مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6185|ئىنكاس: 22

غېرىبلەر كىملەر؟  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50484
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6227 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 04:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ۋاقتىدا، پۈتۈن شېرىك،جاھالەت، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن تولغان ئالەم ئىدى. دىن ئىسلام چارەك ئەسىر ئىچىدە يەر يۈزىنىڭ يېرىمىغا يېتىپ بارىدۇ دىسە، بۇنى ھىچكىم تەستىقلىماس ئىدى.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئەتراپىغا پاكىزە ئەسھابىلەر جەملەندى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەككىلىكلەر ۋە مەككە ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئىمان كەلتۈرگەن كۈنىدىن غېرىپ بولۇشقان ئىدى. ئۆيلىرىدە غېرىپ ئىدى، قەبىلىسىدە غېرىب ئىدى. ئۇلار پۈتۈن مۇسىەتبنىڭ ھەممە تۈرىگە، تۆھمەت، مەسخىرىنىڭ ھەممە تۈرىگە دۇچار بولۇشقان.  ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغان ئىدى. بۇ دىننى قوبۇل قىلىشقان كىشىلەر بۇ دىننى بىرەر مەرتىۋە، مال-دۇنيا، ياكى باشقا بىر دۇنياۋى مەقسەت ئۈچۈن قوبۇل قىلمىغان . ئاللاھ  بۇ زاتلارنىڭ  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئەتراپىغا جەملىنىشىىنى ئىرادە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئىماننى قوبۇل قىلىش بىلەن مۇسبەتنىڭ ھەممە تۈرى ئۇلارغا كۈچەيدى. ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلىدى. چۈنكى ئۇلارغا تاكى قىيامەتكىچە بولغان خەلقلەرنىڭ ئىمان قوبۇل قىلىدىغانلىرىغا نەمۇنە بولۇپ قىلىشى كېرەك ئىدى، ئىسلامنىڭ يولى نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇشى كىرەك ئىدى. ئۇلار دائىم سەۋىرگە چاقىرىلدى،ئۇلارغا قارشى بىرەر زەرەرلىك ئىش قلىشتىن توسۇلدى. ئەقىدە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئورناشقان ۋاقتىدا ئۇ ھەممە نەرسىدىن قىممەت باھا ئىكەنلىكى ئەقىدە دۈشمەنلىرىگە كۆرۈنۈشى كېرەك ئىدى. ئەقىدە قوبۇل قىلىنغان بەزى كىشىلەر بەزىسى قەتلى قىلىندى، بەزىسى ئۆيلىرىدىن، يۇرتلىرىدىن، قەبىلىسىدىن قوغلاندى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن داۋام ئەتتى، ئەسھابلىرى كۆپەيدى، ئاللاھ ئۇلارنى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلشقا بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ھىجرەت قىلدى. ئاللاھ مەدىنىلىك ئەنسارلارنىڭ قەلبىگە شۇنچىكى مۇھەببەت بەردىكى، بۇ قەدەر مۇھەببەت بۇنچە كۆپ جامائەت ئىچىدە قايتا تەكرارلانمىدى. مۇھاجىرلارغا تالىپ بولغۇسى ئەنسارلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىرەر بىر مۇاھجىر ئەنسارلارنىڭ ئۆيىگە چەك تاشلىماي تۇرۇپ چۈشمىدى.                                                      
ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمگە مەككىنى فەتھى قىلىپ بەردى. مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى بىلەن ئىسلامنى سان-ساناقسىز ئادەملەر قوبۇل قىلدى، ئىسلامنىڭ شەۋكەتىنى كۆرۈپ قوبۇل قىلغانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇت-پەرەسلىك، شىرىك جەزىرەتۇل ئەرەبتە يوقالدى. يەھۇدىيە مەدىنە مەككىدە قالمىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھاياتلىقىدا ئىسلامنىڭ غەلبىسىنى كۆرۈلدى.                                    
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنى ۋاپاتى بىلەن ئىسلامدا بىرىنجى يوچۇق پەيدا بولدى، تەبىئىيكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمدە بار سۈپەت باشقا كىشىدە يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمدىن كىين ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفە بولدى. خەلىفە بولۇپ سايلىنىشىدا بەزى بىر ئىشلار بولدى-دە، ئىسلامدىن بىرىنجى يوچۇق كۆز ئاچتى.ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىين ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خەلىفە بولدى. ئالەمنى ئادالەتكە تولدۇردى، بۇ كىشىنىڭ خىلافەت مۇددەتلىرىدە كۆپ نەتىجىلەر قازىنىلدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خاۋارىجلاردىن بولغان بىر مەلئۇن كىشى تەرىپىدىن ناماز ئۈستىدە شىھىت قىلىندى. بۇ شاھادەت بىلەن ئىسلام خەلىفىسىنىڭ شىھىت قىلىنىشى ئەلۋەتتە بەزى ھالەتلەرنى پەيدا قىلدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچىنجى خەلىفە بولدى. بۇ كىشىنىڭ ھاياتلىرى ھەم ناھايىتى كۆپ ئۇتۇقلار قازىنىلدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرىدا، ئىسلامنىڭ تۈپ مېغىزىنى چۈشەنمەستىن، ئىسلامنى فەتھى مەككىنىڭ نۇسرىتى بىلەن ئىماننى قوبۇل قىلغان، ئىغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن، ئىمانلىرى قەلبىدە مەزمۇت بولمىغان ئادەملەر تەرىپىدىن فىتنىلەر بولۇپ، بۇ فىتنىلەر ئاقىۋىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شىھىت قىلىنىشى بىلەن تامام بولدى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرىدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە ناھايىتى ماھىر بولغان بۇ زات تۆتىنجى خەلىفە بولدى، خەلىفە بولغاندىمۇ ناھايىتى قىيىن كۈنلەردە خەلىفە بولدى.ھاياتى ھەم شېھىتلىك بىلەن تامام بولدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھەقىقىي خىلافەتنىڭ 30 يىل داۋام ئىتىشى بىلەن خەۋەر بەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھۈزەيفەتۇل يەمانى يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنىڭ سىرلىرى دەپ لەقەبلەنگەن ساھابىسىگە كېلەچەكتىن بەزى ھالەتلەرنى بايان قىلغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شۇ كىشىدىن بەزى بىر فىتنىلەردىن سوراپ: ئومۇمىي كاتتا فىتنىلەردىن نېمىلەرنى ئاڭلىغانسىز؟-دەپ سورىدى                    .
فىتنەنىڭ ئالدىدا دەرۋازا بار –دىدى.-دەرۋازا ئىچىلامدۇ سۇندۇرۇلامدۇ؟- دەپ سورىغانىدى.
سۇندۇرىلىدۇ –دىدى. بۇ دەرۋازا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئىدى، سۇندۇرىلىشى شېھىت قىلىنىشىغا ئىشارە ئىدى. كىيىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شېھىت قىلىنغاندىن كىيىن، ساھابىلەر  ھۇزەيفەتۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سوراشتى، دەرۋازىنىڭ كىملىكىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەرمىدى شۇ سۆزنى ئىيىتقىنىڭىزدا؟- دىگەندە،-كېچىگە كۈننىڭ ئۆتكىنى قانچە ئېنىق بولسا ئۆمەرگە شۇنچىكى ئېنىق ئىدى-دىگەنىدى.                                          
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزىدىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى ئېيتىپ- مەندىن كىيىن ياشىغانلىرىڭلار كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، كۆپ قارمۇ-قارشىلىقلارنى كۆرىدۇ، شۇندا مىنىڭ سۈننەتلىرىمنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار-دەپ ئېيتقانىدى. ئۆزلەرىنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ غېرىپ بولۇپ قىلىشىغا ئىشارىلەر ۋە ئاچچىق سۆزلەر ئىيتقانىدى.              
ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، غېرىبلىككە قايتىدۇ، غىرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!            
-    - رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم.
-      ئىسلامنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزى باشلاپ بەردى. بۇ يولنى قوبۇل قىلغان ئادەملەر دۇنيادىكى ھەممە مەرتىۋىسىدىن مەھرۇم بولۇشتى،ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسى ئاشتى.تەكرار ئىيتىمىز،ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئادەمنىڭ ئارامى يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۈزىتىش بىلەن يىگانە بولۇپ،ئادەملەر ئۇنىڭدىن يىتىرقاش باشىلىنىدۇ،بولۇپمۇ ئىسلامنى بىلمىگەن ئادەملەر ئارىسىدا ئۇ ھەقىقىي ئىسلامنى ئېيتىشى بىلەن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيىتقانسىرى ئۇنىڭ جاھالەتتە ۋەھشىلىكى تۇتىدۇ.مانا بۇ سائەتتە ئىنسان ھەيران بولۇپ قالىدۇ،مەسخىرىگە دۇچار بولىۋىرىدۇ.شۇ ۋاقىتتا غۇربەت ھىس قىلىدۇ،شۇ غۇربەتنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ غېرىبلەرگە بەرگەن بىشارىتىنى ئەسلەش ئۇنىڭغا قۇۋۋەت بىرىدۇ.                

ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىيىتقان: ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، قانداق باشلانغان بولسا كېلەچەكتە ھەم غېرىب بولۇپ قالىدۇ، غېرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!  - ئىمام مۇسلىم، جامىئۇلسەھىھ.                
كىم غېرىبلەر؟ رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم – ئادەملەر مەندىن كىيىن سۈننەتلىرىمنى بۇزىدۇ .مانا شۇ سۈننەتلىرىمنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزىگەنلەر غېرىبلەر- دىدى. چۈنكى بۈگۈننىڭ ئۆزىدە سۈننەتنى ئەھيا قىلىشقا باشلاڭ، يىگانە قالىسىز بۇرادەرلەر! رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ھازىرقى خەققە قەدرى قالمىغان. ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلغان ئادەم ھەم غۇربەتنى سېزىدۇ، بۇ ھاياتتا ھامان بىر كۈن ئۇلاردىن ئايرىلىمىز. ئىنسان تەنھا قىلىش بىلەن ھەم غېرىبلىق ھىس قىلىدۇ. كاپىرلار ھەم ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، يەھۇدىلار ھەم ئايرىلىدۇ، ئات-ئۇلاغ ھەم تۇغقان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ. بۇندا بىز ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغانغا غېرىب مەن دەپ پەخىرلىنىشكە ھەقىمىز يوق. غېرىب ـ كىشىلەر بۇزغان سۈننەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ، ئەھيا قىلىدۇ، بەرپا قىلىدۇ، ئەنە شۇلار غېرىبلەردۇر!                                                                            
   ئەبۇدەردا، ئەبۇ ئۇمامە، ئەنەس ئىبنى مالىك ئەنھۇمالاردەك كاتتا ساھەبىلەر رىۋايەت قىلىشقان: ئىيىتتىلەركى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، غېرىبلىككە قايتىدۇ، غېرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!». غېرىبلەر كىملەر : ئادەملەر بۇزۇلغاندا ئۆزلىرى ئوڭلانغان ئادەملەر، بۇزۇلغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە سالاھىيەتلىك ئادەملەر، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدا شەنىگە تۆھمەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى جاڭجال قىلىپ ئولتۇرىشمايدۇ ۋە ئەھلى تەۋھىدتىن بىراۋنى گۇناھى سەۋەبلىك كاپىر دىيىشمەيدۇ، غېرىبلەر ئەنە شۇلاردۇر.      
   سۈننەتتىن گەپ قىلسىڭىز ئىتائەت قىلىدىغان كىشىدىن ئىتائەت قىلمايدىغان كىشى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بەزى مۇسۇلمان بۇرادەرلەرگە سۈننەتنى ئەھيا قىلىش قىيىندەك بىلىنىدۇ، قىيىن ئەمەس بۇرادەرلەر ، لىكىن بۇزۇلغان ئادەملەر ئارىسىدا سۈننەتنى قىلىش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلمايدىغان ئادەملەر كۆپەيگەندە ئۇ چىدالمايدۇ-دە، سۈننەتتىن ۋاز كىچىدۇ. مانا شۇنداق بىر يەڭگىلراق دەپ يول تىپىۋىلىپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ. مەيدىسىگە ئېتىقاد بىلەن ئۇرۇۋاتقان ئادەملەر بىردىن مەيدىسىگە ئۇرۇشى يوقىلىپ، ئۆزى ھەم يوقۇلۇپ كېتىدۇ، غېرىب ئەمەس ئۇ! غېرىب شۇكى، سۈننەتنى ئەھيا قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئازىيىپ قالىدۇ.ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن سۈننەتنى ئەھيا قىلىشتىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.                                
غېرىبلەر دىنىنى ئەپ قاچقان ،يەنى مال-دۇنياسىنى ئەمەس دىنىنى ئەپ قىچىپ يۈرگەن، ھەممە نەرسىسىدىن دىنىنى ئەزىز كۆرگەن كىشىلەردۇر. ئىيسا ئىبنى مەريەم ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ بەندىسى، ئۇلۇغ پەيغەمبىرى، ئىنجىل ساھىبىنى ھازىرقى دەۋىردە ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ناسارالارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆلتۈرىمىز دەپ قوغلاپ يۈرگەندە ئەيسا ئەلەيھىسسالام دائىم دىنىنى ئەپ قىچىپ يۈرگەن، قەيەردە كەچ كىرسە شۇ يەردە ئۇخلىغان.ئۇ كىشى ناھايىتى غېرىب بولغانىدى.                                                        
ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋاز كېچىلگەندە ئاللاھنىڭ كىتابىغا مەھكەم ئېسىلغانلار، سۈننەتكە ئەمەل قىلغان، سۈننەتنى ئۆگىتىشكەنلەر، سۈننەتنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمىگەنلەر غېرىبلەردۇر.              
ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن دەۋا ھەممىمىزدە بار، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشسەك بۇ دەۋايىمىزدا سادىق بولغان بولىمىز، ئەگەر ئەگەشمىسەك بۇ دەۋا كاززاپ دەۋادۇر. ئەگەر دەۋايمىزدا سادىق بولساق ئاللاھ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرگەندىن پەرىشتىلەر ياخشى كۆرىدۇ، ئاسمان-زىمىن ۋە ئاسمان زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ھىمايىسىگە ئالىدۇ،كىيىن ھىچكىم بىزگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئۇستازى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!              
ئۇندىن تاشقىرى، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت قازىنىشلىقنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ بۇنى ئارزۇ قىلىشى ئەيب ئىش ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ يىگانە يولى بىر. ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئىلىپ مۇھەببەت قازىنىشتا ،ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئىنساننىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق ئىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىقىنى كۆزلىگەندە، ئاللاھ ياخشى كۆرگەندە ئاندىن ئۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئادەملەرگە مەقبۇل بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ياخشى كۆرۈشلىكى كېرەك، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشىمىز كىرەك. دىمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە  ئەگىشىش يەريۈزىدىكى بارلىق مۇھەببەتكە ئىرىشىشلىكتۇر. ساھابىلەرگە پۈتۈن مۇسۇلمانلار قىيامەتكىچە دۇئا قىلىشىدۇ. بۇنېمىنىڭ نەتىجىسى؟ چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەببتىگە   سازاۋەر بولغانلاردۇر.ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشتە مال-دۇنياسىدىن ۋاز كىچىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن، ئەزىز يۇرتىدىن ۋاز كىچىشكەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىشكەن ئىدى. ئۇلار ھەتتا جەننەتتە بىرگە بولالماسلىقىنى ئويلىشىپ ،رەڭگى ئۆزگىرىشىپ كەتكەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى، بىزنىڭ بەلەن ئەمەس، دەپ كۆڭلى يىرىم بولۇشقانىدى، رەسۇلۇللاھ -كىشى ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن بىللە –دەپ ئۇلارنى خۇشال قىلغانىدى. ئەگەر بىر كىشى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تەرك قىلسا، ئاللاھنىڭ غەزىبىنى كەلتۈرسە، ئاللاھ سىزگە ئەنە شۇ ئادەمنى غەزەبلەندۈرۈپ قويىدۇ.    
              
سۇفىيان سەۋرى ئىيتقانىكەن: ئەھلى سۈننەتگە ياخشىلىق قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار غېرىبلاردۇر. ۋە يەنە: بىر كىشىگە مەشرىقتىكى بىرىنى سۈننەت ئىگىسى، سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان كىشى دەپ خەۋەر كەلگەن بولسا، سەن غەربتە بولساڭمۇ ئۇنىڭغا سالام ئىيتقىن، دۇئا قىلىپ قويغىنكى، ئەھلى سۈننەۋەلجامائە نەقەدەر كەم- دىگەنىكەن. بىزدە كۆپلىگەن جامائەتلەر بار بۇرادەرلەر، مانا مەسجىدلەردە جامائەتلەر بار، لىكىن ئۇلار ئەھلى جامائەت خالاس، ئەھلى سۈننە ئەمەس. ئاۋۋال ئەھلى سۈننەت بولۇشى، شۇ ئەھلى سۈننەدىن جامائەت تەشكىل بولىشى كىرەك، مانا شۇلار ئاللاھنىڭ غىرىب جامەسى ۋە مەدەت بىرىدىغان جامائەسىدۇر.                        
غىرىبلىق بەزى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. گاھى شەرىئەتنىڭ بەزى يوللىرى غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەملەرگە  ناتونۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ھازىرقى دەۋردە غېرىب بولغان، ياخشىلىق نىمە؟ شەرىئەت بۇيرىغان ئىشلار، يامانلىق نېمە؟ شەرىئەت توسىغان نەرسىلەر. شەرىئەت بۇيرىغان ئىشقا بۇيرۇش، شەرىئەت توسىغان نەرسىدىن قايتۇرۇشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئىيتىش يوق بولۇپ قالغان. ئۆزىمىزنى ئىيىتساق، نامازغا بۇيرۇيمىز، روزا-رامىزانغا بۇيرۇيمىز. ئەمما شەرىئەتنىڭ باشقا ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلالمايمىز. بەلكى ئادەملەر ئارىسىدا شەرىئەتنىڭ تولا يوللىرىنى بايان قىلىش غېرىب بولۇپ قالغان. مەسىلەن: بىر كىشى شەرىئەتنىڭ بىر ھۆكمىگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. باشقا يولىنى ئىيتسىىڭىز قۇلاق سالمايدۇ. بىرياندىن سۈننەتكە ئەمەل قىلغان، يەنە بىر ياندىن باشقا سۈننەتنى ئېيتسىڭىز ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ نەپسى-خاھىشىغا توغرا كىلىپ قالغان سۈننەتكە بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ. ماكاننىڭ غېرىبلىقى: كۆپ جايلاردا ئىسلام غېرىبتۇر،بەزى مەھەللىلەردە ئىسلام ناھايىتى غېرىب. ئىسلامدىن گەپ قىلسىڭىز،باشلىدى يەنە ئاخىرەتتىن گەپ قىلىشنى دەيدۇ، قورقىتىۋىرەمسەن بىزنى دەيدۇ! ئۇلارغا ئىسلامنىڭ قايسىبىر ھۆكمىنى ئېيتسىڭىز چۈشەنمەيدۇ. دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئىسلامنى چۈشىنىپ قالىدۇ. ھەقىقەت بىلەن سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ئۆتكەن ئۆلىمالىرىمىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! پەيغەمبەلەرنىڭ يولى ھەق بولۇپ قالدى، باشقىلارنىڭ يوللارى ھەممىسى يوق بولۇپ كەتتى. يۇنان دۆلەتلىرى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئادەملىرىدىن تارىخىدىن بىر نەرسە سورالسا ھىچنەرسە قالمىدى. پەخىرلەنگەن ئەبۇجەھىللەر مەلئۇن ئاتالدى، ھەق يولدا بولغان ئادەملەر ئۆز دەۋرىدە زەئىب بولغان بولسىمۇ، كىيىنكى دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە، كۆز ياش بىلەن دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىگە ئايلاندى. ئۇمەييە مەلئۇن بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ قولىدا قۇل بولۇپ تۇرغان بىلال ھەبەشى قىيامەتكىچە بولغان مۇئەززىنلەرنىڭ ئۇستازىغا ئايلاندى،بىلال ھەبەشىنى بىلمىگەن خانىدان قالمىدى. ئاللاھنىڭ ئىززىتى مانا بۇ تەرەپتە، ئىنسان بىشىغا چۈشكەن غۇربەت قانچىكى قاتتىق بولسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەت ھەم شۇنچىلىك بولىدۇ.بۇ دۇنيادا بىراۋنىڭ نامىنى ئەسلىدۇق نېمەيۇ، ئەسلىمىدى نېمە، بىزنىڭ ئەسلىشىمىز بىلەن ئۇلار ئۇلۇغ بولۇپ قالمايدۇ، بىزنىڭ ئەسلىمەسلىكىمىز بىلەن ئۇلار كىمىيىپ قالمايدۇ. لىكىن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ،كۆپلىرى مۇكاپاتىنىڭ بىر قىسمىنى ئللىشتى، ئۇنىڭدىنمۇ ئىسىل مۇكاپاتلار كۈتۈپ تۇرىدۇ! شۇنداق غلرىبلەر باركى، ئۇلارنىڭ ناملىرى ھەم قالمىدى، ئەمما ئاللاھنىڭ نىزامىدا ئۇلار ناھايىتى ئۇلۇغ زاتلار بولۇپ قالدى.                        
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پارس ھۆكۈمرانلىقىغا لەشكەر يۈرگۈزگەندە، قادىسىيەدە كۆپ جەڭلەر بولدى، ئېغىر شەھىتلەر بولدى. نامەنى ئىبنى مۇقەررىم ھەم شېھىت بولدى. ئاللاھنىڭ زەپەر بىرىشى بىلەن پارس  ھۆكۈمدارلىقى تۈگىتىلدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاددى كىيىنەتتى، ئادەتتىكىچە يۈرەتتى، بىرى تونالمايتى. ئەلچى زەپەر خەۋىرىنى ئىلىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەدىنە تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئەلچى: ئاللاھ ئىسلامغا زەپەر بەردى، نامەنى ئىبنى مۇقەررىم شېھىت بولدى- دىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىننەلىللاھى ۋە ئىننى ئىلەيھى رازىئۇن-دەپ قاتتىق يىغلىدى. ئەلچى كىيىن ئۇنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن :ـ  سىز تونۇيدىغان مەشھۇر كىشىلەردىن پەقەت نامەنى ئىبنى مۇقەررىم شىھىت بولدى-دېگەنلىرىدە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەلچىگە ئېيىتتى- ئەي نادان، ئۆمەرنىڭ تونۇشلىقىنىڭ ئۇلارغا نىمە مەنپەتى بار، ئۇلارنى شېھىتلىك بىلەن مۇكەررەم قىلغان زات ئۇلارنى ياخشى تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ نەسەبلىرىنى، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەلۋەتتە ياخشى تونۇيدۇ، مىنىڭ تونۇشىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟-دىدىلەر.      
                  
ھەقىقەتەن دوستلار مەن شۇنى كۆپ ئەسلەتكۈم كىلىدۇكى، بىزنىڭ جامەلىرىمىز ئىچىدە ھەم ئىسلامغا شۇنچە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر باركى، ئۇنى شۆھرەتلىك ئادەملەر بىلمەيدۇ، نامىنى، نىمە قىلغانلىقىنى ھەم بىلمەيدۇ، بىلىشىنىڭمۇ ھىچ مەنپەئەتى يوق بۇرادەرلەر!        
ئۇنى ئىسلامنىڭ خىزمىتىگە شۇنچە ھىرىسمەن قىلىش بىلەن مۇكەررەم قىلغان زات ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى كاتتا مۇكاپاتلارنى بىرىشنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارنى شۇنداق مەخپىي قىلىشقا يوللىغان زات ئۆزى ياخشى تونۇيدۇ. چۈنكى بۇ غېرىبلەر ئۆزلىرىنىڭ رىياكار بولۇشىنى خالىمايدۇ. ھەممىمىز غېرىب مەن دىيىشكە ھەققىمىز يوق، مادامىكى سۈننەتلەرنى بۇزغان كىشىلەر ئارىسىدا سۈننەتلەرنى ئەھيا قىلىدىغان كىشىلەردىن بولالىساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىيىتقان غىرىبلەردىن ۋە جەننەت بولسۇن دىگەن غېرىبلەردىن شۇچاغدا بولىمىز. ئاخىرىدا « غىرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!»
شۇ دەرسلىكنىڭ ئۆزىدىن تىڭشاپ يىزىلدى.

[table=100%,#ffff00][/table]

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
bendora + 1000 غېرىب بولالىغان بولسام
oychan + 999 غېرىپلار بەخىتلىكلەر...
pusat2 + 100 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن....
tarhamak + 100 اللە رەھمەت قىلسۇن ...
xahida223 + 100 اللە رەھمەت قىلسۇن.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2299   باھا خاتىرىسى

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

قەلەندەر بولسام

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39058
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 809
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 06:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت  بەرمىسۇن ...........

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2354 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 06:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەرىسلىكنى مەنمۇ ئاڭلىغان ياخشى يوللاپسىز پەيغەمبىرلىرىمىزنىڭ
مۇبارەك ئىسىملىرىمۇ شۇنداق توغرا يىزىلىپتۇ ،شۇنداق ئىسلام ئۇچۇن بارلىغىنى ،بېغىشلاپ بىر قىسىم كىشلەر تەرىپىدىن خۇراپى- پەتىۋاچى دىگەن نامنى ئالغان شۇ كىشىللىرىمىز غېرىپتۇ.

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221157
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11545 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 06:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېرىپلار  ( رەفىق قارى)
http://mail.qq.com/cgi-bin/ftnEx ... dc2&s=email

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

قۇشقاچ ئوۋلايمەن

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24410
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 1497 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 06:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراڭلارغا نامازغا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئېلگىرى ،
ئالدىراڭلار تۆۋۋىگە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئېلگىرى .

كىنوخانىمىزدا ئەڭ يىڭى ئۆز تىلدىكى كىنولار بار ! http://padixah.blogbus.com/

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15188
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5288 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:03:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  owchi. كە 2011-08-04 06:47 PMئەۋەتىلدى  :
ئالدىراڭلارغا نامازغا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئېلگىرى ،
ئالدىراڭلار تۆۋۋىگە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئېلگىرى .

ھەق گەپ!

تاكى قىيامەتكىچە  غېرىپ بولىدىغانلار، ھەقنىڭ يولىدىن تايمىغانلار.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1450
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3372 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(menggutash) نىڭ تېمىسىغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.   سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسا ، كىشىنىڭ ئىمان-ئىتىقادى تېخىمۇ كۈچىيىپ قالىدىكەن. اللە غېرىپلارغا نۇسرەت ئاتا قىلغاي . اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1450
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3372 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9قەۋەتتىكى(gherip) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

اللە رەھمەت قىلسۇن.  مەن چۈشۈرۈۋالدىم .

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50484
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6227 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دىنىي مەزمۇنلارنى يوللايدىغان قېرىنداشلار ئازىيىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. بۇ لېكسىيەنى ھەم مەلۇم تور بەتتىن چۈشۈرۈۋالغان. ئاشۇ خالىس قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

سەنسىزمۇ ئۆتىدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11309
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7242
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 07:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10350
تۆھپە نۇمۇرى: 869
توردا: 2001 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 08:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 17935
تۆھپە نۇمۇرى: 3604
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈتاشنىڭ ھەممە تىمىسىنى ئاساسەن ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان يېرى، بىرىنجىدىن ، تىمىللىرى بەكلا ئىسىل. ئىككنجىدىن، ئۇنىڭ ئانا تىلنى توغىرا يېزىشى. ئۇنىڭ ھەممە تىمللىرىدىن ، ئاساسەن ئىملا خاتالىقىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەرپىنى ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1849
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2833 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 01:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!  نادىر تېمىڭىزنى شۇنچە ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئاللاھ كوپ ئەجىرلەرنى ئاتا قىلسۇن. تېمىللىرىڭىز  ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن! بىز سىزگە ئوخشاش قوش بىسلىق قەلەمكەشلەرگە مۇھتاج! ئاللاھ سىزنى ئىككىلا دۇنيادا ئېزىز قىلسۇن قېرىندىشىم   يامان كوزلەردىن ساقلىسۇن... ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن...ئامىن!!!

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 23922
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5979 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 12:24:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈتاش ئاكىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  ئۇنى  توغرا يولدا ئاداققىچە مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن!
مەڭگۈتاش ئاكىمىزنىڭ يۇقارقى لىكسىيىدىن ئىلھام ئېلىپ يازغان ماقالىسىنى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي:


غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن
مەڭگۈتاش

(ئابدۇۋەلىي مىرزايېفنىڭ «غېرىبلار كىملەر» ناملىق لېكسىيەسىدىن ئىلھام)
كۆپ ئادەمنىڭ ئەگەشكەنلىكى شۇ نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دىيانەت كېمەيگەن، ئىلىم سۇسلاشقان، ئىش ئەھلى بولمىغانلار تۆرگە ئۆتكەن ۋاقىتتا ئۆزۈڭگە تەۋە روھىي ئالەمگە قايت. غېرىبلىققا يۈز تۇتقان بۇرادەرلىرىڭنى زىيارەت قىل. مۇبادا بارچە كىشى ھەقىقەتكە قارشى جەم بولغان تەقدىردە يالغۇز ھالەتتە ھەقىقەتنىڭ تۇغىنى تۇتۇپ تۇرغىنكى، مۇرەسسە قىلما. دىللار غېرىب بولغان ۋاقىت كەلدى. قەلب چوڭقۇرلىرىڭغا چۆكۈپ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى تەپەككۇر قىلغىن، ياراتقۇچىغا بولغان چەكسىز ئىشەنچ كىشىلەردىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭنى توزان كەبى ئۇچۇرۇپ كەتكەي.
غېرىبلىق... غېرىبلىق... كىشىلەر ياراتقۇچىنى ئۇنتۇشقان دەۋردە مۇقەددەس كالامىمىزنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم غېرىب، دەتالاش قىلىنغان جايدا شەرىئەت غېرىب، تەقۋا ئەر ھازازۇل ئايال ئالدىدا غېرىب، ﷲ يولىدا تەۋەككۇل قىلغۇچى مەئىشەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا غېرىب. ئۆكۈنمە ، ئەي مۆئمىن. غېرىب بولغان سەنلا ئەمەسسەن. كىشىلەر ئارىسىدا شەيتان باشلىق بولغان چاغدا ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەلەم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى. ئەمدى سەن مۇقەددەس بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىسەن ياكى كاپىر پېتى مەڭگۈلۈك ئوتقا كىرىسەن. ئۆزرەڭنى قوي. ياراتقۇچى بەرگەن رىزىقنى يەپ تۇرۇپ ياراتقۇچىغا توزكور بولغانلىقىڭنى ئۇنتۇما. قۇرداشلىرىڭ «ئوينا» دەيدۇ. قاپقاراڭغۇ گۆر سېنى «ئويلان» دەيدۇ. شەيتان ۋە ئادەم سۈرەتلىك شەيتانلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارچە گۇناھلارنى ئەيمەنمەي بېجىرىسەن، «سەن تېخى ياش، قېرىغاندا قىلىۋال ئىبادەتنى» دەيدۇ، شەيتان قۇلىقىڭ تۈۋىدە. ياشلىقتا، ئەقلىڭ ئۆتكۈر چاغدا شەيتان قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەتتىڭ، ياشلىق كۈچۈڭنى گۇناھ كوچىلىرىدا خوراتتىڭ. مانا، قېرىغاندا بەللىرىڭ، بويۇنلىرىڭ قاتقاندا سەجدىلىرىڭ قولاشمىدى، ئاغزىڭ مۇبارەك كەلىمىلەرگە كەلمىدى. تەۋبىسىز كەتتىڭ، ئەي بەختسىز ئىنسان. قەبرىدە يېتىپ تۇرۇپ، ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بۇ سەن ھايات چاغدا ئىنكار قىلىنغان ھەقىقەتلەر ئىدى. 60-70 يىللىق ئۆمۈر خۇددى بىر كېچە – كۈندۈزدەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھاياتلىق ھارۋاڭغا ياخشى ئەمەل قاچىلاشنى ئۇنۇتتۇڭ. مەھەللەڭدە ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشتا ئاتامان ئىدىڭ. رىبا يەيتتىڭ. ھاراقنى ﷲنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئىچەتتىڭ، قانچە قىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇزغىنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى تۆھپىلىرىڭ سۈپىتىدە سېنى پەخىرلەندۈرەتتى. سۈننەتنى تىرىلدۈرۈپ، ساقال قويغانلارنى ھاقارەت قىلاتتىڭ. ﷲنىڭ ئىلمىنى ئۈگەنگەنلەرنى چاقاتتىڭ. يىلان- چايانلارنىڭ غىزاسىغا ئايلىنىۋاتقان چاغلىرىڭدا «يا ھەسرىتا، تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ، ئىسىت» دېگەنسەن. سەن ئازدۇرغان ئاشۇ تىرىكلەر يەنىلا گۇناھىنى داۋام قىلماقتا. سەن باشلىغان خاتا يولغا ماڭغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئۈلۈش گۇناھىنىڭ ئۈستۈڭگە يۈكلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟ ياق، سەن كىچىك قىيامەت بولغان قەبرە ھاياتىڭنى ئۆتكۈزۈپ بولغىنىڭدا ، مەھشەردىن ئىبارەت تېخىمۇ دەھشەت بىر قىيامەتنى كۆرىسەن. جەھەننەمنىڭ مۇئەككەل پەرىشتىلىرى كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئوتقا سۆرىگەندە خۈنۈك كۆزلىرىڭ بىلەن مۆئىمىنلەرنىڭ، سەن مەسخىرە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭلىكى ئاسمان- زىمىنچە كېلىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپمۇ قالارسەن. ئۇلۇغ ﷲنىڭ كالامى، پەيغەمبەر سۈننىتى كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپ ھەقىقەتنى تونىيالمىغىنىڭ ئۈچۈن ئەمدى باشقىلارغا مالامەت قىلالمايسەن. ئەي ئۆز-ئۆزىنى خارلىققا تاشلىغۇچى ئازغۇن ئىنسان!
قەلب قاتلاملىرىدىن تەۋبە ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئەي مۇسلىمە! ئۆكۈنمە، يات ئەركەكنىڭ كۆزلىرىدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، پەقەت ﷲتىنلا قورقۇپ تۇرۇپ تومۇز ئىسسىقتا كەيگەن ھىجابلىرىڭغا! كىشىلەردىن، ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىڭدىن چەككەن ئەزىيەتلىرىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بۈيۈك سوۋغىغا ئېرىشىسەن. خالىيدا ﷲتىن قورقۇپ ياش تۆككىنىڭنى ئۇ كىشىلەر نەدىن بىلسۇن؟! قوللىرىڭ دۇئادا، قۇرداشلىرىڭ دىبادا. ئاشۇ چۆيۈندەك مەزمۇت ئىمان بىلەن ياشىغىنىڭ، قورساق باقتىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىنىڭ ئۈچۈن ﷲنىڭ رەھمىتى بولسۇن. سېنى مەسخىرە قىلىشقانلار ئالدىراشمىسۇنكى، ئەتە- ئۈگۈن مەسخىرە نۆۋىتى ساڭا كېلىدۇ. بەدەنلىرى ئەرەبىستاننىڭ چوغدەك قىززىق قۇملىرىدا كۆيۈپ، ياغلىرى پىژىلداپ ئېقىپ تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قايتمىغان ئەممار ياسىر ئائىلىسى ، ئاچلىقىدىن تاشنى قورساقلىرىغا تېڭىپ يۈرگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە بۈيۈك ساھابىلەرنىڭ سىماسىنى ئەستىن چىقارما ئەي ھەمشىرەم! ئىمانسىزلارنىڭ ئېسىل قەسىرلىرى، باغلام- باغلام پۇللىرى كۆزلىرىڭنى ئالىچەكمەن قىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى ئازغىنە مەئىشەتلىرى ھامىنى ئاياغلىشىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك ھېساب كۈنىدە يۈزلىرى تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان سائادەتمەنلەردىن بولغىنكى، ئەتراپىڭدىكى ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇ دۇنيالىق ھاياتىڭنى نابۇت قىلمىغىن. ھەقىقەتكە يېقىنلىشىۋىدىڭ ، قەۋمى قېرىنداشلىرىڭمۇ دۈشمەنگە ئايلاندى. لىچەكلىرىڭ تىقىپ قويۇلدى. كەينىڭدىن پىتنىلەر توقۇلدى. بۇ سىناقلار نېمە ئىدى قېرىندىشىم؟! تەنلىرى ھەرىدەلگەن، قانلىرى تۇپراقنى سۆيگەن شەھىدلەر ئۇچرىغان قىسمەتلەر ئالدىدا ئاغزاكى ھاقارەتلەر نېمە ئىدى؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەئىدى بولغان سۆيۈملۈك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرگە مۇپتىلا بولغان. بېشىغا تۆگىنىڭ قېرىنى ئارتىپ قويۇلغان، ئوھۇد غازىتىدا چىشلىرى تۆكۈلگەن، مۇشرىكلار شېئىرلار توقۇپ مەسخىرە قىلىشقان. لېكىن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئوڭ قولىغا ئاينى ، سول قولىغا قوياشنى بەرگەن تەقدىردىمۇ دەۋەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ، مۆئىمىنلەر ئىماندىن تەۋرەنمىگەن. شۇڭا دەيمەن، سەن ھەق ئۈستىدىسەن ئەي مۇسلىمە...ھەرگىز قايتما، بىلگىنكى ئۇلار سېنى ئازدۇرۇشنىلا خالايدۇ.
كۆپلىگەن كىشىنىڭ بىر مەۋقە ئاساسىدا بىرلەشكەنلىكى ئۇ ئىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا ھەم نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەشكەن. تارىختا تالاي ئىنسانلار بۇزۇق ئەقىدە ئاساسىدا بىرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سالغان قەسىرلىرىنىڭ خارابىلىرى ئىبرەت سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە قالدى. كۈچلۈك، چىرايلىق قامەتلىرى جەھەننەمگە ئوتۇن بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى. ھېلىھەم تالاي كىشىلەرنىڭ ئاللىقانداق ئازغۇن پىكىرلەر قورشاۋىدا جاھىلانە تىركىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە ، دەپ ئويلايدۇ. دىللىرى پەردىلەنگەن كىشىلەر غادىيىپ يۈرۈشمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرى، ئەمەللىرى بىلەن خۇشال. مۆئىمىنلەرنىڭ ئاجىز، غېرىب ھالىتى ئۇلارنى بەكمۇ ھاياجانغا سالماقتا. ئۇلارنىڭ ھېيلە- مىكىرلىرىگە ﷲ كۇپايە، ﷲ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي! ۋاھالەنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.
سەن غېرىبسەن، ئىسلام غېرىبلىقتىن باشلانغان، يەنە غېرىبلىققا قايتماقتا. سىناق دۇنيادا تۈرلۈك قىسمەتلەر بېشىڭنى ئەگىپ تۇرماقتا. ئاتا- ئاناڭ سېنى خىزمەتچى قىلىپ، ئابرويلۇق بىر ئەرگە بەرمەكچى، بىراق، سەن ﷲ يولىدا خىزمەت قىلىپ ﷲنىڭ رىزاسىغا ئېرىشمەكچى. دىللار نېمە دېگەن پەرقلىق- ھە!  ئىسمى مۇسۇلمانچە قويۇلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن تالاي كىشى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ﷲنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشماقتا. بېزىلىۋاتقان ئۆيلەر، تاشلىنىۋاتقان ئاتا- ئانىلار، كىچىك تۇرۇپ تۇغۇپ قويغان قىزلار، پاھىشە- زىنالار، ئىچىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر، ئاينىپ كەتكەن بىدئەتلەر قىيامەتنىڭ بىز تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلماقتا. بېقىشتىن قېچىپ ساناتورىيىلەرگە ئاپىرىۋېتىلگەن ئاتا- ئانىلار، ئۈزۈلمەس قاتار چايلار، ئىنسانغا سەجدە قىلىشلار، شېرىك ئەقىدىلەر قەۋمنىڭ بەختسىزلىكى. تەپەككۇر تاشلانغان ، ئىبرەت كۆزلەر توسۇلغان ، دۇنيالىق پاراڭلار ئاۋۇپ كەتكەن . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىيامەت يېقىنلاشقاندا مۆئىمىنلەرنىڭ كۆپۈككە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ساھابىلەر نەفسىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆتكەن بولسا، بىز نەفسىمىزگە قۇل بولماقتىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىماي تۇرۇپ رەببىمىزدىن ياردەم كۈتمەيلى. پىچاق غىلاپقا قايتقاندەك ئەھلى ئىسلام ھەق ئۈستىگە قايتماي تۇرۇپ، نىجاتلىق يوقتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر تال خۇرما چاغلىق نەرسە سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ جەھەننەمدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىدى. ئاۋۇ كوچىدىكى پەقىر كىشىنى كۆردۈڭمۇ، سەن يەۋاتقان يۇقىرى ئاقسىللىق غىزادا ئاشۇ مىسكىننىڭ ھەققى بار. كىيىمى يىرتىلغان يوقسۇل ئەمەلىيەتتە ﷲتائالانىڭ ساڭا ئەۋەتكەن نېئمىتى. سەن شۇلارنى كىيىندۈرۈش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىسەن. داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىڭ قىيامەت كۈنى كىيىشكە يارىمايدۇ. بەدىنىڭ يۆگەلگۈدەك كىيىم، ئاران قورسىقىڭ تويغۇدەك غىزا، بېشىڭنى تىقىپ ئولتۇرغۇدەكلا بىر ئۆيدىن باشقا بارلىق نېئمەتتىن سۇئال قىلىنىسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاۋۇ ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان بالاڭدىن، قەلەمقاش ئايالىڭدىن ھەتتا جېنىڭدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ياق، سەن ،مەن ، ئاۋۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىمانىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىپ باقايلى. نامازلاردا ئىخلاس يوق. سۈرە فاتىھەدە يىغلاپ باقتىڭمۇ؟ ساھابىلەر ھاياتىنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇڭ قاتتىق قاتتىق سىلكىندىمۇ؟ ياق.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساندىدۇر. ئۇلار پىتنە ئاينىغان زاماندىمۇ ئىمانىدا بەقەرار تۇرالىغان، دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلار رېستۇرانلارغا چاقىرىلمايدۇ. ئابرويلۇق بايلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىق تۇغقىنى يوق. چۈنكى،ئۇلار ياردەمنى پەقەت ﷲتىنلا كۈتىدۇ.
غېرىب بولغىنكى، زالىم بولما. مۇسىبەتلەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئىمانىڭدىن ئەنسىرە. ﷲنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ جازاسىنى قىيامەت كۈنىگە يىغىپ قويۇشىدىن ھەزەر قىل. سەن ھاياتسەن، غېرىبلاردىن بول. روھىڭ غېرىبلىق دەشتلىرىدە ﷲنىڭ مۆجىزىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن پارلاقلىققا يەتكەي.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغۇچىلار. ئۇلار مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامەتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ﷲنىڭ زىكرى قىلىش بىلەن قەلبى ئارام تاپقان كىشىلەر. ماۋۇ مەنىسىز كۈلۈپ يۈرگەن كىشىلەردىن چېگرا ئايرىغىن. ئاچچىق كۈلگىنكى، ماڭقۇرتلارچە كۈلمە. كۈلكە قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. ﷲنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنتلىرىڭ، تېخىچە ئەۋرىتىنى ئېچىپ يۈرگەن ئايالىڭ، ھەمشىرىلىرىڭنى ھەقىقەتكە چاقىرىش قاچالمايدىغان بۇرچۇڭ، سەن بۇ ئىشلاردىن سوراق قىلىنماي قالمايسەن.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلارنى دوست تۇتقىن. ئۇلارنىڭ غېرىب كۈلبىلىرىگە ﷲنىڭ بەركىتى چۈشىدۇ. ئۇلار ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەللىرى ئارقىلىق، ﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ياشايدۇ. ئۇلار گۆشسىز غىزا يېسىمۇ يۈزلىرى ئىماننىڭ تەسىرىدىن پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلار چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ياتار چاغدا بىر كۈنلۈك قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىدۇ. ئۇلار تەھەججۇد نامىزىدا سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ مەغفىرەت سورايدۇ. ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرسە ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يامان كۆرسە ﷲ ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قىيامەت كۈنىدە تارازىغا ئېغىر كېلىدىغان تەسبىھ، زىكىرلەر بار. ئۇلارغا ئۈزۈلمەس سالام ۋە ﷲنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇنكى، قىيامەت كۈنىدىكى قىيىن مىنۇتلاردا بۈگۈنكى چەككەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغاي.


https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=50426

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221157
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11545 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 07:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمان ھەققىدە  (ئابدۇۋەلى قارى)

                                        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ....

نىمە ئۈچۈن دەرسىمىزنىڭ ئەۋۋىلى ئىمان دەرسى بولىدۇ؟ چۈنكى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا رەسول ﷲ ص سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە خىتاب قىلىپ‹ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،كىشىلەرگە ئېيتىڭ ، ئەگەر ئىمانىڭلار بولمىسا رەببىم سىلەرنى قەتئىي ئېتبارغا ئالمايدۇ. «(ئى كافىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار،(ئاخىرەتتە سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولىسىلەر ›» دېمەك بىز بەندىلەر ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلانىڭ ئېتبارىغا ئىمان سەۋەبلىك كىرىمىز، ئەگەر بۇ ئىمان بولمايدىغان ،نەئۇزۇبىللاھ (اللەدىن پاناھ تىلەيمىز) بولسا ﷲ نىڭ ئېتبارىدىن چىقىمىز، ئەگەر ئىنساننىڭ ئېتبارى دۇنياۋى زىننەت ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بولسا مۇسۇلمانلارغا قارىغاندا خۇسۇسەن كۇفۇر دىيارىدا كاپىرلارنىڭ بۇنەرسىدە ئۈستۈن ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر، لېكىن ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا جانابى رەسولۇللاھ ۋە ئۇكىشىنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يىغىلغان ساھابىلەرگە ۋە پۈتۈنلەي قىيامەتكىچە بۇكىشىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ئىمانلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن مەدىنىدىكى مۇناپىقلار ۋە ئەتراپتىكى باشقا كاپىر ھۆكۈمدارلار ھەممە ساھادە بەلەن ئىدى. تەييارلىقى بەلەن ئىدى. دۇنياۋى جەھەتتە بەلەن ئىدى،  لېكىن     ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا رەسۇلۇللاھ س ئە ۋ نىڭ  ساھابىللىرىگە   { وَلاَ تَهِنُوا وَلاَ تَحْزَنُوا وَأَنتُمُ الأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم  مُؤْمِنِينَ‹(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار،شېھىد بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار .ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلىك قازىنىسىلەر} ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولغان جامائەگە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا ئالدىدىكى ھەربىر ساھەدە ئىماندىن   باشقا ساھەدە بەلەن بولغان كاپىرلارنىڭ قارشىسىدا ئىماندىن باشقا ساھەدە تۆۋەن بولغان جامائەگە خىتاب قىلىپ (سىلەر ئالى بولغان ھالىتىڭلاردا سۇسلىق قىلماڭلار، غەمكىن بولماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار) دېدى،

دېمەك ئىنساننىڭ ئىمان سۈپىتىگە ئىگە بولىشى ئالدىدىكى باشقا ھەممە كىشىلەردىن ئالى ئىكەنلىكىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز. دەرسىمىزنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئىماندىن باشلايمىزكى بۇ مەۋزۇ ناھايەتتە مۆتىبەر مەۋزۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى بۇ ئىمان مەسىلىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن  رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىغا مۇقەررەپ پەرىشتىلەردىن بولغان جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ بىۋاستە ئۆگەتتى . بۇ مەۋزو ناھايىتى زۆرۈر مەۋزودۇر. ئۆمەرئىبنى خەتتاب رضي ﷲ عنه رىۋايەت قىلىدۇكى{ عن عمر أن جبريل جاء فسأل النبي صلى ﷲ عليه و سلم عن الإيمان فقال : " أَنْ تُؤْمِنَ بِﷲ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَتُؤْمِنَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشرهِ . جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن  ئىمان ھەققىدە سوئال سورىدى. پەيغەمبەرع ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى : ﷲ قا ۋە ﷲ نىڭ بارلىق پەرىشتىللىرىگە ۋە بارلىق كىتابلىرىغا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشىڭ ۋ ەياخشىلىق –يامانلىقنىڭ ﷲ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دېدى} يەنى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا ئىمان ھەققىدە كىشىنىڭ بىلىشى شۇقەدەر زۆرۆر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تامامى ئىنسانىيەتكە ئىبەرتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھى ئېلىپ كەلگەن كىشىنى ئىمان ھەققىدە سوراتتى. رسولۇللاھ بۇنىڭغا جاۋاب بەردى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز.


دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى رەسۇلۇللاھ س ئە ۋ ساھابىلارنى تەربىيە قىلىشتا ئەۋۋەل ئىمان بىلەن تەربىيە قىلدى. ۋە بۇ ئىمانغا نۇسرەتنى(ياردەمنى) ۋەدەقىلدى. ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئەمەس ﷲ سۇبھانە ۋەتەئەلا تەرىپىدىن{( حقا عَلَيْنَا نُنجِ الْمُؤْمِنِينَ )ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەق مۆمىنلەرگە نىجات بېرىش)دېدى} إنا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا الَذِينَ آمَنُوا(شەك شۈبھىسىزكى بىزپەيغەمبىرىمىزگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىمىز)} ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئىمان سۈپىتىگە ئېگە كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەتفە (باغلىدى)قىلدى بۇنىڭدىن ھەم ئېتىبار بېرىشىمىز لازىم بولغان نەرسە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا مۆمىنلەرنى ئالداۋاتقان مۇناپىقلارنى{( يُخَادِعُونَ ﷲ والّذِينَ آمَنُوا) (ئۇلارﷲنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ)}دەپ ﷲ ئۆزىنىڭ لەبزى جالالىگە ئەتفە قىلدى.



ئەگەر ئىمان سۈپىتىگە ئىگە بولساق مۇناپىقلار،كاپىرلار،مۇشرىكلار مۇتلەق ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ﷲ نىڭ معيةَِ (ھەمرالىقى)ئىمان بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى مانا بۇ ئايەتتىن بىلسەك بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز، يەنە دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىز ھازىر ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك رەسول ﷲ س ئە ۋ ساھابىلارنى ئىمان بىلەن تەربىيلىدى. بۇھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىمام تەبرانى ئۆزلىرىنىڭ ‹ئەۋسەت›كىتابىدا سەھىھ سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن بىر ئەسەرنى كەلتۈرىمىز.‹چۈنكى بىز ئىماننى ئۆگەنمىسەك قۇرئاننى پۈتۈنلەي خەتمە قىلىشىمىز، قۇرئاننى ئۇقۇغانلىرىمىز بىزگە پايدا بەرمەيدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ›(ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئېيتتىكى مەلۇم بىر ھاياتىمنىڭ دەۋرىدە ياشىدىم، رەسۇل ﷲ س ئە ۋە نىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ بىرىمىزگە قۇرئان ئۆگىتىلىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئۆگىتىلەتتى، سۈرە مۇھەممەد س ئە ۋ گە ئىماننى ئۆگىنىپ بولغىنىمىزدىن كېيىن نازىل بولاتتى. بۇ سۈرىدە ھالال قىلىنغان نەرسە نېمە؟ھارام قىلىنغان نەرسە نېمە؟دەرھال ئۆگىنەتتۇق. قەيەردە توختىشىمىز كېرەك ،قەيەردە مېڭىشىمىز كېرەك، مانا بۇنەرسىنى قۇرئان بىزگە تەلىم بېرەتتى. چۈنكى بىز ئىماننى ئۆگەنگەن ئىدۇق. ئەمدى شۇنداق كىشىلەرنى كۆردۈمكى ئۇلارنىڭ بىرىغا ئىماندىن ئىلگىرى قۇرئان ئۆگىتىلدى. سۈرە فاتىھەدىن ئاخىرقى سۈرىگىچە ئوقۇدى.قۇرئان نېمىگە بۇيرىدى ؟نېمىدىن قايتۇردى؟ بىلمىگەن ھالەتتە قۇرئاننى تامام تۈگەتتى. قەيەردە توختاش كېرەك؟ بۇنى بىلمىدى.خۇددى قۇرئاننى نەئۇزۇبﷲ(اللەدىن پاناھ تىلەيمىز)ناچار خورمىنىڭ ياخشىسىنى يەپ ناچىرىنى تاشلىۋاتقاندەك قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى تاشلىۋەتتى، دېدىلەر.دېمەك بىزنىڭ ئىماننى ئۆگىنىشىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيەلىرىگە مۇۋاپىق بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز.



يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئىماندىن باشلايمىزكى قۇرئان دىلىدا نىفاق(مۇناپىقلىق)كېسىلى،شىرىك كېسىلى، كۇفرى كېسىلى بولغان ئادەمگە ھىدايەت بولالمايدۇ. ئىمان سۈپىتى بولغان كىشىلا قۇرئاندىن پايدىلىنالايدۇ. اللە ساقلىسۇن {(قُلْ هُوَللذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاء والَذِينَ لا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى)ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك-شۈبھەگە)شىپادۇر،ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى(قۇرئاننى ئاڭلاشتىن)ئېغىردۇر. (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر(يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)}مانا بۇھەقتە بىز ئىماننى قىسقىچە چۈشەنمەكچى بولساق ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا نى رەببىم دەپ(يەنى رەببىم پەرۋىش قىلغۇچى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا دەپ تەن ئېلىپ،ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق دەپ )تەن ئالسا،ئىسلامنى دىنىم دەپ(يەنى يولۇم)تەن ئالسا،ۋە مۇھەممەد س ئە ۋ ئەلچى دەپ رازى بولۇپ مۇشۇنى ئىختىيار قىلغان ئادەم ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.  جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن  ئىمان ھەققىدە سوئال سورىدى. سورىغان سوئالىغا محۇھەممەد س ئە ۋ :{ الإيمان  أَنْ تُؤْمِنَ بِﷲ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَتُؤْمِنَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشرهِ }دەپ جاۋاب بەردى. ﷲ سبحانه وتعالا غا بولغان ئىمان مەناسى نېمە؟ (1) ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بولغان ئىمان مەناسىنىڭ بەزى بىر قىسىملىرىغا توختىلىپ ئۆتىمىز. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا يېگانە ھەق مەئبۇد، ئىبادەتكە پەقەت ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا لايىق، باشقانەرسىلەر ئىبادەت قىلىنىشقا يارىمايدۇ، دەپ تەن ئېلىشﷲ سۇبھانە ۋەتەئالاغا بولغان ئىماننىڭ مەنالىرىدىن بىرىدۇر.



مەككىدىكى ۋەباشقا جايلاردىكى مۇشرىكلار بىلەن پەيغەمبەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۈممەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى كىلىشەلمەسلىك: پەيغەمبەرلەر ‹ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا يېگانە مەئبۇد› دېدى. مۇشرىكلار ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا دىن باشقا مەئبۇدنى ھەم ئىسپات قىلىشتى، مانا بۇ ساھەدە زىدىيەت بولدى. پەيغەمبەلەر (ياراتقۇچى ﷲ)دىسە، مۇشرىكلار ﷲ ياراتقۇچى ئەمەس دېگەن ساھەدە بولمىدى. مۇشرىكلار ﷲ نى ياراتقۇچى دەپ تەن ئالاتتى. مۆئمىنلەر ئەلبەتتە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالانى ياراتقۇچى دەپ تەن ئالىدۇ. مۇشرىكلار ﷲ سبحانه وتعالا نى كائىناتنى ۋە ئىنسانلارنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ تەن ئالىدۇ. ئەلبەتتە مۆئمىنلەر ﷲ سبحانه وتعالا نى پەرۋىش قىلغۇچى دەپ تەن ئالىدۇ. مۆئمىنلەر ﷲ نى رىزىق بېرىدۇ، دەپ تەن ئالغىنىدەك، مۇشرىكلار ھەم بۇسۈپەتنى تەن ئالىدۇ، مۇشرىكلار (ﷲ ئۆلتۈرىدۇ، ﷲ تىرىلدۈرىدۇ)دىيىشدۇ، ئەمما مۆئمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرسىنى ئاجرىتىپ تۇرغان نەرسە:-مۆئمىنلەر يېگانە مەئبۇدقا سېغىنىدۇ. باشقا نەرسىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما مۇشرىكلار بولسا يېگانە مەئبۇدقا باشقا باتىل مەئبۇدلىرىنى قوشۇپ سېغىنىدۇ. مانابۇ نەرسە پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت. كىلىشەلمەسلىك مۇشۇ ساھەدە بولدى. بۇرادەرلەر، ئەگەر بىركىشى ﷲ سبحانه وتعالا غا ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىدىن ۋازكەچمىسە يەنى خاھ پەرىشتە، خاھ جىن،خاھ بىر پەيغەمبەر، خاھ بىر ئەۋلىيا،خاھ بىر قەبرە،خاھ دەرەخ،خاھ تاش،ئاي،ئاپتاپ بىرەر بىرنەرسىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلسا ياكى ﷲ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا شۇنداق نەرسىلەر نى ۋاسىتە قىلسا بۇ كىشى مۇشرىك بولىدۇ. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بۇنى كەچۈرمەيدۇ. ﷲ قا ئىمان كەلتۈرىشىڭىز دېگەن مەنا شۇنى قىسقىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلساق أستعيذ بﷲ(ﷲ ساقلىسۇن){( وَمَا أُمِرُوا إِلاَّ لِيَعْبُدُوا ﷲ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاء)ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲ قاخالىس قىلغان،ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا(يالغۇز) ﷲ غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى}} (وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالإِنسَ إِلاَّ لِيَعْبُدُونِ)(جىنلارنى،ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم)}. { (فَادْعُوا ﷲ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ)(دىنىڭلارنى(شېرىكتىن ۋەرىيادىن)ساپ قىلغان ھالداﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار ،كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ)}{( فَاعْبُدِ ﷲ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ (2) أَلا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ (دىنىڭنى شېرىكتىن(ۋەرىيادىن)ساپ قىلغىنىڭ ھالداﷲ غا ئىبادەت قىلغىن،بىلىڭلاركى (شىرىكتىن ۋەرىيادىن)ساپ دىن ﷲ غا خاستۇر.) بۇئايەتلەر ھەممىسى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، يەككە ﷲ قائىبادەت قىلىش ﷲ قا ئىمان كەلتۈرىشنىڭ مەناسىدۇر.



( فإن حق ﷲ على العباد أن يعبدوه ولا يشركوا به شيئا)(مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە  پەيغەمبىرىمىز محمد س ئە ۋ  ئېيتتىكى: شۈبھىسىزكى ﷲ نىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى، بەندىلەر ﷲ قا ھىچ بىرنەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشىدۇر.)  مانا بۇ ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا غا بولغان ئىمان مەناسىنىڭ بەزى قىسمىدۇر. (2) وَمَلاَئِكَتِهِ.مۇسۇلمان كىشى ﷲ نىڭ پەرىشتىللىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بۇ پەرىشتىلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان ۋە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بۇ پەرىشتىلەرنى {(عباد مكرم)ھۆرمەتلىك بەندىلەر} دەپ سۈپەتلىگەن. ﷲ قا بىرەر سۆزنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىشمايدۇ، ﷲ نىڭ بۇيرىقىنى قىلىشىدۇ. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بۇپەرىشتىلەرنى.بىر نەچچە خىل ياراتقانلىقىغا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ھەدىس مۇبارەك ئىشارە قىلىدۇ. بەزىللىرى ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى، بەزىللىرى جەننەت پاسىبانلىرى(كۈزەتچىللىرى)،دوزاخ پاسبانلىرى، بەزىللىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ساقلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بەزىللىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئالدى، جىبرىل ۋەمىكائىل بۇ ئۇلۇغ پەرىشتىلەر ھەممىزگە مەلۇم .    مالىك بۇ دوزاخ پاسبانى(كۈزەتچى)بولغان پەرىشتىنىڭ نامى مالىك ئىكەنلىكىنى قۇرئاندا ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ياد قىلدى. مۇسۇلمان كىشى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ناملىرى تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنى تەستىق قىلىدۇ. ۋە بۇ پەرىشتىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس بايان  قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. بۇ مۇئمىن كىشىنىڭ ﷲ نىڭ پەرىشتىللىرىگە ئىمان كەلتۈرىش مەناسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ھەدىس شەرىفتە{( خُلِقَتِ الْمَلاَئِكَةُ مِنْ نُورٍ وَخُلِقَ الْجَانّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ وَخُلِقَ آدَمُ مِمَا وُصِفَ لَكُمْ) (پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۈزۈڭلارغا مەلۇم بولغان تۇپراقتىن يارىتىلغان)دېگەن ھەدىس شەرىف بار. بۇنى مۇئمىن كىشى تەستىق قىلىدۇ.



(3) وَكُتُبِهِ ﷲ نىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرىمىز. يەنىﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ۋە بۇ پەيغەمبەرلەرگە بەزى كىتابلارنى چۈشۈردى، بەزىللىرىنى ئۆزىنىڭ قۇرئانىدا ياد قىلدى. تەۋرات، ئىنجىل زەبۇر،  قۇرئان ئاخىرقىسى ۋە بۇكىتابلارنىڭ ئەبزىلى ۋە ئىلگىر كىتابلارنىڭ ھۆكمىنى مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان)قىلغۇچى مۇقەددەس كىتاب دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. يوقىردىكى ئېيتىلغان كىتابلارنى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئىنسانىيەتكە ھىدايەت، رەھمەت،ۋە ھەربىر نەرسىنىڭ بايانى قىلىپ ۋە ھاياتنىڭ ھۆكمى قىلىپ چۈشۈرگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. ۋە ئۆتكەن كىتابلارنىڭ ھەققىدە تەۋرات، ئىنجىلدىن بىرەر كەلىمىنى كەلتۈرسە (ﷲ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق) دەيدۇ . باشقا سۆزنى ئېيتمايدۇ. تەۋرات،ئىنجىلدىن بىرەر كەلىمىنى كەلتۈرسە ياكى يالغان دېمەيدۇ ياكى راست دېمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئۆتكەن كىتابلار ھەممىسى ئەھلى كىتابلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن. قەيەر ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ئەگەرناتوغرا جايدا تەستىقلاپ قويساق بۇ ھەم خاتا بولىدۇ. توغرا جايدا يالغان دەپ قويساق بۇخاتا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا تەرپىدىن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىمىز دەيمىز. قۇرئان كەرىم ھەممە ئۆتكەن كىتابلارنى مەنسۇخ(ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ھەققىدە يەنە توختىلىپ ئۆتىمىزكى، قۇرئان كەرىم ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئە ۋ س گە نازىل قىلىندى. قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن چۈشۈرۈلدى ،قۇرئان كەرىمنى ھاياتنىڭ ھۆكمى قىلىپ چۈشۈردى. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا قۇرئان كەرىمنى كىم مەھكەم تۇتۇپ ماڭسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىگە(بەختكە) ئېرىشىدۇ دېدى،كىم قۇرئاننى ئارقىغا تاشلىسا دۇنيادىكى بەختسىزلىك، ۋە ئاخىرەتتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بەخىتسىزلىككە لايىق بولىدۇ. مانا بۇخەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز تەستىق قىلىمىز.


قىيامەت كۈنىگە بولغان ئىمان ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا(ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىسىلەر)دەپ ۋە تىرىلگەندىن كېيىن ھېساب بېرىش، قىيامەتتە ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخقا بۆلىنىش ۋە قىيامەت ھەققىدە ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ قۇرئانىدا ۋە محمد صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە بولغان خەبەرنى تەستىق قىلىدۇ. ئۆلگەندىن كىيىنكى قەبرە ئىمتىھانى،قەبرە ئازابى ۋە قەبرىدىكى نئېمەت ۋە قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان دەھشەت ۋە قاتتىقلىقلار، سىرات، مىزان، ھېساب، جازا ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا كىتابلارنى(ياخشى –يامان ئەمەللىرى يېزىلغان كىتاب) بەزىلەر ئوڭ قولىدا ۋە بەزىلەر ئارقا ياكى سول تەرەپتىن ئېلىشنى موئمىن كىشى تەستىق قىلىدۇ. موئمىن كىشى ﷲ ۋە رەسۇلى تەرەپتىن كەلگەن قۇرئان ۋە ھەدىسنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەقلىنى بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسكە ھاكىم قىلمايدۇ. مۇئتەزىلە تائىفەسى ئەقلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ خاتا قىلىپ ئاداشتى، ئۇلار قايسى بىرنەرسە ئەقلىگە توغرا كەلمەسلىكى بىلەن ئىنكار قىلدى.



مىسال قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا ئۇلار مىزاننى ئىنكار قىلىشتى. مىزان تارازا ئۆلچەش ئەسۋابى. بۇنى ئىنكار قىلىشتى ،چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەۋرىدە ئىككى پەللىسى بار تارازىنى كۆرۈشۈپ بۇ ئەمەللەر بىر ماددى بىرنەرسىمىكەن، پەللىگە قۇيۇپ تارتىلىدىغان دەپ ئەقىللىرىگە بۇ مىزان توغرا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مىزاننى ئىنكار قىلىشتى. بىز ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا نىڭ مىزان ئۆلچەم ئەسۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. ئەمما بۇنى تەستىق قىلىمىز. بىر ئادەمنىڭ ئەقلىگە بىر نەرسە توغرا كەلمەسلىكى بىلەن مۇتلەق ئەقىلگە توغرا كەلمەيدۇ، دېيىش ناھايىتى چوڭ خاتالىقدۇر، بەلكى ئۆز ئەينى ئەقىلسىزلىك. چۈنكى بىر ئىنسان ئەگەر بىر نەرسە ئەقلىگە توغرا كەلمىسە، ئۇ كىشى مېنىڭ ئەقلىمگە توغرا كەلمىدى دېيىشى كېرەك . ‹ئەقىلگە توغرا كەلمەيدۇ، دېگەن گەپنىڭ مەناسى ئالەمدىكى› پۈتۈن ئەقىل ماڭا توپلانغاندا، بۇ ئەقىلگە توغرا كەلمىدى› دىيىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دەۋرلەرئۆتىشى بىلەن مىزان ـ ئۆلچەم ئەسۋابى: قاننىڭ بېسىمىنى ئۆلچەش، ھاۋا بېسىمىنى ئۆلچەش، بۇ بىر پەللىگە موھتاج بولمىدى. بىز ئېتىقاد قىلىمىزكى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ھەربىر نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋالىمىزغا قاراڭغۇ، قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. لېكىنﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئۆلچەم ئەسۋابىنى ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يارىتىدۇكى ئۇنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىزگە قاراڭغۇ شۇ مىزاننى بىز تەستىق قىلىمىز ئەقىل كەلگۈسى دەۋردە توغرا ھەل قىلىدىغان بولساق قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇناپ  (قوشۇلۇپ)قالىدۇ.


بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرّهِ قەدەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز. يەنى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا  ھەربىر نەرسىنى  مىقدار بىلەن ياراتتى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ياخشىلىقنى ۋە يامانلىقنى ياراتتى . قەدەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ،قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇيرۇلغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ۋە قىلىشقا بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى قىلىمىز. مىسال قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا شۇ ئولتۇرىشىمىزنى مىسال قىلساق، ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى. لېكىن ﷲ بىزلەرنىڭ ئىتتىپاق بولماسلىقىمىزنى بىلىپ تۇرسا ھەم ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى. بىز ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىگە ئىمان كەلتۈرىمىز، ۋەشۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى دەپ بۇنەرسىنى بىجىرىشكە ھەرىكەت قىلىمىز. ھەربىر نەرسىنى بىز شۇنداق چۈشىنىشىمىز كېرەك،



يەنى بەزى نەرسىلەرگە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى. بەزى نەرسىلەرنى بېجىرىشكە بۇيرىدى. ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسە بىلەن بىجىرىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۋېلىشىمىزدىن بىزدە بەزى نەرسىلەرگە خاتاچۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ۋە بىجىرىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرنى بىجىرىمىز. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا پەرزەنتىمىزنى ئىلىم ئۇقۇشقا رىغبەتلەندۈرىشىمىزنى بۇيرىدى. ئەگەرچە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا پەرزەنتىمىزنىڭ ئىلىم ئۇقۇشقا ئۇنىماسلىقىنى بىلسە ھەم ناماز ئۇقۇشقا تەرغىب قىلىشقا بۇيرىدى. ئەگەرچە شۇ پەرزەنتنىڭ ناماز ئۇقىماسلىقى مۇقەررەر بولسا ھەم.ھىدايەتﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا نىڭ ئۆزىگە خاس لېكىن ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا بىزنى بۇيرۇشقا ،دەۋەتنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئەگەر ھىدايەت ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارىدا بولغىنىدا ھەممە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى توغرا يولغا كىرگۈزۋالغان بولاتتى،}( إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ ﷲ يَهْدِي مَن يَشَاء)(شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ﷲ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ)}قاچانىكى ئىنساننىڭ قەلبىدە ھىدايەتكە بولغان قىزىقىش بولماسكەن ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئۇنى ھىدايەت قىلماسلىقنى خالايدۇ. ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇشىنى خالىدى، يەنى ئىنسان ھىدايەتنى ۋە زالالەتنى ئۆز ئىختىيارى ،مېھنىتى بىلەن قوبۇل قىلىپ ئېلىشىنىﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا خالىغان. ئىنساننىڭ بىر باسما خانىدىن چىققان بىر كىتاب بولۇشىنى خالىمىدى.{( وَلَوْ شَاء لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ)   (مۇبادا ﷲ خالىسا ئىدى سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى)}ئەگەر ﷲ خالىغىنىدا ھەممەيلەننى بىرخىل باسمىخانىدىن چىققان كىتابتەك قىلىپ ھىدايەتلىك قىلىپ ياراتقان بولاتتى. لېكىن ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇشىنى خالىدى. ئىنساننى ئىختىيار سۈپىتى بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدى. ئىختىيار سۈپىتى ئىنساننىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغان يالغۇز سۈپىتىدۇر. بۇ سۈپەتنى ھىچقايسى بىر مەۋجۇداتقا بەرمىدى. لېكىن ئىنسانغا بەردى.


{( وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ )(شەك شۈبھىسىزكى بىزئادەم بالىللىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق.)}مانا مۇشۇ (ئىختىيار ) بىلەن ھەقىقىي ھۆرمەتلىك بولۇش دېگەن: ئىنسان بىرنەرسىنى خالىسا قىلالايدىغان بولۇش، خالىمىسا قىلماسلىقى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن ئەمدى ئەڭ ھۆرمەتلىكلىكىگە سەۋەب بولغان ئىختىيار بىلەن (بەدبەخ) بولۇش ناھايىتى چوڭ شەرمەندىلىكتۇر.


ئىمان مەسىلىللىرى ئىچىدە شۇنى تەكرار قىلمىزكى مۇئمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق: مۇئمىنلەر پەقەت ﷲ قا ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىدىن ۋاز كېچىدۇ.مۇشرىكلارنىڭ بەزىللىرى ﷲ قا ئىبادەت قىلماي پەقەت ﷲ دىن باشقىغا ئىبادەت قىلسا، بەزىللىرى ﷲ قا ھەم ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىگە ھەم ئىبادەت قىلىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بەزى تۈرلىرى ﷲ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدا باشقا نەرسىلەرنى ۋاسىتە قىلىدۇ. يەنى يىگانە ﷲ قا ئىبادەت قىلشتا ئوتتۇردا ۋاسىتە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشرىك بولدى.مانا بۇ ناھايىتى كۆپ ئادەملەر شىرىككە چۈشۈپ قالىدىغان شەكىلدۇر. كىشىلەر ئالدىنىدىغان شەكىل شۇدۇر. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئۇلۇغ ،مەن ئاجىزمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئۇلۇغ زاتقا مەندەك ئاجىز كىشى،ئۇلۇغراق بىر پەرىشتىنى ياكى ئۇلۇغراق بىر كىشىنى، ياكى كۆزىگە ئۇلۇغ دەپ كۆرۈنگەن تاغنى ،ياكى ئاپتاپنى ياكى دەرەخنى، يا بىرتاشنى ۋاسىتە قىلىشى.بۇ ناھايەتتە شىرىكنىڭ ئەينى ئۆزى بولىدۇ. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا مۇشرىكلارنىڭ باھانىللىرىنى بايان قىلغاندا{(مَا نَعْبُدُهُمْ إِلاَّ لِيُقَرِّبُونَا إِلَى ﷲ زُلْفَى)(بىزنىڭ ئۇلارغا چوقىنىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ﷲ غا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر)} نېمەئۈچۈن بۇتلارغا ئىبادەت قىلۋاتىسىلەر؟دىگەندە:ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىنى رىزىق بېرىدۇ دىيىشمەستى. پايدا زىيان يەتكۈزىدۇ دىيىشمەستى، ئۇلار ياخشى بىلەتتى. لېكىن بىز بىلەن ﷲ ئوتتۇرسىدا ۋاسىتە بولىدىغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سىمىۋولى دەپ بىلىشەتتى. ۋەد،سۇۋائ ،يەغۇس،يەئۇق،نەسر،بۇلار ھەممىسى نوھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىدە ئۆتكەن سالىھ كىشىلەر(ولله أعلم  ﷲ ئالىم)كېمىدە نىجات تاپقان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۆرەتلىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۆرەتلىرىنى سىمىۋول قىلىپ ئۆزلىرى بىلەن ﷲ نىڭ ئوتتۇرسىدا ۋاستە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى مۇشرىك دەپ ئاتىدى. ۋەئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولدى. ۋەئۇلار بىلەن قىلىنغان جىھادنى ئىسلامى جىھاد دىيىلدى. بۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر غازى(ﷲ يولىدا جىھادقىلغۇچى) بولدى. بۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر شەھىت دەپ ئاتالدى.



رەسول ﷲ س ئە ۋ نىڭ 23يىل ئاساسى ئەمەللىرى شۇ شېرىك بىلەن كۈرەش قىلىش بولدى. ھازىرقى ئېيتقىنىمىز شىرىك مەنالىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سائەتتە بىز شىرىكنىڭ بەزى نەرسىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.ئىسلامنى سۇندۇرىدىغان، مۇسۇلمان كىشىنى ئىسلامنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويىدىغان بەزى بىر نەرسىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز(شىرىك) بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى{( لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ)(ئەگەر سەن ﷲ غاشېرىك كەلتۈرسەڭ،سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ)}شىرىك ئەمىلى سادىر بولغان ئادەمنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇشىدا شەك  .شۈبھە يوق. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا كائىناتتىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى رەسول ﷲ س ئە ۋ گە خىتاب قىلىپ: (ئەگەر سىز شىرىك كەلتۈرسىڭىز، ئەمىلىڭىزنىڭ بىكار بولىشىدا شەك شۈبھە يوق )دېدى {(وَلَوْ أَشْرَكُواْ لَحَبِطَ عَنْهُم مَّا كَانُواْ يَعْمَلُونَ)(ئەگەرئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەر)شېرىك كەلتۈرسە ئىدى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ،ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.)}ئىسلامنىڭ سېپىدىن چىقىرىپ قويغۇچى ئەمەللەردىن بىرسى مانا ﷲ نىڭ ئىبادىتىدىكى شېرىك. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا}(إِنّ ﷲ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء  )( ﷲ  ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلىشىنى(يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى)ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقىنى(ﷲ  ئۆزى)خالىغان ئادەمگە مەغفىرەت قىلىدۇ)}{( إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِﷲ فَقَدْ حَرَّمَ ﷲ عَلَيهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ)(كىمكى ﷲ غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن(يەنى ﷲ دىن غەيرىگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن) ﷲ ئۇنىڭغاجەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دەۋزەخ بولىدۇ. زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار(يەنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ.)


}ئىككىنجىسى:شىرىكنىڭ ئىسلامغا زىت بولغان نەرسىلەردىن بىرى ئۆزى بىلەن ﷲ ئوتتورسىدا ۋاستە قىلغان: دۇئا قىلىدۇ،بىرنەرسە سورايدۇ شاپائەتنى سورايدۇ. ۋەتەۋەككۈل قىلىدۇ. شۇنەرسىلەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەپ قالسا ھازىرقى ئېيتىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ چىقىپ كېتىۋېرىدۇ. يا بىر ئىشنى قىلىۋېرىدۇ ئەگەر ئۆزى بىلەن ﷲ ئوتتورسىدا دۇئا قىلىدىغان، تەۋەككۈل قىلىدىغان، شاپائەت سورايدىغان، ۋە بىرەر نەرسىنى نەزىر قىلىدىغان ۋە بىرەر نەرسىنى سويىدىغان،نەرسىنى ۋاسىتە قىلسا بۇئادەمنىڭ مۇشرىك بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.


ئۈچىنجىسى، مۇشرىك ئادەمنى كافىر دىيەلمىسە  ياكى مۇشرىكنىڭ مۇشرىكلىكىدە شەك قىلسا بۇنىڭ ھەم كافىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق. چۈنكى ﷲ سبحانه وتعالا(كافىر بولدى)دېدى.(نعوذ بﷲ ﷲ دىن پاناھ تىلەيمىز) ﷲ نىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. بىر ئەمەلنى قىلسا كاپىر بولىدىغان بولسا شۇنى ئېنىق كۆرىشى بىلەن بۇئادەم شۇ ئەمەل بىلەن  (كاپىر بولدى)دەيدۇ.شۇنىڭغا شەك قىلىدىغان بولسا ياكى ئىنكار قىلسا بۇنىڭ ھەم ﷲ نىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغانلقى ئۈچۈن كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.


تۆتىنجىسى پەيغەمبەرىمىز س ئە ۋ نىڭ يۇلىدىن باشقا يول مۇكەممەلراق دىسە ياكى رەسول ﷲ س ئە ۋ دىن باشقىنىڭ ھۆكمى رەسۇل ﷲ س ئە ۋ نىڭ ھۆكمىدىن ياخشىراق دىسە، ﷲ نىڭ ھۆكمىنى، رسول ﷲ نىڭ ھۆكمىنى باشقىلارنىڭ ھۆكمىدىن تۆۋەن بەلكى قالاقلىق دىسە كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.بەشىنجىسى رەسۇل ﷲ س ئە ۋ ئېلىپ كەلگەن يولنى يامان كۆرسە، ﷲ چۈشۈرگەن نەرسىنى يامان كۆرسە بۇنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.{( ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنزَلَ ﷲ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ)(بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى،ئۇلار ﷲ نازىل قىلغان كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن  ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى ) چۈشۈرگەن قۇرئاننى يامان كۆرسە، رەسۇل ﷲ س ئە ۋ ئېلىپ كەلگەن يولنى يامان كۆرسە، بۇ ئادەمنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق. ئەمىلى شۇ سائەتتە بىكار بولىدۇ.


ئالتىنجىسى رەسۇل ﷲ س ئە ۋ نىڭ دىنىدىن بىرەر نەرسىنى ﷲ سبحانه وتعالا موئمىنلەرگە قىلغان ساۋاب ۋەدىسىنى، كاپىرلارنى قورقۇتقان ئازاب ۋەدىسىنى مەسخىرە قىلسا، ﷲ نى ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى، رەسۇلىنى مەسخىرە قىلسا كاپىر بولىشىدا شەك شۈبھە يوق.{( قُلْ أَبِﷲ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِؤُونَ لاَ تَعْتَذِرُواْ قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ  لاَ تَعْتَذِرُواْ قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ)(بۇ مۇناپىقلارغا>سىلەر ﷲ نىڭ دىنىنى، ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابنى)ۋە ﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟<دېگىن سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ)ئۆزرە ئېيتماڭلار،سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن(پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كافىر بولدۇڭلار)}

يەتتىنجىسى سېھر- سېھر قىلغان ئادەمنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.ۋە شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىسسىتما ۋە سوۋۇتما، يامان كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىپ جىنكەشلىك ياكى غەيبى يوللار بىلەن ھەرخىل مانا سېھىرگەرلەر قىلىدىغان يوللار بىلەن قىلىش بۇ كۇفرىدۇر.{( وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّى يَقُولاَ إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلاَ تَكْفُرْ)(بۇ ئىككى پەرىشتە)بىزكىشىلەرنى سىنايمىز،كافىر بولمىغىن،دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھر ئۆگەتمەيتى}مانا مۇشۇ ئايەت بىزگە دەلىل بولىدۇكى سېھرنىڭ كۇفرىلىقىدا شەك شۈبھە يوق. سەككىزىنجىسى مەجبۇرلانماستىن ئاشكارا  ئۆز ئىختىيارى بىلەن مۇسۇلماننىڭ زىينىغا مۇشرىكلارغا ياردەم بېرىش،مۇسۇلمان كىشى زىيانغا ئۇچرايدىغان سۈرەتتە مۇشرىكقا، كافىرغا ياردەم بېرىش بۇكۇفۇردۇر. بۇرادەرلەر{( وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ ﷲ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِين)َ(كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن،ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ)} توققۇزىنجىسى بەزى كىشىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتىدىن چىقىش مومكىن دەپ ئېتىقاد قىلسا (شەرىئەتكە بويسۇنمىسا بولىدۇ دىگەندەك)(نعەئۇزۇبىللاھ، ﷲ دىن پاناھ تىلەيمىز)كافىر بولىدۇ. يەنى بەزى ئادەملەر بىر مۇقامغا يەتسە ئۆزرىسىز  ناماز ئۇقىماي تۇرسا بولىۋېرىدۇ. ياكى روزىنى تۇتماي تۇرسا بولىۋېرىدۇ دىسە شۇنىڭدەك رسول ﷲ س ئە ۋ نىڭ شەرىئەتىدىن تاشقىرغا چىقىش مۈمكىن دەپ ئېتىقاد قىلسا بەزى كىشىگە نىسبەتەن مۈمكىن دىسە، مانا كۆپراق ئۇمۇمى خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇكىشى يىتىشكەن ۋەلىيۇللاھ (ﷲ نىڭ دوستى ) دەرىجىسىگە بارغان. بۇكىشى ئەمدى شەرىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى قىلمىسا بولىۋېرىدۇ. دىسە كاپىر بولىدۇ.


رەسۇل ﷲ س ئە ۋ ۋە ساھابىلەر ئەڭ كاتتا ۋەلىيۇللاھ شۇلار. بۇلارنىڭ دەرىجىسىگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. كېيىنكى كىشىلەر ئۇ ساھابىلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇلارغا مۈمكىن بولمىغان نەرسە نېمە ئۈچۈن بۇلارغا مۇمكىن بولىدۇ. ئونىنجىسى ،ﷲ نىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈش. بۇ ئىسلامغا زىتتۇر بۇرادەرلەر،ﷲ نىڭ دىنى ئەسكە سېلىنسا باش تارتسا بۇنى ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا دىنسىز لاردىن دەپ ئاتىدى.{( وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنتَقِمُونَ)(پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن   ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز)} ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا كىمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئەلبەتتە دىنسىز ئادەمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ.

ھازىر ئىنساننى ئىسلامدىن چىقىرىپ قويغۇچى 10 نەرسىنى ئېيتتۇق. بۇنى بىراۋ  چاقچاق قىلىپ دىسەھەم پەرقى يوق جىددى دىسە ھەم پەرقى يوق ،قورقۇپ دىسە ھەم پەرقى يوق، لېكىن مەجبۇرلانغان كىشى ئۇنداق ئەمەس. ئەممار ئىبنى ياسىر ھەققىدىكى ھىكايىنى ۋە بۇ ھەقتە نازىل بولغان ئايەتنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەجبۇرلىنىشنىڭ مەناسىنى ھەم بىلىپ قويىشىمىز كېرەك . رەسۇل ﷲ س ئە ۋع نىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلىسەن. مەسخىرە قىلمىغانلار جازالىنىدۇ دىسە ئۇ  مەسخىرە قىلسا مەجبۇرلانغان بولمايدۇ. مەسخىرە قىلمىدىڭ دەپ زەربە بېرىپ، كۆپ كالتەكلەر يەپ، بىھۇش بولۇپ،شۇنداق ھالەتلەرگە چۈشكەندىلا ئاندىن مەجبۇرلانغان دېيىلىدۇ .ئۇ جازالىمىغان نەرسىنى مەجبۇرلانغان دىيىلمەيدۇ. مەن مەجبۇرلىنىپ قالدىم دەپ مەجبۇرلانغان ئادەم شۇمەجبۇرلىنىش جازاسىنى تارتىپ قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىدە قالغاندا مانا ئەممار ئىبنى ياسىرغا رسول ﷲ  س ئە ۋ نى كەمسىتىسەن دەپ ئاتا-ئانىسىنى شەھىت قىلدى. ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بىھوش بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە قالدىكى تىلىدىن چىقىۋاتقان سۆزنى ھوشىغا كېلىپ قارسا رسول ﷲ  س ئە ۋ نى كەمسىتىۋاتقان ئىكەن. شۇندا قانداق رسول ﷲ س ئە ۋ  نىڭ يۈزىگە قارايمەن دەپ شۇ ھالەت بولغاندا (مەجبۇرلانغان مۇستەسنا) دېگەن ئايەت نازىل بولدى. بىز تېخى بولمىغان، كۆرۈنمىگەن نەرسىنى بۇ ھېلى تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر دىگەندەك يوق نەرسىنى كۆپتۈرۈپ مەجبۇرلىنىپ قالدىم دەپ بۇنداق قىلىش مەجبۇرلىنىش ئەمەس بۇرادەرلەر. مانا بۇ بىزنىڭ دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىزغا سەۋەب بولغان نەرسە:



ئىمان ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ھۇزۇرىدا ھۆرمەتكە ئېگە بولۇشقا سەۋەبتۇر.ئىمان ئىسلامنىڭ ئاسا سىدۇر ۋە رەسۇل ﷲ س ئە ۋ نىڭ تەربىيەلىرىدىكى ئاساسى يۆنىلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى شۇ بولغان مانا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ سۆزلىرى (ئىماننى ئۆگەندۇق كىين قۇرئاننى ئۆگەندۇق). ئەگەر كىشىدە ئىمان بولمىسا قۇرئان ئۇنىڭغا ھىدايەت بولالمايدۇ. {(قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاء )(ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە(دىللاردىكى شەك شۈبھەگە شىپادۇر)كىشى ئىمانغا ئېگە بولغاندىن كىيىن قەلبتىكى نىفاق ،كۇفۇر،شىرىك كېسەللىرىگە ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا قۇرئاننى شىپا قىلىدۇ، رسول ﷲ س ئە ۋ نىڭ تەلىملىرىنىڭ ئەۋۋىلى ئىمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم دەرسىمىزنىڭ ئىخلاس ۋە مۇھەببەت دەرسىدىن كىيىنكى دەرسىمىز ئىماندىن بولغانلىقىنىڭ سىرى شۇدۇر.( ﷲ ئالىم) قىسقىچە بولسا ھەم  ئىمان ھەققىدە بىر چۈشەندۈرۈش بولدى دەپ بىلىمەن. ﷲ نىڭ تەۋفىقى بىلەن: ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ھەممىمىزنى قۇرئان  كەرىمدە{( يَا أَيّهَا الّذِينَ آمَنُواْ آمِنُواْ بِﷲ)}ئەي ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر ﷲ قا ئىمان كەلتۈرۈڭلار دىگەننىڭ مەناسى :ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئىمانىنى زىيادە قىلىشقا  مۇھتاجدۇر.{ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتقانىكەنكى ( اجْلِسْ بِنَا نُؤْمِنْ سَاعَة)(بىر ئولتۇرىشايلى ئىمانلىشايلى) بىز ئېيتىمىزكى بىر ئولتۇرىشايلىك ،چايلىشايلىك دەيمىز. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتقانىكەنكى(بىر ئولتۇرىشايلى ئىمانلىشايلى) دىگەنىكەن يەنى ئىمان شۇنداق مۇھىم بولۇشى كېرەككى، بىر ئولتۇرۇشتا ئىمانلىشايلى دەيلىك. ﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا ھەممىمىزگە شۇنى نېسىپ قىلسۇنكى بىراۋلار بىلەن ئولتۇرۇشتا پەقەت تائام ئۈچۈن ئولتۇرۇشمايلىك ، پەقەت بىر نەرسىنى يېيىش ئۈچۈن ياكى ماددى ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن ئولتۇرۇشتىن تاشقىرى بۇرادەرلەر بىر ئىمانلىشىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشنى ﷲ سبحانه وتعالا ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش