ئوتتەك يۇمۇرلار (2)
1. سوۋغات
يىگىت يۈرۈۋاتقان قىزىغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغانىكەن ،بۇنى كۆرۈپ خۇشال بوپ كەتكەن قىز يىگىتىنى بىرنى سۆيۈپ قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىلەن يىگىت دەرھال سىرىتقا يۈگۈرۈپتۇ .
_نەگە بارىسىز ؟_ ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ قىز .
_يەنە 10 تال گۈل ئېلىپ كېلەي ! ...
2.پۇل خەجلەش
ئىككى ئەر پاراڭلىشىپ قاپتۇ :
ئا : مىنىڭ ئايالىم بەك بەتخەج ، قولىغا پۇل كىرسىلا خاجلەپ تۈگىتىۋېتىدۇ .
ب: ئۇنداقتا سىز مەندىن كۆپ تەلەيلىككەنسىز .
ئا : قانداق دەيسىز ؟
ب: مېنىڭ ئايالىم دىگەن تېخى قولىغا كىرمىگەن پۇلنىمۇ خەجلەپ تۈگىتېۋىتىدۇ .
3.دورا
دوختۇر ئورۇقلاش نىيتىدە كەلگەن تازا سەمرىپ كەتكەن بىر كىشىگە ئىچىگە ئۇششاق دورا لىق قاچىلانغان بىر قۇتىنى بىرىپتۇ .
_ بۇ دورىنى كۈنىگە نەچچە تالدىن نەچچە ۋاخ يەيمەن ؟
_ بۇ دورىنى يىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؟
_ ئەمىسە نىمە قىلىمەن ؟
_ بۇ دورىلارنى كۈندە 3 ۋاخ چېچىۋېتىپ بىر تالدىن تىرىپ سېپ قويسىڭىزلا بولىدۇ ...
4.تۇنجى سۆيۈش
شوپۇرلۇقنى يېڭىلا ئۈگنىپ يولغا چىققان بىر قىز چىرايلىق يىپ _ يېڭى پىكاپىنىڭ كەينىگە << مېنى سۆيمەڭ >> دېگەن يېقىملىق ئەسكەرتىشنى چاپلاپ قويۇپتۇ .
بىراق بىر كۈنى يولدا بىر يىگىت ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىۋېتىپ ، ئۇ قىزنىڭ پىكاۋىنى ئارقا تەرەپتىن يىنىك سوقۇپ ساپتۇ :
يىگىت : كەچۈرۈڭ پىكاۋىڭىزنى سوقۇپ قويدۇم ، تۆلەپ بىرەي .
قىز : بولىدۇ ، ئۇنداق بولسا 5000 يۈەن بىرىڭ .
يىگىت : كىچىككىنە سىرى چۈشۈپ كەتكەنگىمۇ شۇنچە قىممەت باھا قويامسىز ؟
قىز : كەچۈرۈڭ ، بۇ دېگەن يېڭى پىكاپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ << تۇنجى قېتىملىق سۆيۈشۈش>> تۇرسا !
5.باراۋەر ئۆلچەم
ئەر : قارىغىنا ئەتكەن نېمەڭنى ،تاماقنى قاچانمۇ ئاپاڭدەك ئوخشىتىپ ئېتەرسەن ؟
ئايالى : سىزمۇ دادامغا ئوخشاش پۇلنى كۆپ تاپقان كۈنى .
مەنبە _ ئۆزۈم يىغقان .