىك تەرەپلىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ قويۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان شېئىرىيەتنىڭ ھېرىسمەن ئوقۇرمەنلىرىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ شائىرلارنىڭ سەۋىيىسى ئوقۇرمەنلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى شېئىر شېئىر بولسۇن. شېئىرنى سىرلىق قاراڭغۇ ئۆڭكۈر سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى يۈرەكلەرنى ئىللىتىدىغان باھاردەك گۈزەل تۇيغۇ بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر.


تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئېلىندى


توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش