مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5357|ئىنكاس: 25

مەمىتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىن تاققا تۇققۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48414
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6299
تۆھپە نۇمۇرى: 638
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 03:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام ھازىر نۇرغۇن چاشقانلار سەمرىپ مۈشۈكتەك بۇلۇپ قاپتىمىش، مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە «ئاكا» دەپ خۇددى پادىشاھلارنى كۈتكەن دىدەكلەردەك شۇ چاشقانلارنى كۈتەرمىش. بەزى قىزلارمۇ ھازىر ياز كەلدى دەپ يالغان كىيىملىرىنى تاشلاپ سىرتقا كۆرۈنمەس كىيىملەرنى كىيىپ چىققۇدەك، بازاردا ھازىر ئۇزۇن كىيىملەر ئەزانلىشىپ، قىسقا كىيىملەر قىممەتلىشىپ كەتكۈدەك. كىشىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا قىسقا كىيىنىپ، ئۆيگە كىرگەندە ئۇزۇن كىينىۋالدىغان بوپتۇ، ئاڭلىسام بۇ بىر مەدەنىيەتمىش. بەزى نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇلۇپ كەتتى، بۇنداق بۇلۇپ كەتتى دەپ قاقشاپ زار زار بۇلۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغانمىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتاپقا پايلىيالمىدۇق دەپ توڭلاتقۇغا يوتقان سېلىپ ياتقۇدەكمىش . |
مانا ئاڭلىغانسىز ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىمىز دەپ ھاراقلارنى رومكىلارغا تولدۇرۇپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلىرى ئاياللىرىنى  توسماقتا يوق «خو خوتۇن» دەپ ماختاپ يۈرىيدىغانلار جىقكەن. نۇرغۇنلىرى تاپقان تەرگىنىنى سىرتقا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلگەندە قورسىقىغا تاشنى تېڭىپ يۈرگۈدەك. مانا ھازىر تاشتىن سۇ چىقارغىلى بولدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرغۇن كىشىلەر يەردىن تاشنى تېپىۋالسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ نەچچە كۈن ئۇخلىماي قارايدىكەن. بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئىسسپ كىتىۋىدى ماتاڭچىنىڭ ئاچچىغى كىلىپ دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.
مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ «قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز» دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. … سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى. ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟..
ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى « ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن …. قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن … ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا… بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گىلاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ.
كۆزىم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەر بۇلۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بۇلۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي، كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرىپ تازا كۈلگەندىم.بۇگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزىپ بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ، چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! … ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىر چاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ …. بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەنكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك … ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟… يۇقۇرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز…. يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرىپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭا
مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىللىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك – پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ …. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك… بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش… يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش ، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز….
ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركايە چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇدە…. بىزنىڭ كۇچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى. ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتە كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدە… بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا چاقىللىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزىم بىلەم كۆردۈم…   
مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى » دىگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدا مانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا
ماۋۇ ئۆيدىكى مۆشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى . ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەغمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دىگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق ، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بىرىۋاتىمىز . ماۋۇ خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۈگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردە بېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ، پۇتىنى قايرىۋالدى .
باشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈتومپاي ، يۇۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لىكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگە قىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟ ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ، نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ ،  ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ  ، ۋاي – يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ ناز قىلىپتۇ .  يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كىيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا… `
يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى  يىگىتلەرنىڭمۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ…ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ  كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانىچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك … ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نىمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش
مەنبە: « مەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kamran + 20
mahbusman + 20 ئويلانغىدەك،كۈلكىلىك تېما،رەھمەت!
mosajan0997 + 25 يارايسىز!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 65   باھا خاتىرىسى

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4525
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8711
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 767 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          

مەرگەن

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7905
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەميىتىمىزدىكى ئىشلارنى ياخشى قامچىلاش بوپتۇ ،،
ئۇنىڭ ئۈستىگە دەششەت قىززىقارلىق چىقىپتۇ ئوقۇپ بولغۇچە كۈلۈپ بۇلالماي قالدىم .   ھەممىدىن مۈشۈككە لەغمەنگە سەي ئىلىپ بىرىپ چاشقان تۇتمايۋاتىدۇ دىگەن يېرى ...

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:29:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31718
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدىكى  ئاچچىق كىنايە،  يۇمۇرىستىك تىللار ئادەمنى بىر  تۇرۇپ كۈلدۈرسە،بىر تۇرۇپ  چوڭقۇر ئويغا سېىلپ قويىدۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39297
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          

ئازاپلانغانلارل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3524
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9259
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 815 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:53:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ دەسلەپ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹قۇم باسقان شەھەر››ناملىق رومانىنى ئوقۇپ مۇشۇ رومان دەيدىغان ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم بىر تۇرى بىلەن تونۇشۇپ رومان ئوقۇشقا قىزىققان ئىدىم،مەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام ئىچىگە كىرىپلا كىتىمەن گاھ كۇلسەم گاھ ئۇنڭدىكى مەزمۇنلار مىنى ئويغا سالىدۇ ،ئەسەرلىرى تۇرمۇشقا تولىمۇ يىقىن،سۆزلىرى قايىل قىلارلىق.مەن تولىمۇ قايىلمەن بۇ يازغۇچىغا.مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق،يىڭى ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

http://5tograk.blogbus.com شۇمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت، قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت. دۇشمەننى كۇلدۇرۇپ يىغلىما نامەرد، يىغلاتقان دۇشمەنگە كۇلكەڭنى كۆرسەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11380
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5121 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 04:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نىمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش
ما گەپكە تازا كۈلۈپتىمەن...ما مۇنبەردىمۇ باردۇ شەھرىزات ئىسىملىكلەر...

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە بەك ئامراق،‹‹قۇم باسقان شەھەر›› رومانىنى ئىككى قىتىم ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەن بەك ئىسىل رومان،ئوقۇشقا بەك ئەرزىيدۇ......

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز...
ھەجەپ خوش بولدۇم...بەك ياقتۇراتتىم...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش