ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشىلتىشتىكى خاتا ئۇسۇللار
ياز پەسلىنىڭ كېلىشى بىلەن، ماشىنا ئىچى ئىسسىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. نۇرغۇن شوپۇرلار ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا سەل قاراپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ۋە توڭلىتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ ھەمدە تەن - سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ياز پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە، شۇپۇرلار تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك خاتا ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشى لازىم:
1- خاتا ئۇسۇل: ماشىنا ئاپتاپتا تۇرۇپ قىزىپ كەتكەندە دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش.
ماشىنا ئاپتاپتا تۇرغاندا، ماشىنا ئىچى تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەم ماشىنا ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاندا، دەرھاللا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقۇسى كېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئەمىلىيەتتە نەپەسلىنىش سېستىمىسىغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بارلىق دەرىزىلەرنى 15 مىنۇتلارچە ئېچىۋېتىپ، ماشىنا ئىچى تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئاندىن دەرىزىلەرنى يېپىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش.
2- خاتا ئۇسۇل:ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ ماشىنا ئىچىدە تاماكا چېكىش.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ شوپۇرلار ۋە ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغانلارنىڭ كۆز ۋە نەپەسلىنىش سېستىمىسىغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. ئەگەردە تاماكا چېكىشكە توغرا كەلگەندە ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كونتوروللىغۇچىسىنى \" چىقىرىش \" ئورنىغا تەڭشەپ، ماشىنا ئىچىدىكى ئىس - تۈتەكلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، لېكىن بۇنداق قىلغاندىمۇ ئىس - تۈتەكنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ.
3- خاتا ئۇسۇل: ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى داۋاملىق ئىشلىتىش.
ئاپتوموبىلنىڭ ماتورى خىزمەت قىلىۋاتقاندا، بېنىزىن تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كاربون چالا ئوكسىدنى ھاسىل قىلىدۇ. ماشىنا مېڭىۋاتقاندا ، ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق كونۋېكسىيەلىنىپ، كاربون چالا ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى نىسبى تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن ماشىنا مېڭىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا كونۋېكسىيەلىشەلمەي، ماتور ھاسىل قىلغان كاربون چالا ئوكسىد ماشىنا ئىچىگە كىرىپ، قويۇقلۇقى بەلگىلىك دەرىجىگە توپلانغاندا، ئادەمنى زەھەرلەيدۇ.
4- خاتا ئۇسۇل: ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىنى باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېلىش.
گەرچە بۇنداق قىلىش ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوۋۇتۇش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، ئېنىرگىيەنى تېجىگەن بىلەن، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىچكى ئايلىنىشنى ئىشلەتكەندە، ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا بارغانسېرى بۇزۇلۇپ، ھەتتا ئوكسىگىن كەمچىل بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا شوپۇرلارنىڭ ئارىلىق تاشلاپ، ئىچكى ئايلىنىش ۋە تاشقى ئايلىنىشنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بولۇپمۇ ماشىنىنى توختاتقاندا، چوقۇم تاشقى ئايلىنىشقا ئالماشتۇرۇپ، ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
5- خاتا ئۇسۇل : ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئەتمەي تۇرۇپلا ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈش.
بۇنداق قىلىش ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىچىدە كۆپ مىقداردا كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ پەيدا قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرغاندا ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ قوزغىتىش بېسىمىمۇ تەڭ قوزغىلىدۇ، بۇنداق يۇقىرى يۈكلۈك ئايلىنىش ماتورغا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىپ، دەرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن ماشىنىنى توختۇتۇش كېرەك .
مەنبە:ئۇچۇر تورى