مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2510|ئىنكاس: 4

بىر پۇڭنىڭ كۈچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48414
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6299
تۆھپە نۇمۇرى: 638
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 03:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئەگەر مۇنداق ئىككى خىل خىزمەتتىن بىرنى تاللاش پۇرسىتى كەلسە، سىز قايسسىنى تاللايسىز؟
بىرىنچى  خىزمەتتە سىزگە بېرىلىدىغان مائاش مۇنداق، بىرىنچى كۈنلۈك مائاشىڭىز بىر پۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر كۈنلۈك مائاشىڭىز ئالدىنقى كۈنلۈك مائاشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېساپلىنىدۇ.  
ئىككىنچى خىزمەتتە كۈنلۈك مائاشىڭىز 10،000 يۈەن
ھەر ئىككى خىزمەتنىڭ مۇددىتى پەقەت بىر ئاي.
ياخشى ئويلىنىپ بىرنى تاللاڭ، تاللىشىڭىز توغرىمۇ ئەمەسمۇ، تۆۋەندىكى ھېساباتنى كۆرۈپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز.
قارىماققا كۈنلۈكى بىر تۈمەن سوم بېرىلىدىغان خىزمەتنى تاللاش ئىنتايىن ئاقىلانىلىكتەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا بىر ئاينى 30 كۈن دېسەك، بىر ئايلىق مائاش 30 تۈمەن سوم دىگەن گەپ!
ئەمما بىز ئىككىنچى خىزمەتنىڭ  مائاشىنى تەپسىلى ھېساپلاپ باقايلى. بىرىنچى كۈنى 1 پۇڭ، ئىككىنچى كۈنى 2 پۇڭ، ئاندىن كېيىن 4 پۇڭ، 8 پۇڭ، 16 پۇڭ……مۇشۇنداق ھېساپلىساق، 10-كۈنىگە كەلگەندە كۈنلۈك مائاشىڭىز ئاران 5 سوم 12 پۇڭ بولىدۇ. ئەمما داۋاملىق ھېساپلاپ كۆرۈڭ، 25-كۈنىگە بارغاندا كۈنلۈك مائاشىڭىز 16 تۈمەن بولىدۇ، 30-كۈنىگە كەلگەندە بولسا 5 مىليوندىن ئاشىدۇ! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايدا  جەمئىي تاپىدىغىنىڭىز 10 مىليون 700مىڭ يۅەن بولىدۇ.
بۇنى تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا تەدبىقلىساق، ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيە ۋە مال باھاسى بويىچە بولغاندا بىر پۇڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، ھەتتا يولدا ئۇچراپ قالسا دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن، ئەمما مۇشۇنداق بىر پۇڭ بىر پۇڭدىن ئايلاپ يىللاپ يىغىپ باقساق، ئاشۇ بىر پۇڭ ئارقىلىق بەلكىم ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلالىشىمىز، بىرەرسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەلىشىمىز، كېسەل داۋالىتىشىغا ياردەم قىلالىشىمىز، ھەتتا ھاياتىنى ساقلاپ قالالىشىمىزمۇ مۇمكىن. يەنە مىسال سىز بۇ ھەپتە 2 ئادەمگە ياردەم قىلسىڭىز، ئۇ ئىككى ئادەم كېيىنكى ھەپتە يەنە ئىككىدىن ئادەمگە ياردەم قىلسا، بۇ 4 ئادەم يەنە داۋاملىق 8 ئادەمگە ياردەم قىلسا….. مۇشۇنداق روھ ۋە كەيپىيات داۋاملاشسا،نەچچە يىلدىن كېيىن مۇشۇ دەسلەپكى ئىككەيلەنگە ياردەم بەرگەن كىشىنىڭ تەسىرى بىلەن مىليونلىغان ئادەم ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، تۇرمۇشىدا، ھاياتىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ياسىيالايدۇ.
مانا بۇ بىر پۇڭنىڭ كۈچى، مانا بۇ تامچە سۇ تاشنى تېشەر دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ ئىسپاتى.
مەنبە؛«بىر پۇڭنىڭ كۈچى» ناملىق كىتاپتىن نەقىل ئېلىندى.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9535
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 08:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك تەمسىل ئىكەن ،كىيىنكىسى راسلا بۇلىدىكەن دىسە ،ئىككى ھەسسىلىنىپ قۇشۇلسا راس بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىدىكەن .

پۇل ھەممە ئىشقا قادىر دىگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەمدۇر.

سۆز ئاغزىڭدىن چى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12337
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8602
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:09:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ھەيران قالدىم

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22919
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 03:21:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ................................

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20293
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5982
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 03:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھمات تاختىسىنىڭ بىرىنچى كاتەكچىسىگە بىرتال بۇغداي ، ئىككىنچى كاتەكچىسىگە ئالدىنقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بۇغداي،..........64چى كاتەكچىسىگە يەنە ئالدىنقى كاتەكچىدىكى بۇغداي سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بۇغداي قويغان بىلەن ئوخشاشكەنغۇ(خاراكتىرى).

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش