مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1544|ئىنكاس: 0

يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ مەكتەپلەرنىڭ قوش تى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4097
تۆھپە نۇمۇرى: 888
توردا: 3775 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 01:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش
سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2010 يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە شەھەرلەردىكى  باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا بارلىق دەرىسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلۈپ ،ئاز سانلىق سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق ئانا-تىل يېزىقىنى پۇختا ئىگەللەش ئارزوسى تامامەن يوققا چىققان ئىدى.بۇ ئىش مەندىن تارتىپ نۇرغۇن ئانا –ئانىلارنىڭ بىشىغا بىر ئېغىر غەم –قايغۇ بولغان ئىدى.شۇنىڭغا كۆرە 2011-يىلى 4-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى قۇش تىل دەرىس لايىھەسىنى ئوتتۇرغا تاشلاپ ئىككى خىل ئەندىزىنى بايان قىلغان ئىدى.‹‹ 1–ئوقۇتۇش ئەندىزىسى : باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ، ماتېماتىكا ، ئىلىم–پەن ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ، چەت ئەل تىلى ، ماتېماتىكا ، فىزىكا ، خېمىيە ، بىئولوگىيە ، ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرسلىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل–يېزىقى بويىچە ئۆتۈلىدىكەن ، باشقا دەرسلەر شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىل–يېزىقىدا ئۆتۈلىدىكەن . 2–ئوقۇتۇش ئەندىزىسى : بارلىق دەرسلەر دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل–يېزىقى ئارقىلىق ئۆتۈلىدىكەن ، مىللىيچە تىل–ئەدەبىيات دەرسى تەسسىس قىلىنىدىكەن . http://xjnida.com/mm/2/414.html››.يۇقىرىدىكى لايىھەدىكى زادى قايسىسى  ئەندىزىنىڭ تاللانغىنى ھازىرغىچە نامەلۇم.يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشقا ئاز قالدى.بالىلىرىمىز تەتىلدىن كىيىن داۋاملىق خەنزۇ تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلامدۇ ياكى ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ ئۆزگىرىش بولسا زادى قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ بۇ ئۆزگىرىشلەر بىز قوبۇل قىلالىغۇدەك  دەرىجىدىمۇ؟كەڭ ئاتا-ئانىلار بۇ ئۆزگىرىشلەگە قانداق قارايدۇ؟ بۇ تۇغرىدىكى يېڭى سىياسەتلەردىن خەۋىرى بارلار كەڭ ئاتا-ئانىلارنى خەۋەرلەندۈرسەڭلار.ئالدىنقى قېتىم مەن 70% مەسلە جامائەتنىڭ توردا غۇل-غۇلا قىلىشى ئارقىلىق ھەل بولغانلىقى توغرىسىدىكى يازمىنى يوللغان ئىدىم. بىزمۇ سوتسىيالىستىك جوڭگۇنىڭ پۇقراسى بولغاندىكىن قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى ،پىكىر -تەلەپلىرىمىزنى تور ئارقىلىق بىلدۈرەيلى.نامۇۋاپىق سىياسەتلەرگە سۈكۈت قىلغىنىمىز نامۇۋاپىقلىقنى قۇبۇل كۆرگىنىمىز بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە ؛ئۆزۈم.
پايدىلانغان مەنبەلەر؛
[url]http://xjnida.com/mm/2/414.html

https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=56660

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Kunduz^_^ay + 10 قۇرۇق خىيال! ئەقەللىسى تىما تاقىلپتۇ!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش