ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار؟
مەن ئۆتكەندە قوش تىل يەسلى ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار ئۈچۈن ئىمتىھان نەتىجىسنى سۈرۈشتە قىلىش تور ئادىرىسنى يوللىغان ئىدىم، مانا ئەمدى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ بۈگۈن يەنى مۇشۇ ئاينىڭ27-دىن 30-غېچە ھەرقايسى ئوبلاست مائارىپ ئورۇنلىرىدا سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.تەپسىلىي ئەھۋالنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرسەڭلار بولىدۇ.
ئېھتىمال يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرگەنلەر ھازىر جىددى تەييارلىق كۆرۋاتقان بولساڭلار كېرەك، ھەممەيلەنگە قولايسىز بولغىنى بۇ قېتىمقى يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىشى ئورنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىسىستى بولۇپ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن بىر كۈن ئاۋال بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىشى شەرت ئىكەن.
ھارقايسى ئوبلاستلاردىن ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى ئورنىغا قاراپ بۆلگەن بولۇپ 8-ئاينىڭ3-كۈنىدىن11-كۈنىگىچە ۋاقت بەلگىلەپ بەرگەن ،مەيلى قەيەردە تۇرۇشلۇق بولسىڭىز ئاۋال كۆرۋىلىپ قايسى كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا شۇنىڭغا قارىتا بارسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى قالغان ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۋىلىڭلار ،خەنزۇچە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا مەن چۈشەنگەنلىرىمنى شۇنچلىكلا ئىپادىلەپ بەردىم.
ئىمتىھان ئۇچۇر ئارىسى :
http://www.xjedu.gov.cn/rdzt/tgjszp/ncsyyeyjszp/zpxx/index.htm
ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىلىش ئارىسى :
http://www.xjedu.gov.cn/rdzt/tgj ... zpxx/2011/43100.htm
ئەسكەرتىش:يۇقارقى ئادرىس ئارقىلىق يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى مەزكۇر تور بەتتە بىۋاستە كۆرەلەيسىز ئەمما ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرلۇش ئەھۋالىنى ئاۋال تۆۋىندىكى ھۆججەتنى كومپىيۇتىرغا چۈشۈرۈپ ئاندىن ئېچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
تەمىنلىگۈچى: گۈلۈم-ئاتئال