مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2254|ئىنكاس: 8

گۈزەل تارىمدىن چىققان داڭلىق‹‹تارىم›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 07:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى- ئوسمان  ئىسمايىل تارىم

      ئوسمان ئىسمايىل تارىم 1958 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى گۈزەل تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان شايار ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شايار ناھىيەسىدە ئوقۇغان، 1975 – يىلى شايار ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، كۇچا خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ  ئىشلىگەن. 1978 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1983 – يىلى 3 – ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
      ئۇ 1996 –يىلى 9 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى تەربىيىلەش مەركىزىدە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. 1997 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ، 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 6 – ئايغىچە قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيېسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق دىسسېرتاتسىيىسى بىلەن ‹‹فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى›› ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. 2007 – يىلى 11 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ باھالانغان. ھازىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ماگستىر يېتەكچىسى ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
      دوكتور ئوسمان ئىسمايىل تارىم خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قارىتىپ، مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان››، ‹‹فولكلورشۇناسلىق››، ‹‹مۇقامشۇناسلىق››، ‹‹ لوگىكا››، ‹‹تىلشۇناسلىق›› قاتارلىق دەرسلەرنى، ئاسپىرانتلارغا ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››، ‹‹چۆچەكشۇناسلىق››، ‹‹ئەدەبىياتشۇناسلىق››، ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەرەققىياتى››، ‹‹خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتشۇناسلىقى››، ‹‹فولكلورشۇناسلىق››، ‹‹سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق›› دەرسلىرىنى ئۆتۈپ كەلدى.
       ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس: 1994 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› ناملىق كىتابى، 1998 – يىلى 1 – ئايدا ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›› ناملىق كىتابى، يېقىندا ‹‹ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. ئۇ يەنە ‹‹ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى›› ناملىق كىتابلارنى تۈزدى ھەم ‹‹جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىن – ئەپسانىلىرى لۇغىتى›› نى يېزىشقا قاتناشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››، ‹‹ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى››، ‹‹ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلە تەتقىقاتى››، ‹‹ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلە قوللانمىسى››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەدەبىياتى››، ‹‹ئەدەبىيات كەسپى خەنزۇتىلى›› قاتارلىق كىتابلىرى ئارقا – ئارقىدىن جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يېقىندا ئۇ يەنە 12 توملۇق بۈيۈك ئەسەر ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›› نىڭ تۆھپىكارلار قىسمىنى ئىشلەشكە قاتناشتى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 پارچە ماقالىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل تىللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ 2000 – يىلى 9 – ئايدا قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان ‹‹زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى›› تېمىسىدىكى، 2001 – يىلى 5 – ئايدا بىلال نازىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 175 يىللىقىغا بېغىشلانغان ‹‹موللا بىلالنىڭ ھاياتى ۋە  ئىجادىيىتى›› تېمىسىدىكى (قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن)، 2001 – يىلى 10 – ئايدا ‹‹قازاق تىلى تارىخى ۋە دىئالېكتولوگىيىسى›› تېمىسىدىكى (قازاقستان قاينار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن) خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە يۇقىرى سەۋىيىلىك دوكلات بېرىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
      ئوسمان ئىسمايىل تارىم بىر ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە، ئىككى نازارەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› ناملىق ئەسىرى تۆتىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەر نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹نادىر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا، 1999 – يىلى ئۆزى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن ‹‹كەسىپ ۋە ئەخلاق بويىچە يۈز نادىر شەخىس›› مۇكاپاتىغا، 2001 – يىلى 8 – ئايدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى›› غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى.
     ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ يۇقىرىقى جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى يەنە قازاقستاندىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بىرنەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى باھا بېرىلدى.
  
      ئوسمان ئىسمايىل تارىم ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ‹‹تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى››نىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىمەكتە.   

مەنبە: شايار خەلق رادىيو ئىستانسىسى

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48657
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3227
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2011-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 08:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەخمەت .مىنىڭ يۇرتدىشىمدە بۇئادەم،مەنمۇ شاياردىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2955
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10470
تۆھپە نۇمۇرى: 700
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 10:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2007- يىللىرىغۇ دەيمەن. رەھمەتلىك ئۇستاز مەھەممەت ئەيسا جامى بىلەن يۇرتىمىز كىلياڭنىڭ مەشرىپىنى كۆرۈشكە چىقىپتىكەن. دوستىمىز ئابلىكم ئابلىمىت تاغتىكىننىڭ كۈتىشى بىلەن مەشرەپنى بەك ئەۋجىگە چىقىرىپ بەك ياخشى پىكىرلەشكەنتۇق. ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي.

قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15013
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 11:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى تەبئىي پەن ساھەسىدە بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بولسۇن مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىپ ،خەلقىمىزگە ئەمەلىي ئىشلارنى قىىپ بىرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 12:17:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

زۇۋانىڭنى يېغ!شا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40258
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4031
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 12:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەھرىرلىنىۋاتىدۇ.........

[mp3=1]http://almizar.net/mp3/muzika/tarim.mp3[/mp3]


مىللەتنىڭ ئۇغۇللىرى ۋىجدانسىز،غۇرۇرسىز،ئېتقادسىز بولسا ، قىزلارنىڭ قولى ئىشتان بېغىغا چۈشۈپ قالىدۇ.....

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 12:44:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايخۇشجانغا رەھمەت.مۇشۇ مۇزىكىنىڭ ئۈستىگە تەرجىماھالىنى ئوقىۋەتسەك ئاجايىپ ماسلىشار ئىكەن.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47921
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3140
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2011-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 05:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسمان  ئىسمايىل رەھمەت سزگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47910
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5536
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 03:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش