توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تېخى يېقىندىلا مەلۇم بىر دورا زاۋۇتى ئۈنۈمى مىسىلسىز يۇقىرى بولغان «ساقىيار» ماركىلىق بىر خىل دورىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ دورا بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دورا ئورنىنى باسالمىغۇدەك دەرىجىدىكى دەھشەت ئۈنۈمى بىلەن سانسىزلىغان كېسەللىك ساھىبلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشىغا ئايلاندى.
«ساقىيار» ماركىلىق بۇ دورا بوۋاقلاردىكى تولا يىغلاش، ئانا سۈتىنى تاشلاپ بازاردىكى تۈرلۈك تالقانلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش، ئورنىغا سىيىپ قويۇش، كىيىمىنى ئۆزى كىيەلمەسلىك، بويى ئۆسمەسلىك، كېچىدە بىر نەرسىنى كۆرەلمەسلىك، ئايىقىنىڭ بوغقۇچىنى ئۆزى چېگەلمەسلىك قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك كېسەللەرنى، ياشلاردىكى دەرسكە كېچىكىش، سىناقتىن ئۆتەلمەسلىك، مۇسابىقىدە ئارقىدا قېلىش، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولۇش، مودا قوغلىشىش، پۇل تاپالماسلىق، ئاچقۇچ يۈتۈپ كەتكەندە ئىشىكنى ئاچالماسلىق، ئۇرۇشقاندا تاياق يەپ كېتىش، قىشتا توڭلاپ كېتىش، مۇزدا تېيىلىپ كېتىش، يازدا تەرلەپ كېتىش، خۇشال بولغاندا كۈلۈپ كېتىش، ئاجرىشىپ كېتىش قاتارلىق جاھىللىقتا گەپ توغرا كەلمەيدىغان زامانىۋى كېسەللەرنى، قېرى، ماك – ماكلاردىكى نەۋرە كۆرەلمەسلىك، ئېگىز بىناغا يۈگۈرۈپ چىقالماسلىق، 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرەلمەسلىك، ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرەلمەسلىك، چېچى ئاقىرىپ كېتىش، 200 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كېسەللەرنى شۇنداقلا، ئۇلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان رىماتىزم، قۇلاقماتىزم، پاچاقماتىزم، دوگماتىزم، كۆزماتىزم، پراگماتىزم، سۆڭگەچماتىزم، رىمامەيدە، رىماقورساق، رىماكالپۇك، رىماقولتۇق، رىماتاپان، رىمابارماق قاتارلىق ئادەم خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان، زەھەرلىك بوغما يىلاندەك ھەتتاكى توپان بالاسىدىنمۇ خەتەرلىك ھەم قورقۇنچلۇق كېسەللەرنى ھېچقانداق دورا، ئوكۇل ۋە ياكى ئوپېراتسىيە پىچىقى ئىشلەتمەيلا بىر دورەمدىلا تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتالايدۇ.
‹‹ساقىيار›› ماركىلىق بۇ دورا يەنە دۇنيادا تېۋىپلىقنىڭ، تېبابەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىشقا پېتىنالىغان، داڭدارلىقتا تەڭداشسىز ھەكىملەرمۇ تېخى ئىسىم قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن، جاھىللىقتا ئۆزىدىن بۇرۇنقى بارلىق مەشھۇر، جاھىل كېسەللەرنىڭ جاھىللىقى بىلەن جاھىللىقنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان، ئەبەدىي ساقايمايدۇ، دەپ ئەنگە ئېلىنغان جاھىل كېسەللەرنىمۇ تېخى بۇ ئالەمگە ئىختىرا قىلىنمىغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن داۋالاپ، سىزنى ساقلىق دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي سۇلتانىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئەگەر سىز دوختۇرلارنى مالال قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان يۈرەك سانجىقى، مېڭىگە قان چۈشۈش، پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىش، ئايرۇپىلاندىن يېقىلىپ كېتىش دېگەندەك تايىنى يوق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئىشىنىمىزكى بۇ كېسەللىرىڭىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
ناۋادا سىز قۇلاق ئاڭلىماسلىق، چىش ئاغىرىقى، خىزمەت تاپالماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ رادىئودا بېرىلىۋاتقان ئېلانىنى كۈندە بەش قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بەرسىڭىزلا سىزدىكى بۇ كېسەللەرمۇ ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە ساقىيىپ كېتىدۇ.
مۇبادا سىزدە خوتۇنىڭىز تاماق ئەتمىگەندە ئاچ قالىدىغان، كۆزىڭىز بىر نەرسىنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، دورا يېسە رېئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ تېلېۋىزۇردا بېرىلىۋاتقان ئېلانىنى كۈندە يەتتە قېتىمدىن توققۇز قېتىمغىچە چەكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بەرسىڭىز تۇيۇقسىزلا ساقىيىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
ئەندىشىدە بولما، ئەي بىمار،
بۇ كېسىلىڭ بىر كۈن ساقىيار.
سېنى ساقكەن دەيدۇ ھەممىسى،
يېنىڭدا گەر بولسا ساقىيار.
— سىزنى بىمارلىق ئالىمىدىن ساقلىق دۇنياسىغا باشلىغۇچى ئېسىل دورا — ساقىيار!
ناۋادا سىزدە يۇقىرىقىدەك پەۋقۇلئاددە كېسەللەر كۆرۈلۈپ، بۇ دورىغا ئېھتىياجىڭىز چۈشسە بىر يۈز سەككىزىنچى، مىنوس ئىككىنچى يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، مەلۇم ئۇبۇرنىنىڭ يېنىدا چۈشۈپ قېلىپ، ئالدىڭىزغا ئەللىك مېتىر، كەينىڭىزگە بىر يۈز ئەللىك مېتىر ماڭسىڭىز يېتىپ بارىسز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ سۆز ئويۇنىنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يازغان ھەم مەكتەپنىڭ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئوقۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان، كېيىن يەنە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسدا، باس–باس تورى ‹‹قەلب كۆزنىكى›› رادىيو پىروگراممىسىدا، شۇنداقلا يەنە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇلغانىدى.
مەن يېقىندا بىرەيلەننىڭ مېنىڭ بۇ كىچىككىنە ئىجادىيىتىمنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى›› پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى سۈپىتىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. بۇ باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھەمدە نومۇسسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا يەنە مىسرانىم مۇنبىرىدە مېنىڭ بۇ سۆز ئويۇنۇم يوللىنىپتۇ، بىراق مېنىڭ ئىسمىم ئەسكەرتىلمەپتۇ. مەن بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇز سۆز ئويۇنىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى يوللىدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلانغايسىلەر.