  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئۆكسىگەن قەلىپ  
                                                                         ھېكايە 
مۇقەددىمە   
 
 
قوللۇرۇمنى رىشاتكىغا چىڭ كىرىشتۈرۈپ ئۆزۈم تەرەپكە كۈچەپ تارتاتتىم ، كۆزلىرىمنى بولسا شۇ رىشاتكا سىرتىغا ئۇزۇنغىچە تىكەتتىم . تەلپۈنەتتىم .  
__ ئارام ئېلىش ۋاقتى توشتى !  
تۈرمە ساقچىسىنىڭ ۋارقىرىشىدىن كىرىشتۈرگەن قوللۇرۇمنى ئاستا بوشاتتىم . كۆزلىرىمنى يەنىلا سىرىتقا تىككەن ھالدا كامىرغا قاراپ ماڭدىم . ئۈستىمدىن يۇرۇتۇپ تۇرغان قوياشقا ئەتە كۆرشەيلى ، خوش دىگەن مەنىدە كۆزلىرىمنى قىسىپ قارىۋەتتىم .  
__16388 سنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ .  
تۈرمە ساقچىسىنىڭ چاقىرىشىدىن كۆزلىرىمنى تەستە ئاچتىم . ئۇيقىسىرغانلىقتىن بولسا كېرەك كۆزلىرىم يەنە يۇمۇلغان ئىدى .  
__16388 ساڭا دەۋاتىمەن . ئورنۇڭدىن تىز تۇر .  
ئورنۇمدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇردۇم . كېرىلىپ بىر ئەسنىگەندىن كىيىن  
__ كىمدۇ ؟  
تۈرمە ساقچىسى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ  
__ سېنىڭ يالاقچىڭمۇ مەن ؟ كىملىكىنى مەندىن سورامسەن ؟  
ئاغزىمغا كەلگەن گەپنىڭ ھەممىنى يۇتۋەتتىم . پەقەت مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويدۇم .  
__ نىمىگە قارايسەن تىز ماڭ !  
كامىر سىرتىغا چىقىپلا ئادىتىم بويۇنچە ئاسمانغا قارىدىم . بىراق ھاۋادا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەچكە قوياشنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى .  
__ئەسسالام قوياش . بۈگۈن ئەھۋالىڭ بەكلا بوشقۇ ؟  
تۈرمە ساقچىسىنىڭ ئالدىمغا تۈرتىشىدىن خىياللار دېڭىزىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئالدىمغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم .  
 
كۆرۈشتۈرۈش ئۆيىگە كىرىپلا تۇرۇپ قالدىم . كەينىمگە قايرىلىشىمغا  
__ ئەسقەرجان ، ئوغلۇم __ دىگەن ئاۋاز مېنى چىقىپ كېتىشتىن توسۇپ قالدى . كەينىمگە ئىپادىسىزلا قايرىلدىم . ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى رىشاتكا بىلەن ئايرىلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم . ئۇنىڭ ئۇ يېقىدا ئانام ، ياق ئانا دىيىشكە تىلىم بارمايدىغان بىر ئايال كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ ئولتۇراتتى .  
__ئوغلۇم  
ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇ سۆز چىقىشىغىلا كۆزلىرىگە تىكىلدىم . ئۇمۇ مېنىڭ بۇ تىكىلىشلىرىمگە بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي يەرگە قارىغىنىچە يىغلاپلا ئولتۇردى .  
__ ماڭا دەيدىغانلىرىڭ تۈگىدىمۇ ؟  
ئۇ مېنىڭ بۇ سۆزىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاۋازنى قويۋېتىپ يىغلاپ كەتتى .  
__بولدى قىل ، مېنىڭ بۇ قېتىپ كەتكەن يۈرۈگۈم سېنىڭ بۇ ئېسەدەشلىرىڭ بىلەن ئېرىپ قالمايدۇ ، ئەخمەق بولما .  
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .  
__ئوغلۇم .  
__ مېنى بۇنداق ئاتىما ! سېنىڭ مېنى ئوغلۇم دىيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ . سېنىڭ ئانا بولۇشقا سالاھىيېتىڭ توشمايدۇ . شۇنى بىلىۋاتامسەن ؟ ئانا دىگەن بۇ ئاتاققا ئېرىشمەك شۇنچە ئاسانمۇ ؟ بىر بالىنى تۇغۇپ ئېمىتىپ قويغانغىلا ئانا دىگەن ئاتاققا ئېرىشكىلى بولامدۇ ؟  
كەينىمگە يېنىپ تۈرمە ساقچىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن كامىرىمغا قايتتىم . كامىر ئالدىغا كەلگەندە  
__ خەيىر قوياش ، ئەتە كۆرشەيلى .  
شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ يىغلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . قوللۇرۇم چىڭ تۈگۈلگەن . شۇ ئايال ئالدىدا يىغلىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران . كارۋىتىمغا چىقىپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم . بايقى ئىشنى ئەسلىمەي دىسەممۇ كۆزلىرىمگە كىنو لىنتىسىدەك چىقىۋىلىۋاتقان كۆرنىشلەردىن قۇتۇلالمايتىم . 
                                                                           1         
__دادا ، بولدى قىل ئانامنى ئۇرما .  
دادامنىڭ قولىغا بار كۈچۈم بىلەن ئېسلىۋالدىم ، بىراق دادام ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئانام بولسا دادامنىڭ مۇش تېپىكلىرى ئاستىدا ئاجىز ئېڭرايتتى ، بىر چېتىدە بولسا چىقىرغىنىچە يىغلاۋاتقان ئىنىم .  
 
ئىنىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە مەنمۇ يىغلاشقا باشلىدىم . دادام قاسى چاغدىدۇر توختىدى ، ئىسپىرىتنىڭ كۈچىدىن بولسا كېرەك ، جايىدىلا ئۇخلاپ قالدى . ئانام بولسا ئاچچق ئېڭىرىغىنىچە بىر چېتىدە ياتاتتى ، ئانامنىڭ بېشىنى قۇچۇقۇمغا ئالدىم . يىرىك چاچلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن نەمدىلىپ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى . ئانامنىڭ بېشىنى ئاستا ياستۇققا ئالدىم . ئۈستىگە بولسا ئاتاقتا يوتقان ، ئەمما يوتقانچىلىك ھارارەت بېرەلمەيدىغان ئاشۇ ئەسكى ئەدىيالنى تاشلىدىم .  
 
ئىنىمنىڭ ئاستا تۈرتىشىدىن ئويغاندىم .  
 
__ ئاكا ، قورىسقىم ئېچىپ كەتتى .  
 
ئاناممۇ ، داداممۇ ئۆيدە يوق . كۆزلىرىم ئاچچىق بولدى . ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ئىنىمغا پەرچە نان بولسىمۇ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن ئىنىمنى گوللاپ تۇردۇم .  
 
__ ئاكا ، ئانام قېنى ؟  
 
ئىنىمنىڭ مەيۈس ، سەبىي كۆزلىرىگە تىكىلدىم . ئۇنىڭ شۇ سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مەن غۇبارسىز ، پاك بىر قەلىبنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ئېسىت دادام ئاشۇ پاك قەلىبنى كۆرگەن بولسىچۇ ؟ 
 
__ ئانام ... بەلكىم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەندۇ ، بىر ئاز ساقلاپ باقايلى ھە ! سەن چىقىپ مەھەلىدىكى دوستلىرىڭ بىلەن ئويناپ كىر .  
 
ئىنىم چىقىپ كەتتى . مەن شۇ قالايمىقان ، بوران ئۇچۇپ تۇرغان ئۆيگە بىر ھازا قارىدىم ، بۇ ئۆيگە شۇنچە مېھرىم بىلەن تىكىلەي دىسەممۇ نىمىگە شۇ مېھرىم بىلەن تىكىلەرمەن . كۆزلىرىمگە ياش ئالغىنىمچە ئۆينى بىر باشتىن يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم . 
  
                                                                     2                    
ئىشىكنىڭ تارقلىشى بىلەن ئىنىم ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئىشىككە تىكىلدى ، ئىشىكتىن كىرگىنى ئانام بولماستىن يەنىلا كونا مۇقامغا دەسسەپ كىرگەن دادام ئىدى . ئىنىم دادامنى كۆرۈپلا قۇچۇقۇمغا كىرىپلا كەتتى . ئۇنىڭ قوقۇمسىرىغان كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن ئىدى .  
__ ئاناڭ قېنى ؟  
دادامنىڭ سۇئالى جاۋاپسىزلا قالدى . ئۇ دەلەڭشىگىنىچە بىر جايىدا جىم تۇرالمايتتى .  
__ ئىتنىڭ شۇمى ، سەندىن گەپ سوراۋاتمەن . ئاناڭ قېنى ؟  
__بىلمەيمەن  
قورقۇنىمدىن ئاغزىمدىن پەقەت شۇ گەپلا چىققان ئىدى .  
__ نەلەردە يۈرۈيدىكىن لالما !  
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئورنۇغۇلا يىقىلپ چۈشتى . بىر ھازادىن كىيىن چىققان  دادامنىڭ يەڭگىل خورەك ئاۋازى مېنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى . ئىنىم بولسا قۇچۇقۇمدا ماڭا تەلمۈرگىنىچە ئولتۇراتتى .  
__ ئاكا قورۇسقۇم ئېچىپ كەتتى .  
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ، ياش ئەگىگەن كۆزلىرىدە يەنىلا شۇ پاك ، غۇبارسىز بىر نۇر چاقنايتتى .  
__ مەن چىقىپ نان ئەكىرەي ئۇكام ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇر .  
شۇنداق دېدىم ۋە سىرىتقا ئۆزۈمنى ئالدىم .شەھەر سىرتىغا جايلاشقان  يېزا ئەمەسمۇ . كەمبەغەل كەمبەغەلنىڭ قاياشى دەپ قوشنىمىزمۇ بىر نان بەردى . شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئىنىمغا ئەكىرىپ بەردىم . ئۇنىڭدىن باشقا نىمە ئىش قولۇمدىن كېلىدۇ .  
ئىنىم ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن . مېنىڭمۇ سەككىز ياش ۋاقىتلىرىم . بىر ھەپتىنى ئارانلا ئۆتكۈزدۈم . ئاناممۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بىزگە كۆرۈنۈپمۇ قويمىدى . توغىرىسى مەن ئانامنى سېغىنغان ئىدىم . دادام بولسا كۈندە ئوخشاش ئانامنى ئىزدەپمۇ قوياي دىمەيتتى . ئىچكىنى ئىچكەن .  
قوشنىلارنىڭ قېشىغا كۈندە كىرىشتىنمۇ يۈزۈم قىزاردى . كىچىكلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئىنىم دوسلىرىنىڭ ئۆيىدە قورىسقىنى تويغۇزاتتى . مەن بولسام ئۆيۈمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ناۋايغا قارىشىپ بېرىپ قوساق باقاتتىم . كۈنلىرىم ئىشنى قىلىپ قوساق تويسا بولدى بىلەن ئۆتەتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا نىمە غېىمىم بار . ئوقۇمايمەن .  
ئوقۇش يېشىم توشقاندا ئىنىم ئېغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوقۇشۇممۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى . مانا ھازىرغىچە ئا بىلەن ئە نى پەقەتمەيمەن . ئىنىم ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئۈمۈدۈم شۇنى بولسىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىدى .  
                                                                        3  
بەلكىم ئارىدىن بېرەر ئاي ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر سەھەردە ئانام ئۆيىمىزدە پەيدا بولدى . ئىنىم ئانامغا ئۆزىنى ئاتقىنىچە يىغلاپ كەتتى . مەنمۇ ئانامنىڭ قۇچۇقىدا بۇقۇلداپ يىغلايتتىم . دادام بولسا يەنىلا ئۆيدە يوق .  
__ ئانا سېنى شۇنداق كۆيگىم كەيدى . قەيەگە بادىڭ .  
ئىنىمنىڭ ئانامنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ دىگەن سۆزلىرىنى مەن دىيەلمەي تۇراتتىم . ئانامنىڭ ئاغزىدىن قانداق سۆزلەر چىقاركىن دەپ  قاراپ تۇراتتىم .  
__ مېنىڭمۇ سىلەرنى كۆرگۈم كەلدى . قورۇسقۇڭ ئاچقاندۇ ، ساڭا ئوخشۇتۇپ تاماق ئېتىپ بېرەي ھە قوزام .  
كىچىك بالا يەنىلا كىچىك بالىدە ، ئۇ ئەركىلىگىنىچە ئانامغا ئەگەشتى .  
__ ئانا ، بۇندىن كىيىن بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ بولامدۇ ؟  
كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلايتتى . ئانامنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلايتتى .  
ئانام ئېتىپ بەرگەن ئاش بىزگە شۇنداق مەزىلىك بىلىندى ، يەنىلا ئانىنىڭ ئەتكەن تامىقى ، ئۆز ئانىنىڭ ئەتكەن تامىقى باشقىچە دە .  
تاماقنى يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادام كەلدى .  
__ دادا دادا ئانام قايتىپ كەلدى ، قارا ئانام كەلدى .  
ئىنىمنىڭ دادامنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىشى ۋە دادامنىڭ چاڭڭىدە سالغان بىر تەستىكىدىن ئىنىم كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى ۋە پاڭڭىدە يىغلىدى . ئانام بولسا بىر چەتكە پۈكۈلگەن ئىدى . ئۇمۇ ئاللىقاچان دادامنىڭ مۇش پەشۋالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى . مەن بولسام ئىنىم بىلەن ، ئۇ تېخىچە شۇنداق قاتتىق يىغلاۋاتاتتى . دادام ھاردى بولغاي ئانامنى ئۇرۇشتىن توختىدى .  
ئۇ يەنىلا شۇ مەس ھالەتتە ، ئۇياق بۇياققا لەلەڭشىيتتى . ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن ، قاچانلاردىدۇر ئۆتنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ قالغان ياستۇققا بېشىنى قويغىنىچە ئۇيقۇغا غەرىق بولدى .  ئۇنىڭ شۇ  خورەك ئاۋازى مېنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلاتتى . ئانامغا قارىدىم . ئۇنىڭ باش كۆزلىرى تاياق دەستىدىن ئىشىشقا ۋە كۆكىرىشكە باشلىغان ئىدى . ئۈنى بولسا ئېغىر كېسەلدەك ئېڭراپ ئېڭراپ چىقاتتى . ئانامغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىشقا ، ئاشۇ ئاجىز بىر بەندىگە ئىچىم ئاغرىيتتى .  
قايسى ۋاقىتتا ئوخلۇغۇنۇم ماڭا نامەلۇم. كۆزۈمنى ئاچقاندا تاڭ ئالىقاچان يۇرۇغان ، ئۆي يەنىلا ئىنىم بىلەن ئىككىمىزگە قالغان ئىدى. ئىنىمنىڭ بىر مەڭزىدە خۇددى تامغىدەكلا چۈشكەن بەش قولنىڭ ئىزى تۇراتتى . ئۇنۇڭغا قاراپ كۆزلىرىمگە يەنە ياش ئالدىم ، ئاشۇ مەسۇم ، ھېچ نىمىنى ئۇقمايدىغان بالىدا نىمە گۇناھ !  
__ ئاكا قورۇسقۇم ئاچتى .  
مەن شۇندىلا ئورنۇمدىن  تۇردۇم . تۈنۈگۈن ئانام داداڭلا يىسۇن دىگەن تاماقنى ئىنىم بىلەن يىدىم  . تاماقنى يىگىچە ئىنىمنىڭ  
__ ئاكا ، ئانام قېنى ؟  
كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى تەستە يۇشۇردۇم .  
__ بىلمەيمەن !  
                                                                     4   
 
ئانامنى كۈتە كۈتە مانا بىر يىلغا يېققىن ۋاقىت بوپ قالغانىدى ، بىراق ئۇنىڭدىن قىلچە سادا يوق . ئىنىممۇ ئانامنى بۇرۇنقىدەك سورىمايدىغان بولدى . مەنمۇ بۇ ئۆيدە خۇددى ئانام بولۇپ باقمىغاندەك ئىدىم ، داداممۇ ئۇنى سورىمايدىغان ، ئۆيگە بولسا بۇرۇنقىدەك مەس كىرىپ ئۇخلاۋېرىدىغان بولدى .  
 
بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەلگەن خەت مېنى ئانامغا ئاشۇ كۆڭلۈمدە مېھرىبان ، دۇنيادىكى ياخشى ئادەملەر قاتارىدا سانايدىغان ئانامغا ئۆچ قىلىۋەتتى . مەن ساۋاتسىز بولغاچقا خەتنى قوشنىمىزنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى ئەكىرىپ ئوقۇتتۇم .  
 
 
 
 
                                                        <<قەدىرلىك ئوغۇللۇرۇم :ئەسقەرجان ، ئۈمۈت  
 
جان جىگەر پارىللىرىم ، ئەھۋالىڭلار قانداق ؟ داداڭلارچۇ ؟ سىلەرنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى . بىراق بارالمايمەن . مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار خۇددى دوزاقتا ياشاۋاتقاندەك ، سىلەرنى يۇرتنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتىمەن .  
 
ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەسلەپكى كۈنلەردە مېنىڭ قانچىلىك زۇلۇم ۋە جاپا تارتقانلىقىمىنى بىلمەيسىلەر . مەن داداڭلار بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتىم . ئۇنىڭ زۇلۇمىغا ھەر قېتىم مەس كىرىپ مېنى ئۇرۇشلىرىغا ، ھەتتا يېرىم جان قىلىپ قويۇشلىرىغا چىدىمىدىم . ئەگەر خالىساڭلار مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مۇشۇ ئادىرىسقا جاۋاپ خەت يېزىڭلار . سىلەرنى ئېلىپ كېتىمەن . ئوقۇتىمەن . بۇ يەردە يەنە سىلەرنىڭ بىر ئىنىڭلار بار بولدى . يەنە تېخى داداڭلارمۇ بار . ئۇ سىلەرنى ئېلىپ كېلىشىمگە قوشۇلدى .  
 
 
 
سىلەرنىڭ جاۋاپ خېتىڭلارنى كۈتۈپ يۈرىكى لەختە بولغان ئاناڭلاردىن >>  
 
كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغىنىمغىچە يۇم يۇم يىغلىدىم ، ئۆزۈمنىڭ سەزگۈلۈرىمگە ئىشەنمەيتتىم . ئانامنىڭ نىيىتىنى تېخى بىلمەيتتىم .  
 
__ ئاكا ، ئانامنىڭ قېشىغا كېتەيلىچۇ ؟  
 
__ قايسى ئاناڭنىڭ ؟؟؟؟؟ ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس ، سېنىڭ بۇندىن كىيىن ئاناڭ يوق بىلدىڭمۇ ؟؟؟؟  
 
ئىنىم كۆزلىرىمگە تىكىلگىنىچە تۇرۇپلا قالدى .  
 
__ توغرا ئىنىم بىزنىڭ بۇندىن كىيىن ئانىمىز يوق . بۇندىن كىيىن ئانىمىز ھەم بولمايدۇ . چۈشەندىڭمۇ ؟؟؟  
 
ئۇ بېشىنى يەڭگىل لىڭىشتتى . مەن ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىمچە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ، بارا _ بارا سوغۇق چۈشۈۋاتاتتى . ئوتۇننىڭ كۆمۈرنىڭ غېمىنى قىلمىسا تېخى . قوساقنىڭ غېمىنى قىلمىسا تېخى . دادامنىڭشۇ بىز بىلەن چاتىقى يوق . ئۆزىنىڭ ھارىقى نەخ بولسا بولدى . ھەي دۇنيا مەن تېخى نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن ؟؟؟ 
                                                                             5   
 
__ 16388  سېنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ !  
 
ئورنىمدىن ئېرەنسىزلىك بىلەن تۇردۇم . كامىرنىڭ ئىشكىنى ئېچىشىغىلا سىرىتتىن چۈشكەن كۈن نۇرى كۆزلىرىمنى ئاچۇرمىدى .  
 
__ ئەسسالام قوياش . ئاچىقڭنى نىمانداق يامان قىلىسەن بۈگۈن .  
 
تۈرمە ساقچىسى گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى . ۋە ماڭا ئالدىنى شەرەت قىلىپ كەينىمدىن يالاپ ئېلىپ ماڭدى .  
 
كۈرۈشتۈرۈش ئورنىغا كىرىپلا ئارقامغا ياندىم .  
 
__ كۆرۈشمەمسەن ؟  
 
تۈرمە ساقچىسىنىڭ سورىغان سۇئالى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى . كەينىمگە ئاستا ياندىم .  
 
__ يەنە نىمىگە كەلدىڭ ؟  
 
__ ئوغلۇم .....  
 
__ ساڭا بۇنداق ئاتىما دېدىمغۇ ؟ مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ ئەمەس .    
 
ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باستى . ئۇ كۆزلىرىمگە چىرايىمغا سەپ سالاتتى .  
 
__ ئۆزگىرىپسەن ؟  
 
__ ئۆزگىرىپسەن ؟ مېنى كۆزمىگىلى قانچە يىل بولدى . 14 يىل . ھېساپلاپ باق ، مەن ئەنە شۇ 14 يىلنى قانداق ئۆتكەزدىم . 14 يىل ھەي ، مانا 22 دىن ئېشىپمۇ قالدىم .  
 
__ ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم ....  
 
__ ئامالسىز ؟ ھىم ! ئامالسىزمىش . كىم بىلىدۇ قايسى بىرى بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭ تېخى .  
 
__ مەن چىدىيالمىدىم ، داداڭنىڭ ماڭا قىلغان زۇلۇملىرىغا چىدىيالمىدىم .  
 
__ بىزگە ئەجەپ چىداپسەنغۇ ؟ مەن بىر قارا قورساق . بىلەمسەن ؟ بىراق مەن شۇ ھايۋان جېنىدا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى قوغداپ ، ئاسىراپ قاتارغا قوشىىدىغىننى بىلىمەن . شۇمۇ جېنىدا بالىسىنى تاياق بىلەن ئۇرسا بالىسى ئۈچۈن مەرەيدۇ . سەنچۇ ؟؟؟؟ ماڭا قارا ! سەندە ئانىدا بولىدىغان خىسلەت بارمۇ  ؟؟؟ دادامنى ئاشۇ قارا قىش يۇتۇپ كەتكەندە ، بىزنى بالام دەيدىغان سەن نەدە ئىدىڭ ؟؟؟ مەن باشقىلارنىڭ يانجۇقۇغا قولۇمنى سالغاندا سەن نەدە ئىدىڭ ؟؟؟؟ باشقىلار بىزنى يېتىم دەپ مازاق قىلغاندا سەن نەدە ئىدىڭ ؟ ؟؟؟ نەدە ؟ ؟؟؟؟  
 
ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتىم .  
 
__ ئۇ سېنىڭ نىمەڭ ؟  
 
تۈرمە ساقچىسىنىڭ سورىغان سۇئالىنى جاۋاپسىزلا قالدۇردۇم .  
 
__ خەيىر قوياش ئەتە كۆرىشەيلى !  
 
قوياشمۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىغاندەك سېخى نۇرلىرىنى يۈزۈمگە چاچاتتى . تۈرمە ساقچىسىنىڭ يەڭگىل نوقۇشى بىلەن كامىرغا كىرىپ كەتتىم .  
 
ھەي ، يەنە سەكسەن كۈن قالدى . قاچانمۇ توشا بۇ سەكسەن كۈن ! 
                                                                 6  
سوغۇقتا دىردىيىپ ، ئارنلا ئوتتۇرغان ئىدۇق . ئىشىكنىڭ ئەنسىز چېكىلىشىدىن ۋە جالاقلاپ ئېچىلىشىدىن ئەندەرەپلا تۇرۇپ كەتتىم .  
 
__ ئەسقەر بول بالام .  
 
قوشنىمىز ئىنىمنى كۆتۈرگىنىچە مېنى يېتىلەپ سىرىتقا ماڭدى بايلى تېخى ناۋايىنىڭ تونۇرىدىن ئەكىرىۋالغان چوغ مەشى ئارانلائىسىتىپ قالدى .  
 
سىرىتتا قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى . قار چۈشۈۋاتقاچقىمىكىن سىرىت ئانچە سوغيق ئەمەس . بىراق ئىنىمنىڭ يالاڭ پۇتلىرىنى سوغۇق سوققان بولسا كېرەك .  
 
__ ئاكا پۇتلۇرۇم..... دىگىنىچە كېتىۋاتاتتى . قوشنىمىز ئىنىممنىڭ پۇتلىرىنى كۆرۈپ دەرھال قوينىغا يۆگىدى . ئالدىمىزدا بىر توپ ئادەم بىزگە قاراپ . << ھە كەلدى ، كەلدى >> دىيىشمەكتە ئىدى .  
 
__ دادا !!!  
 
ئۆزۈمنى دادامنىڭ ئۈسىتىگىلا تاشلىدىم . مۇزدەك قاتقان ئۇ تەنلەر ، كىرىشكەن چىشلەر ، بەلكىم ئارمان بىلەندۇر كەتكەن ئاشۇ كۆزلىرى ، قار ئىچىدىن نىمىنىدۇر بىر نەرسىنى ئىزدىگەن قوللىرى ، نەدىنى يەنىلا ھاراق بۇراپ تۇراتتى.  
 
__ ھەي بىچارىلەر ، ئانىسى تېخى تاشلاپ كەتتى ، داداىسىمۇ ئەمدى .....  
 
__ ئانىسى نىمە بولۇپ بۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن ؟  
 
__ ئانىسى مۇشۇ مەلئۇننىڭ تاياقلىرىغا چىدىماي بۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ باشقا بىرى بىلەن ئاقسۇغا كەتكەنمىش . ھەي دۇنيادا ئادەم ھەيران قالىدىغان ئىشلار كۆپ!  
 
قۇلاقلىرىمغا ھېچ نىمە كىرمەيتتى . يېنىمدا ئىنىم يالاڭئاياغلا دادامنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان  
 
__ دادا ، دادا ! تۇرە دادا ! ئۆيگە كېتەيلى ، توڭلىمىدىڭمۇ ؟ مەن توڭۇپ كەتتىم دادا ، كېتەيلى !!  
 
ئىنىمنىڭ نالىسى يىراق يىراقلارغا كېتەتتى . مەھەلىدىكى قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن دادامنى يەرلىككە ئېلىپ ، يەتتە نەزىرىىنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق .  
 
بۇرۇن ئانىسى يوق يېتىملاردىن ئىدۇق ، مانا ھازىر داداممۇ يوق . ئەمدى بىز قارا يېتىم ئاتالدۇق . دۇنيادا ھېچ قانداق بىر يۆلەنچۈكسىزلا ، تىكەندەكلا يالغۇز قالدۇق. ئاھ خۇدا. بىزگە بىر چىقىش يولى بەرسەڭ سەندىن قانچىلىك خۇشال بولاتتىم ھە !!! بىزگە شۇ نىجاتىلىق يولىنى بېرەرسەنمۇ ؟  
 
ئازغىنە ئىسسىق چىقىۋاتقان مەشنىڭ ئالدىدا ، مۈشۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئىنىمنى قۇچۇقۇمغا ئېلىپ يەنە نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلماقتا ئىدىم . ..... 
                                                                    7  
 
    
 
قىش ئايلىرىدىنمۇ ساق سالامەت چىقىۋالدۇق ، بۇنىڭدا يەنىلا مەھەلىدىكى ئاشۇ مېھنەتسىز قوشنىلارنىڭ ياردىمىنى ئويلىماي بولمايتتى . باش باھارنىڭ مەيىن شامىلى چاچلىرىمنى سىيپايدىغان بىر كۈنى ئىنىمنى دوستلىرى بىلەن قويۇپ ، قوشنىمىزغا ئۇنى كەچتە ئەكىرىپ كېتىشكە تاپىلاپ شەھەر يولىغا چۈشتۈم . ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئىرادىگە كەلگىنىمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران ئىدىم . بىراق ماڭا ، ياق بىزگە بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى ئەسلا يوق ئىدى .  
 
شەھەرگە بەلكىم تۇنجى كىرىشىمدۇ ، مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىسىمۇ بىراق ھازىرغا قەدەر تۇنجى كىرىشىم ئىدى . يولدىكى ماشىنىلار ، ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكى ، ئادەملەرنىڭ پۇزۇر كىيىنىپ يۈرۈشلىرى ئادەمنى باشقا بىر دۇنياغا ئەكىلىپ قويغاندەك ھېس قىلدۇراتتى .  
 
__ ھەي ، يالاڭتۈش ، نىمە بار ساڭا بۇ يەردە ؟  
 
ئۆزۈم بىلەن تەڭ دەمەتلىك ، كىينىشلىرى ئېسىل كەلگەن ئۈچ بالا ئالدىمدا تۇراتتى .  
 
__ گاچىمۇ سەن ، گەپ قىلىۋاتمەن ! نىمە بار ساڭا بۇ يەردە ! ؟  
 
__ مەن شۇ .....    
 
ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى . ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قورققان ئىدىم . ئۇلار كۈلگىنىچە مەن تەرەپكە قىستاپ كەلدى .  
 
__ ھەي ،ھەي ئاكام كەلدى .  
 
ئۇلاردىن بىرى شۇنداق دىيىشىگە قالغان ئىككىسىمۇ جىم بولۇشتى . كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . يەنە مۇشۇلاردەك ئېسىل كىيىنگەن ئۈچى كېلۋاتاتتى .  
 
__ ھە نىمە بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەرغۇ ؟ _ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە باللىلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ __ سەنچۇ ؟ كۆرۈشۈپ قويامدۇق يە ؟  
 
ئۇ قولىنى ماڭا تەڭلىشىگە مەن كەينىمگە ئاستا سۈرۈلدۈم . ئۇ مەندىن چوڭ چىقسا پەقەت بېرەر ئىككى ياش چوڭ چىقىشى مۇمكىن ئىدى .كەينىمگە يانغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى .  
 
__ مەن ئادەم يىمەيمەن ھوي ! نىمانداق قاچىسەن ؟  
 
ئۇنىڭ قولۇغا قولۇمنى ئاستالا بەردىم . ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ ،  
 
__ ئوغۇل بالا دىگەن مۇنداق بولمامدۇ !؟ ھە ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەر ! نىمە بېرەر نىمە دىيىشىپ قالمىغانسىلەر !؟  
 
__ ياق ئاكا ! شۇ مۇشۇ يولدىن ئۆتكەنلەرگە يىگۈدەك قاراپ ئولجىلارنى قاچۇردى ، شۇڭا بۇ يەردە ئولجا ئالالماي بۇنى ئەدەپلەيلىكمىكىن دەپ .  
 
ئۇ ماڭا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن  
 
__ قەيەردىن سەن ؟  
 
__ شەھەر سىرتىدىن .  
 
__ نىمە ئىش قىلىسەن ؟  
 
__ ھېچ ئىش . شەھەرگە شۇ ئىش بولسا قلاي دەپ كىرگەن .  
 
__ ھاھاھاھا !!!! شەھەردە ئىش ، سەندەك ، مەندەكلەرگە بۇ شەھەردە ئىش بارمۇ ؟ ئىش بولسا بىز مۇشۇنداق يۈرەمدۇق ؟ ئاتا ئاناڭ بارمۇ ؟ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟  
 
كۆزلىرىمگە لىق ياش ئالغان ئىدىم .  بېشىمنى يوق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتىم !  
 
__ بولدى ، بولدى . بىزنىڭمۇ شۇ ، ھەممەيلەن قارا يېتىم . ماڭا قارا بۇ شەھەردە بىز قىلىدىغان بىر ئىش بار بىللە قىلامسەن ؟  
 
__ نىمە ئىش ؟  
 
__ ئىشنى قىلىپ قوساق تويىدىغان ، كىيىم پۈتۈن بولىدىغان يامان ئىش !  
 
__ يامان ئىش ؟!  
 
__ شۇنداق خەقنىڭ يانجۇقى بىلەن قوساق باقىمىز ! قانداق ؟  
 
__ مەن ......  
 
ئىككىلەندىم . ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۇنۇ باللىلار ، ماڭا ئوخشاشلا قارا يېتىم ئىدى . ئۇلاردىمۇ باشقا ئامال يوق مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتاتتى . ئىككىلەنمەي تۇرالايمەنمۇ ؟؟؟  
 
__ بولدى ، كۆپ ئويلانما ؟ ماڭا قارا ماۋۇ پۇلنى يېنىڭغا سېلىپ قوي . بىزنى ئىزدىسەڭ ، سېپىمىزگە قوشۇلساڭ مۇشۇ كوچىدا پەيدا بول .  
 
ئۇ شۇلارنى دېدى ۋە قولۇمغا بىر قىزىل قەغەزنى ( ئۆمۈرۈمدە مۇشۇنداق كۆپ پۇلنى تۇنجى تۇتۇشۇم ئىدى) تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن كېتىپ قېلىشتى .  
 
مەنمۇ شەھەردىن قايتتىم . قوياشمۇ ئۆز ئۆيىگە ئالدىرىغاندەك قىلاتتى . قىسمەت مېنى يەنە قايسى باغلاردىن تاغلارغا تاشلا . ئاھ يېتىملىك !! 
                                                                           8  
ئىنىمنىڭ قورسقىنى تويغازغاندىن كىيىن ئىنىمغا قارىدىم .  
__ ئاكا ، بۇ پۇلنى قەيەردىن تاپتىڭ ! ؟  
__ نىمە چاتقىڭ قورسقىڭ بىلەن بولە !  
ئۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى . بىراق مېنىڭ جاۋابدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدى .  
بۇ يۈز سوم پۇلمۇ بىزگە بىر نەچچە ھەپتىلا يېتەتتى ، ئۇ ماڭا پۇل بېرىۋەرمەيدۇ دە ! قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇلارغا قېتىلسامچۇ ؟ ھەي بۇ يامان يول ، بىراق مەن دە بۇنىڭدىن باشقا يول يوقمۇ ؟  
كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ باشلىرىمنى ئالقانلىرىم ئىچىگە ئالدىم .  
ئەتىسى سەھەر تۇرۇپلا شەھەرگە ماڭدىم . تۈنۈگۈن كەلگەن كوچىغا يەنە كەلدىم . بىر ئاز ئۇياق بۇياققا ماڭدىم . يەنە ئىككىلىنىش ھېسياتى مېنى ئورايتتى .  
__ تۇرۇپ كېتىپسەنغۇ ! قانداق ئويلىنىپ بولدىڭمۇ ؟  
ئالدىمدا تۈنۈگۈن باشقىلار ئاكا دىگەن بالا تۇراتتى . مەن بېشىمنى شۇنداق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتىم . ئۇ كۈلگىنىچە كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى .  
__ئىسمىڭ نىمە ؟  
__ ئەسقەر .  
__ ھە جۈر باللارنىڭ قېشىغا بارايلى !  
شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچە كوچىدىن ئۆتكەندىن كىيىن پەقەت بىر قەۋەتلىكللا  ، ئىشىكىمۇ كونىرىغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق . ھويلا ئىچىگە كىرىپ بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئۆي ئەمەسلىكىنى كۆردۈم . بۇ ھويلىسى كەڭرى چۆگەلتىپ ئۆي سېلىنغان ، ئىچىدە 9 ئۆي با بولغان بىر تۇرالغۇ ئىدى .  
__ ھەر بىر ئۆيدە بىر بالا تۇرۇدۇ . ھازىر بىكا ئۆي يوق ، شۇڭا ئۆيۈڭ شەھەرگىمۇ نېرى ئەمەسكەن سەن ئۆيۈڭدىن كەلسەڭ قانداق ؟  
__ بولىدۇ .  
ئۇ دۇلامغا قولىنى قويۇپ  
__ئەتىدىن باشلاپ مەشىق قىلىسەن باشكا باللىلارنىڭ ھەركەتلىرىنى كۆرىسەن . بىر نەچچە ھەپتىدە بەلكىم كوچىغا چىققۇدەكمۇ بولۇپ قالاسەن !  
ئۇ ئۇچامغا بىر ھازا سەپ سالدى . ۋە قولۇمغا ئىككى قىزىل قەغەزنى تۇتقۇزۇپ  
__ مانىڭغا ئۆزۈڭنى بىر قۇر تۈزەشتۈر . ئەتە بۇرۇنراق مۇشۇ قورۇغۇلا كەل ! سەن بىللە چىقىپ ئۇنۇڭغا كىيىم ئېلىپ بەر !  
بىز چىقىپ كەتتۇق .  
__ ئىسمىڭ نىمە ؟  
__ ئەسقەر ، سېنىڭچۇ ؟  
__ قاسىم  
__ ھەي بۇ ئاكا دىگىنىڭلارنىڭ ئىسمىچۇ ؟  
__ تېخى بىلمەمسەن ؟ ئىسمى قەيسەر .  مەن شەھەرگە تۇنجى كەلگەندە ئۇ ماڭا ياخشى قارىغان كىيىن ماڭا شۇنى ئۈگەتتى ، ئۇ چاغدا چوڭ ئاكىمىز تېخى تۈرمىگە كىرىپ كەتمىگەن !  
__ چوڭ ئاكا ؟  
__ ھە ، بىزنى ئاساسلىق تەربىيەلىگىنى شۇ  ، ئالدىقى قېتىم بىرىگە پىچاق تىتقىپ قويۇپ 12 يىللىق كېسىلىپ كەتكەن !  
يەنە جىمىپ مېڭىشقا باشلىدۇق . مېنىڭ بۇنداق ماڭغۇم كەلمەيتتى .  
__ ئاتا ئاناڭ بارمۇ ؟  
ئۇ كۆزلىرىمگە بىر ھازا تىكىلدى .  
__ بىزنىڭ ھېچ قايسىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى يوق . قەيسەر ئاكام بىزنىڭ ھەم ئاكىمىز ھەن ئاتا ئانىمىز ئۇ بىزگە شۇنداق كۆيۈنىدۇ . كىچىك بولغان بىلەن كاللىسى ناھايتى ئىشلەيدۇ . بەزىدە تېخى بىزنىمۇ شۇنداق بولۇشقا كاللا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ !  
شۇنداق پاراڭلار بىلەن بىر نەچچە قۇر كىيىممۇ ئالدۇق ، ئۇنىڭغا ئىنىمغا يۇ ئالايلى دىسەم يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئېلىپ بەردى .  
ئەتىسىدىن باشلاپ بىر ئايغا يېققىن مەشىق قىلدىم . قولۇمنى قىززىق قۇمغا تىقاتتىم ، يىلىمان سۇدىن سوپۇننى يۇلۇپ ئالاتتىم .ئوتتۇرا بارمىقىم بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىم تەڭ بولغاندا مېنى بازار ئايلىنىشقا ئېلىپ چىقتى .  
ئالدىمدا قاسىم كېتىپ باراتتى ئۇ ماڭا ئولجا كۆرسەتتى . مەن ئولجىغا ئاستا - ئاسـتا يېققىنلاشتىم ، پۇت قوللۇرۇم بىر خىل تىتىرەيتتى . ئۇ كىشى ماشنا ساقلاۋاتقان بېكەتتە ئىدى . ئۇ كىشىگە يېققىن تۇردۇم . سەل ئەپسىز بىلىندى . ماشىنا كەلگەن ئىدى . ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قىستىلىپ چىقتىم ، ماشىنىغا بىر سوم پۇلنى سالدىم ۋە ئالدىمدىكى بايىلا يانجۇققا كىرگەن پورتمالنى ئالدىم . ۋە ئاقا ئىشككە بېرىپ كىيىنكى بېكەتتە چۈشتىم .  
__ ئەسقەر !!  
بېكەتتن چۈشۈپلا ئاڭلانغان ئاۋازدىن كەينىمگە قايرىلدىم .  
__ قاسىم .  
__ قانداق بولدى ! ؟  
پورتمالنى يانجۇقۇمدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم . ئۇ كۈلۈپ كەتتى . ئىككىمىز بىرلىكتە يەنە تۇرالغۇغا قايتتۇق . ھەممەيلەن مېنىڭ بۇ ئىشىمنى ماختىشاتتى . قەيسەر كۈلۈپ  
__ مەن تۇنجى قېتىم بازار ئايلانغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ بولىشچە تاياق يىگەن ئارىمىزدا تۇنجى قېتىم تېخى سەندەك ئولجا ئالالىغىنى يوق . ھەقىقەتەن بولىدىكەنسەن !  
پورتمالنىڭ ئىچىدە 300يۈئەن ، يەنە كىملىك قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى .  
__ كىملىكنى قانداق قىلىمىز !؟ __مەن ئۇلارغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم .  
__ بۇ ئاسان بىزمۇ ئۇنى يالغان يۈتتۈرىمىز ، تېپىۋالغۇچلار ئۆز ئىگىسىگە ياندۇرۇپ بېرىدۇ !  
شۇنداق قىلىپ ئەنە شۇ تۇنجى ئولجا بىلەن مەنمۇ بازار ئايلىنىشقا كىرىشىپ كەتتىم . ئىنىمنىمۇ شەھەر ئىچىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇپ مەنمۇ قاسىمنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ياتىقىغا قىستالدىم . ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم سولاقخانىلاردىمۇ بىر نەچچە قېتىم يېتىپ چىقتىم . دوختۇرخانىدىمۇ ياتتىم . دۇنيانىڭ ھەممە خوۋلۇقىنى كۆردۈم ، كىچىكلىكىمگە باقماي بېشىمدىن نى نى ئىشلارنى ئۆتكۈزدم . ھايات مېنى شۇنداق قىىشقا قىستىغان ئىدى . 
                                                                       9    
ھايات نىمە دىگەن رەڭدار ، بىراق مەن شۇ رەڭدار ھاياتتا 20 ياشقا كىرگىچە رەڭ قارىغۇسىدەك ياشاپ كەلگەن ئىكەنمەن . 10 يىل بازار ئايلاندىم . توغىرىسى  بۇ 10 يىل جەريانىدا جەمىيەتنى چۈشەندىم . ھازىر بازار ئايلىنىشمۇ بۇرۇنقىدىن تەسكە چۈشكەن ئىدى. شۇڭا باشقا ئىش قىلمايمۇ بولمايتتى .  
بىر كۈنى قەيسەر ھەممەيلەننى يىغىپ  
__ يېقىننىڭزى بەزى ئىشلار بىزنىڭ بازار ئايلىنىشىمىزغا كاشلا بولۋاتىدۇ . يەنە كېلىپ كىشىلەر يانجۇققا نەخ پۇل سالمايدىغان بولىۋالدى . شۇڭا بىز چېىچىلىپ باشقا ئىش قىلساق ، ھەم بىزمۇ 10 ياشلاردىكى باللاردىن ئەمەس . باش ئەزايىمىز ساپمۇ ساق ، كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساق بىر نىمە دەپ بولمايدۇ شۇڭا ھەممەيلەن نىمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلايلى . بازار ئايلىنىمەن دىگەنلەرگىمۇ يول ئوچۇق .ئامال بار ھالال ئىش قىلايلى .  
ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ نىمە ئش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن دىيىشتۇق . قەيسەر يەنە ئالدىغا بىر مۇنچە پۇلنى قويۇپ  
__ بۇ بىزنىڭ 10 يىلنىڭزى يىققان پۇللىرىمىز . ھەممەيلەنگە ئوخشاش . مەنمۇ شۇنىڭ قاتارىدا !  
پۇلنى ساناپ چاچقاندىن كىيىن ھەر بىرىمىزگە 22مىڭدىن كەلگەن ئىدى . قىزىق مېنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلۇم بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم . پۇلنى قولۇمغا ئالغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلشنى ، نىمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمىدىم . ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ بىر كۈن ھېچ ئىش قىلماي ياتتىم . ئەتىسى مەھەلىنى بىر ئايلاندىم . مەھەلىدە نىمىنىڭ كاملىقىنى ، قايسى ئىشنى قىلسام مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاندىم . ئاخىرى كۆچمە خەۋەلىشىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم ، ھازىر ھەممەيلەن ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدە بولغاچقا قول تىلفۇنمۇ ئومۇملىشىۋاتاتتى .  
بىر نەچچە ھەپتە چېپىپ يۈرۈپ دىگەندەك ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاران پۈتتۈردۈم ، تېخى كۆچمە خەۋەرلىشى شىركىتىگە قەرىزمۇ بوپ قالدىم . 22 مىڭ يۈئەن بىلەن بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن !  
دۇكاننىمۇ ئېچىپ سودىغىمۇ چۈشۈۋالدىم ، سوداممۇ يامان ئەمەس ئىدى .  
بىر كۈنى شەھەرگە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كىردىم . كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئادەم ناھايتى كۆپ ئىدى. ئولتۇرۇدىغان ئورۇنمۇ يوق ئىدى . ئۆرۈلا تۇردۇم . بىر نەچچە بېكەت ئۆتۈپ بىر قىز ماشىنىغا چىقىپ كەلدى . ئۇ قىز كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنگەن ئىدى . ئۇ قىز ئالدىمغا كېلىپلا تۇردى .  
ئۇ قىزنىڭ سومكىسىغا قانداق بولۇپ قولۇم كىرىپ قالدى ، بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم ئىدى . ئۇ قىزنىڭ پورتمالىنى ئالدىم . كىيىنكى بېكەتتە يەنىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم ۋە كەينىدىكى بېكەتتە ماشىنىغا چىقتىم .  كەچتە دۇكانغا كىرىپ كارتىلارنى تىزىپ بولغاندىن كىيىن قىزنىڭ پورتمالىنى كۆردۈم . ھەي خەت ئۇقمايدىغىنىم !  
شۇ ئارلىقتا ئىنىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى . جۈمە كۈنى بولغاچقا ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى .  
__ ئۈمۈد ، ئۇكام ماۋۇنى ئوقۇغىنا !  
ئۇ قولىغا قىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ  
__ مەغپىرەت ، ئاكا كىم بۇ ؟  
__ بىلمەيمەن ، ماۋۇ پورتمالىنى تېپىۋالغان ، شۇنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن !  
ئۇ ھازىرغا كەلگىچە مېنىڭ بازار ئايلىنىدىغىنىمنى بىلمەيتتى شۇڭا ماڭا ئاسانلا ئىشەندى .  
ئەتىسى يەنە شەھەرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كەلدىم.  
__ ماۋۇ كىملىككە ئاساسەن مۇشۇ كىملىكتىكى كىشىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بىلگلى بولامدۇ ؟  
__ بۇنداق قىلساق بولمايدۇ !  
مەن بېشىمنى بىر دەم قاشلىغاندىن كىيىن    
__ ماۋۇ كىملىكنى پورتمالى بىلەن تېپۋالغان ئىدىم . شۇڭا ئېگىسىنى تاپالماي ... مۇمكىن بولسا ... ئىزدەپ بەرگەن بولسىڭىز !  
__ قائىدىگە خىلاپ ئىدى . بوپتۇ ياخشى ئىش قىلىمەن دەۋېتىپسىز ! تېپىپ بېرەي !  
ئۇ قىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىغاىمۇ بىر دەمدە ئېرىشتىم . شىركەتنىڭ سىرتىغا چىقىپلا ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلدىم .  
__ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !  
تىلفۇندىن خۇددى باھار شامىلىدەك يەڭگىل بىر ئاۋاز كەلمەكتە ئىدى .  
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !  
__ سىز .. ؟  
__ ھە مۇنداق ئىش ، مەن بىر پورتمال تېپىۋالغان شۇنى ئېلۋالامدىكىن دەپ تىلفۇن قىلغان ئىدىم . باغچىغا كېلەلەمسىز ؟؟  
ئۇ قىز بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن  
__ بولىدۇ . مەن يەنە 15 مىنۇتتىن كىيىن يېتىپ بارىمەن !  
ئۇ قىز راست دىگەندەك 15 مىنۇتلاردىن يېتىپ كەلدى ، يېنىمدلا تۇرۇپ ماڭا تىلفۇن ئالدى .  
__ مانا مەن !  
ئۇ قىز ئالدىمغا كەلدى . مەن ئۇ قىزغا پورتمالنى تەڭلىدىم ، ئۇ قىز خۇددى بىرسىدىن خىجل بولغاندەك پوتمالنى قىزىرىپ ئالدى .  
__ ئىچىدىكى نەرسىلەر ساقمىكەن ، قارىۋېلىڭ !  
ئۇ قىز يەنە قىزارغىنىچە پورتمالىنى ئاختۇردى . ۋە ماڭا قاراپ  
__ ئىچىدىكى نەرسىلەر جايىدىكەن ! رەھمەت سىزگە !  
مەنمۇ باشقا گەپ قىلمىدىم ،  
__ تاماق يىدىڭىزمۇ ؟  
__ ھە بايىلا يىگەن __ جىددىيلىشىپ شۇنىلا دىيەلىدىم.  
__ ئەمسە تىلفۇن نۇمۇرىڭىز مۇشۇ شۇغۇ ؟  
__ ھەئە ، سىزنىڭمۇ مۇشۇ شۇغۇ ! مەن بىكار بولغاندا سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي قانداق !؟  
__ مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىدىغان تۇرسام ، سىزنى مەن تەكىلپ قىلسام توغرا بولار !  
__ ئەمسە شۇنداق كېلىشتۇق !  
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم . ئۇ قزىغا ئارىدا بىر نەچچە تىلفۇن قىلىپ تاماقنىمۇ بىللە يىدۇق . بەزىدە ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلسام ئالالماي قالسا جىددىيلىشىپ قالاتتىم، خۇددى ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قالىدىغاندەك . يدمدن خىياللارنى قىلىپ كېتەتتىم .  
بىر كۈنى بىللە تاماق يىگۈچە ئۇ مەندىن  
__ ئاتا ئانىڭىز نىمە ئىش قىلدۇ ؟ __ دىگەن سۇئالنى سوراپ قالدى  
كۆزلىرىمگە يەنە شۇ سوغۇق ، ئاچچىق بىر سېزىم تىقىلدى  
__ يوق ! ئايا ئاانم يوق ، دۇنيالىقتا پەقەت بىرلا ئىنىم بار مۇشۇ شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . سىزنىڭچۇ ؟  
__ دادام سودىگەر ، ئانام بولسا ئائىلىدە ! سىزچۇ نىمە ئىش قىلىسىز .  
__ مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تارماق دۇكىننى ئاچىمەن !  
__ ھە ، مەن سېستىرا ، دادام تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغىچەم مېنى تىببى مەكتەپكە ئەۋەتىۋەتكەن ، ھازىر شۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا !  
ئارلىقىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەر شۇ . مېنىڭچە ئۇمۇ ماڭا قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى . بىز ئەنە شۇنداق ئالاقىلىشىپ تۇردۇق . ئۇنىڭغا شۇنداق كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇم كېلەتتى يۇ يەنە پەيىت ئىزدەيتتىم .  
بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر بىرمىزنى بىر كۈن كۆرمىسەك چىداشمايدىغان ھالەتكە يەتتۇق ! ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلدىم ! ئۇمۇ رەت قىلمىدى . بىزنىڭ گۈزەل كۈنلىرىمىز ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاندى . شۇ كۈندىن باشلاپ ھايات ماڭا تېخىمۇ رەڭدار ، تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىشكە باشلىدى . بىراق ھاياتنىڭ شۇ گۈزەللىكى ئىچىدە مېنى يەنە قانداق سىناقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتىم 
                                                                     10 
__16388سېنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ  
ئۆزۈمنى خىياللار ئېلىكىدىن ئالدىم . بىر خىل خوش ياقماسلىق نەزىرىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم .  
__ باشلىق كىمكەن ؟__ تۈرمىدە تۈرمە ساقچىسىنىڭ ھەممىسىنى باشلىق دەيتتۇق . ئۇ ماڭا بىر خىل قىزىقىش نەزىرىدە قارىغاندىن كىيىن  
__ نەچچە قېتىم سېنى يوقلاپ كەلگەن ئايال ئەمەس ، بىر قىز ! بولغاندۇ ؟ تىز بۇ ياققا چىق ! 
كامىرنىڭ سىرتى كامىر ئىچىدىن خېلىلا سوغۇق ئىدى . ئەتراپنى قوياش نۇرى يۇرتۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، بىراق كۈز شامىلى ئۇنىڭ ھارارىتىنى قاياقلارغىدۇر قاچۇرغان ئىدى .  
__ ئەسسالام قوياش ، سېنىمۇ بوزەك قىلىدىغان كۈز پەسلى كەپتۇ دە ! بولدى ، قىينالما ئۇنى ھەرگىزمۇ بوزەك قىلالمايسەن كۈز ! بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا !  
كۆرۈشتۈرۈش ئۆيۈگە كىرىپ تۇرۇپلا قالدىم .  
__ مەغپىرەت ؟! __ ئۈنۈم بىر خىل تىترەپ چىقاتتى ، ئۇ كۆزلىرىمگە لاپپىدە بىر قارىدى . ئۇنىڭ ئىششىغان قىزارغان كۆزلىرىدىن يىغلىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . __يىغلاپسىزغۇ ؟ بېرەر ئىش بولدىمۇ ؟  
ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن يىغلىغىنىنى بىلەلمەي تىت تىت بولاتتىم . ئۇ يىغىسىدىن توختىدى .  
__ نىمىگە يىغلايسىز ؟ نىمە بولدى ؟ ئۆيدە بېرەر ئىش بولدىمۇ ؟  
ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئەپقاچاتتى ، بىراق سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بېرەلمەيتتى .  
__ مېنى تىت تىت قىلماڭ مەغپىرەت نىمە ئىش بولسا دەۋېرىڭ !  
__ مېىنڭ تويۇم بولماقچى ....__ مەن سەزگۈللۈرۈمگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدىم .  
__ نىمە ؟!!!!__ ئاۋازىمنىڭ بۇنداق قاتتىق چىقىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .  
__مەن ئامالسىز ئەسقەر ، دادام ماڭا سېنى ئۇنداق لۆكچەككە بەرمەيمەن دەيدۇ . ھەم مېنى ئۆزىنىڭ يېققىن ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى . مەن راستىنلا ئامالسىز قالدىم . سىز سىرىتتا بولغان بولسىڭىزمۇ بۇنداق بولۇپ كەتمەس ئىدىم ئەسقەر .  
قوللىرىم ئوتتۇرىمىزدىكى توسۇق رىشاتكىنىڭ تۆمۈرىنى چىق قامالىغىنىچە ئۆزۈم تەرەپكە كۈچەپ تارتاتتىم . 
ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتكەن ، مەغپىرەتكە نىمە دىيىشىمنى ، قانداق يول كۆرسىتىشىمنىمۇ بىلمەيمەن .  
__ مەن نىمە ئۈچۈن تۈرمىگە كىردىم ، مەغپىرەت بۇنى داداڭ بىلمەمدىكەن ؟ __ قوشۇمۇللۇرۇم چىڭ تۈرۈلگەن ، ئاچچىقتىن بولسا كېرەك ، مەغپىرەتنى سەنلەۋاتاتتىم . __ نىمە ئۈچۈن لۆكچەك بولدۇم بۇنىمۇ بىلمەمدىكەن ؟  
مەغپىرەت يەنە يىغلىماقتا ئىدى . ئۇنىڭغا قاراپ قىزلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز بولىدىغانلقىغا ئىشەنمەيمۇ ئامال بولمىدى . كۆرۈشتۈرۈش ۋاقتىمۇ توشقان ئىدى . مەغپىرەتكە قاراپ ئىچىم سىيرىلماقتا !  
__ خەيىر ، ئامان بول مەغپىرەت ، بەخىتلىك بول ! __ سۆزلىرىمنىڭ ئايغىنى ئېيتىۋاتقىنىمدا بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بوپ كەتتىم .  
كۆرۈشتۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا مەغپىرەتنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازى يۈرەك باغرىمنى تىلىپ ئۆتتى . ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتقانچە يىغا مېنى قاپساپ تۇراتتى .  
كامىرغا ئۇدۇللا كىرىپ كەتتىم ، تۈرمە ساقچىسى ماڭا تەئەججۈپلەنگەن ھالەتتە بىر قارىدى ، ۋە كامىرنىڭ ئىشكىنى شالاقلاتقىنىچە ئېتۋەتتى .  
كۆزلىرىم ئاشۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭغا تىكىلگەن . كاللام قۇپقۇرۇق ، شۇ قوپقۇرۇق كاللامدا بىرلا سىما مەغپىرەتنىڭ سىيماسى جىلۋىلىنەتتى .  
ئاشۇ ئىش ، تۈرمىگە كىرىپ قېلىش ئىششى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتشكە باشلىغان ئىدى .  
مەغپىرەت بىلەن كوچىدا بىللە كېتىۋاتىمەن . پاراڭلىشىپ چاقچاقلىشىپ دىگەندەك ، ئۇ تېپىشماق ئېيتسا مەن تاپاتتىم ، مەن ئېيتسام ئۇ تاپاتتى . بەزىدە يۇمۇر ئېيتىپ ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىپ ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك بىر بىرمىزنى قوغلىشىپ ، يولنىڭ ھەممە يېرىدە يۈگۈرىشىپ ماڭاتتۇق .  
ئالدىمىزدىن كېلىۋاتقان ئىككى مەسنى كۆرۈپ مەغپىرەت كەينىمگە ئۆتۈۋالدى . مەنمۇ ئۇ ئىككىسىدىن مەغپىرەتنى قوغداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىزلا بىرى چاققانلىق بىلەن  
__ ھوي تۇمۇچۇق __ دەپلا مەغپىرەتنىڭ قولىدىن تارتتى .  
__ قويۇۋەت __ ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك جاراڭلىق چىققان ئاۋازىمدىن ئۇ مەسلىكتىن كونتۇروللۇقىنى يوقاتقان كاللىسىنى كۆتۈرۈپ  
__ نىمە ؟ قەھرىمان بولغىڭ بارمۇ ئۇكا ؟! تۇمۇچۇقتەك قىز بالا بىلەن كۈندە بىر ياتىسەن ھەقىچان . بېرەر كۈن بىز ياتساق نىمە بوپتۇ ! ؟  
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى سۆڭەك سۆڭكىمدىن ئۆتتى . مەغپىرەت بولسا ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقىنىشقا تىرىشىپ كۈچەپ خۇددى كىيىك بالىسىدەك جانسىز تىپىرلايتتى . 
قەيەردىن كەلگەن كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدىنكىن ئۇنى مۇش بىلەن بىرنى سالدىم . دەلەڭشىپ بېرىپ يىقىلغان بولسىمۇ يەنە ئورنىدىن تۇردى . مەسلىكتىن بولسا كېرەك يەنە بىرىمۇ مەن تەرەپكە يېققىنلاشماقتا ئىدى . ئىككىسى بىلەن بىر ھازا تۇتۇشتۇم . بىراق قاياقتىندۇر كەلگەن چارلاش ساقچىللىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم . بۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ باش كۆزلىرىم ئىششىق ئىدى .  
توۋا 15 كۈندىن كىيىن ئېچىلغان سوت مېنى گاڭگىرىتپلا قويدى . 4 ئايلىق كېسىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى بولغان 8 مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن. پۇلغۇ مەيلى بىراق بۇ 4 ئاي .... 
كۆزلىرىمنى تورۇستىن ئالدىم . كىيىن كىمنى ئۇرغىنىمنى ئاڭلاپ مەنمۇ ھەيران قالدىم .  
بىرى شەھەر باشلىقىنىڭ ئىنىسى ، يەنە بىرى شەھەر باشلىقىنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى ئىكەن . ماڭا بۇنى دەپ بەرگەن تۈرمە ساقچىسى مېنڭ نىمىشقا مۇنچە ئۇزۇن يېتىشىمدىن ئارتۇقچە گۇمانلانمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا پەقەتلا كۈلۈپ قويغان ئىدىم .  
ھەي يەنە 12كۈن قالدى ، تىزىرەك بۇ قەپەستىن ئازات بولسام بولاتتى . كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغان بولساممۇ ئۇخلىيالمايتتىم .... يىراق _ يىراقتىن ئىتلارنىڭ ھوۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . 
                                                       خاتىمە   
تۈرمە ئىشىگىدىن بىر پۇتۇمنى ئېلىشىمغىلا  
__ ئاكا!!!!__ دەپ يۈگۈرۈگىنىچە ئۈمۈت يېتىپ كەلدى ، ئۇ مېنى قۇچاقلىغىنىچە  
__ ئاكا سېنى شۇنداق سېغىندىم ! __ ئۇ يىغلاۋاتاتتى ، مەنمۇ ئۇنى قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم .  
__ ئەسقەر ، بىزنى كۆرۈشكە كۆزۈڭمۇ يوق شۇنداقمۇ ؟  
__قەيسەر ! __ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمنى يوغان ئاچقىنىمچە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم __ بارمۇ سەن ئاداش !  
ئىككەيلەن بىر ھازا بىر بىرمىزگە قانماي قۇچاقلاشتۇق .  
__ قارا ، يەنە كىم باركەن ؟  
ئۇ مېنىڭ مەڭدەپ قالغىنىمنى كۆرۈپ   
__ بۇ يەڭگەڭ !  
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيتتىم . ئالدىمدا ئۇ ماڭا يەڭگەڭ دەپ تونۇشتۇرغىنى باشقا بىرى ئەمەس مەغپىرەت ئىدى . ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم . پەقەت  
__ مۇبارەك بولسۇن !  
__ھاھاھا !!! ئەسقەر ، تونۇيالمىدىڭمۇ ؟ بۇ مەغپىرەت !  
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بوپ تۇرغىنىمدا بۇنىڭ كۈلكىسى مېنى تېخىمۇ جىيلە قىلدى .  
__ بولدىلا ماشىنىغا چىقىپ دەپ بېرەي ئاداش .  
ئۇ شۇنداق دىگۈنىچە مېنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى . بۇ ماشنىدا مەن ، قەيسەر ئىككەيلەنلا بار ئىدۇق.  
__ ماڭا قارا ئاداش __ ئۇ گەپ باشلىدى .__ بازار ئايلىنىشنى توختاتقاندىن كىيىن ، مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىكىنى ئېلىپ سودىغا كىرىشىپ كەتتىم . سودا جەريانىدا مەغپىرەتنىڭ دادىسى بىلەن تونۇشتۇم . شۇ جەرياندا مەغپىرەتكە قىزىقىپ قالدىم . قىزىق ھە ! ئۇنىڭدىن بىر كۈنى ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ دەپ سورىسام ، بار دەپ جاۋاپ بەردى . ۋە سېنىڭ رەسىمىڭنى ماڭا كۆرسەتتى . سېنى بىر كۆرۈپلا تونۇدۇم . شۇندىن كىيىن ئۇنىڭغا باشقىچە كۆزدە قارىمىدىم . ئۇنىڭ دادىسى ئىككەيلەننى چېتىپ قويۇشقا تۇتۇندى . بىلەمسەن شۇ كۈنلەردە سەن تۈرمىدە ئىدىڭ . سېنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۈرمىگە كىرگىنڭنى مەغپىرەت ماڭا ئېيتىپ بەرگىنىدە مەن مەغپىرەتىنىڭ دادىسىغا ئەھۋالنى ئېيتتىم ، ۋە ئۇ ئادەمگە ئازراق سېسسىق گەپ قىلىپ قويدۇم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ھەممىدىن يېنىۋالدى ، ئاداش بايقى يەڭگەڭ دىگىنىم پەقەتلا چاخچاق . بىرلا سېنىڭ تويۇڭ ئۇنىڭ بىلەن بولىدۇ ئاداش .  
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم . كەينىمدىن كېلىۋاتقان ماشىنىغا پات پات قاراپ قوياتتىم .  
__ يەنە بىر گەپ . ماۋۇ خەتنى ... 
ئۇ ماڭا بىر پارچە قاتلانغان خەتنى تەڭلىدى . خەتنى قولۇمغا ئالدىم . تونۇش بىر ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى . 
<< ئەسسالام ئوغلۇم ئەسقەر  
سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ شۇنداق ئاتىشىمغا يول قوي ، ئانىنىڭ مېھىر مۇھەببىتىدىن تاش ئېرىيدۇ . بىراق مەن ساڭا ۋە ئىنىڭغا شۇ خىل مېھىرنى بېرەلمىدىم . بىر ئانىنىڭ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىيالماسلىقتىن ئارتۇق گۇناھ بولمىسا كېرەك . مەن ئەنە شۇ ەۇناھنى قىلدىم .  
ئوغلۇم . مەن كەتتىم ، سېنى ۋە ئىنىڭنى تاشلاپ يەنە كەتتىم . بىراق بۇ قېتىم كەلمەيدىغان بىر يەرگە يەنى داداڭلار كەتكەن يەرگە كەتتىم ، سەن بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا ئاشۇ ئىللىق تۇپراق مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولىدۇ ! ئىنىڭغا ياخشى قارا ! ئۇنىڭغا ئانا ھەم دادا بوپ يەنە ياشايسەن ئوغلۇم . سېنى جاپادا قويدۇم !  
ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغان گۇناھكار ئاناڭدىن >>  
كۆزلىرىمدىن ياش خۇددى يامغۇردەك تۆكۈلگەن ئىدى . مېنى ئەسقەر كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ ئولتۇراتتى .  
__ ئاداش ، ئانام ...__ ئاغزىمدىن شۇ سۆز ناھايتى تەستە ، ناھايتى ئاجىز چىقاتتى . نىمە قىلمىسۇن مەن ئۇنىڭ ، ئاشۇ ئانىنىڭ قوسقىدىن چۈشكەن . ئاشۇ ئاننىڭ قوسقىدا ياتقان ئەمەسمۇ !  
__ ئانام نىمە بوپ ئاداش ؟ __ كۆزلىرىمدىكى ياشنى توختىتالمايتتىم .  
__ راك ، راككەن ئاداش . مەنمۇ كىيىن ئۇقتۇم . ھوي ئاكا ماشىناڭنى قەبىرىستانلىق تەرەپكە ھەيدە !  
ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى . ماشىنا يولنىڭ ئىككى قاسنىقى ئاق تەرەك بىلەن توسۇلغان ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى ، كۈزدە چۈشكەن غازاڭلار ماشىنىڭ چاقىدىن ئۇچۇپ ماشىنىغا ئەگىشىپ بىر يەرلەرگىچە باراتتى يۇ _يەنە توختاپ قالاتتى . قىيسايغان قوياش قەبىرىستانلىقتكى ھەر بىر قەبىرنىڭ يۈزىنى سۆيگىنىچە ئۆز ئۆيىگە ئالدىرايتتى . ۋە نىمگۇدۇر قانمىغاندەك كۈز غازاڭلىرىنى ئاستا ئاستا شىرىلدىتاتتى . ئاشۇ شىرىلداشلار ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىغىنى ، ئىچ ئچىدىن ئۆكسۈپ ، ئۆكسۈپ يىغلىغىنى ئاڭلىناتتى ، يۈرگىنى بولسا قايسىدۇر پۇشايماننىڭ غاجاۋاتقىنىنى ئاشۇ ئۆكسىگەن يىغا ئاۋازىدىن بىلۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى . 
[align=center ]8-ئاينىڭ 1-كۈنى  
مەڭگۈلۈك ئاخسا شۇم 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |