مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2066|ئىنكاس: 6

يۇرت سۆيگۈسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 01:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇرت سۆيگۈسى
نەسىر

       ئۈستى قارلىق چوققا ،ئاستى باغۇ - بوستانلىق ،گۈزەل تاغۇ - دەريالىرى كىشىنى رام قىلىدىغان ،سېھىرلىك كۈچكە ئىگە يايلاق ماكانى --غۇلجا،   مېنىڭ يۇرتۇم ......
      مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن .ساپ ھاۋالىق ،باغۇ - بوستانلىق قورالىرىغا ئېگە ،خەلقى ئەمگەكچان يۇرتۇمنى سۆيىمەن . يۇرت سۆيگۈسى مېنى قەلەم ئېلىشقا ،يۇرتۇمنى مەدھىلەشكە بۇيرىدى . مەن قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم - دە ،يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش مېنى جىم تۇرغۇزمىدى .
     ئەنە قاراڭ ، غۇلجا خەلقىنىڭ ئىشچانلىقىغا !  سەھەر تۇرۇپ ھويلا - ئاراملارنى سۇ سېپىپ سۈپۈرۈپ، ھەر بىر ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەنلەرگە پاكىزلىق ئاتا قىلىشىغا ، قورۇدىكى تال - باراڭلىرىغا ، ئۆزىنى كۆتىرەلمەي بولۇپ كەتكەن مېۋىلىك دەرەخلىرىگە !      ھەر بىر غۇلجا خەلقىنىڭ قورۇسىغا قەدەم باسسىڭىز لا رەيھاننىڭ مەززىلىك ھېدى ،قۇشلارنىڭ تىنىمسىز سايراشلىرى ،رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىدىنلا ،ئۇلارنىڭ پاكىزە ، ئىشچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمايسىز  !
    ئەنە قاراڭ ،ئاۋۇ يايلاقلارغا !... ...
    پانسىز دالا ،قىشمۇ ياز ياشىرىپ ،سىزگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدىغان قارىغايلارنىڭ خۇددى چېگرا جەڭچىسىدەك قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇشى ،سىزگە ھەرۋاقىت ھاياتتىن ئىلھام بېرىدۇ ...
    ئەنە قاراڭ ،چەكسىز كەتكەن تاغ باغرىدىكى ئەگىز سۇلارغا !  تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ، ھەيۋەت بىلەن مارجان چاچرىتىپ ئېقىۋاتقان دەريا سۇلىرى ،ئۆزىنىڭ سۈزۈكلىكى بىلەن سىزگە راھەت ، ئارام بەخش ئېتىدۇ . ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر ، شۇ سۇدەك  سۈزۈك سەبى بالىلاردەك ھېس قىلىسىز  . .ىختىيارسىز بالىلىقىڭىزغا قايتىسىز -- دە ،سۇ ئىچىدىكى ئەركىن بېلىقتەك ئۈزۈشكە باشلايسىز !
    ئەنە قاراڭ ، ئاۋۇ تاغ باغرىدىكى ماراللارغا . ئەنە ،ئەنە ئاۋۇ يەردىن بىر چىرايلىق توشقان دىك - دىك قىلىپ كۆز ئالدىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتتى . قوزىچاقلارنىڭ قىن - قىنىغا پاتماي قېيغىتىشىدىن سىز نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز ؟!     ھە ، بەلكىم سىزمۇ  شۇ توشقان ، قوزىچاقلاردەك يايلىغىڭىز كېلىۋاتقاندۇ --ھە !
   ئېھ ، ئانا يۇرتۇم ! گۈزەل غۇلجام !
   سېنىڭ ھەر چىمدىم توپاڭ ،ھەربىر گىياھلىرىڭنى تەرىپلەپ - تەرىپلەپ سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىشقا قەلىمىم ئاجىز ... ...
   ئانا يۇرتۇم ، گۈزەل يۇرتۇم ! باغرىڭدا تايچاقمەن ، ئەركىن پەرۋاز قىلغۇچى  ، خوشال قىيغىتىپ ئوينىغۇچى ئەركە بالاڭمەن ....  
  ئېھ ، ئانا يۇرتۇم !... ...


تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3341
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116825
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12833 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 02:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


يۇرت قەدرىنى بىلمەس،
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلمىغان.
كۆپ كىشى ئۆزگە يۇرتنى،
ئانا ماكانغا تەڭ قىلمىغان.

بولسىمۇ قانچە گۈزەل،
ئەگىسىمۇ زەرۇ-گۆھەر،
ياقا يۇرتنىڭ مېھرى يوق،
سېلىشتۇرساڭ ھەقىقى گەر.


[mp3=1]http://www.xinyihundian.com/syWebEditor/UploadFile/纯音乐-爱的梦中婚礼.wma[/mp3]



ئاھ مۇساپىرچىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28508
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5884
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 03:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ غۇلجىدىن نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ مەندىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 03:36:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىلەرگە !
  ئەلتىكىن رەھمەت سىزگە ،ئەجەپمۇ ياخشى موزىكا كىرگۈزۈپ قويۇپسىز .

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3216
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9826
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 07:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلىستان باغلرىڭدىن،

زىمىستان چۆللىرىم ياخشى.

ھەيۋەتلىك تاغلىرىڭدىن،

يۇرتۇمدا دۆڭلىرىم ياخشى.

ـــــــــــ ئەسرارى ـــــــــــــــــ


قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
kumbaskansheher بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 09:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 07:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش