مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3765|ئىنكاس: 29

اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە اﷲ ئۈچۈن يامان كۆرۈش.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50482
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6226 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 05:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مۇبارەك رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇۋەلى قارىينىڭ بۇ دەرسلىكىنى سوۋغا سۈپىتىدە سۇندۇم. اﷲ پايدىلىنىشقا نېسىپ قىلسۇن.

ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى اﷲ  ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىلەركى:ئىمان  ئاساسلىرىنىڭ ئەڭ مۇستەھكىمى اﷲ ِ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە اﷲ ئۈچۈن يامان كۆرۈشتۇر.(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى)
كىشى ھاياتىدا ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ اﷲ  ئۈچۈن يامان كۆرمىسە ئىماننىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامى جەميئەتلىرىنى اﷲ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان شۇ جەمىيئەتنى قۇرۇشتا ئەۋۋەلقى ئېلانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە جەمىيئەتلىرى ئىچىدە اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە اﷲ ئۈچۈن يامان كۆرۈش ئاساسىنى ھەممىسىدىن ھەم ئالدىنقىسى اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئەقىدىسىنى، ئىماننىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلدى. اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش بىلەن جەمىئەت ئاجرالدى، يەنى اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ مەناسى نېمە ئىدى؟  

. اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئەقىدە ئاساسىدا بىر لىشىشتۇر . بۇ ئىماننىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى شۇباسقۇچ بىلەن كىشىلەر بۆلۈنەر ئىدى .ھەمىشە ئىسلامى جەمىئەت، پاك جەمىئەت، اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپقان جەمىئەت بولمىسا اﷲ نىڭ مەدىتى ئۇ جەمىئەتتە بولمايدۇ. اﷲ نىڭ ئېتبارىدا بۇجەمىئەت بولمايدۇ. دېمەك بۇنداق جەمىئەتتە ئورمان قانۇنى ھۆكۆم سۈرىدۇكى كۈچلۈكلەر ئاجىزلەرنى يەپ كېتىدۇ .خۇددى يىرتقۇچلارنىڭ كۈچلۈكى ئاجىزلىرىنى يەپ تۈگەتكەندەك .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەتنى قۇرۇشتا بۇ مۇھەببەتنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى مىجەزى مەسىلە دېمىدى . يەنى بۇ ئىمان مەسىلىسى دېدى. ئېيتىلەركى: جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى جەننەتكە ئىمان كەلتۈرمىگىچە كىرەلمەيسىلەر،  (يەنى جەننەتكە ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولمىغان كىشىنىڭ كىرىشىگە يول يوق. پەقەت ئىمانلىق كىشى كىرىدۇ. ) اﷲ يولىدا دوستلاشمىغىچە سىلەردە ئىمان پەيدا بولمايدۇ .(ئىمانگە قەيت قىلدىلەر )مەن سىلەرنى قىلساڭلار ئۆزئارا دوستلاشتۇرىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟) دېدىلەر ۋە جاۋابىنى ئېيتتىكى ئاراڭلاردا سالامنى ئۇمۇملاشتۇرۇڭلار) دېدىلەر يەنى بۇ پەقەت سالام بېرىشنىڭ ئۆزى ئەمەس مۆمىنلەر ئۇچراشقان ۋاقىتتا كۆرۈشۈپ سالام قىلىپ بۇرادىرىگە اﷲ نىڭ تېچلىقى بۇلۇشىنى ۋەرەھمىتى بۇلۇشىنى ۋەبەركىتى بۇلۇشىنى ئېلان قىلىش شۇنىڭ بىلەن ھەم ئۇنىڭ تەرپىدىن ھەم بۇجاۋابنىڭ بۇلۇشى ئوتتۇرىدا قەلبتىكى ئاداۋەتلەرنىڭ يوقلىقىغا دالالەت قىلغۇچى كەلىمە بىلەن ئوتتۇرىدا مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. مۇھەببەت پەيدا بولغاندىن كېيىن ئىمان پەيدا بولىدۇ. ئىمان پەيدا بولغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

اﷲ سبحانه وتعالا بۇ مۇھەببەتنى نېمە ئاساسىدا بۇلۇشىنى ۋە بۇ دوستلىشىش اﷲ تەرپىدىن نېئمەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دوستلىشىش دېگەن نەرسە ئەقىدە ئاساسىدا بولغاندىلا نېئمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ اﷲ سبحانه وتعالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە مۆمىنلەرگە « ﷲ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەريۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ: لېكىن اﷲ(ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن)ئۇلارنى ئىناق قىلدى.» دېدىلەر .ھەقىقەتتە توغرا ئەگەر ئىنسان ئۆزىدىكى مالنىڭ ھەممىسىنى سەرىپ قىلىپ يۈرۈپ بىرلەشتۈرىمەن دىسە بىرلەشمىگەنلىكىنى بىز ئازغىنا قىسقا ھاياتىمىزدا كۆرىمىز . كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئەلبەتتە مۇھەببەتكە (دوستلۇققا) سەۋەب بولىدۇ. لېكىن مۇھەببەتنىڭ(دوستلۇقنىڭ) مەركىزى بولالمايدۇ. بىرجايدا ياشاش، بىرمىللەت بولۇش ياكى موھتاج بولغان نەرسىلەرنى بىرىش، اﷲ سبحانه وتعالا تەرپىدىن نئېمەت بولغان مۇھەببەتكە سەۋەب بولالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە اﷲ خىتاب قىلدىكى بۇنى دىن دۈشمەنلىرى ھەم ئاڭلىۋالسۇنكى ،دىن دۈشمەنلىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئالدىغا يىغىلغان مال دۇنيا بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە قاراتقان دېگەن. ئەگەر مال-دۇنيا بىلەن ئۆزىگە قارىتىپ دوست بۇلۇشقاندا بۇ ئىسلامى ھۆكۈمەتتىن ئىلگىركى ھۆكۈمەت باشقا مىللەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزخەلقىگە بەرمەستىن پۇل مال سەرىپ قىلدى . لېكىن ئۇلار كېيىن دۈشمەن بولۇپ قالدى. مانا بۇ نەرسە مال-دۆلەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا كامىل مۇھەببەت(دوستلۇق)ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى كۆزىمىز بىلەن ھەم كۆرىمىز. مانا قۇرئان كەرىمدىكى« اﷲ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەريۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ: لېكىن اﷲ(ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن)ئۇلارنى ئىناق قىلدى.» ئەقىدە ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنى ھېچكىم ئاجرىتالمايدىغان بىر باغلىنىشقا ئايلىنىدۇ.

اﷲ سبحانه وتعالا بۇ نئېمەتنى كۆپ تىلغا ئالدى اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نىئېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆزۋاقتىدا سىلەر ئۆز-ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار. اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى. اﷲ نىڭ نىئېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار.» مانا بۇ اﷲ نىڭ نئېمىتى بۇرادەرلەر، ئەگەر بىرلىشىش ھاسىل بولمىسا بۇ ئىقتىسادى بايلىق بولمىغانلىقتىن ئەمەس. قۇرەيشنىڭ كاتتا بايلىقى بار ئىدى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئوتتورىدا بىرلىشىش ھاسىل بولمىدى. ئىقتىسادى تەرەپتىن قۇرەيش ناھايىتى كاتتا بايلىققا ئېگە ئىدى. لېكىن ﷲ سبحانه وتعالا بۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىنى ھەم اﷲ نىڭ ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ نئېمىتى بىلەن ئاكا-ئۇكا،دوستقا ئايلانغانلىقىنى زىكرى قىلدى. ھەقىقى اﷲ يولىدىكى دوستلۇق ئىنساننىڭ دۇنيادىكىلا مەنپەتى بولمايدۇ،  بەلكى ئاخىرەتتە يەنى ھېچكىم مەنپەت بېرەلمەيدىغان ۋاقىتتا ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ھۇزۇرىدا ئىنساننىڭ ئاتا-ئانىسى ئاكا-ئۇكىللىرى قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلمەي تۇرغان ۋاقىتتا بۇ اﷲ يولىدا دوست بولغانلار بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ. اﷲ قۇرئان كەرىمدە«بۇ كۈندە دوستلار بىر-بىرىگەدۈشمەن بولىدۇ، پەقەت  (اﷲ ئۈچۈن دوستلاشقان)  تەقۋادارلارلا  (ئۇنداق ئەمەس)» دېمەك دۇنيادا كەسىپ قىلىش ۋە باشقا ۋاستىلەر بىلەن بولغان دوستلۇق دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە بارمايدۇ. بۇنەرسە ھەركىمنىڭ ھايات تەجرىبىسىدىن ئۆتىدۇ. لېكىن اﷲ يولىدا بولغان دوستلۇق دۇنيانىڭ ئۆزىدىن ئاخىرەتتىكى ئەبەدى سائادەت كۈنىگىچە بولىدۇ. قىيامەتنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك سائەتلىرىدە ھەم بۇ دوستلۇق بولىدۇ. مانا دۇنيادىكى دوستلۇقنى مىسالغا ئالساق ھەم باشقا ئاددى مۇسىبەت چۈشكەندە تارقىلىپ كېتىپ قالىدۇ. ئاخىرەتتىكى مۇسىبەت شۇنداق قاتتىق مۇسىبەتكى شۇ مۇسىبەت چۈشۈپ تۇرغاندا ھەم اﷲ يولىدا دوست بولغان ئادەملەر ھېلى دۇنيادىكى قىيىنچىلىق ئەمەس، ئاخىرەتتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېغىرچىلىقتا ھەم بىر-بىرىگە مەنپەت يەتكۈزەلەيدۇ.

بۇنەرسە ئىسلام بىزگە تەلىم بەرگەن اﷲ يولىدا دوست بۇلۇش بۇ دوستلۇق ئوتتۇرسىدىكى بەزى مەنەلارنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. بىرىنجى باراۋەرلىك ،بۇدوستلۇقنىڭ  مەيدانىدا جاھىليەت ئەسەبىيلىكى بولمايدۇ، نەسەبكە باغلانمايدۇ، بايلىق مەرتىبىگە باغلانمايدۇ، جىنىس رەڭ بۇلار ھەممىسىگە باغلانمايدۇ، اﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئۆزىنىڭ بەرگەن ئۆلچىمىگە باغلىنىدۇكى اﷲ قۇرئان كەرىمدە«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىزھەقىقەتەن بىر ئەر ،بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىرئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆزئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بۇلۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىلەركى:" ئى ئادەملەر رەببىڭلار بىر ،ھەممىنىڭ ئاتىسى ،ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن (غەيرى ئەرەبدىن) ئارتۇقلىقى يوق پەقەت بىر ئاق تەنلىك قارتەنلىكتىن ئارتۇق ئەمەس ھەممىڭلار ئادەمگە مەنسۇپ سىلەر، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان ئاراڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھوزۇرىدا ھۆرمەتلىكىڭلار تەقۋاراقىڭلار». باراۋەرلىك _پەزىلەتتە ھەم باراۋەرلىك ۋە ئاقىۋەتتە ھەم(بىرەرياخشى ياكى يامان ئەمەلنىڭ نەتىجىسىدە) باراۋەرلىك ئىسلام ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى بايغا باشقىچە كەمبەغەلگە باشقىچە ئابرويلۇققا باشقىچە ئابرويسىزگە باشقىچە قىلمايدۇ .ئىسلامى ئەنئەنەلەردە ھەم باراۋەر يەنى نامازدا بايلار ئالدىنقى سەپكە ئۆتسۇن دېگەن گەپ يوق. ھەجدە ھەم ھەممە باراۋەر باي –كەمبەغەل ھاكىم –پۇخرالار ئاق تەنلىك قارتەنلىك  ئوتتۇرسىدا باراۋەر قارايدۇ . خۇددى نەتىجىلەردە ھەم باراۋەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىلەركى‹ ئەگەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئوغرىلىق قىلسا قولىنى كېسىمەن» دېدىلەر مانا بۇنەتىجىدىكى باراۋەرلىك چۈنكى بۇ باغلىنىۋاتقان نەرسە اﷲ يولىدا باغلىغۇچى نەرسە اﷲ يولىدىكى ئەقىدە دۇر .

ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىرىبنى جەرراھ بەدىر غازاتىدە دادىسى ئىمان كەلتۈرمەستىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرەپكە قارشى مۇشرىكلار سېپىدە جەڭ قىلۋاتقان ئىدى. جەڭدە ئامىرىبنى جەرراھ دادىسىنىڭ بېشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.   ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى بەدىر غازاتىدە مۇشرىك ئىدى، ئىمان كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ مۇشرىكلەر تەرەپتىن يەكمۇ يەك ئېلىشقىلى چىققان ۋاقىتتا ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھي مەن چىقمەن دېدىلەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى پايدىلاندۇرۇپ تۇرۇڭ ، سىزشەھىت بولۇپ كەتسىڭىز مەسلىھەتىڭىزدىن مەھرۇم بولۇپ قالىمىز دېدىلەر .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا فىدىيەنى ھەممىسىدىن ئوخشاش ئېلىنىشى مەسلىھەت بولغاندىن كېيىن ،بۇنىڭدىن فىدىيەنى كۆپراق ئېلىڭلار، بۇ پۇل-مالى كۆپ كىشى دېدىلەر. بۇيەردىكى باغلاپ تۇرغان نەرسە ئەقىدە ئىدى. ئەقىدە ئۈزۈلۈش بىلەن باشقا ھەممە ئالاقە ئۈزۈلدى. ئەبۇزەررىلغفارى دەسلەپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھاقارەت قىلىپ سۆككىنى يوق، بىر ئەمىليەتتىكى سۆزنى ئېيتتىلەر بۇ ئەمىليەتتىكى سۆز راست ئىدى، لېكىن ھاقارەتكە سەۋەب بولاتتى.(ئەي قارا ئايالنىڭ ئوغلى دېدىلەر بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەقىقەتتە قارا ئىدى،قارا ئايالنىڭ ئوغلى ئىدى.) شۇندىلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىلەركى:«مەن ئېلىپ كەلگەن يولدا ئاق ئايالنىڭ ئوغلى قارا ئايالنىڭ ئوغلىدىن ئەبزەل ئەمەس (ئۆلچەم خاتا ئۆلچەندى)» دېدىلەر بۇ ئۆلچەملەرنىڭ كېرەكسىز ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئەبۇزەررىلغفارى شۇ ۋاقىتتا مەن دەسلەپ مۇسۇلمان بولغان دېمىدى ياكى مەن ئۇلۇغزادىمەن دېمىدى .ئەنە ئەبۇزەررىلغفارى بۇسۆزدىن تەسىرلىنىپ يۈزىنى تۇپراققا قويدىدە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا( تۇرغىن يۈزۈمنى ئاياقىڭ بىلەن باسقىن) دېدى. (بەزى رىۋايەتلاردە قەسەم ئىچتىلەركى ئەگەر بىلال يۈزۈمنى باسمىسە بېشىمنى كۆتۈرمەيمەن. دېدى)بىلال رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئايىقى بىلەن بېسىشكە مەجبۇر بولدى  .ئىسلام – ئىسلامغا دەسلەپ كىرگەن كىشىنىڭ ياكى ئاق تەنلىك ئەبزەل بولىدۇ دەيدىغان بۇنداق يولنى ئېلىپ كەلمىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمانغا ئالدىنقى ھەدىستە ئۆتكەندەك مۇھەببەتنى (دوستلۇقنى) شەرت قىلدى،

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:  سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۈزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغا((بۇرادىرىگە) ياخشى كۆرمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ. دېدىلەر دېمەك اﷲ يولىدىكى بۇرادىرىگە ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈش  بىلەن ئىمانلىق بولىدۇ. ھەتتا اﷲ يولىدىكى دوستلارنى قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك ئىسسىقتتا ئۆزىدىن چىققان تەر قۇلىقىغىچە غەرق قىلىدىغان ۋاقىتتا (قىيامەت كۈنى اﷲ نىڭ سايىسىدە بولىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرى اﷲ يولىدا دوستلاشقۇچى) اﷲ نىڭ سايىسىدە بولىدۇ. سايە كىمنىڭ سايىسى اﷲ نىڭ سايىسى ئۇئاددى سايە  ئەمەس بۇرادەرلەر اﷲ يولىدا دوستلاشقانلارغا ۋەدەقىلدى. اﷲ سبحانه وتعالا ئۆزىنىڭ يولىدا دوست بولغانلارغا ھىچكىمگە قىلمىغان ۋەدىنى ۋەدەقىلدى. ئىبنى جەرىر ئەبۇھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:( اﷲ سبحانه وتعالا نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە شۇنداق بەندىلەر باركى ئۇلارغا پەيغەمبەرۋە شەھىتلەرمۇ ھەۋەس قىلىدۇ). ساھابىلار :(ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار قانداق كىشىلەر؟ئۇلار بىلەن دوست بولۇشنى خالايمىز ) دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (ئۇلار بىرسىنى دوست تۇتقاندا مال-دۇنياسىنى كۆزلىمەستىن، نەسەب سۈرۈشتە قىلماستىن اﷲ سبحانه وتعالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ دوستلىشىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار نۇرلۇق تەختلەرنىڭ ئۈستىدە يۈزلىرى نۇرلانغان ھالدا تۇرىدۇ.  كىشىلەر قورققان چاغدا ئۇلاردا قورقۇنچ بولمايدۇ . كىشىلەر نادامەت چىكىپ پۇشايمان يېگەن ۋە كۆڭۈللىرى يېرىم بولغان چاغدا ئۇلار بۇئىشلاردىن خالىي بولىدۇ) دېدى. ئاندىن بۇ ئايەتنى ئۇقۇدى «راستىنلا اﷲ نىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن)قورقۇش ، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر. »ھەدىس قۇددىسىيدا شۇ مەزمۇن باركى اﷲ سبحانه وتعالا بەزى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھى قىلىپ«دۇنيانى دوست تۇتماي بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا راھەت ياشىدىڭ، (دۇنيانى دوست تۇتماسلىق بۇرادەرلەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە راھەت) بۇھەم ئۆزۈڭگە بولدى. (ئىبادەتلىرىمىزنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق ناماز ئۇقۇشىمىز بىز ئىستېمال قىلغان نەرسىلەرنىڭ تىنىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. ھەممە ئىبادەتلەرنى سۈرۈشتۈرسەك ئۆزىمىز ئۈچۈن مەنپەتتۇر.

دۇنيانى دوست تۇتۇپ يۈرگەن ئادەملەر ياخشى بىلىدۇ. دۇنيانى دوست تۇتۇپ يۈرۈپ پۈتۈنلەي غەمدە قالىدۇ. دۇنيانى اﷲ نىڭ بۇيرۇقىنى بىجىرەلمەستىن  تېپىپ بېرىپ پەرزەنتلىرىدىن ھەم ياخشىلىق كۆرمەيدۇ. دۇنيانى دوست تۇتماسلىق راھەت) باشقا ئىبادەتلەرنىڭ پايدىسى ھەم ئۆزەڭگە بولدى، مەن ئۈچۈن نېمە ئەمەل قىلدىڭ مىنىڭ ھەققىمنى ئادا قىلدىڭمۇ »دەيدۇ شۇندىلا بەندە سورايدۇكى <ساڭا بولغان ئەمەل ۋە ھەق نېمە ئىدى؟ اﷲ سبحانه وتعالا ئېيتتىكى"« مېنىڭ دوستۇمنى دوست تۇتۇش دۈشمىنىمنى دۈشمەن تۇتۇش» دېدى . مانا بۇ مەن ئۈچۈن بولغان ئەمەل مېنىڭ سىنىڭدىكى ھەققىم دېدىلەر يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ" سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىر گۇرۇھ كىشىلەر باركى ئۇلارنىڭ مەرتىبىسىنى پەيغەمبەرلەر ھەم شەھىتلەر ھەم ئارزۇ قىلىشىدۇ. دىگەندە ساھابىلەر بۇنەرسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىڭ دەپ سورىغاندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار اﷲ يولىدا دوستلاشقانلار اﷲ يولىدا توپلىشىپ  ئولتۇرغانلار، اﷲ يولىدا بىر بىرىنى زىيارەت قىلغانلار دېدى .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشنى ئۈچ نەرسىگە باغلىدى. ئۈچ نەرسە باركى كىمدە بۇ ئۈچ نەرسە تېپىلسا ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ .ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمدە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە تېپىلسا ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. اﷲ ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىىنى ھەممە  نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت ﷲ ئۈچۈن دوست تۇتۇش، اﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇفرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇفرىغا قايتىشنى تىرىك پېتى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەكرەك يامان كۆرۈش» شۇنداق بولغاندىلا ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ. بولمىسا ھەم ئالدىدا تۇرغان ھەسەلنى ئۆمرىدە تېتىپ باقماستىن قاراپ تۇرۇپ بۇنى ناھايىتى شىرىن دەپ ئاڭلىغانمەن.  دېگەن ئادەمدەك ئۆمرى ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەربىر نەرسىنىڭ لەززىتى بار،  ئىماننىڭ لەززىتى مانا مۇشۇ ئۈچ سۈپەتكە ئېگە بولغان كىشىگە نېسىپ بولىدۇ ،

بۇرادەرلىك  ھەقلىرى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ . بىرىنجىسى ئۇمۇمى ھەقلەر،ئىككىنجىسى خۇسۇسى ھەقلەر: ئۇمۇمى ھەقلەر:-بىر كىشى ئەگەر ﷲ رەببىم دەپ، ئىسلام مىنىڭ دىنىم دەپ قۇرئان مىنىڭ ئىمامىم مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنىڭ يېتەكچى پەيغەمبىرىم دەپ تەن ئالغان بولسا بىز شۇ كىشىلەرگە ئۇمۇمى ھەقلەرنى ئۆتەشكە مەجبۇرمىز ، ئەگەر ئۆتىمىسەك مۇسۇلمان بۇرادەرلەرنىڭ ھەققىنى ئۆتىمىگەن بولىمىز . مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى نېمە؟ مانا بۇھەدىس بۇنىڭغاجاۋاب بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ._ئۇچراشساڭ سالام بەرگىن ، چاقىرغان يەرگە بارغىن( شەرىئەتكە مۇۋاپىق زىياپەتكە  چاقىرسا)، ئەگەر سەندىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا، نەسىھەت قىلىپ قويغىن، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ ( جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر) دېسە يەرھەمۇ كەللاھ (اﷲ ساڭارەھمەت قىلسۇن)،دەپ جاۋاب قايتۇرغىن، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىغىن ، ئۆلۈپ كەتسە جىنازىسىگە ئەگەشكىن . دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) .خۇسۇسى ھەقلەر: يېقىنراق بۇرادەرلىرىمىزنىڭ بىزدە خۇسۇسى ھەققى بولىدۇ. بۇ ھەقلەر سۆزلەپ ئۆتكەن ھەقلەردىن يوقۇرراقتۇر. بىر كىشى بىر كىشىنى اﷲ يولىدا ياخشى كۆرگەن بولسا ئۇنىڭغا بۇھەقلەرنىڭ ئەڭ يوقىرىسى ئۆزىنىڭ مەنپەتىدىن شۇ بۇرادىرىنىڭ مەنپەتىنى ئارتۇق كۆرۈشتۇر .مانا بۇ بۇرادەرلىك خۇسۇسى ھەقلىرىنىڭ ئەڭ يوقىرسىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ ساھابىللىرىگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە نىسىپ بولغان نئېمەتتۇر اﷲ سبحانه وتعالا ساھابىلارنى ماختاپ « ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق(مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ "(مەنپەئىتى)دىن ئەلا بىلىدۇ»دەپ ئۆزىنىڭ كالامىدا ياد قىلدى.

بۇھەق يەنى باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەش ھەققىدە بىز ساھابىلەرنىڭ قانچىلىك باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىگەنلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن بەزىبىر تارىخى ھۆججەتلەرگە مۇراجىئەت قىلساق شۇندىلا بىلەلەيمىز. يەرمۇك غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىللىرى ئىچىدە بەزىللىرى يارىدار بولدى. ئۇلارغا سۇ ئىچىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىر كىشى ئۇلارنى ئايلاندى. يارىلانغانلار ئىچىدە ئەڭ كاتتا قۇماندانلاردىن ئىكرىمەتۇبنۇ ئەبى جەھىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۇ ئىچكۈزمەكچى بولدى شۇۋاقىتتا ئىكرىمەتۇبنۇ ئەبى جەھىل سۇھەيل ئىبنى ئەمىرنىڭ جاراھەتلىنىپ سۇغا قاراپ ياتقىنىنى كۆردى. ئىكرىمەتۇبنۇ ئەبى جەھىل سۇھەيلگە سۇنى ئاپىرىشقا ئىشارەت قىلدى. سۇھەيلنىڭ ئالدىغا سۇغارغۇچى سۇنى ئېلىپ باردى. سۇھەيل شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يېنىدىكى جاراھەتلىنىپ ياتقان ھارىس ئىبنى ھىشامگە ئىشارە قىلدى.(سۇنى ئېلىپ بېرىڭ دىيىشكە مادارى قالمىغان سائەتتە ئىشارە قىلىپ كۆرسەتتى. ھارىس ئىبنى ھىشامنىڭ ئالدىغا سۇ كەلگىچە ھارىس ئىبنى ھىشام جان تەسلىم قىلدى ، ئۇندىن كېيىن سۇھەيلنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ كەلگەندە سۇھەيل ھەم جان تەسلىم قىلدى. ئىكرىمەتۇبنۇ ئەبى جەھىلنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇكىشى جان تەسلىم قىلىپ بولغانىدى ، ئۈچىلىسى شەھىت بولغانىدى. شەھىت بولىۋاتقان ئۇلۇغ سائەتتە ھەم قىيامەتكىچە بولغان اﷲ يولىدىكى بۇرادەرلىكنى دەۋا قىلغانلاغا نەمۇنە كۆرسىتىپ كەتتى. مانا بۇ قۇرئان كەرىمدە ئەبەدى تىلاۋەت قىلىنىشقا ئەرزىيدىغان نئېمەت ئىدى يەنى ئۆزلىرىنىڭ زىينىغا ئىش قىلىشىدۇ. گەرچە ئۆزلىرى موھتاج بولسا ھەم. شۇ سائەتتە سۇدىن باشقا نەرسىگە موھتاج ئەمەس ئىدى.

دەرسىمىزدە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن. ھازىر ھەممىمزنىڭ قەلبىمىزدە ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكە بولغان مۇھەببەت قوزغالدى دەپ بىلىمەن. دېمەك بۇ مەرتىۋە ئەڭ كاتتا مەرتىۋە بۇ اﷲ تەرىپىدىن ناھايىتى كاتتا نئېمەت .بۇ ھەر بىر كىشىگە نىسىب بولمايدىكەن، ﷲ يولىدا مۇھەببەتلىشىشتە ھەممە ئادەمدە قىزغىنلىق شەۋق پەيدا بولدى. دېسەم خاتا بولمىسا كېرەك. چۈنكى بۇنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭسىز ئىنساندا ئىمان سۈپىتى كامىل بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەم. بۇنى چۈشىنىشتە  بىرىنجى تەرەپتىن اﷲ ئۈچۈن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسە ئىككىنجى تەرەپتىن ھەم سىزنى اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دېگەن سۆز بولىشى كېركمۇ يوق؟ ئىككىنجى تەرەپتىن ئېيتىلسا بۇنىڭ شەرتلىرى بارمۇ؟ ياكى شۇ سۆز بىلەن پەيغەمبەرلەر شەھىتلەر ھەۋەس قىلىدىغان مەرتىۋىگە يېتىمىزمۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى بەزى ساھابىلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بولغان ۋەقەلىكنى مىسال قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن اﷲ يولىدا دوست بولۇشنىڭ مەناسى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۆزەڭلەرگە ھاۋالە! بىر كىشى ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئيتتىكى مەن سىز بىلەن اﷲ يولىدا بۇرادەر بولماقچى دېدى . ئەبۇھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئېيتتىكى« بۇرادەرلىك ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى بىلەمسەن »دېدى ئۇ كىشى «ماڭا بۇرادەرلىك ھەققىنى بىلدۈرۈڭ» دېدى. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئېيتتىكى« مەن بىلەن ﷲ يولىدا بۇرادەر بۇلۇشۇڭ ئۈچۈن سىنىڭ مال –دۇنيارىڭدا ساڭا قارىغاندا مېنىڭ كۆپرەك ھەققىم بولىدۇ». دېدى ئۇ كىشى ئېيتتىكى «مەن تېخى بۇ مەنزىلگە (ئورۇنغا)چىقماپتىمەن »دېدى ، ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئېيتتىكى «شۇ مەنزىلگە چىققاندا مىنىڭ ئالدىمغا دوستلاشقىلى كەلگىن» دېدى.

ئەبۇسۇلايمانەددارانى اﷲ يولىدىكى دوستلىرى ھەققىدە شۇنداق ئېيتقانىكەن.« مېنىڭ شۇنداق دوستلىرىم باركى مەن يېمەكلىكنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىمەن ئاندىن ئۇنىڭغا يېگۈزىمەندە ئۇنىڭ لەززىتىنى تامىقىمدا تاپىمەن. ئۇنىڭ لەززەتلەنگىنى كۆرۈپ مەن لەززەتلىنىمەن». دىگەنىكەن. مەسرۇق بۇكىشى كاتتا كىشىلەردىن بۇكىشى كۆپ مىقداردا قەرز بولۇپ قالغان ئىكەنلەر ھەيسەمە ئىسىملىك كىشى بىلەن اﷲ يولىدا بۇرادەر ئىكەنلەر ئۇكىشىنڭ ھەم قەرزى باركەن .مەسرۇق ئۆزىنىڭ كۆپ مىقداردا قەرزى بار تۇرۇقلۇق ھەيسەمەنىڭ قەرزدارلىكىنى بىلىپ تۇيدۇرماستىن تۆلەپ قويغانىكەن. ھەيسەمە ھەم مەسرۇقنىڭ كۆپ مىقداردا قەرزى باردەپ ئۆزىنىڭ قەرزىنى قۇيۇپ تۇرۇپ مەسرۇقنىڭ قەرزىنى بىلدۈرمەستىن تۆلەپ قويغانىكەن. كېيىن ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن بارغاندا ھەيسەمە قەرزدار بولغان ئادەم ھەيسەمەگە( قەرزنى مەسرۇق قايتۇرۇپ قويغانىدىغۇ )دىگەنىكەن، مەسرۇق قەرزدار بولغان ئادەم مەسرۇققا( سىزنىڭ قەرزىڭىزنى ھەيسەمە قايتۇرۇپ بولغان) دىگەنىكەن .ھەسەن بەسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقانىكەن .بىزگە ئائىلىمىزدىن ،ئاياللىرىمىزدىن ،باللىرىمىزدىن، بۇرادەرلىرىمىز بىزگە سۈيۈملۈكراق دىگەنىكەن ، چۈنكى بىزنىڭ ئەھلىمىز بىزنى دۇنيا بىلەن ياد قىلىدۇ. سىز ئەھلىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئەھلىڭىزگە رىزىقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ھالەتتە كۆرىنىسىز. پەرزەنتىڭىز كىچىك بولسا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ تۇنۇيدۇ. ياكى سىزنى كىيىم ئېلىپ بىرىدىغان كىشى دەپ ياد قىلىدۇ. ئەمما بۇرادەرلىرىمىز بىزنى ئاخىرەت بىلەن بىزنى يادقىلىدۇ. بۇ بۇرادىرىم ئاخىرەتتە ماڭا ئەسقاتىدۇ دەيدۇ. اﷲ يولىدا دوست بولۇش بىلەن باغلانغانلىقى ئۈچۈن مانا بۇتەرەپتىن بىزنى ياد قىلىدۇ، دىگەنىكەن .

بىز [ئەمەللەرنىڭ ئەبزىلى اﷲ يولىدا ياخشى كۆرۈش] دېگەن ھەدىسنى ئەگەر بىزگە ﷲ يولىدا مۇھەببەتلىشىش نىسىب بولسا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەبزىلى ئىكەنلىكىنى شۇندىلا بىلىمىز. بۇرادەرلەر، اﷲ يولىدىكى بۇرادەرلىك مۇھەببىتىدە ھايات كەچۈرگەن كىشىلەردىن زەينۇلئابىدىن مەسجىتكە چىققانىدا بىركىشى (ئەيىبلەپ) سۆككەنىكەن، خىزمەتكارلار ئۇكىشىنى ئۇرماقچى بولغىنىدا زەينۇلئابىدىن قۇلۇڭلارنى تارتىڭلار، دەپ تۇسۇپ ئۇكىشىگە قاراپ سەن ئېيتقاندىن بەكراق يامان ئادەممەن، ھازىر سەن مېنى مۇنداق-مۇنداق دەپ سۆكتىڭ لېكىن مېنىڭ سەن ئېيتقاندىن باشقا ھەم ئەيىبلىرىم بار، ئەگەر سېنىڭ مىنىڭ ئەيىبلىرىمنى بىلىشكە ھاجىتىڭ بولسا ئېيتىپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىلىۋالىسەن. دىگەندە ئۇكىشى خىجالەت بولۇپ ھايا قىلغانىكەن. زەينۇلئابىدىن ئۇكىشىگە 1000تەڭگە بەرگەنىكەن .ئۇكىشى كېتىۋېتىپ ئيتقانىكەنكى: بۇ يىگىت رەسۇلۇللاھنىڭ ئەۋلادىكەن دىگەنىكەن. يەنى ھەقىقەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېئىللىرىنى (قىلغانلىرىنى)قىلدىلەر. لەيسۇبنۇ سەئد كىيىنكى تابىئنلەردىن (ۋەللاھۇئەئلەم) ئۇكىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 70 مىڭ دىناردى ئېشىپ كېتەركەن[بىر دىنار بۇيەرنىڭ پۇلىغا(ۋەللاھۇئەئلەم) 10مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدۇ]شۇنىڭ ھەممىنى سەدىقە قىلاركەن ، ھەتتا دىيىلگەنكى شۇنداق مال دۇنيا تاپقان كىشىگە زاكات ۋاجىپ بولمىغانىكەن، يەنى ماللىرى توپلانماي سەدىقە قىلىنغاچقا. ئۇ كىشى مازار دېگەن جايدا بىر ئۆينى سېتىۋالغانىكەن. ئۇكىشىنىڭ ۋەكالەتچىسى ئۆينى تاپشۇرۋېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا يىتىم كىچىك بالىلار تۇرغىنى كۆرگەنىكەن ئۇيىتىملەر ۋەكالەتچىگە < اﷲ نى ۋاسىتە قىلىپ ئېيتىمىزكى بىز يىتىم كىچىك بالىلارمىز بىزنىڭ چىقىدىغان جايىمىز يوق بۇ ئۆينى ۋاقتىنچە بىزگە قويوپ كەتسىڭىز>دېيىشتى .لەيسۇبنۇ سەئد كە بۇخەۋەر يېتىپ كەلگەندە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆي سىلەرگە ھەم سىلەرگە ھەركۈنى يېتەرلىك نەرسە بېرىپ تۇرىدۇ دىگەنىكەن. اﷲ يولىدا بۇرادەر بولۇش ئۈچۈن ھۆرمەت قىلىنىدىغان نەرسىنىڭ كاتتا زاتقا بېرىلىشى شەرت ئەمەس بۇرادەرلەر بۇيەردە يىتىم كىچىك بالىلارغا بېرىلدى . ئۇلار بۇ ئۆينىڭ بېرىلىشىنى بىلمەيدۇ نېمە ئۈچۈن بەردى بۇنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئىلگىرى بۇيەردە تۇرغىنىنى بىلىدۇ خالاس.

اﷲ ئۈچۈن بىر ئادەم بىر نەرسە بەرمەكچى بولغىنىدا بەرگەن نەرسىسى سۆزلىنىپ تۇردىغان ياكى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرىدىغان جايلار بولۇشى شەرت ئەمەس. ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك ئەڭ كاتتا مۇھەددىس ئىماملەردىن بۇكىشى كۆپ سەدىقە قىلغۇچى بولۇپ بۇكىشىنىڭ سەدىقاتلىرى يىلدا 100مىڭ دىناردىن ئېشىپ كېتەركەن بۇكىشى ھەمراھلىرىنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ئۆزى ئارقىغا يېنىپ شۇ قۇشنى قايەرگە تاشلىدىكىن چەتكە تاشلىدىمۇ يوق (يەنى يولدىكى مۇسۇلمانلارغا ئازار بېرىدىغان نەرسىنى چەتكە ئېلىۋېتىش بۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ) شۇنى راستىنلا چەتكە تاشلىدىمۇ يوق دەپ شۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارقىدا قالدى قارىسا شۇ ئەخلەت بار جايدا ئىكەن. بىر قىز يېقىنراق بىر ئۆيدىن چىقىپ شۇ ئۆلگەن قۇشنى ئالدى. شۇندىلا ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك(اﷲ رازى بولسۇن) ئۇ قىزدىن سورىدىكى نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆلگەن قۇشنى ئالدىڭ ،دېدى.   ئۇ قىز ئېيتتىكى: ئۆزى ۋە ئۇكىسىنىڭ كەمبەغەللىكى بۇ قۇشنىڭ گۈشىنى يىيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇۋاقىتتا ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك ھەجگە كېتىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈكلىرىنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى.ھەم ۋەكىللەرگە قانچە دىنار بار دەپ سورىدى.1000دىنار خىراجىرىمىز بار دېدى. ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك1000 دىناردىن  20دىنارنى ساناپ ئېلىپ قالغىن قايتىشقا يېتىدۇ، قالغىنىنى بۇلارغا بەرگىن .بۇيىلقى ھەججىمىزدىن بۇ ئەبزەل دەپ قايتىپ ھەج قىلمىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە قۇرغاقچىلىق بولدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شامدىن 1000 تۆگىلىك كارۋان كېلىۋاتقانىدى بۇنىڭدا تۈرلۈك تائام ۋە كىيىملەر بار ئىدى. كارۋاننىڭ كېلىشىگە سودىگەرلەر چىققانىدى. خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا ماڭا قانچە پايدا بېرىسىلەر دېدى. ئۇلار 5\100 (يۈزدىن بەش)بېرىمىز دېدى. يەنى يۈزكويلۇق نەرسىگە 5كوي پايدا بېرىمىز دېدى. بۇكاتتا پايدا ئىدى. مەن كۆپراق پايدا بېرىدىغاننى تېپىپ قالدىم سىلەرگە ساتمايمەن دېدى .ئۇلار بىز سودىگەرلەر ئارسىدا5\100 دىن كۆپراق پايدا  بېرىدىغان سودىگەرنى كۆرمىدۇق دېيىشتى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن بىر دەرھەمگە 700 ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېرىدىغاننى تاپتىم دېدى ۋە بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «اﷲنىڭ يولىدا پۇل مېلىنى سەرىپ قىلغانلارنىڭ (سەرىپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ)يەتتە باشاق چىقارغان، ھەرباشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىردانغا ئوخشايدۇ. اﷲ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. اﷲنىڭ مەرھەمىتى(چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر(اﷲ مال سەرىپ قىلغۇچىنىڭ نىيتىنى بىلگۈچىدۇر). مەن مانا مۇشۇنداق بېرىدىغان زاتنى تاپتىم دېدى. ئەي سودىگەرلەر جامائىتى سىزلەرنى گۇۋاھ قىلىپ ئېيتىمەنكى كارۋان ۋە كارۋاندىكى ئۇن، ياغ ۋەكىيىم ھەممىسىنى مەدىنىنىڭ كەمبەغەللىرىگە بەردىم، دېدى .

ھاكىم مۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلىپ كەلتۈرىدۇكى:مۇئاۋىيەتۇبنۇئەبى سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 80مىڭ دەرھەمنى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغا ئەۋەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇ كۈنىدە روزا تۇتقان بولۇپ كىيىملىرى ھەم ناچار ئىدى. لېكىن شۇ مالنى شۇ سائەتتە كەمبەغەل مىسكىنلەرگە تەقسىم قىلىپ ئەۋەتىپ بىرەر تەڭگە ئېلىپ قالمىغانىكەن. خىزمەتچىسى ئېيتقانىكەنكى ئەگەر بىرتەڭگە ئېلىپ قالغان بولسىڭىز ئىفتارگە گۆش سېتىۋېلىپ ئىفتارگە تەييارلىق قىلار ئىدىم. دىگەندە ئىسىمگە سالغىنىڭدە قىلار ئىدىم دېدى. يەنى ئۆزى موھتاج ھالەتتە تۇرۇپ  كەمبەغەل مىسكىنلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنتۇش دەرىجىسىگە يەتكەن. بىز ئىمان لەززىتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تېتىپ چىققىنىمىزدەك، ساھابىلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(تابىئىنلار)ئىمان لەززىتىنى تېتىغان . ۋە بۇلەززەتكە ئوخشاش لەززەتنى ھىچ يەردە كۆرمىگەن ئىمان لەززىتىنى تېتىغاندىن كېيىن باشقا لەززەتنى ئەستىن چىقارغان . باشقا نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە  لەززەت دىيىلىدىغان مەنانى ئىپادىلىمەيدىغان بولۇپ قالغان .  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم اﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلا ئۇلارغا مەدەت بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىزلەردە بۇنداق نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن اﷲ ھەق سۇبھانە ھۇۋەتەئەلا بىزلەرگە مەدەت بەرمىدى ۋە بەرمەيدۇ ھەم،  شۇنى بىلىپ قويىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەم ئەمەل قىلىدىغان كىشى بارلىققا كەلگەندىلا اﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلا مانا بۇ نېئمىتىنى بىزلەرگە بېرىدۇ.

بۇرادەرلەر بۇدەرسىمىزنى (تەسىرلىنىش)ئۈچۈن بولىۋاتقان سۆز دەپ تىڭشىماسلىقىڭلارنى دوست تۇتىمەن . تەسىرلىنىپ لەززەتلىنىدىغان نەرسە بولۇپ قالمىسۇن . بىز بۇ ھەدىسنى يەنە تەكرار ئوقۇيمىز رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن : (  جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى جەننەتكە ئىمان كەلتۈرمىگىچە كىرەلمەيسىلەر،(يەنى جەننەتكە ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولمىغان كىشىنىڭ كىرىشىگە يول يوق پەقەت ئىمانلىق كىشى كىرىدۇ)  اﷲ يولىدا دوستلاشمىغىچە سىلەردە ئىمان پەيدا بولمايدۇ .(ئىمانگە قەيت قىلدىلەر )مەن سىلەرنى قىلساڭلار ئۆزئارا دوستلاشتۇرىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دېدىلەر ۋە جاۋابىنى ئېيتتىكى ئاراڭلاردا سالامنى ئۇمۇملاشتۇرۇڭلار) دېدىلەر يەنى قەلبىدە بۇرادىرى ئۈچۈن مۇشۇ سالامنىڭ مەنالىرى چىن قەلبىدىن ئۈمۈد قىلىنىشى بىلەن ئاراڭلادا مۇھەببەت ھاسىل بولىدۇ. اﷲ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ھەممىمىزگە اﷲ يولىدا ياخشى كۆرۆش بىلەن بىرگە اﷲ يولىدا يامان كۆرۈشنى ھەم نىسىب قىلسۇن.

قاچانىكى اﷲ يولىدا بىراۋنى يامان كۆرمىسىڭىز اﷲ يولىدىكى مۇھەببەت ھاسىل بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىمان  ئاساسلىرىنىڭ ئەڭ مۇستەھكىمى اﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە اﷲ ئۈچۈن يامان كۆرۈشتۇر" . مانا ساھابىلەرنىڭ قانچىلىك اﷲ يولىدا رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشتىلەر ، سۆزۈمنى ئاخىرقى مىسال بىلەن تۈگىتىمەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئبنى ئۇبەي ساھابە كىراملەرنىڭ ئۇلۇغىدىن، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي مۇنافىقلارنىڭ كاتتىسى ،ئوغۇل ئۇلۇغ ساھابە، ئاتا ئەڭ كاتتا مۇناپىق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولى زاھىرغا(سىرتىغا)قاراپ كۇپايىلىنىش ئىدى. زاھىرغا قاراپ مۇئامىلە قىلاتتى. لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئەگەر مەدىنىگە قايتساق ئەزىز خارنى چىقىرىدۇ دېدى. ئەزىز دەپ ئۆزىنى ئېيتتى خار دەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئېيتتى. بۇخەۋەر ئوغلى ئابدۇللاھقا يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاقىرتىپ دادىڭىز مۇشۇنداق دەپتۇ دىگەندە ، دادام توغرا ئېيتىپتۇ . سىز ئەزىزسىز دادام خاردۇر دېدى. ئەزىز خارنى چىقىرىدۇ دېدى. ۋە شەمشىرىنى چىقاردىدە مەدىنىىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. دادىسى كەلگەن ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىزىن (رۇخسەت)  كەلمىگىچە كىرمەيسەن دېدى، سەن خارسەن رەسۇلۇللاھ ئەزىز دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي داد پەرياد قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلدىدە مەدىنىدە مەندىن بەكراق ئاتىسىغا ياخشىلىق قىلالايدىغان ئادەم يوق دېدى ئاتىسىغا بويسۇنىدىغان مەندىن ياخشى پەرزەنت يوق دېدى. يەنى بىرەر سەۋەبتىن يامان كۆرمىگەنتىم ياخشىلىقىم توختىماي بولاتتى دېدى. لېكىن ئەگەر اﷲ ۋە رەسۇل رازى بولسا مەن ھازىر ئۆلتۈرىمەن دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياق داداڭغا ياخشىلىق قىل دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ شىكايەت قىلدىلەركى مېنىڭ ئوغلۇم مەدىنىگە كىرىشىمگە يول بەرمىدى دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇخسەت قىلىپ كىرگۈزۋېتىڭلار دەپ ئادەم ئەۋەتتى.رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەندە ئەمدى كىرگىن دېدى. اﷲ يولىدا ياخشى كۆرۈش اﷲ يولىدا يامان كۆرۈش ساھابىلەرنى شۇنداق كاتتا مەرتىبىگە ئېلىپ چىقالىغان .

بىز ﷲ يولىدا ياخشى كۆرىمەن دېگەن ئادەمگە يەنە سۆزىمىزنى تەكرار ئېيتىمىزكى شەرتلەردىن بىرى بولغان مال –دۆلىتىگە قارشى تەرەپنىڭ ھەقدارراق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويدۇق. خۇسۇسەن مۇشۇ دەۋردە شۇ شەرتنى ئۆتىگەن كىشىنىڭ قولىدىن ھەممە ياخشىلىق كېلىدۇ دەپ ئېيتساق خاتا قىلمايمىز. لېكىن مال دۇنياسىنىڭ ھەممىنى مانا بۇرادەر مال-دۆلىتىمنىڭ ھەممىسى دەپ كۆرسىتىشتىن كۆرە مىنىڭ پىكرىمچە ھازىرقى دەۋردە يۈرىكىنى كىسىپ كۆرسىتىش ئاسان بولسا كېرەك (ۋەللاھۇ ئەئلەم) شۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ يولىدا دوستلىشىمەن دېگەن كىشىلەر بۇشەرتنى ھەم ئويلاپ قۇيۇشسۇن. اﷲ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ھەممىمىزگە اﷲ يولىدا مۇھەببەتلىشىشنى ۋە اﷲ يولىدا يامان كۆرۈشنى نىسىپ قىلسۇن . قىيامەتتە بۇنۇردىن بولغان تەخىتتە ئولتۇرۇش ، يۈزلەرنىڭ تولۇن ئايدەك بولۇشى ئادەملەر قۇرقۇپ تۇرغاندا قۇرقماي ئولتۇرۇش، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس بۇرادەرلەر. پەيغەمبەرلەر ،شەھىتلەر ھەۋەس قىلىدىغان ئۇرۇندا ئولتۇرۇشقا ھەقىقەتتە  اﷲ يولىدا دوستلاشقانلار ئەرزىيدۇ. ئەگەر كىشىگە بۇ نئېمەت نىسىپ بولسا باشقا نئېمەتلەرنىڭ يوقۇلىشى زىيان قىلمايدۇ .  ئۇنىڭغا. ئەگەر باشقا نئېمەتلەر نىسىپ بولۇپ بۇ نئېمەت نىسىپ بولمىسا ئۇكىشى ئانچە كۆپ نئېمىتىم بار دەپ پەخىرلەنمىسىمۇ بولىدۇ. اﷲ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ھەممىمىزگە شۇ نئېمىتىنى مەھرۇم قىلمىسۇن. مانا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدەك زات ئىككىدىن ئىككىدىن ئاكا –ئۇكا(قېرىنداش) بولۇڭلار، مەن اﷲ يولىدا ياخشى كۆرگەن بۇرادىرىم ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ دەپ قۇلىدىن تۇتۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ كەتتى . يەنە تەكرار ئېيتىمەن بۇدەرسىمىز ئالدىنقى دەرسىمىزگە باغلىنىدۇ.ئىخلاس ۋە مۇھەببەت(دوستلۇق) مانا بۇنىڭدىن كېيىن بىز دەرسلىرىمىزنىڭ مەۋزولىرىنى  ئېنىق چۈشىنىۋالىمىز.چۈنكى بىز بۇدەرسنى تەكرار سۆزلىمەيمىز .    
.

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Qapaqhenim + 100 ئۇيغۇرۇم مۇھتاج تېما!
oychan + 999 ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!
musilina + 300 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر..
XERHAN + 100 كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ~!
Kunduz^_^ay + 200 اﷲ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
asrari + 300 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!
polat + 99 ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2098   باھا خاتىرىسى

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

سەنسىز مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44311
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1585
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 1368 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 09:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۇنلەردە ئىسىل تىمىلاردىن سۇنغىنىڭىزغا رەخمەت ،

ئېسىل تىما بولۇپتۇ

كۆيمەكتىمەن تىرىك پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4798
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 8148 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 09:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49196
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 846
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2011-7-26
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 10:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ رەھمەت! راسلا ياخشى تىما ئىكەن بۇ!

ھەممە شائىر  ئاناملا دىدى، ئاتىلار يوقمىكەن ئەستە، ................... ئاتا-ئانىلار قەلىبمىزدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالسۇن! ئاتا-ئانىلارغا كۈيىنەيلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1420
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن. اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1137
تۆھپە نۇمۇرى: 716
توردا: 4714 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونۇپكا باسقان قوللارغا ئۇلۇغ ئاللاھ بەركەت بەرسۇن ...

ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...

زامان بىلەن قەسە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50173
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2011-8-2
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اﷲ كاتتا ئەجىر بەرسۇن (ئامىن)

ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچلارنى پاكلانغۇچلارنى ياخشى كۈردۇ .

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5687
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6937 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈتاش ئاكىمىزنىڭ نادىر تېمىللىرى  كۆرمىگىلى خېلىبولغان  
ئىسىل تېما  

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 17935
تۆھپە نۇمۇرى: 3604
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن يۇقاپ كىتىپ، بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا مۇشۇنداق ئىسىل بىر تىما بىلەن كەلگىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم.
اﷲ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن (امىن)

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

كۆزۈڭنى يۇم، كۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49845
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 905
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 1557 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2011-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 12:23:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اﷲ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ئاللاھ ساڭا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسنى بەرسۇن! يۇسۇپ قەرداۋىغا ھۇرمەت بۇلسۇن!!!ساپالىق مۇسۇلمان بۇلايلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش