مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8742|ئىنكاس: 38

ئاتۇم بومبىسىنىڭ كۈچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن سىلەر بىلەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6530
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7976
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 1921 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 07:12:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتوم بومبىسى بولسا يادرونىڭ يىمىرىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىرخىل يادرو قورالى.
ئاتوم بومبىسى بولسا يادرونىڭ يىمىرىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىرخىل يادرو قورال. ئۇنى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئىنتايىن يۇقۇرى ۋەيران قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە، پارتلىغان ۋاقىتتا كۈچلۈك يادرو رادىئاتسىيىسى چىقىرىپ، جانلىقلارنىڭ قۇرۇلما توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئاتوم بومبىسى ياسىلىدىغان ئەسلى ماتېرىيال بولسا ئۇران 235، ئۇ تەبىئىي ئۇراننىڭ %0.7 تەركىبىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا %99.3 نى ئىگىلەيدىغان ئۇران 238 بولسا ئاتوم بومبىسى ياسايدىغان ئاچقۇچ.
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇنجى قېتىم ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ خىروشىما (گۇاڭداۋ ئارىلى) غا تاشلانغان. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىككىنچى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى (چاڭچى) غا تاشلانغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە 9- ئاينىڭ 2- كۈنى تەسلىم بولغان.
ئاتوم بومبىسى – پەن تېخنىكىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنىڭ تېزلىكتە ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن گەۋدىلىك مىساللىرىنىڭ بىرى. 1939- يىلى يادرونىڭ يىمىرىلىش ھەركىتى بايقالغاندىن تارتىپ 1945- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىققۇچە بولغان جەريانغا پەقەت 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. 1939- يىلى 10- ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم بومبىسى ياساشنى قارار قىلىپ، 1945- يىلى ئۈچ دانە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىققان. بىرىنچى دانىسىنى تەجرىبە قىلغان، قالغان ئىككى دانىسىنى ياپونىيىگە تاشلىغان. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى خىروشىماغا تاشلانغىنى “كىچىك ئوغۇل” ناملىق ئاتوم بومبىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.1 توننا، قۇدرىتى 20 مىڭ توننىغا يەتمەيدۇ. شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ناگاساكىغا تاشلانغان “سېمىز پور” ناملىق ئاتوم بومبىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4.5 توننا، قۇدرىتى 20 مىڭ توننا كېلىدۇ!

ئاتۇم بومبىسىنىڭ كۈچى(2)
باشقا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىپ سىناق پارتلاتقان ۋاقىت:
سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقى – 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى؛
ئەنگلىيە – 1952- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى؛
فىرانسىيە – 1960- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى؛
جۇڭگو – 1964- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى؛
ھىندىستان – 1974- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى؛
1945- يىلىدىن بۇيان، ئاتوم بومبىسى ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەجىمى، ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى كۈنسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ساقلاشتەك بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرىمۇ تېخىمۇ مۇھىم ئىشلار قاتارىدا تۇتۇلدى.

ئاتوم بومبىسىنىڭ تارىخى:

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، تەتقىقاتچى سىزىلارد گىرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، داڭلىق ئالىم ئەينىشتىيىنگە خەت يېزىپ، ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى چۈشەندۈردى.
1941- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى (ياپونىيە پىئارىل- خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى) زۇڭتۇڭ روزۋېلىت ئامېرىكا پەن- تەتقىقات تەرەققىيات ئىدارىسىغا بارلىق كۈچ بىلەن ئاتوم بومبىسى ئىشلەپچىقىرىش بۇيرۇقىنى بەردى.
  1942- يىلى 8- ئايدا، ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ياساشتىكى “مانخاتتون پىلانى” نى تۈزۈپ چىقتى.
  1943- يىلى 7- ئايدا، ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تەتقىقات ئورنى قۇردى.
  1945- يىلى 3- ئايدا، ئاتوم ئېنىرگىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش كومىتېتى قۇردى.
  1945- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، يېڭى مېكسىكا شىتاتى 阿拉莫可德 قۇملۇقىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى.
1949- يىلى، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئەنگىلىيە، فىرانسىيىلەر 1952- ۋە 1960- يىلى ئۆزى ياسىغان ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىپ سىناق قىلدى.
  1964- يىلى جۇڭگۇمۇ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولدى.
ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى(3)
ئاتوم بومبىسى تىپىك يادرو قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەيران قىلىش كۈچى ئىنتايىن يۇقۇرى، ئۇ پارتلاش مەركىزىدىن ئەتراپىغا قاراپ چەمبەر شەكلىدە تارقىلىپ پارتلايدۇ، ئەتراپقا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىق تەسىرى بىرقانچە قاتلامغا بۆلۈنىدۇ، ئۇ پارتلىغان دەقىقىدىكى كۈچلۈك نۇر ئادەمنىڭ كۆزىنى شۇ ھامانلا قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ، كۈچلۈك پارتلاش تەسىرىدە ھاسىل بولغان فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش كۈچى بىلەن خېمىيىلىك ۋەيران قىلىش كۈچى ئوخشاشلا چوڭ، ئۇنىڭدىن چىققان يادرو رادىئاتسىيىسى جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جانلىقلار تۈرىنىڭ ياكى شەكلى، خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئامېرىكا ياپونىيىگە تاشلىغان ئىككى دانە ئاتوم بومبىسى شۇ ۋاقىتتا 150،000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن. نەچچە كۈندىن كىيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى تەسلىم بولۇشنى قارار قىلغان. بۇنىڭغا قاراپ بەزىلەر “ئاتوم بومبىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى” دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر “ئاتوم بومبىسى يېڭى بىر دەۋر ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ” دەپ قارىدى.
ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ 印第安纳波利斯 ھەربى پاراخوتىنى چۆتۈرۈۋەتكەندە 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى سۇغا غەرق بولۇشى ھەمدە لەھەڭلەرگە يەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىن ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى قوزغالدى، ئەسلىدە بۇ پاراخوت ئامېرىكىنىڭ مۇھىم يادرو قۇرال بۆلەكلىرىنى تىنچ ئوكياندىكى 提尼安 ئارىلىغا توشۇپ كېتىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن “كىچىك ئوغۇل” ناملىق ئاتوم بومبىسى “B-29″ بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانغا قاچىلاندى. بۇ كېلەڭسىز “B-29″ بەلگىلىك كۈمۈش رەڭلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 مېتىر، ئايروپىلان گەۋدىسىگە ئوچۇق قىلىپ ئۇچقۇچى 保罗·苔伯茨 نىڭ ئانىسى قويۇپ بەرگەن “Enola Gay” دېگەن ئىسىم يېزىلغان، دەھشەت گۈركىرەك ئاۋاز بىلەن ئۇچىدىغان بۇ ئايروپىلان 6 سائەتتىن كىيىن خىروشىما ئاسمىنىغا يېتىپ بارغان.
ۋاقىت ھېسابلىغۇچ بىلەن بارومېتىر سەپلەنگەن توشۇغۇچى ئاتوم بومبىسىنى نىشانغا تەككۈزۈپ پارتلاتتى. بۇ ۋاقىتتا “B-29″ ئاللىبۇرۇن 18 مىڭ مېتىر يىراقلىققا كېتىپ بولغان ئىدى، بىراق، ئۇ زىنت توپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھاۋادا پۇلاڭشىپ غاراسلاپ قالدى. كىشىنىڭ كۆزىنى چاقىدىغان كۈچلۈك نۇر بىلەن تەڭ ھاسىل بولغان ئىس- تۈتەك بىر كۈن ھاۋانى قاپلىدى، 苔伯茨 خىروشىماغا قايتىپ كۆرگىنى بولسا “قورقنۇچلۇق، غايەت زور، پۇرقىراپ كۆتۈرۈلىۋاتقان موگوسىمان بۇلۇت” بولدى. يەنە بىر ئۇچقۇچىنىڭ تەسۋىرلىگىنى بولسا “يالقۇنجىغان قارا نېفىت قازىنى” بولدى. پارتلىغاندىن كىيىن ھەممە جاھان ئۆلۈكتەك تىپتىنچ بولۇپ كەتتى…..
بىردەمدىن كىيىن، خۇددى دوزاقتەك مەنزىرە پەيدا بولدى: تېمپراتۇرا 2980 سىلسىيە گىرادۇس (5400 فارانگىيت)، پارتلاش مەركىزىگە يېقىنراق جايدىكى بارلىق جانلار ھەش- پەش دىگۈچە كۆيۈپ ئىس- تۈتەك پارىغا ئايلىنىپ كەتتى، بەختكە يارىشا ھايات قالغانلار ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك دەلدەڭشىپ نىشانسىز ماڭماقتا ئىدى، ئۇلار نىڭ تېرە- گۆشلىرى خۇددى ئېتىۋەتكەن دەسمالدەك چۇۋۇلۇپ چىقىپ قالغان ئىدى، ياغاچ ئۆيلەر، باغچىلار، ئورمانلىقلار ۋولقاندەك كۆيمەكتە ئىدى، تۇپراقلاردا جەسەتلەرمۇ كۆمۈردەك كۆيۈۋاتاتتى، بۇ شەھەردە 290،000 دىن ئارتۇق ئاۋام خەلق ۋە 43،000 ئەسكەر بار بولۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 70،000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 130،000 ئادەمنىڭ يارلىنىشى، 70،000 ئولتۇراق قۇرۇلۇشنىڭ ۋەيران بولۇشى مۆلچەرلەندى، 3 كۈندىن كىيىن قۇۋۋىتى 22،000 توننا TNT پارتلىتىش دورىسىنىڭ كۈچىگە داڭداش كېلىدىغان “سېمىز پور” ناملىق ئاتوم بومبىسى ناگاساكىدا پارتلىدى.
1945- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، 70،000 ئادەم ئۆلدى، كىيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيدى.
ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى(4)
1945- يىلى خىروشىمانى بومباردىمان قىلىش
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى.
ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شىتاتىنىڭ “ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش” تەجرىبىسىدىن كىيىن ئاتوم بومبىسىنىڭ قورقنۇچلۇق ۋەيران قىلىش كۈچىنى بىلدى، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى، ياپونىيە تەسلىم بولغان “پوتسدام ئۇقتۇرۇشى” ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى 2 كۈندىن كىيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمان ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى ئېلان قىلدى. بۇ چوڭ مەخپىي تەتقىقات پىلانىغا 2،000،000،000 ئامېرىكا دوللىرى خەجلىنىپ، نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تېگىشتى.
8- ئاينىڭ 5- كۈنى، سائەت 14:00
يىراق شەرق 20- بومباردىمانچى ئەترەتنىڭ باشلىقى ئىككىنچى كۈنى بۇ ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى، چۈشتىن كىيىن 提尼安 ئارىلىدا، “كىچىك ئوغۇل” ئايروپىلانغا قاچىلاندى، ئۇنىڭ سىرتقى پوستى قارا پولات تاختا بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 4400 كىلوگرام (9700 قاداق)، خۇددى “سوزۇۋەتكەن ئەخلەت تۇڭى” غا ئوخشايتى.
“كىچىك ئوغۇل” غا رادار، ۋاقىت ھېسابلىغۇچ، بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن B-29 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، زەنجىر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلدى، 苔伯茨 ياۋروپادا بىرىنچى قېتىملىق B-17 بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان كونا ئەسكەر بولۇپ، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ قېتىملىق ۋەزىپە تاماملانغان. ئۇ ئادەم تېپىپ كېلىپ، ئۇچقۇچىلار دېرىزىسىنىڭ يېنىغا ئاپىسى قويۇپ بەرگەن “Enola Gay” دېگەن ئىسىمنى بىر ئېنگلىز چىسى چوڭلۇقتا يېزىپ قويدى.
8- ئاينىڭ 6- كۈنى، سائەت 00:00
ئەڭ ئاخىرقى يوليورۇق چۈشۈرۈلدى. 苔伯茨 ئۆز گورۇپىسىدىكى 11 نەپەر ئەزاغا مۇھاپىزەت كۆزەينىكىنى تاقاشنى ئاگاھلاندۇردى. ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا نىشان شەھەر خىروشىمانىڭ تاڭ سەھەر ھاۋا ئوچۇق بولىدىغانلىقى ئاڭلىتىلدى، بىر باشقارما باشلىقى تەڭرىدىن “دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلانغان باتۇر ئەزىمەتلەر” گە ئامانلىق تىلىدى. بارلىق گورۇپا ئەزالىرى ئەتىگەنلىك تاماق يىدى. 苔伯茨 توخۇ تۇخۇمى بىلەن ئاناناس قىيمىسى ئارىلاشتۇرۇلغان ھامبۇرگ بولكىسى يىدى. تاڭ ساھەر سائەت 2:27 دە نىشانغا ئاتلانماقچى بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى يوق ئىدى.
تاڭ سەھەر سائەت 2:27 دە موتور ھەركەتلەندۈرۈلدى، ئايروپىلاننىڭ يۈكى 6800 كىلوگرام (15،000 قاداق)، بۇ ئازراق نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى، بىراق، ئۇ ئىككى ئېنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچۇش يولىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى. سايپان ئارىلى ئاسمىنىدا، 德克·帕森斯 ۋە 莫里斯·杰普生 بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن قايتىپ چىقدى. 3 سائەتتىن كىيىن ئۇلار 沃伊·吉玛 ئاسمىنىدىكى مۇھاپىزەت ئايروپىلانى بىلەن توپلاشتى. ئەتىگەن سائەت 8:50 دە ئۇلار ياپونىيە ئاسمىنىنىڭ 9500 مېتىر ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ كېلىپ، خىروشىماغا ئىنتايىن يىقىنلاشتى.
يەر ئۈستىدە بولسا، شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتاتتى؛ ئەسكەرلەر خىروشىمادىكى بىرقىسىم “قورغان” لىرىدا ئۆز مەشىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى؛ قىز ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن يول سۈپۈرۈۋاتقان ئىدى؛ كوچىلاردا كىچىك- كىچىك ماشىنىلار ۋە ۋېلىسىپىتلىك كىشىلەر ئىشقا كېتىۋاتاتتى………
ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى(5)
سائەت 9:16 دە، خىروشىما ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:15 دە، بومبا خىروشىما دوختۇرخانىسى ئۈستىدىكى 580 مېتىر ئېگىزلىكتىن تاشلاندى……..
…گۇم!!!

پارتلاش بىر دەقىقىلا داۋاملاشتى، بىراق، تېمپراتۇرا ئاللىبۇرۇن 5400 فارانگىيتقا چىقىپ كەتتى؛ ئۇچار قاناتلار يېرىم ھاۋا بوشلۇقىدىلا ئىس- تۈتەككە ئايلاندى؛ 1180 مېتىر ئېگىزلىكتە ئوت يالقۇن كۆپۈكچىسى پەيدا بولۇپ، 3650 مېتىر ئەپچۆرىسىدىكى توك سىملىرى خۇددى سەرەڭگىدەك ئوت ئالدى؛ پۈتكۈل شەھەر گوياكى قوقاسقىلا ئايلاندى؛ بومدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ھاسىل قىلىپ، ئايروپىلاندىن كەينىگە قارىسا ئاسمان خۇددى “شەھەرگە ماگما ياكى شىكەر قىيامى تۆكۈۋاتقاندەك” كۆرۈندى، ھەممىلا جاي ئوت بىلەن قاپلانغان!
كوچىلاردا بىرسى ماشىنىسى بىلەن تەڭلا كۈلگە ئايلانسا، يەنە بىرسى بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىلا كۆيۈپ كۈل بولدى، كەلكۈندەك كەلگەن ئوت يالقۇنىدىن ھېچقانداق جانلىق قېچىپ قۇتۇلالمىدى….
قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، پۈتكۈل جاھان گويا يەرشارى توختاپ قالغاندەك قورقۇنچلۇق تىمتاسلىققا چۆمدى، ھەممىلا يەر قاپقارا ئىس- تۈتەك، ئوت يالقۇنى…….
بەختكە يارىشا ئامان قالغانلارنىڭ ئۈستى باشلىرى، كىيىملىرى كۆيگەن، تېرىلىرى قىپقىزىل تىتىلىپ پاخپىيىپ كەتكەن، خۇددى بىر چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، نىشانسىز ھالدا دەلدەڭشىپ كېتىۋاتماقتا، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نەبىر كۆز ياكى ئېغىزنى تاپقىلى بولمايتى، ۋە ياكى بەدىنىنىڭ ئالدى ياكى كەينىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتى، بىرقىزنىڭ چىقىپ قالغان تىلى خۇددى قۇتقۇزۇڭلار دەۋاتقاندەك ئىدى، بىر ئەر ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ، يەر ئۈستىدە تىرمىشىپ جان تالاشماقتا ئىدى، يەنە بىر ئەر بولسا ئېتىلىپ چىققان كۆز ئالمىسىنى تۇتقان ھالدا قىينىلىۋاتاتتى، ئەسلىدىكى چىرايلىق باغچىلاردا بولسا، تۇپراق- كۆللەر ھەممىلا جايدا جەسەت، جانلىقلار كۆيۈۋاتاتتى، بىرقىسىم ھايات كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بولغان ئىدى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ يۈز- كۆزلىرى قىزىق ئوت تەپتىدە قاتتىق ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، قارىماققا قىپقىزىل لەۋلىرى بىلەن سۇ ئىچىۋاتقاندەك ھالەتتە ئىدى……
پۈتكۈل شەھەر رايونى يىغلاش، چىرقىراش، ۋارقىراشتەك دات- پەرياد ئاۋازى بىلەن تولۇپ كەتتى، بىراق، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت بۇلا ئەمەس، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگە قەدەر ئۆلگەن ئادەملەر سانى 70،000 غا يېتىپ، 1،300،000 ئادەم يارىلاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىرى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈش سانى 100،000 دىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى
مەنبە:مەرىپەت تورى    http://www.meripet.org

.

سالام دوسلا!!!!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50078
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-8-1
ئاخىرقى: 2011-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 09:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق!!!!

كۆزلىرىڭگە باققىنىم سوۋغىتىم بولسۇن، ئوتلىرىڭدا كويگىنىم پاك سويگۈم بولسۇن. تىلفۇن بىلەن سۆزلەشكىنىمىز يۈرەكتە قالسۇن، كەلگۈسىڭىز مەگگۈلۈك بەخىتلىك بولسۇن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40948
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 09:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ئىسل نەرسىكەن بۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22701
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5351
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 1808 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 09:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېدروگىن بومبىسى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك. ھازىرقى ئاتوم بومبىسى ئەينى چاغدىكى ياپونيەگە تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ 800 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھېدروگىن بومبىسىنىڭ كۈچى 1600 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى زاماندىكى بىر تال بومبا بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا توغرا كېلىدىغان زىمىننى تۈپتۈز قىلىۋىتىش مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7420
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 4552 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 09:55:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋودرود بومبىسى قانچىلىق كۈچلۈكتە ئەمدى

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17576
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 10:24:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام ھازىرقى ئاتوم بومبىلىرى ناھايىتى كۈچلۈكمىش،8دانە ئاتوم بومبىسى يەر شارىنى  كۇكۇم تالقان قىلىۋېتەرمىش.....
     ئاللاھ-تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنداقمۇ بوپكەتمەس...

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17576
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 10:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  yoksu كە 2011-08-02 09:54 PMئەۋەتىلدى  :
ھېدروگىن بومبىسى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك. ھازىرقى ئاتوم بومبىسى ئەينى چاغدىكى ياپونيەگە تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ 800 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھېدروگىن بومبىسىنىڭ كۈچى 1600 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى زاماندىكى بىر تال بومبا بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا توغرا كېلىدىغان زىمىننى تۈپتۈز قىلىۋىتىش مۇمكىن.

      ماۋۇ خەۋەرنى خەقلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن ھېلى....

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15194
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5289 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 10:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتوم بومبىسنىڭ پارتىلاشتىن كېيىنكى تەسىرى، بۇنىڭدىن نەچچە
ھەسسە خەتەرلىك. نەچچە ئون يىل ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30901
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1189
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 11:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىتىمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31310
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1796
تۆھپە نۇمۇرى: 107
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 11:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

今天失去了很重要的东西,学会了一个道理。“人永远要保持谦虚,因为永远有人比你杰出!”
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش