[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت baturana كە 2011-07-29 08:29 PMئەۋەتىلدى :
ھەممىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم رەھمەت سىزگە،مىرئەخمەتنىڭمۇ بولسا ياخشى بولاتتى.....
پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەت مۇزەپپەر 1991- يىلى 1 -ئاينىڭ 14-كۇنى قەشقەر شەھىرىدە پۇتبول ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ئەزاسى ھىسابلىندۇ .ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەتنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكىمۇ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسغا تاللانغان ، ھەم شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەت 3 ئەۋلات شىنجاڭنىڭ پۇتبۇلچىلىقىغا ۋەككىلىك قىلدىغان شەخىسلەر ھىسابلىندۇ .(3ئەۋلات پۇتبولچى) مىرئەخمەت سول پۇتىدا توپ تىپىدىغان ماھىر . ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى :سول بىك ، سول كىراي ، ئارقا بەل قاتارلىق كوپ خىل ئورۇننىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدۇ .ھەم دۆلەت كوماندىسىدا ۋە شەندۇڭ ،كوماندىلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان ئورۇندا ئۇزىنىڭ تىخنىكىسىنى تۇلۇق كۆرسەتكەن . ئۇ مۇداپىيەدە چىڭ ،تىخنىكىسى ياخشى ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئىپادىسى ياخشى .ھۇجۇمغا ياردەملىشىشى ئاكتىپ .
2004-يىلى مىرئەخمەت شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندا مەكتىپىگە كىلىدۇ .ئۇ بۇيەردە بىرقەدەر ياخشى پۇتبول تىخنىكا تەربىيسىدىن تەربىيە ئالىدۇ ھەم ئۇزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ 15 ياشلىقلار ئەتىرتىگە كىرىدۇ ھەم ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە توپ ئويناپ شۇ يىلى 15 ياشلىقلار بىرلەشمە مۇسابىقىسدە كوماندا چىمپىيۇن بۇلىدۇ 16 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە كوماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي چىمپىيۇنلۇقتىن مەھرۇم قالدۇ كىيىن 17 ياشلىقلار مۇسابىقىسدە توپ ئويناپ بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بۇلىدۇ . 2008-يىلى 17 ياشقا كىرگەن يىلى شىنجاڭ لاتارىيەسى پۇتبۇل كوماندىسى مىرئەخمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ كوماندىسغا قۇشۇۋالىدۇ .ھەم شۇ يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ .2009-يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشدۇ .شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ . 2009-يىلىنىڭ ئوتتىرا مەزگلىدە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىنىڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىغا قايتىپ كىلىدۇ . 2010-يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىن خىنەن قۇرلۇش پۇتبۇل كوماندىسغا 1 يىللىق ئىجارىگگە بىرىلدۇ . ئىجارىگە بىرىش ھەرگىز مىرئەخمەتنىڭ كوماندىدا ئىپادىسى ياخشى بولماسلىق ئەمەس بەلكى شەندۇڭ كوماندىسى جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئەنئەنىۋى كۇچلۇك كوماندا ھىسابلىندۇ (جۇڭگۇنىڭ زەردار كوماندىسى) بۇكوماندىدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرلىرى ۋە چەتئەلنىڭ ياخشى پۇتبۇلچىلىرى توپلاشقان . مىرئەخمەت بۇكوماندىدا يىشى بىرقەدەر كىچىك ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورنى بىرقەدەر مۇقىم بولغاچقا چىنىقىش ۋە مەيدانغا چىقىپ تىخنىكىسىنى ياخشلاش ئۇچۇن خىنەن كوماندىسغا 1 يىللىق ئىجارىگە بىرىلدى . بۇقىتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالماسلىقىمۇ ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بۇلمىغانلىقىدىن ئەمەس ، مىرئەخمەت بۇيىل ئەمدى 20 نىڭ قارسىنى ئالدى دۆلەت كوماندىسدا يىشى كىچىك ماھىر ھىسابلىندۇ . مىنىڭچە ماتۇڭگان بۇياش ماھىرنى تىخى پىشىپ يىتىلمىدى ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت باردەپ ئۇنى ئۇزىنىڭ تىخنىكىسىنى نامايەن قىلىش
ئۇچۇن بۇياش ماھىرنى كوماندىغا تاللىمىدى ،بۇيىل ئەمدى 20نىڭ قارسىنى ئالغان مىرئەخمەتكە يەنە نۇرغۇن پۇرسەت بار چۇنكى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى تىخى ئەمدى باشلاندى .
2009-يىلى مىرئەخمەتنىڭ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىنىڭ يەنە بىر بۇرلۇش نۇقتىسى بولدى ئۇ شۇيىلى دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسغا تاللىنىپ باشلىنش ئالدىدا تۇرغان ئاسيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسگە قاتنىشش سالاھىتىگە ئىرىشىپ پۇتۇن شىنجاڭ پۇتبۇل خۇمار دوسلارنى خۇشاللىقا چۇمدۇرگەندى .ئاسىيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسدە جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى بۇلۇپ فېلىپىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .مىرئەخمەت ئاساسلىق ئەزا سۇپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىرتوپ ئۇرۇپ دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۇزىدۇ .مۇسابىقىدىكى ياخشى ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىغا تاللىندۇ . 2010-يىىلى 1-ئاينىڭ 21-كۇنى شەرقى ئاسىيا 4 كۇچلۇكلەر مۇسابىقىسگە قاتنىشىدىغان دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلدۇ تىزىملىكتە بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەتمۇ بار ئىدى . مىرئەخمەت دۆلەت پۇتبول كوماندىسغا تاللانغان تۇنجى ئويغۇر ئوغلانى ھىسابلىندۇ (ھەممىمىزنىڭ پەخىرلىنىشگە تىگىشلىك!) مىرئەخمەتنىڭ دۆلەت ياشلار پۇتبۇل كوماندىسىدىكى تىرنىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۇ توغۇرلۇق توختۇلۇپ :مىرئەخمەت مۇزەپپەر مۇداپىيە ئقتىدارى كۇچلۇك ، ئختىيارى توپلىرى ۋە ئۇزۇن پاسلىرى ياخشى تىخنىكىسى ياخشى كۆپ ئۇرۇننىڭ ھۇدىسىدىن ياخشى چىقىدۇ دەپ باھا بەردى ، 2010-يىلى مىرئەخمەت جوڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللىنىپ گۇۋاڭجۇدا ئۇتكۇزۇلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشتى . جۇڭگۇ بىلەن قىرغىغىستان كوماندىسى مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش خەۋىپىدە قالىدۇ مىرئەخمەت ياندىن سەپدىشىغا ياخشى پاستىن بىرنى بىرىدۇ توپ كىرىدۇ جۇڭگۇ كوماندىسى كىيىن ئەڭ ئاخىرقى مۇنۇتتا يەنە بىرتوپ كىرگۇزۇپ كەينىدە قالغان شارائىتتا مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ غەلبە قىلىدۇ . مىرئەخمەتنىڭ شۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ .
2002-يىلى شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرنىرى ياش ئستىقباللىق نۇتىلارنى بايقاش ئۇچۇن قەشقەرگە كىلىدۇ .ھەم مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن مىرئەخمەت مەشىق قىلىۋاتقان جايغا بىرىپ كۇرىدۇ ،تىرنىر مىرئەخمەتجاننىڭ تىخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى كۇرۇپ ئۇنى شەندۇڭ كوماندىسىغا بىرشىنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سورايدۇ . شۇنىڭ بىلەن مىرئەخمەت دادىسى مۇزەپپەر ئاكا مىرئەخمەت باشلىچىلىقدىكى 5 شىنجاڭلىق بالىنى ئىلىپ شەندۇڭ كوماندىسغا شارائىت ،مەكتەپ ۋە مۇناسىرەتلىك ئشلارنى سۇرۇشتۇرگىلى شەندۇڭغا بارىدۇ .ئۇ لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنى كۇرۇپ خاتىرجەم بۇلىدۇ چۇنكى بۇيەردە قىلىپقا چۇشكەن كەسپى مەشىق ،ھەم شۇيەرنىڭ مەشىقىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان 20 نەچچە شىنجاڭلىق بالىنى كۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇجاينىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى شارائىت كەسپى جەھەتتە كۇپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. مۇزەپپەرئاكا يەنە شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلارغا ئىچىپ بەرگەن مۇسۇلمانچە تاماقخانىنى كۇرۇپ خاتىرجەم ھالدا مىرئەخمەتنى شەندۇڭ لۇنىڭ مەكتىپىگە قالدۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىدۇ . مىرئەخمەت شەندۇڭدا ياخشى مەشىق قىلىپ 3 ئۇرۇننىڭ ھۇدىسىدىن چىقالايدىغان كۆپ ئقتىدارلىق ياخشى ماھىرغا ئايلىنىدۇ .شەندۇڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ تىرنىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە :ئۇ كۆپ ئۇرۇننىڭ ھۆدىسىدىن ياخشى چىقىدۇ ئۇھەم مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ بۇنىڭدەك ماھىر جۇڭگۇدا ئاز ئۇچىرايدۇ دەپ تەرىپلىگەندى . ئۇ ئۇز ئىپادىسى بىلەن ياخشى باھالارغا ئىرىششىكە تىگىشلىك .ئۇ جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسغا تاللانغان بىردىنبىر ئويغۇر ئۇھەم شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدىن بىراقلا دۆلەت كوماندىسغا قاتناشقان بىردىنبىر ماھىر ھىسابلىندۇ .
ئىرىشكەن شەرەپلىرى :
2004-يىلى ۋە 2007-يىلى شەندۇڭ لۇنىڭ 15 ۋە 17 ياشلىقلار كۇماندىسغا قاتنىشىپ شۇ تۇردىكى بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بولغان . .
ئاخبارات ۋاستىلىرى سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىز نىمە دىگەندە: مىرئەخمەت مەن چۇقۇم تىرىشپ ياخشى مەشىق قىلمەن .مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۇشۇش ھەم 2014 -يىلدىكى دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىگگە قاتنىشىپ بىرازىلىيگە بىرىش بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم دەيدۇ .مىنىڭمۇ بىر ئارزۇيۇم بار ( پۇتبۇل ئشلىرى توغۇرلۇق) شۇنداق بىركۇن كەلسە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىمىز دۇنيادىكى داڭلىق زەردار ( مادىرىت ، بارسىلۇنا .مىلان ،ئنتىر .............) كۇلۇپلاردا توپ تەپسە مۇسابىقىلىرىنى بىرنىمۇ قويماي كىچە نەق مەيداندىن قويسا كىچە . كۇندۇزى قۇيسا كۇندۇزى دىققەت بىلەن كۇرسەم بىرمەيدانمۇ ئاتلىتىۋەتمەي كۇرسەم پەخىرلەنسەم دەيمەن . شۇنداق كۇنمۇ كىلەرمۇ ھە ! ياق (خۇدا بۇيرىسا )چۇقۇم كىلىدۇ . بىز ئۇزىمىزنىڭ ئوغلانىغا ئۇزىمىزنىڭ پەخرىگە مەدەت بىرەيلى پۇتبۇلچىلىق ئشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشايلى! بىزنىڭ چىقىش يۇلىمىز ؟ئۇزىمىزنى پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇتىشىمىز ئۇچۇن !. بىرازىلىيە دىسە ھەممە بىلىدۇ ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتقان زادى نىمە سامبا ئۇسۇلىمۇ؟ ، تىرىلغۇ يەرلىرىمۇ ؟، تۇگىمەس كانلىرىمۇ ؟ ياق دەل پۇتبۇل . پۇتبۇل بىرازىلىيەنى (پۇتۇن دۇنيادا ئەڭ جىق مەستانىلىرى بار بۇ تەنھەركەت تۇرىنى ) دۇنيادا بىرمەزگىل دۇنيادا 1- دەيدىغان قالپاقنى كەيدۇردى . پۇتۇن دۇنيا بۇ مىللەتنى بىلىشكە قىزىقتى ۋە بىلدى، ....... . يەنە شۇ پۇتبول .
شۇنداق بىركۇن كىلىپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىمىز زەردار كوماندا ، دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى سۇپىتىدە مەيدانغا چىققان ئاشۇ مىنۇتلار. تىرىشقىن مىرئەخمەت ،تىرىشقىن ئۇيغۇر ئوغلانى ( كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلايمۇ ،يىلتىزمۇ ) پەخرىمىز مىرئەخمەت غەيرەت قىل سەن ھەممىزنىڭ پەخىرى! .