مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 7

بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15194
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5289 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 08:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك؟

ئانا بۇلۇش بۇيۇك بىر نېمەت ۋە تەڭداشسىز بىر شەرەپ .بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن سازاۋەر بولالايدۇ. بالا تەربىيىسىدە ھەر تەرەپلىمە بىلىم ۋە تەجىربە ئىگەللەش ئىنتايىن زورۇر .
بالا تەربىلەش ئاتا -ئانا بولغۇچىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ ،ئاساسى مەسئۇلىيەت يەنىلا ئانىنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ. بۇيۈك بىر زات شۇنداق ئېيتقان : بىر ئايالنىڭ ئەقلىنى ئولچىمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىلىگەن بالىلىرىغا قارىغىن. بۇنىڭدىن بالا تەربىيىسىدە ئانا رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمىز .
ھازىرقى زامان كىشىلىرى مۇرەككەپ تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشاۋاتقاچقا ، كەيپىياتنىڭ ئۆزگۇرىشىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بالا تەربىيىسىدە ئاتا -ئانىلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقىنى زادى نىمە ؟
نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئارانلا ساۋادى بار ھەتتا ساۋاتسىز ئانىلىرىمىز تەربىلىگەن بالىلارنىڭ ساپاسىغا قارىغاندا مەلۇماتلىق، بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ياش ئاتا -ئانىلار تەربىيىلىگەن بالىلارنىڭ ساپاسى كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بالىنىڭ ساپا تەربىيىسىدىن باشقا يەنە ئەقىدە-ئەخلاق ۋە مىجەز خاراكتىر ھەققدىكى تەربىيەگە سەل قارىلىۋاتقانلىقى سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى بالىلار ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق زىرەك. شۇنداق تۇرۇپ بۇ بالىلارنى تەربىيىىلەش ئويلىغىنىمىزدەك ئاسان بولمايۋاتىدۇ.
بالا تەربىيىسى قوپاللىق ،قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەمەس ، بەلكى سەۋر -تاقەت، مېھرىبانلىق، شەپقەت، سەزگۈرلۈك بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق ئارىسىدا ئادالەت بىلەن تەربىيەت قىلىش كېرەك. زىيان بىلەن پايدىنى ئايرىيالمايدىغان گۆدەكنى تىزگىنسىز تۇتۇش ئەڭ چوڭ خاتالىق. ئانىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا جازا ياكى تەنبىھتىن قورقۇپ ئەمەس ، ھۆرمەتلىك ھامىسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە سويگۇ سەۋەبىدىن ئىتائەت قىلغان بالا ئادالەت بىلەن تەربىلەنگەن بولىدۇ.
ئادالەتلىك تەربىيبنىڭ شەرتى- ئاتا -ئانىغا بولغان ئىتائەتنى ،ئېتىقادقا بولغان ھۆرمەتنى ،ئەل-يۇرت ،خەلقىنى سويۇشنى،چوڭ -كىچىكلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى بالىلارنىڭ قېنىغا سۇت بىلەن سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.
ھەرقانداق بىر ئاتا- ئانا بالىسىنىڭ يارامسىز، بەتخۇيلۇق بۇلۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ ئەلۋەتتە .ئەمما ئۇسۇل ۋە پرىنسىپ جەھەتتىكى خاتالىق بالا تەربىيىسىدە ئوخشاش بولمىغان تەربىيىسىز ھاسىلاتلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.گەرچە ئانا بالىغا تىلى ئارقىلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆگەنسىمۇ ،لېكىن ئىش- ھەرىكىتى ناچار بولسا ئۇ بالىنى يامان خۇلۇققا ئۆگەتكۈچى بۇلۇپ قالىدۇ. چۈنكى بالا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئاتا-ئانىسىغا تەقلىد قىلىشقا ئامراق بۇلۇپ ،ئاتا-ئانىنىڭ خۇلقى بالىلار ئۈچۈن تەبىئەت ھۆكۈمىگە ئوخشايدۇ. بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ھېچكىمنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ يامان ئىللەتنى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆگەنگەن. مەرىپەتلىك ،ئەقىدىلىك ،ئىنساپلىق ئاياللار تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن بالىلار گۈزەل خۇلقلۇق ،غەيرەتلىك ،توغرا پىكىرلىك ،خەيرلىك ئىشلارغا ھېرىس ساغلام روھى ھالەت بىلەن چوڭ بولىدۇ. تەربىيىسىز مەسئۇلىيەتسىز ئانا تەربىيىلىگەن بالا ھەم ئانا تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغان بالا ھىممەتسىز، يامان خۇلقلۇق ، يارامسىز چوڭ بولىدۇ.ئۇلاردىن چىققان ئالىم رىياكار،سودىگەرلىرى يالغانچى ،بابلىرى ئاچ كۆز، گادايلىرى تەكەببۇر ،شاگىرتلىرى ھۈنەرسىز، ئاياللىرى ئەخمەق ،چوڭلىرى شەپقەتسىز رەھىمسىز ،كىچىكلىرى ئىتائەتسىز بەتپېئېل بۇلۇپ چوڭ بولىدۇ.
ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئايال شۇنى ئېتىراپ قىلىۋاتىمىز ھازىرقى تەربىيە كۆرگەن ئاياللىرىمىز تەربىيىلىگەن بالىلار قانداق چوڭ بولۇۋاتىدۇ؟!
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى مەقسىدى زادى نىمە ؟ نۇقۇل بىر قوسىقىنى بېقىشنى بىلىدىغان «ئىنسان» تەربىيىلەشمۇ ياكى ھەق-ناھەق قارىشى تىكلەنگەن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئىنسانى ھىسداشلىق ۋە ئادالەت قارىشىغا ئىگە ئادەمنى قاتارغا قوشۇشمۇ؟
بالا تەربىيىسىدە
1. مۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇش ،تەقدىرلەش ،ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلىگىلى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ.
2. بالا باراۋەر مۇئامىلىدە ئادىللىقنى سەۋر-تاقەتنىڭ ئىچىدە قانائەتنى ئۆگىنىدۇ.
3. بالىنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىش ،ئۇنىڭ ئارزۇسىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرۈش كېرەك.
4. بالا بىلەن يۇزمۇ-يۇز توقۇنۇشۇپ قىلىشتىن، ئاچچىقلانغاندا بالىغا ئىمكانىيەت بەرمەي كۆتۇلداۋىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالا بېسىلغاندا ئاندىن ئۆز قارىشىڭىزنى ئېيتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى چۇشۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
5.بالىدا مەسئۇليەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ئىنتىلىش ۋە غەيرەتنىڭ كامالەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك.
6.بالىنىڭ يۇرەك ساداسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تىڭشاش قېيىداشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بىلەن قارا ش. كىچىك دەپ سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى كونىلاردا « ئەگرى دەرەخ بىر كۈندىلا چوڭ بولمىغان» دىگەن گېپى بار.
7 . بالىلارنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەتخۇرلۇق ، تەكەببۇرلۇق ، چېقىمچىلىق ، يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق -ئىللەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ بۇيۈك مۇھەببەت ، جەسۇرلۇق ، ئېتىقاد ، ئادالەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش بالىنىڭ گۈزەل ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولۇشىدىكى مۇھىم ئاساسىدۇر.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە ، مۇشۇ ۋاقىتتىكى تەربىيە بالىنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە رولى ئىنتايىن چوڭ. بىزنىڭ سەل قاراۋاتقنىمىز دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى تەربىيە بۇلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىزنىڭ تۇرۇشىمىزغا پاراۋانلىقىنى، يۇقىرى ئىستىمالىنى ئاتا قىلغان بولسا ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىدە ،ئاتا-بالا ،ئاتا -ئانا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنمەس بوشلۇق پەيدا قىلىپ بىزنى بالىلىرىمىزغا بولغان مەسئۇليەت ۋە مىھرى-مۇھەببەتتىن ئاتا-ئانىغا بولغان ۋاپادىن ئايرىپ قويۇۋاتىدۇ. بالىلىرىمىز بالا باققۇچىلارنىڭ،ياشانغان بوۋا -مومىسىنىڭ ئېشىپ كەتسە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، قولىدا تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بالىلار بىر بولسا ئەتىۋارلىق شاھزادە مەلىكە بىر بولسا تۇزۇك تەربىيە كۆرمىگەن گۆدەكلەرنىڭ سەۋرسىزلىكى تۈپەيلىدىن دەككە -دەشنام سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراپ چوڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولىۋاتقان يۇرەك پارىلىرمىز بىز كۈتكەن ئۇمىدتە چوڭ بۇلامدۇ؟ زىيادە ماختاش ئىچىدە چوڭ بولغان بالا تەكەببۇر ، ئىزا-ئاھانەت ئىچىدە چوڭ بولغان بالا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ، ئۇرۇش -جېدەل ئىچىدە چوڭ بولغان باللا كاززاپلىقنى، بەك ئامراقلىق ئىچىدە چوڭ بولغان بالا ھەسەتخۇرلۇقنى، تاپا -تەنە ئىچىدە ئۆسكەن بالا باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ،مېھرى-شەپقەت كەمچىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا باشقىلارغا سوغاق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ. دىگەن ھۆكۈم بار. ئۇنداقتا ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، قېنى بىز بالىلىرىمىزغا ئىنساپ ۋە مېھرىبانلىقنى ئۆگىتەلىدۇقمۇ؟ ھۆرمەت ۋە ئەدەپ ئۇرۇقلىرىنى سەبى قەلبلەرگە چاچالىدۇقمۇ؟
بالىنىڭ مەكتەپتە قانداق ئوقۇشى ھەرگىز بالىنىڭ ياراملىق يارامسىز تەربىيەلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىزگە كېرىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلىش بىلەن بىللە ھەق ناھەق ئالدىدا ئالدىراپ ئۆز مەيدانىنى يوقاتمايدىغان، ئىنساپ ۋە ئېتىقاد، ۋەتەن- مىللەتنىڭ بۇرچىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان تىرىشچان ، رىقابەت تۇيغۇسىغا باي بالىلاردۇر.
مەنبە:    http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=5793

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3423
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 919 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 10:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى پىكىر بۇپتۇ ،بالا تەربىيسى بەك مۇھىم .ئاتا ئانىلار چۇقۇم بۇنىڭغا دەققەت قىلىشى كىرەك .

مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21152
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 10:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ راس ،ھازىرقى ۋاقىتتا  پەرزەنىت تەربىسى بەك مۇيۇم بوپ قالدى،ياخشى تىما يوللاپسىز ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 18235
تۆھپە نۇمۇرى: 3604
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 11:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى پەرزەنتلەرنىڭ ئىچىدە، ئاتا-ئانىلار بىرلا پەرزەنت بولغاچقىمىكىن كۆزىگە قاراپ قويۇش، ياكى بەكلا ئەتىۋارلاپ قويۇش نەتىجىسىدە بالىلاردا ئۆزىگە تاينىش ئېڭى بەكلا ئاجىز.

يەنە ئائىلدە بىرلا ئوغول ياكى بىرلا قىزى بارلار،  بالىلىرىنى يا قىزبالىدەك ، ياكى بىر ئوغول بالىدەك تەربىلىيەلمەيۋاتقان  ئاتا-ئانىلارمۇ يوق ئەمەس.

  يەنە ئاتا ئانىلار بۇ بىر بالىسنىڭ تۇرمۇشىغا بەكلا ئارلىشىۋېلىش نەتىجىسىدە بالىنىڭ ئاتا- ئانا بىلەن قارشلشىش ئىدىيسىمۇ بەكلا كۈچلۈك. ھەم پەرزەنتلىرىمىزدە پىسخىكا جەھەتتە نورمالسىزلىق ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ.

30- چىسىلا شەنبە، يەنى تۈنۈگۈن كەچ بەرگەن كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىراممىسى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىىشىغا ئەرزىگۈدەك پىروگىرامما بۇلۇپتىكەن.

پەرزەنتلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام چوڭ قىلىش ، پەرزەنت تەربىيسىدە بەكلا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38379
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 1446
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 01:15:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز تەشەككۈر

مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9750
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7302 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 01:30:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا بالىلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەش مەسىلىسى ناھايىتى ياخشى ،ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپتۇ .بۇلۇپمۇ سىز ئوتتۇرىغا قويغان «ئىلگىرى زامانلاردا ساۋاتسىز ئانىلىرىمىز نى-نى داڭلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىقالىغان ئەمدى يۇقۇرى ساپالىق ئانىلرىمىز نېمىشقا تېخىممۇ يوقۇرى ساپالىق ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەپ چىقالمايۋاتىدۇ ؟»دېگەن سوئالنىڭ خېلىلا جىنى بار . ھەم بۇ سۇئالغا خېلى ئەتراپلىق جاۋاپ بىرىپسىز .مېنىڭچە ،پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىنىڭ ماكرو جەھەتتىن كونتۇرۇل قىلىش رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ .ئىلگىرى داڭلىق كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك جەمىيەتنىڭ ئاتا تەرىپىدىن كونتۇرۇل قىلىنىپ،بىر قوللۇق باشقۇرۇلغانلىغىدىن دەپ قارايمەن.ئانىلىرىمىز گەرچە كۆپ ۋاقتىنى ،زىھنىنى بالا بىقىش ،تەربىيەلەشكە قاراتسىمۇ ،بىراق ئۇلار بالىلارنىڭ مىجەز خارەكتىرىنى يېتىلدۇرۇشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدۇ .سەۋەبى مىجەز خارەكتىر كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆگىتىش ئارقىلىق يىتىلمەيدۇ ،پەقەت ئۈلگە ئېلىش شەكلى ئارقىلىقلا يېتىلىدۇ .ئىلگىركى ئائىلىلەردە ئاتا ---ئۇ بىر ھۆكۈمران ئىدى. بىر ئائىلىنى پىقىرىتىش ،چوڭ -چوڭ قارارلارنى چىقىرىش ،ئائلىنىڭ ئەخلاق تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاتا تەرىپىدىن بىر قوللۇق ئورۇندىلاتتى .ئاتا گەرچە بالا تەربىيەلەشكە بىۋاستە قول تىقمىسىمۇ ،ئۇ بالىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمران ،ئەڭ كۈچلۈك تايانچ،ئەڭ چوڭ قەھرىمان. قسقىسى ئۇ ھەممگە قادىر ئىنسان .بالىلار ئاتىدىن ئەيمىنىدۇ ،ئۇنىڭدىن سۆيىنىدۇ ،ئۇ بولغانلىغى سەۋەپلىك خاتىرجەملىك ھىس قىلىدۇ ۋە ئاتىسىدەك بولۇشنى ئىستەيدۇ ،ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ .شۇڭا بالا تەربىيەسىدە ئاتىلارنىڭ كۆرۇنمەس كونتۇرۇل قىلىش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

كۆڭۈلچەككە ئالد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45713
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1307
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 12:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرۇم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35521
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 790
تۆھپە نۇمۇرى: 22
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 12:40:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:بابەكقلىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك

بەك ياخشى تىمىكەن بۇ  رەخمەت

ئىھ ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزۇڭ ياقتۇرمىغان بەندىلىرىڭدىن يىراق قىلغىن بىزلەرنى كافىرلارنىڭ زۇلۇمىدىن ساقلىغىن ئامىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش