مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6949|ئىنكاس: 14

بالىلار ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقان خانىم – قىزلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا تاغ سۈپەت ئاتىلىرىمىزغا ئوخشاش مېھنەتكەش ۋە قۇچىقى مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئانىلىرىمىزمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان، ئېنىقكى، جەسۇر ۋە باتۇر ئاتىلىرىمىزنىڭ كۈرەشلەردە غەلبە قازىنىشىنى گۈل سۈپەت ئانىلىرىمىزنىڭ مۇناسىپ ئەجرىدىن ئايرىپ قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

دەرۋەقە، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان مەدەنىيەت تارىخىدا ئەرلەرنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ شۇ دەۋرلەردىكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۆتمۈش ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈنكى دەۋردىكى مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات تارىختىكىگە ئوخشاش جىنس ئايرىمىسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجىر – مېھنەتتە ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنس پەرقىنى ئايرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئۆتمۈشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈننىڭ قەدرىنى بىلىش ۋە ئەتە ئۈچۈن تىرىشىش ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. سۈبھىسىزكى، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن مىللىي ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان، شۇڭا، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز خاسلىقى بويىچە مەزمۇت تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، ئانىلار بولسۇن ياكى ئاتىلار بولسۇن، چوقۇم ئورتاق تىرىشىشى كېرەك.

گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك تەربىيلەش كۇرسلىرىدا جاپانى جاپا دېمەي، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ساپاسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان نۇرغۇن ئانىلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى مېنى قايىل قىلدى، بۇ تولىمۇ ياخشى يۈزلىنىش. چۈنكى، بالىلار ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆگىنىشكە بېغىشلىشى بىر خىل روھىي ئويغىنىشنىڭ ۋە سەگەكلىكنىڭ بېشارىتىدۇر.

ئىنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى قىزلىرىمىزدىن ئەھۋال سورىغىنىمدا، ئۇلار ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشتىكى مەقسىتىنى سۆزلەپ كېلىپ : « ھېچ بولمىغاندا، بۇ كەلگۈسىدە بالىمىزنى تەربىيلەش ئۈچۈن بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ. ناۋادا، مەن ئۆگەنمىسەم، بالاممۇ ئۆگەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر مەن ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىۋالسام كەلگۈسىدە بالامغا ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزۈم ئۆگىتىمەن ۋە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆگىنىشىگە ياردەمدە بولىمەن» دەيدۇ. مەن يەنە نۇرغۇن مېھرىبان ۋە جاپاكەش ئانىلارنى ئۇچراتتىم، ئۇلارمۇ مۇنداق جاۋاپ بېرىشتى: « ياش بۇ يەرگە كەلگەندە، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ھەرگىزمۇ ئۆز كەسپىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىغىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بالىلىرىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز مۇشۇ ياشتا تۇرۇپمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگەنسەك، بالىلىرىمىز بىزنىڭ روھىمىزدىن تەسىرلىنىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. بىز ئۇلارغا ئەخلاق ۋە باشقا ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزمۇ ئۆگىنىپ بالىلىرىمىزغىمۇ ئۆگەتسەك، ئائىلىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ».

مەن يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى ئاڭلاپ، رېستۇران ۋە پەدازخانىلاردا ۋاقىت ۋە نۇرغۇن پۇلىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بىچارە خانىم – قىزلىرىمىز ھەققىدە ئويلاندىم. ئۆزى 40 – 50 ياشلارغا كىرىپ قالسىمۇ، بالىلىرى ئۈچۈن ئۆيلىرىدە ۋە تەربىيلەش كۇرسلىرىدا ئۆگىنىۋاتقان ئانىلار بىلەن، ئەتىدىن – كەچكىچە ئولتۇرۇشلاردىن باش تارتىپ بولالمايۋاتقان خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ساپاسى ۋە روھىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇتلۇقىنى ئويلىدىم، مېنىڭ نەزەرىمدە ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئانىلار _ كەلگۈسى مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن ئۇل سېلىۋاتقان ئانىلار ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپىنچە ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيگە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى يەيدىغان - ئىچىدىغان يەردىن، تاماشا سورۇنىدىن كېلەلمەيدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا « ياخشى ئۆگەن، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلە، ئىمتىھاندا ئالدىدا چىقمىساڭ بولمايدۇ» دەپ جېكىلەشنى بىلىدۇ – يۇ، بالىلىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارغا چىن دىلى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۆگىنىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، تېخى، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئوينايدىغان سورۇنلارغا بىللە ئاپىرىپ، بالىلىرىدا خاتا تۇرمۇش قارىشى، دۇنياقاراش شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ...

دەرۋەقە، بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشتە مەكتەپ مائارىپى چوڭ رول ئوينايدۇ، ئەمما، قەدىمدىن بۇيان تەربىيە ۋە ئۆگىنىش مەكتەپتىلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۆگىنىش ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىي ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنت تەربىيلەشتە مەكتەپ مائارىپىغا تايىنىۋېلىش خاھىشى خېلىلا ئېغىر. كۆپ قىسىم ئاتا- ئانىلاردا : « بالىلارنى مەكتەپ تەربىيلەيدۇ، بىز بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ بەرسەكلا بولىدۇ» دەيدىغان خاتا قاراش مەۋجۇت. بەزى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بالىلارنى قورساقتىكى چاغدىن باشلاپلا تەربىيلەشنى ئادەت قىلىدىغان ياخشى يۈزلىنىش بار، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر بۇنداق تەربىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولدى. بىزدە بالىلىرىمىزنى قورساقتىكى چاغدىن ئەمەس، مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت. رايونىمىزدا بەزى ئاتا- ئانىلار ھېلىغىچە بالىلىرىنى مەكتەپتىن ياندۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ كويىدا، يېزىلاردىكى كۆپلىگەن بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتنىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ... دېمەك، بىزدە تېخى ئەۋلادلارنى سىستېمىلىق تەربىيلەش ئىشى تۈزۈك ئەمەلگە ئېشىپ بولالمىدى.

ئەلۋەتتە، مىللەتنىڭ ساپاسى بىر كۈندىلا ئۆسمەيدۇ، ئەمما، بۈگۈنكى ھەر بىر كۈن ئەتىكى ساپانىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇلى بولىدۇ، مىللەتنىڭ ساپاسى بىر قانچە كىشىنىڭ تىرىشقىنى بىلەنلا ئۆسمەيدۇ، ئەمما، ئاشۇ بىر قانچە كىشى تۈمەنمىڭلىغان كىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ۋە يول باشچى بولالايدۇ. رېئاللىقتىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ قىلچە ھاجىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق، قاقشاش بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر ئىشىمىز؛ بۈگۈنىمىز  ۋە ئەتىمىز ئۈچۈن توختىماي ئۆگىنىش ۋە تىرىشىشتۇر.

بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇتۇقى- ئۇلارنىڭ مائارىپقا خېلى بۇرۇنلا مەبلەغ سېلىپ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭلاشقا، نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە ئختىرا شۇلاردىن چىقىۋاتىدۇ. شۇنى ئەستىن چىقىرماسلىق كېرەككى، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە سالغان ھەر قانداق مەبلىغىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، بالىلار ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقان قىزلار ۋە ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان ئالىي غايىسى كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنغان ئەقلىي مەبلىغىدۇر. بۇنداق ساپالىق ئانىلىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز قانچە كۆپەيگەنسېرى، مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى شۇنچە ئۆسىدۇ ۋە مىللىتىمىزگە سان – شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ياراملىق ئەۋلادلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشى ۋە تىرىشىشى ئۆزى ئۈچۈنمۇ ، بالىلار ئۈچۈنمۇ تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئائىلىدىكى تەربىيەدە، مەيلى ئانا ياكى ئاتا بولسۇن، بالىلار ئۈچۈن ئورتاق ئۈلگە كۆرسىتەلەيدۇ. مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق يەتكىلى ۋە ئېرىشكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە بالىلار ئائىلىدە ئېرىشىشى مۇمكىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق – يوسۇنلار ئاستا – ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ – ئادىتىمىزنى، گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتىمىزنى يەتكۈزۈشتە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم.

قىسقىسى، تەلىم – تەربىيەنىڭ شەكلى خىلمۇ – خىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم قىزلار ۋە ئانىلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساپاسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆگىنىشكە ئاتىشى مىللىتىمىز ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ياخشى يۈزلىنىش. بىز شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئانىلارنىڭ ساپاسى قانچە ئۆسسە، بالىلارنىڭ ساپاسى شۇنچە ئۆسىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ساپاسى مۇناسىپ ئۆسسە، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ساپاسى ئۆسىدۇ ۋە يۈكسىلىدۇ.

مەنبەسى:«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
motiwarlar + 10 نادىر تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل ئانىلار ئىكەن،مەنمۇ شۇنداق قىلسام دەيمەن،مەنمۇ شۇ تۈگىمەس چاي دىگەنلەرنى قەتئىي كۆزگە ئىلىپ قويمايمەن،نىمە پايدا ئۇنىڭدىن،زىيان چىقسا چىقىدۇكى،پايدىسى تىرناقچىلىك يوقتۇ..........بولسا ئانىلار شۇ پەردازخانىلارغا كەتكەن ۋاقىتلىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىش،ئۇلاربىلەن مۇڭدىشىش،ئۇلارغا بىرەر ۋاخ ئىسسىق سۇيقاش ئېتىپ بېرىشكە ئىشلەتسە ساۋاپ تېپىۋالاتتى دە،شۇ ياسانغان ۋاقىتلىرىنى ،قاتار چاي ۋاقىتلىرىنى ئۆيىدىكى ئۇماق ،سەبىي بالىسىغا  دەرس تەكرار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسە ھەممىدىن مەنىلىك بولمامدۇ؟شۇ ئۇيۇنغا كەتكەن ۋاقىتلىرىنى بىرەر ھۆنەر ئۆگۈنۈش ياكى چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشكە سەرپ قىلغان بولسا كەلگۈسى جەمىيىتىمىز خېلى بىر تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بولماسمىدى؟مەن بەزى خانىم-قىزلارغا ھەيران قالىمەن ،ئاۋۇ،ماۋۇ خانىم-قىزلارمۇ ئويناۋاتمامدۇ،شۇ قىزلارئويناۋاتسا مەنمۇ ئوينىمىسام بۇلامدۇ،دوستلار قاتارىدىن،ساۋاقداشلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالسام سەت تۇرامىكىن دەپ ،ئۆز كۆڭلىنى بىر دەڭسەپ باقمايلا قاتنىشىۋېرىدۇ  نەچچە يۈزلەپ ،نەچچە يۈزلەپ....ئاخىرىدا پۇلىنى قاتار اچايلارغا بېرىۋېتىپ ،بەزى مۇھىم ئادەمگەرچىلىكلەرگە بارمايدۇ ياكى بۇرنىنى كولاپ ،قىسىنىپ بارىدۇ.توۋا دىمەكتىن باشقا ئامال يوق...........ئۇلارنىڭ كۈنلىرىگە ۋاي ................تۇرمۇشى تۇرمۇش بۇلامدۇ بۇنداق ئۆتىۋەرسە...........
مۇشۇ تېما ئارقىلىق بارلىق خانىم -قىزلارغا شۇنى خىتاپ قىلىمەن:ئەي ،مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى قاچانغىچە باشقىلار ئۈچۈن ياشايمىز،ئۆز ئائىلىمىز،ئۆز كەلگۈسىمىز بولغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن ياشايلى!ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز بىلىم ئالايلى!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .رەھمەت

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىملار يوللىنىپتۇ ....ئاللاھ نىسىپ قىلسا مەنمۇ چۇقۇم  شۇنداق قىلمەن .

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17546
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7124
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:41:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار      بەك    يامان

قىلغانلىرىڭنىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28160
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5244
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 06:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار بالا تەربىيلەشتىن بۇرۇن ،ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيلەشكە موھتاج

ياخشىلىق قىل،ئۇنتۇپ كەت!

ئەخلاق - ئادەم زى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8100
تۆھپە نۇمۇرى: 1392
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 06:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنى تەربىلەشتە ئاتا- ئانىلارنىڭ رۇلى ئىنتايىن مۇھىم

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11709
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 09:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئۈچۈن توختىماي ئۆگىنىش كېرەك . بۇنداق قىلمايۋاتقان ئاياللار ھەقىقى ئانا ئەمەس . ئۇلار ۋاقتىنى كىيىم كىچەك ، گىرىم ، ئولتۇرۇشلارغا سەرپ قىلماقتا . بايىلا بازارغا چىقىپ بىر ئايالنىڭ كۆينىكىنىڭ ئالدى بەكرەك ئۇچۇقلىقىنى ، بەدىنىنىڭ بىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھىچ بولمىغاندا 3،4 ياشلىق بالىسى بارلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ . ئاچچىقىم كىلىپ قىزىمغا : «جۇرۇڭ قىزىم ، بۇ يەردىن كىتەيلى ! ئىزا تاتمايدىغان ئاپاشلار باركەن!» دەپ تەنە گەپ قىلدىم نېرىغا ماڭدىم .ئۇ خۇتۇن ئاڭلىدىمۇ ئاڭلىمىدىمۇ بىلەلمىدىم . ئەگەر گەپ قىلغان بولسا ، تىللاپ رەسۋاسىنى چىقىرىۋىتەي دەپ ئويلىغانتىم . مۇشۇنداقلار بالىلىرىنى قانداقمۇ تەربىيىلەر ، ھەي !!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 11:00:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى نادىرلاش كېرەك!

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:11:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  fazila كە 2011-07-27 06:38 PMئەۋەتىلدى  :
ئانىلار بالا تەربىيلەشتىن بۇرۇن ،ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيلەشكە موھتاج  
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق. ئالدى بىلەن، ئانا تەربىيەلىنىشى كېرەك.

ئانىلارنىڭ يۇقۇرىقىدەك ھەرىكەتكە كەلمىكى ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ بىزنىڭ
ھازىرقى ۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە... لېكىن، تىل ئكگۈنۈش ۋە باشقا ئۆگۈنۈشلەر بىلەن
بىرگە، ئىمكانىيەت يارىتىپ، ‹‹ بىسمىللاھ››، ‹‹سۇنھاناللاھ›› ۋە
‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر›› كەلىمىسنىڭ مەنىسىنى بىلىشنىمۇ، شۇ تەربىيىلىنىش كۈنتەرتىپىگە
كىرگۈزسە، تېخىمۇ نەتىجىلىك، مۇكەممەل بولاتتىمىكىن، دەپ قارايمەن.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش