بامدات نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
سوئال: بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناماز ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز ۋە « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز. ئالقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز. (ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالقانلىرىنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ).
تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن قوللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ قول باغلاپ تۇرىمىز، يەنى ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە چىمىلتاق بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بېغىشىنى تۇتىمىز. ( ئاياللار قىيامدا تۇرغاندا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ، پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىـــدۇ).
ئەر ۋە ئايال ھەرقانداق كىشى قىيامدا تۇرغاندا كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ - سولغا ياكى يوقىرى - تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش گەۋدە ئوڭ - سولغا تەۋرەنمەستىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز: « سُبْحَانَكَ الَّلهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَ اِلَهَ غَيْرُكُ» (سذبهانةكةللاهىممة ؤةبعهةمدعكة ؤة تةبارةكةسمذكة ؤةتةظةلا جةددذكة ؤةلا ظعلاهة غةيرذك (سۇبھانەكەللاھۈممە ۋەبىھەمدىكە ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»، ئاندىن﴿أعُوذ بِالله مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ﴾ (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم) ۋە ﴿ بِسْمِ الله الرَّحْمنِ الرَّحِيْمِ﴾ (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم)دەيمىز.
ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز.
فاتىھە سۈرىسى: ﴿الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ ● الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ ● مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ● إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ● اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ ● صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ ئوقۇلىشى:«ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس ـ سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين»ئامىين!
فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز، مەسىلەن: مائۇن سۈرىسى: ﴿أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ ● فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ ● وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ ● فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ ● الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ ● الَّذِينَ هُمْ يُرَاؤُونَ ● وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾ئوقۇلىشى:«ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن. ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋەيەمنەئۇنەل مائۇۇن».
ئۇنىڭدىن كېيىن« اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا، ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز.
ئاياللار يېرىم ئېگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ. بارماقلىرىنى ئاچمايدۇ.
رۇكۇدا ئۈچ قېتىم « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْم » (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيمىز.
رۇكۇدىن تۇرۇشتا« سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ تۇرىمىز. رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىن كېيىن، قوللرىمىزنى يان تەرەپلىرىمىزگە قويۇپ بەرگەن ھالدا، تۈز تۇرۇپ « رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ » ( رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز.
ئاندىن « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋال تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پېشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، ئىككى يوتا قورسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيدۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر - بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ. (ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرىنى بېقىنىغا، تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپلاپ تۇرىدۇ).
سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ» (سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز ۋە «الله اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)»دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز. سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋال يۈز، ئاندىن قوللار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ. ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە«سُبْحَاَن الله»( سۇبھانەللاھ) دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا« رَبِّ اغْفِرْلِي، رَبِّ اغْفِرْلِي» ( رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي)دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيتتى). ئاندىن قايتا «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر بىلەن يەنە سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ »(سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.
ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باشلايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە»بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم«نى ئوقۇيمىز. ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقوپ بولۇپ،«ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىر ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن: كەۋسەر سۈرىسى﴿ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَر.َ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ. إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ﴾ ئوقۇلىشى: «ئىننا ئەئتەينا كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر».
ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ بولۇپ، «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.
نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ. (ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ.
ئولتۇرغاندا ئاۋۋال تەھىيات«ئەتتەھىياتۇ»دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.
تەھىيات دۇئاسى:
﴿اَلتَّحِيّاتُ لِلّهِ وَالصَلَوَاتُ والطيِّباتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّها النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبرَكَاتهُ، السَّلَامَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَالِحِيَن أَشْهَدُ أنْ لاَ إلٰهَ إلاّ اللهُ، وأشهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ﴾.
ئوقۇلىشى:« ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس - سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ».
تەرجىمىسى: «جىمى مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر، ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن».
ئاندىن كېيىن، «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك رەببەنا»لار ئوقۇلىدۇ:
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى
﴿اَلَّلهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إبرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ﴾.
ئوقۇلىشى:«ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى:
﴿اَلَّلهُمَّ بَارِكَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبرَاهِيمَ وَعَلَى آل إبراَهِيْمَ إنَّك َحَمِيدٌ مجَيِدٌ﴾.
ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
رەببەنا دۇئاسى:
﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾.
ئوقۇلىشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
يۇقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ) دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمە تۇللاھ ) دەپ سالام بېرىمىز. بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.
سوئال: بامدات نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلىشىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلىشىغا ئوخشاشتۇر. پەقەت نىيەت پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە سۈننەت، پەرزگە پەرز دەپ نىيەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر پەرقى شۇكى، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇش ئالدىدا ئەرلەر ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. (ئاياللارغا كېرەك ئەمەس). بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم»دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.
مەنبە:
http://www.oginish.com/bbs/forum ... ;amp;extra=page%3D1