1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو «دۇنيا نەشىر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»گە رەسمىي قاتناشقان. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-تېخنىكا تەشكىلاتىغا «دۇنيا نەشىر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» كىرىش توغرىسىدا ھۆججەت سۇندى، جۇڭگونىڭ «دۇنيا نەشىر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» سىغا كىرىشى-جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجىسى. بۇ جۇڭگونىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى.
1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۇ ئىشىكى ۋەقەسىدە نېكسون ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئامېرىكا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 0 گە قارشى 8 ئاۋاز بىلەن نېكسوننىڭ ئالتە ياردەمچىسىنىڭ يوشۇرۇپ قويۇش دىلوسىدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى تاپشۇرۇشىنى قارار قىلدى. لېكىن نېكسون ئالاھىدە ھوقۇقىغا تايىنىپ لېنتىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. لېكىن باش سوتچى زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىمۇ قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك دېدى. سۇ بىناسى ۋەقەسى دېگىنىمىز ئامېرىكا تارىخىدىكى سىياسىي سەتچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. 1972-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دىموكراتىك پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سايلام سىتىراتىگىيىسى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، 17-ئىيۇن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيىسىدىكى نېكسون سايلام گۇرۇپپىسىدىكى بەش كىشى ۋاشىنگتوندىكى سۇ بىناسىغا ئوغرىلىقچە كىرگەن، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغاندا، نەق مەيداندا تۇتۇلغان. نېكسون بۇ ئىش تۈپەيلى 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئىستىپا بەرگەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان.
1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېنگلاند پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. لوندون تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېنگلاند كوماندىسى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى يەڭگەن.
1947-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى سىۋاتسېنگېر ئاۋستىرىيەدە دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى 10-ئايدا سىۋاتسېنگېر ھەربىيلىككە قاتناشقان. ئۇ رول ئالغان تۇنجى كىنو "نيۇ يوركتىكى پالۋان" ئىدى. 1972-يىلى ئۇ كېننىدىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى. ئۇ 1984-يىلىدىن باشلاپ "ئاخىرلاشتۇرغۇچى" فىلىمىنىڭ 1-2-3-4-بۆلۈملىرىدە باش رول ئېلىپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 2003-يىلى 11-ئايدا ئۇ كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يېقىندىلا توشقان كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى سىۋاتسېنگېر شىتات باشلىقى بولغان جەريانىدا فىلىمدە رول ئالمىغانلىقتىن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان جەرياندا ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
http://www.uycnr.com/lssdjt/201107/W020110729595813382385.jpg
1932-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. بۇ دەل 10-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە.