نۇرغۇن ئالىملار ئۇيقۇ ۋە چۈشنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چۈش بىلەن ساغلاملىقنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىغان.
1.كېچىدە چۈش كۆرۈپ سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن چۈشىنى ئېنىق ئەسلىيەلىسە،نېرۋا ئاجىزلىق ياكى بەدەن زەئىپلىشىش كېسىلى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
2.چۈشىدە ئىككى پۇتى ياكى بىر پۇتى تاشقا باغلىنىپ قالغاندەك ئېغىر بولۇپ،ماڭالماي قالسا ،پۇتىدا كېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
3.چۈشۈدە دائىم كىچىك تەرەت قىستاپ ،ھاجەتخانا تاپالماي ياكى دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ چۈش كۆرسە ،ئىچكى ئاجىراتما سېستىمىسىدا كېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
4.چۈشۈدە دائىم بۇزۇلۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يەپ چۈش كۆرسە ياكى بۇزۇلۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يىگىنىنى كۆرۈپ ،ئويغانغاندا ئاغزى بەتتام بولسا ياكى ئويغانغاندا قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتسە ۋە ياكى قورسىقى قاتتىق ئاغىرىپ كەتسە ،ئاشقازان ،ئۈچەي يوللىرىدا كېسەل بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
5.چۈشۈدە دائىم كەينىدىن بىرسىنىڭ تەپكەنلىكى ياكى پىچاق سالغانلىقىنى چۈشەپ،چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئويغانغاندىمۇ چۈشۈدە تەپكەن ياكى پىچاق سالغان يېرىدە ئاغىرىق ھىس قىلسا ،بېلىدە ياكى بۆرىكىدە يوشۇرۇن كېسەل بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
6.چۈشىدە دائىم كۆكتە پەرۋاز قىلىپ يۈرسە،چىرايى بەت-بەشىرە بولسا ،قان ئايلىنىش سېستىمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
7.چۈشىدە دائىم سۇ ئىچىپ چۈش كۆرسە ياكى دائىم سۇ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسە ۋە ياكى كەلكۈندە چۆكۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە،ئۆتتە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
8.چۈشۈدە دائىم ئوت كۆرسە،ئوت بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرسە ياكى ئوت ئىچىدە قېلىپ چۈش كۆرسە ،بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
9.چۈشۈدە دائىم باشقىلار تەرىپىدىن قاراڭغۇ ئۆيگە قاماپ قويۇلغانلىقىنى كۆرسە ،نەپەسلىنىشتىن قىينالسا ياكى دائىم كۆكرەك قىسمىنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقى ،ئېغىر يۈك بىلەن سەپەرگە ماڭغانلىقىنى كۆرسە ،نەپەس يولى ياكى ئۆپكىسىدە كېسەل پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
10.چۈشۈدە دائىم ئىگىز يەردىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە،ئەمما يەرگە چۈشمەيلا چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتسە ،يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
11.چۈشۈدە دائىم بەدىنىنىڭ قىڭغىر-قىيسىق بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى بۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،دىمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىپ ،چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتسە ،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى،يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
12. چۈشۈدە دائىم بىرسى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەپ ،ۋارقىراي دىسىمۇ ئاۋازى چىقمىسا ،يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريىسىگە قان يېتىشمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
13. چۈشۈدە دائىم كانىيىنى بىرسىنىڭ بوغقانلىقىنى ياكى گېلىغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغانلىقىنى،گېلىغا بىر نەرسە سانجىلغانلىقىنى چۈشۈسە . كېكىردەك قىسمىدا مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
14. چۈشۈدە دائىم قولاق تۈۋىدە كاناي ئاۋازى ئاڭلانسا ياكى بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئوق ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشۈسە ،مېڭىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
15. چۈشۈدە دائىم بېشىغا ئادەم ياكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ئورغانلىقىنى كۆرسە ياكى بىر نەرسە بېشىنى كولاۋاتقانلىقىنى كۆرسە مېڭىسىدە ئۆسمە پەيدا بولغانلىقىدىن ياكى نېرۋا سېستىمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.
مەنبە:
www.aqdong.com
مۇنىرە مەسغۇت تەرجىمىسى