مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1958|ئىنكاس: 4

شائىر زوردۇن ئىمىرنىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 11:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




زوردۇن ئىمىر 1953- يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1970- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان،ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1980- يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 1500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، «خاڭچى ناخشىسى»،«سەھرا سۆيگىسى» ، «قۇتلۇقلايمەن ئاتمىش يىشىڭنى» ، «يېزا مۇھەببىتى»قاتارلىق داستانلىرى ئېلان قىلىنغان،1996- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «مەيىن سابا»ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىندى. 2008- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «سەھرادىكى چىغىر يول» ناملىق (ئىككى توملۇق) شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

«ئارزۇبوستانى» ، «تارىم ناۋاسى» ، «سۆيگۈ» ، «سەندىن ئايرىلالمايمەن» ، «غايىپ بولغان قەھرىمان» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «ئارزۇ بوستانى» ناملىق تەخمىسلەر توپلىمىغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.باي ناھيىلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

قۇربان مولنىياز تەييارلىغان.
مەنبە:http://www.radioxj.com/show.aspx?id=7525&cid=3

رۇبائىيلار
(زوردۇن ئىمىر)


ياشلىقنى ئوخشاتما يۇگەنسىز تايغا ،
چاپتۇرما ھەم شاش دەپ چۆل-ئېدىر سايغا.
چولۋۇردىن ئايرىلغان ئاشۇ شاش تېيىڭ ،
پاتمىسۇن بىر كۇنى چىقالماس لايغا .

بۇراندا تاۋلايدۇ شۇڭقار قاناتنى ،
مېھنەتتە تاۋلايدۇ ئىنسان ھاياتنى.
ياشنىتار ئۆمۇرنى گۈل قىلىپ ھەركىم ،
قىزىتسا ئىجادتا بەيگە-پاراتنى .

ئېسىلساڭ ياخشىلار پېشىگە ئېسىل،
قېتىلساڭ ئاقىللار سېپىگە قېتىل.
قالدۇرۇپ ھاياتلىق بېغىدا ئىزلار ،
ئەل-ۋەتەن قەلبىدە گۇل بولۇپ ئېچىل.

ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى نېمە ،
سەن ئۇنى يەپ-ئىچىش،پۇل تىپىش دېمە.
قىلماي يار ئۆمرىڭگە مېھنەت بىلىمىنى،
چىن ھايات بىغىدىن لەززەت ئىزدىمە .

ئۆمۇرنىڭ لەززىتى سۆيگۈ بىلەندۇر،
ۋىسالغا ئىنتىلگەن كۆيگۈ بىلەندۇر.
چىن سۆيگۈ بەرمىسە ھاياتقا مەنا ،
كۆيگۈنىڭ قىممىتى نۆل بىلەن تەڭدۇر.

ئارمانلار يىلتىزى پەندە كۆلەيدۇ،
شىجائەت ئىجتىھات تەردە كۆكلەيدۇ.
مېھنەتتىن بىخ سۇرۇپ ئىستەك شاخلىرى،
گۈل-چېچەك ئاچقان شۇ يەردە كۆكلەيدۇ.

بولمىسۇن قەلبىڭدە ھەسەتكە ئورۇن،
توسمىسۇن كۆزۇڭنى قىمەتلىك قۇيۇن .
شىكايەت-غەيۋەتنىڭ بولۇپ ئەسىرى،
نادامەت چۆلدە ئوينىما ئويۇن.

زېمىننى ياشنىتار ئنساننىڭ ئەقرى،
زېمىندىن ھاياتلىق ئالار زوق-بەھرى.
بۇيۇكلۇك تەختىنىڭ شاھىدۇر ئىنسان ،
ئۇلۇغدۇر شۇڭلاشقا ئنساننىڭ قەدىرى.

مەنبە :ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ 2011-يىل10-ماي سانى


ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 11:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر  ئەما  شائىرىمىز بولدىغان  كورلا لۇلۇق  زوردۇن ئىمىر  دەپ

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15148
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9542 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 10:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىتىدە كۆزگە كۈرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى.
ئىسىمنىڭ توغرىسى زۆھرىدىن ئىمىر بولامدىكىن دەيمەن.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 01:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازسۇن تازا يازسۇن بىز ئۇقۇيمىز ئۇگنىمىز

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئىناق،ئصتتصپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 03:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلدۈرگۈ قىلىپ يوللىغان مەزكۈر تورداشقا ئالاھىدە رەھمەت.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش