مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6766|ئىنكاس: 14

ئابدۇللاخان مەخسۇم ۋە 《مىڭ بىر كېچە》 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6636
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6332
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5358 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 10:34:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەرجان ھەسەن

《مىڭ بىر كېچە》ئەرەبلەرنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كاتتا ئەسىرى.بۇ ئەسەر تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،تىلىنىڭ رەڭدارلىقى،ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەنلا ئەمەس،يەنە تارقىلىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر.

《مىڭ بىر كېچە》دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بۇلۇپ كەلدى. جۈملىدىن بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارغا ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىردىلا تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇلدى.بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئاقسۇ دىيارىدىن يىتىشىپ چىققان يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇللاخان مەخسۇمدۇر.

ئەپسۇسلىنارلىقى ئابدۇللاخان مەخسۇمنىڭ ئاقسۇنىڭ قايسى يېرىدە قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى ۋە باشقا ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزدە ھازىرغىچە ئىنىق مەلۇمات يوق.بىراق《مىڭ بىر كېچە》نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بېشىغا بىرىلگەن 《مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاخان مەخسۇم ئاقسۇرى تەرجىمىسى》⑴دىگەن سۆزلەردىن مۇشۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ تۇلۇق ئىسمىنىڭ مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاخان مەخسۇم ئىكەنلىكىنى،ئاقسۇدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.تەرجىمە ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا ئاساسەن تەرجىماننىڭ زامان جەھەتتىن 18-ئەسىرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن⑵.

ئوقۇرمەنلەرگە ئىنىقكى،《مىڭ بىر كېچە》ئەرەب خەلىقىنىڭ قەدىمقى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.ئۇ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىشلار يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىپ چىقىلغان سەرخىل خەلىق ئەدەبىيات غەزىنىسىدۇر.بۇ ئەسەر ھەرخىل رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىگە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەرەب دۇنياسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن،دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر.

ئەنە شۇنداق دۇنياغا مەشھۇر،زور ھەجىمدىكى مۇرەككەپ ئەسەرنى ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايتى مۈشكۈل ئىش سانىلاتتى.ئۇ،تەرجىماندىن ئەرەب تىلىغا ناھايتى پىششىق بۇلۇش بىلەنلا قالماي،يەنە ئەرەبلەرنىڭ تارىخى،مەدىنيىتى،ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇشنى،ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىروزا ۋە پوئېزىيە شەكلىدە پىشقان قەلەم ساھىبى بۇلۇشنى تەلەپ قىلاتتى.

ئابدۇللاخان مەخسۇم يۇقىرىقىدەك ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە تۇللۇق ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ تەرجىمە قىلغان《مىڭ بىر كېچە》ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپ، ئۇيغۇر كىتابخانىلار ئارىسىدا ناھايتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ھەم ئۇلار سۈيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بۇلۇپ قالغان.

ئابدۇللاخان مەخسۇم بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىگە ناھايتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بۇلۇپ،تەرجىمە جەريانىدا ئوبرازلىق،جانلىق،نەپىس،راۋان تىللارنى تاللاپ ئىشلەتكەن ھەم زۈرۈر تېپىلغاندا شەرھى-ئىزاھلارنىمۇ بىرىپ ئۆتكەن. قىسقىسى،ئۇ تەرجىمە قىلغان《مىڭ بىر كېچە》ئەسلى تېكىستكە سادىق بۇلۇش،تىلى راۋان بۇلۇش ۋە شەرھى-ئىزاھاتلىرى تۇلۇق بۇلۇشتەك ئۈچ ئالاھىدىلككە ئىگە.ئۇ تەرجىمە جەريانىدا ئىشلەتكەن زور مىقداردىكى سۆز- جۈملىلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تەتقىق قىلىشتا زور ماتىرىيال قىممىتىگە ئىگە.

18-ئەسىردە ئابدۇللاخان مەخسۇم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر 20- ئەسرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا رەسمىي تۈردە ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىشقا پۇختا ئاساس سالدى،يەنى 80-يىللاردا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان《مىڭ بىر كېچە》دەل ئابدۇللاخان مەخسۇم 18-ئەسىردە تەرجىمە قىلغان نۇسخا ئاساسىدا قايتىدىن رەتلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،مۇھەممەد بىن ئابدۇللاخان مەخسۇم ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان،بىلىم دائىرسى كەڭ،ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى پىششىق ئىگىللىگەن تالانىتلىق ئەدەبىي تەرجىمان،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇشقا تىگىشلىك نامايەندىدۇر.

ئابدۇللاخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش سانىلىدۇ،ئەلۋەتتە.

ئىزاھات:

⑴⑵ 《غەربىي يۇرت تەرجىمە تارىخى》:شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 1997-يىل خەنزۇچە نەشىرى.

مەنبە:كىتاب مۇنبىرى ژورنىلىنىڭ 1999-يىلى 1-2-سانى
يېڭى بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى ۋە قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

http://www.honzade.com/

http://honzada.blogbus.com/

سەنسىز مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44311
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1585
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 1368 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:27:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوقىغان ئۇ كىتاپنى بەكلا ياخشى يىزىلغان ھەم شۇنداق سەر خىل . نەچچە بۆلۇم ئىكەن ،ھەتتا كىنو فىلىم قىلىپ مۇ ئىشلەندى ،

مىڭ بىر كىچىنىڭ ئەسلى  يازغۇچىسى كىم ئىدۇ ؟

كۆيمەكتىمەن تىرىك پىتى .

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم  بولاتتى  ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى››نى ياغان خەلىققە ئوخشاش خەلىق يازغان بولغىيتى ئۇنىمۇ .

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49886
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 801
تۆھپە نۇمۇرى: 298
توردا: 688 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 12:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق خەلق يازغان دەيلى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 12:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى خەلىق ....................... دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر كىلاسسك ئەسەرلەرنىڭ بىرى .......

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15194
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5289 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 12:19:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ تىل سەۋىيەسى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.
‹‹مىڭ بىر كېچە›› لا ئەمەس، تېخى يېقىنقى زاماندا تەرجىمە قىلىنغان
‹‹سۇ بويىدا››، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› دىگەن ئەسەرلەرنىڭ
تەرجىمىسىمۇ، تىل ۋە بەدىئىلىك جەھەتتە  قالتىس چىققان ئىدى.

بىر تىلنى ئاتۇق بىلگەنلىك، دۇنيانى چۈشىنىشتىكى قورالىڭىزدىن
بىرسى كۆپەيگەنلىك.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

'Güzel gören, güzel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21504
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6264
تۆھپە نۇمۇرى: 596
توردا: 4779 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 01:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىڭ بىر كىچە 800-يىللاردىكى ئەرەب خەلىفىسى ھارۇن رەشىد زامانىدا خەلىق ئېغىزىدىن تولۇق مەيدانغا كەلگەن.

مەندىن كۆپ يىراقتا سەن

مەن سىلەر بىلەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6530
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7978
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 1924 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 02:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(honzada) نىڭ تېمىسىغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بلوگىڭىزنى كۆردۈم،ئۇسلۇبى ماڭا يارىدى،ئۇسلۇبنى ماڭا بىرەمسىز،ئەگەردە خالىسىڭىز مەندە بىر ئۇسلۇب بار،تەرجىمە قىلايلى.

.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2041
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17000
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8190 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 03:14:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز رەھمەت !

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6636
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6332
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5358 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 09:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتور(honzada) نىڭ تېمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  QINSOYGU كە 2011-08-04 02:40 PMئەۋەتىلدى ئاپتور(honzada) نىڭ تېمىسىغا :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بلوگىڭىزنى كۆردۈم،ئۇسلۇبى ماڭا يارىدى،ئۇسلۇبنى ماڭا بىرەمسىز،ئەگەردە خالىسىڭىز مەندە بىر ئۇسلۇب بار،تەرجىمە قىلايلى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم چىن سۆيگۈ رامزان مۇبارەك،ئۇسلۇبنى ۋېپېدىن قىسمەتكامغا تەرجىمە قىلدۇرغان ئىدىم،مەندە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇدەك ئىقتىدار نە قىلسۇن دەيسىز،شۇڭا سەمىمىي تەلىۋىڭىزنى ئورۇنداشقا ئاجىزمەن.

http://honzada.blogbus.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش