مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2408|ئىنكاس: 7

كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 01:30:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ن. ف. كاتانوف



« مىراس » ژورنىلى تەھرىر ئىلاۋىسى: ئوقۇرمەنلەر نەزەرىگە سۇنۇلىۋاتقان بۇ ئەسەر روسىيىدىكى خاكاس تۈركلىرىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوف 1891-، 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردا خەلق ئاغزىدىن يىغقان فولكلور ماتىرىياللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى تىل، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز قىممەتلىك بىرىنچى قول مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئالىم ئۇيغۇرلارنى فولكلور ۋە تىل نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ماتىرىياللار خەلق ئاغزىدىن قانداق چىققان بولسا شۇ پېتى خاتىرىلەنگەن. ئەدەبىي جەھەتتىمۇ ھېچقانداق پىششىقلانمىغان. شۇڭا، بىزمۇ بۇ ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاشتا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز پېتى نەشرگە تەييارلىدۇق. ئەينى دەۋردىكى « چەنتو»، « تۇڭگان» ... دېگەندەك ئېتنىك ناملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى خەلقلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا، ئۆز پېتى ئالدۇق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

   قومۇللۇق چەنتونىڭ ھەر كۈللۈكى قىلغان ئىشىنىڭ بايانى
بوسۇق نىياز ، قومۇل( 1892-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئەر كىشىنىڭ قىلغان ئىشى شۇنداق تۇرۇر. تۈرۈك ئەدەم بولساما، موللا ئەدەم بولساما، ھەر كۈللۈكى بەش گاخ ناماز ئۆتەيدو. موللالار بولسا، خەت پۈتۈپ قۇرئان ئوقۇيدو. تالادىن ئوتۇننى ئەر كىشى ئاپكەلەدو، يە ئىشەك بىرلەن، يە ئاراباغا قوشقان ئات بىرلەن. تېرىقچىلىق قىلىپ ئاشلىقنى تېرىيدو، سۇغارادو، ئورادو. ئەر كىشى ئورغان ئاشلىقنى خوتۇنلار باغلايدو. ئاشلىقنىڭ باغلىرىنى ئاراباغا ئەرەنلەر بوسۇرادو. ئاشلىقنى ياشقان ئاتنى ئەرەنلەرما ھايدايدو، خوتۇنلارما ھايدايدو. ئوتۇننى ئوچاققا خوتۇن كىشى قالايدو، ھەر نۈچۈك ئاش بولسا، خوتۇن كىشى پۇشۇرادو. ئېگىننىما خوتۇن تىكەدو، ئۆتۈكنى ئەر كىشى تىكەدو. باللارنىما خوتۇن باقادو. خوتۇنى ئاغرىپ قالسا، شۇنۇڭ ئىشىنى ئەر كىشى قىلادو. ئىنەكنى خوتۇن كىشى ساغادو. كىزنى( كىگىزنى) ، قېمىشنى، تولىسى ئەر كىشى قىلادو. ساتادۇغان نان بولسا، ئەر كىشى قىلادو؛ ئۆزى يەيدۇغان نان بولسا، خوتۇن كىشى قىلادو. سۇنى ئېرىقتىنما، غۇدۇقتىنما خوتۇن كىشى ئاپكەلەدو، سۇنى ئاپكەلگىلى ئەر كىشى ئۇياتادو. ئورۇننى سالغىنى خوتۇن كىشىدۇر. تەمكىنى( تاماكىنى) ئەر كىشى تارتادو، ئون-ئون بەش ياشار يىگىتلەرما تارتادو. خوتۇنلار چىلىم غاڭزا تارتماي بۇرۇڭغا تارتادو. ئاراقنى ئەر كىشىما ئىچەدو، خوتۇنما تولا ئىچەدو. ئاراقنى ئۆزلىرى قىلمايدو، خەنزۇدىن سېتىپ ئالادو. ئاراقنىڭ باھاسى بىر جىڭنىڭ ئالتى پۇڭ بولادو، يەتتى بولادو. قومۇللۇقتىن گىلەم، بۆز توقۇيدىغان ئەر كىشىلەرما بار، مىسكەرچىلىك قىلادۇغىنىما بار. خەت بىلەدۇغان خوتۇنلارما بىزنىڭ خەقتە بار. باللارنى كىتاپقا ئوقۇتقان خوتۇنلارما بار. چەنتو خەقنىڭ مېيىپلىرى نايخان، تۇرپان لوگۇچەن ( 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى) لۈكچۈندە ھاراق ئىچەدۇغان خەق تولا. گاڭدىن، ئۈچ تەجىدىن تارتىپ پۇقراغىچە: ئەر كىشىما ئىچەدو، خوتۇن كىشىما ئىچەدو، يىگىت باللارما ئىچەدو. تەمەكىما تارتادۇغان خەق تولا: ئەر خەقما تارتادو، خوتۇن خەقما تارتادو، ياش باللارما تارتادو. تەمەكى تارتماۇدۇغان خەق شۇ گاختا ئازدۇر. توقسۇللۇق خەق ھاراقنى ئاز ئىچەدو، تەمەكىنىما ئاز تارتادو. ئاپېيىن( ئەپيۈن) تارتادۇغان خەق، ئۈچ تەجىدىن تارتىپ، تولا خەقنىڭ ئارىسىدا بار: خوتۇللارما تارتادو، ئەر خەقما تولا تارتادو. ئاپېيىننى يەيدۇغېنىما تولا بار. بالدىر ( بالدۇر، بۇرۇن) ناسنى بىزنىڭ خەق بىلمەيدۇغان ئىكەن، بەدەۋلەتنىڭ زامانىدىن باشلاپ شۇ ناسنى ئەر خەقما، خوتۇن خەقما ھەممىسى بىلىپ ئالدى. چەنتو خەقنىڭ ھۈنەرلىرى بىزنىڭ خەقنىڭ ئارىسىدا ئۆتۈك تىكەدۇغان ئادەم بار، بۆز توقۇيدۇغان ئادەم ، بۆز بويايدۇغان ، ئېڭىل تىكەدۇغان سەيپۇڭ بار. بېلىق تۇتادۇغان ئادەم يوق، دەريادا سۇ بولماغاندىن كېيىن، سۇدا ئۈزەدۇغان ئادەم بىرما يوق. چەنتو ئارىسىدا مىسكەر يوق، تومۈرچى تولا، پەرەڭ ئورۇسنىڭ مىلتىقلىرىغا ئوخشاشما سوقادۇغان تومۈرچىلەرما بار. مۇجاڭنىڭ ئارىسىداما تولا ئۇستالار بار. پالگانلار تولا، بۇغا ئاتادو، ئېيىق، بۆرە، تۈلكى، ئۆردەك، غاز، قۇ، قودا، لەگلەك، تۇرنالارنى ئاتادو. ئۆردەكتىن بۆلەك قۇش مۇندا يوق، ھەممىسىنى ئەرتە يازدا ، كۈزدە ئاتادو، بۇ يەرلەردىن ئۆتەدۇغان گاختا. چەنتونىڭ ئارىسىدا تومۇرچى تېبىپلەرما بار، دورىنى تولىسى خەنزۇدىن سېتىپ ئالادو. ئاتنىڭ ئاغرىغىنى ساقايتادۇغان ئادەملەرما بار. ئادەمنىڭ قېنىنى ، ئاتنىڭ قېنىنى ئالادۇغان ئادەملەرما بار. قاننى چېكىسىدىن ئالغىلى قورقۇپ ماڭلايدىن ئالادو. ئاتنىڭ قولىدىما ئالادو، چېكىسىدىنما ئالادو لۈكچۈن شەرى ( نايخان بايانلىرىنىڭ داۋامى) لۈكچۈننىڭ خەلقى تولىسى چەنتودۇر. تۈڭگەن ئاتمىش تۆرت ئۆيلۈك، خەنزۇ ئوتتۇز ئالتى ئۆيلۈك. چەنتونى بەش دۆبە خەق دەيدو: ئىككىسى تۇرپان، ئۈچى لۈكچۈندە. لۈكچۈندە يەرلىك سارىيى يوق. لۈكچۈندە ئوبدان دەن خەنزۇدىما، تۈڭگەندىما يوق، ئوبدان بازارما يوق. پۇزۇلى خەنزۇنىڭ ئون، تۈڭگەننىڭ ئۈچ، چەنتونىڭ تۆرت بار. سۇنى غۇدۇقتىنما، ئېقىن سۇدىنما ئالادو. لۈكچۈندە ئىككى سېپىل بار: بىرى قېدىمدا خەنزۇ سوققان شەر، بىرى يېڭىدا بەدەۋلەت سوققان. بەدەۋلەت سالغان شەر چۆرىسىدە، خەنزۇنىكى ئىچىدە قالدى. پۇزۇللار ( ئاشپۇزۇل) شەر ئىچىدە. شەر تېشىدا چەنتولار ئولتۇرادو، خەنزۇ، تۈڭگەنما ئازاراق باردۇر. خەنزۇنىڭ بىر كىچىك بۇتخانىسى بار. شەرنىڭ ئىچىدە چوڭ سەككىز مىچىت بار، بىر مەدرەسە بار، ئىككى مەكتەپخانە بار. لۈكچۈننىڭ چۆرىسىدە چىقادۇ: قوناق، كەپپەز، بىدە، كۈنجۈت، بۇغداي، پۇرچاق، ئارپا، ئۈندۈرمە بار؛ ئاپېيىن يوق؛ ئاپېيىننى گۇچۇڭدىن ئاپكەلەدو. تۇزنى لۈكچۈندىن يىگىرمە يولدا، تۇيۇق تەرەپىدە، سايدىن ئالادو. گۈرۈچنى ماناستىن، كورلىدىن ئاپكەلەدو. لۈكچۈندە يەنە يانتاق شېكىرى چىقادو، تاش كۆمۈر، چىگىنى پىچاندىنما ، لوپتىنما( لوپنۇر) ئاپكەلەدو. ئوتۇننى يېرىم كۈللۈك يەردىن، لوپ تەرەپىدىن ئاپكەلەدو. ئوتۇڭغا يانتاقنى ، يۇلغۇننى قىلادو. لۈكچۈن مەدرەسەسىدىن چىقىپ، قاشقار، ياركەڭگە بارادو، ئاندىن سامارقاڭغا بارادو. لۈكچۈندە قومۇل، تۇرپاڭغا ئوخشاش، ھەممە ئۆي تاملىرىنى لايدىن سوقادو. ھايگاناتتىن لۈكچۈندە ئات، تۆگە، كالا، قوي، ئېشەك، قېچىر، توخو، ئۆردەك، غاز، توڭۇز، ئىت، تايغان بار. يولبارس لۈكچۈندىن ئاتلىق كىشىگە ئۈچ كۈللۈك يەردە بار، لوپ تەرەپەسىدە. مايمۇننى قومۇل، قاشقار تەرەپىدىن ئاپكەلەدو. مۆگەلەردىن لۈكچۈننىڭ چۆرىسىدە ئالما، ئەنجىر، ئۈزۈم، شاپتولا، ئۆرۈك، نەشپۈتە، ئانار، چىلان، جۈجۈلە، قارامۇق، ھەيلۆنە، جىنەستە، جىگدە...... لۈكچۈڭگە تەئەللۇق يۇرت، كەنتلەرنىڭ ھېسابى: چىقتىم، پىچان، شۆگە، خاڭدو، لەمجىن، چۇباڭقۇر، يۇتۇق، سىڭگىم، مۇرتۇق، قارا خوجا، ئاستانە، ياڭخى، لۈكچۈن، سىركىپ، تۈگەنساق، سۇپاسۈيى، دىخانسۈيى، لۈكچۈن كارىز، دىغار كارىز، ياڭخى كارىز، قاراخوجا كارىز، لۈكچۈن چىگەبۇلاق كارىز، لۈكچۈن ئەبەت گوڭشاڭ، سىڭگىم گوڭشاڭ، پىچان سۇبېشى، لەمجىن سۇبېشى، لۈكچۈن تاغ تەرىپى كۆكيار، ئۆرتەڭ ئاغزى. قارلۇق تاغ باشلاپ تا ئۈرۈمچىگىچە: بىر تەرىپى، جۈنۈپ تەرىپى چۆلتاغ، كۈن چىقىشى قۇمتاغ. تۇرپان، توقسۇن، تۇرپان چىگەبۇلىغى، تۇيۇق، تۇيۇق سۇبېشى، تۇرپان كارىزى، يەمشى، توقسۇننۇڭ كارىزى، لۈكچۈننىڭ مۇرتۇق يۇرتى، لۈكچۈڭگە لوپ( لوپنۇر)مۇ تەبە. لۈكچۈننۈڭ لوپ تەرىپىدە ھاسار دېگەن شەر بار، قارا خوجاداما ئەسكى شەر بار، تولا چوڭ، يىگىرمە بەشتىن پوتەي، ھەممىسى يۈز. تۇرپاننىڭ كىچىك ئەسكى شەرى بار. يۈز پوتەيلىك شەر دەقيانۇسنىڭ شەرىدۇر. تۇرپاندىن توقسۇڭغا يۈز سەكسەن يولدۇر، لۈكچۈڭگە يۈز ئاتمىش يول، پىچاڭغا ھەم يۈز سەكسەن يول. مازارلار تۇيۇقتا، ئاستانىدە، لۈكچۈندە، سىركىپتە، دىغاردا، يۇتۇقتا، مۇرتۇقتا، خاندودا، پىچاندا، شۆگەدە، ياڭخىدا، توقسۇندا، يەمشىدە. تۇرپاندىن جۈنۈپ تەرىپىدە تۆرت يولدا ھەزرىتى ئېلىنىڭ دۇلدۇلىنى باغلاغان جاينىڭ ئىزى بار. ئالتى شەر ( مۈجۈپ ئاخۇن ئاغزىدىن) ئالتى شەر دەگەن شەرلەر شۇ: ئەزىزانە قاشقار؛ پىريانە ياركەن؛ شەھىدانە خوتەن؛ غازىيانە ئاقسۇ؛ گۈلىيۇللانە ( ۋەلىيۇللانە) كۇچار؛ غەرىبانە تۇرپان. قاشقاردا ئەزىز ئولىيالار ( ئەۋلىيالار) بار. ياركەندە پىرلەر تولا. ھەممە شەھىت خوتەندە تولا. ئاقسۇدا غازىلار تولا. كۇچاردا گەلى( ۋەلى) تولا. تۇرپاننىڭ دەريايى يوق، يەر-سۇ ئاز، ئولىيالار تولا، ئېنىڭ ئۈچۈن غەرىپ تولا. غەرىپ دېگىنى مۇساپىر. ، بوغۇزىدىن ئالمايدو. تۇرپان ئۆلكىسى لوپنىڭ بايانى مىجىت( مۈجۈپ) ئاخۇننىڭ ئاغزىدىن ( 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى) بۇ لوپ( لوپنۇر) دېگەننىڭ ئەللىرى تۇرپاڭغا گاڭغا قارايدۇ. بۇ لوپنىڭ توققۇز بېگى بار. بۇ بەگلەر باشلىرىغا خەنزۇ بەرگەن جىڭسا ئوتۇغاتنى « غوتۇرغات» دەيدۇ. بۇ لوپ بەگلىرى ھەر يىلدا تۇرپان دوتەيگە بىر جۈپ ئۆلۈك يولبارس، بىر جۈپ تىرىك ئات، ئۇ يەنە بىر جۈپ قاما، ئۇ يەنە توققۇز كالا، توقسەن قوي، ئاق، قارا بىر يۈز سەكسەن كۆرپە بۇلارنى تارتىق بېرەدو. ئۇ يەنە لۈكچۈن گاڭغا شۇنۇڭغا ئوخشاش تارتىق بېرەدو. شۇ ئىككى تارتىقدەك ئىككى يەرگە تۇتقان گۇنايىغا لوپلۇق خاڭغا ھەر قاسىدىن توققۇز جۈپتىن تارتىق بېرەدو. خاڭغا بېرەدۇرغان توققۇز جۈپ يولبارس تېرىسىنى يۇرت خەلقى ئالغۇلۇق بولسا، ھەر يۇرتتىن بىردىن، ئىككىدىن كالىنى ئالباڭغا ئېلىپ، يەتمىش-سەكسەن ، بىرە يۈز كالىنى قىلىپ، يولبارس بار جاڭگالغا ھايداپ يولبارسقا سېلىپ بېرەدو. ئاندىن بۇ جاڭگالدا يولبارس بولسا، بۇ كالىنى يولبارس كېلىپ بىرنى ئېتىپ ئاتادو. ئاندىن بۇ يولبارس ئېتىپ ئاتقان كالىنىڭ گۆشىنى بىر كۈن توقتاپ سوتۇپ ئېنىڭدىن كېيىن يەيدو. ئاندىن بۇ لوپلۇقنىڭ ئارىسىدا ئەللىك يېرىم يا ئاتمىش يېرىم كۇچىلىنى يۇمشاق يانچىپ ئۇششاق-ئۇششاق يىگىرمە-ئوتتۇز خالتاغا ئېلىپ تەييار قىلىپ قويادو. بۇ يولبارس كالىنى تاشلاب ئېتىپ كەتكەننىڭ نېرىسىگە ماراپ تۇرۇپ، بۇ كۇچىلىنى ئاپىرىپ كالىنىڭ بەدىنىگە پىچاقنى تېرەن-تېرەن سانچىپ، پىچاقنىڭ ئورنىغا بىر خالتا كۇچىلىنى تىقىپ، بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىنى يىڭنە بىرلەن تىكىب ئاتۇرلەر. شۇنداق كالىنىڭ يىگىرمە-ئوتتۇز يېرىگە كۇچىلىنى قويۇپ كەتسە، ئاندىن ئەرتىسى يولبارس كېلىپ بۇ كالىنىڭ گۆشتىنى يەرلەر. ئەڭگەل بىر يەپ كۆڭگەن يولبارس بولسا، پىچاقنىڭ ئىزىنى بىلىپ يېمەي كېتۇرلەر. ... مەگەر يېمىگەن يولبارس بولسا ، بۇ گۆشنى ھەممىسىنى يەرلەر. ئاندىن بۇ يولبارس گۆشنى يەپ بولۇپ بىر تەرىپىسىگە كېتەرلەر. ئاندىن بۇ لوپ خەلقى كېلىپ يولبارس گۆشنى يەپتۇ، دەپ يولبارس كەتكەن تەرەپكە ئىز ئىستەپ يۈرۈرلەر. بۇ يولبارس تازا بولسا، ئالقىنىنى ئېچىپ يەرنى دەپسەيدو. ناۋادا كۇچۇلا يېگەن بولسا ، بەش يول، ئون يول بارغۇچە ئالقىنى يۇمبۇلاق بولۇپ ئىز بولادۇ. بۇ يولبارسنىڭ ئىزى مۇشتەك بولسا، بۇ يولبارسنى كۇچۇلا كۈچىگە ئالغان گاختىدۇر. ناۋادا يولبارس شۇنداق گاختىدا ئادەمگە ئۇچۇراپ قالسا، ئادەمنى يەرگە ئۇرۇپ يېپىشتۇرۇپ ئاتادو. بۇ لوپلۇق يولبارسنىڭ ئىزى يۇمبۇلاق بولغاندا يېقىن بارمايدو. ئاندىن شۇنداق بولغاندا ئۈش كۈندىن كېيىن ئۆلەدو. ئاندىن بۇ لوپلۇق بېرىپ تېرىسىنى ئابدان سويۇپ، ئىچىگە سامان تىقىپ، بۇ يولبارىسنىڭ سۆڭىگىنى بىر تۇلۇمغا، گۆشىنى بىر تۇلۇمغا ئالادو. شۇ تېرىقىدە توققۇز يولبارس تۇتۇپ ئالادو. ئۇ يەنە خاڭغا بېرەتۇرغان توققۇز جۈپ قامىنى قىش كۈنىسى دەريانىڭ ئۈستۈنىگە مۇز توڭلاغاندا ، بۇ لوپلۇق يۇرت خەلقى ئالبان بىرلەن چىقىپ قاما ئالادو. بۇ قامىنى ئالۇر بولسا، بۇ مۇزلاغان دەريانى مۇزىنى ئادەم بېلىدەك نەچەن يەرنى تېشىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا نان گۆش ئاپىرىپ قويادو. بۇ قاما دەريانىڭ ئىچىدىن چىقىپ بۇ تۆشۈككە كېلەدو. ئاندىن بۇ قاما تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ، مۇندا ئادەم بولماسا، گۆش، ناللارنى يەيدو. ئاندىن بۇ قامالار ئىككى-ئۈش كۈن نان، گۆشنى يەپ ئادا بولغاندا، تۆشۈكنىڭ ئۈستۈنىگە چىقادو. ئاندىن بۇ قاما قۇرۇق يەرگە چىقىپ جاڭگال ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن لوپلۇق تۆمۈر توزاقنى ئاپىرىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا قويۇپ قويادو. ئاندىن بۇ قاما جاڭگالدىن « تۆشۈككە كىرىپ كېتىمەن » دەپ كېلىپ بۇ توزاققا بېشىنى تىقسا، بۇ قامىنىڭ بېشى قىسىلىپ قالۇرلەر. لوپلۇق ئىككى-ئۈش كۈن كەلمىسىلا، بۇ قاما توزاقتىن چىقالماي ئۆلۈپ قالۇرلەر. ئاندىن بۇ قامىنى تېرىسىنى تۇلۇم سويۇپ، تېرىسىگە سامان تىقىپ شۇ تەرىقىدە ئالبان بىرلەن توققۇز جۈپ قاما ئالۇرلەر. ھەر كىمنىڭ تۇرپاڭغا ياراغۇدەك، گاڭغا ياراغۇدەك تارتىققا لايىق بۇ ئادەملەرنىڭ بىرەر نەرسە-كېرەكلىرى بولسا، زۇلۇم بىرلەن ئېلىپ ئالۇرلەر. ئۇ يەنە قوي، كۆرپە، تۈلكى، ھەممە بىرەر نەرسە-كېرەك تارتىق جابدۇقىنى يۇرتتىن زۇلۇم بىرلەن ئالۇرلەر. تۇرپاندىن لوپقا كىشى كىرسە، دوتەينىڭ، گاڭنىڭ، بەگلەرنىڭ ، بۇ كىرگەن ئادەم ھەم ئۆزىنىڭ بولۇپ، بىر-ئىككى مىڭ سەرلىك سودا ئېلىپ كىرۇرلەر. ئاندىن بۇ كىرگەن ئادەم لوپنىڭ ھەممە بەگلىرىدىن يىغىپ ئېلىپ بارغان سودالىرىنى « خىنى سودا» دەپ بەگلىرىگە بۆلۈپ بېرۇرلەر. بۇ بەگلەر بۇ سودالارنى ئاپېرىپ ھەر قاسى ئۆز ئادىمىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرۈرلەر. ئاندىن بۇ كىرگەن ئادەم لوپتا بىر نەچچە زامان پۇلغا كۆڭنى-قارنى تويغۇچە يەپ ئاندىن « كېتىمەن » دېسە، يەنە بۇ لوپ بەگلىرى يۇرتتىن يىغقان خىنى تارتىقنى ئاپكېلىپ بۇ كەلگەن تۇرپان بەگلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرۇرلەر. ئۇ يەنە بۇ ئېلىپ بارغان خىنى سودانى ھەممە يۇرت خەلقىدىن بىر گەز مالغا بىردىن قوي زۇلۇم بىرلەن يىغىپ ئالۇرلەر. ئۇ يەنە بىرە توپتىن يىڭنە، يا بىرە ساندۇق ئۇپا سوغۇلۇق بېرىپ، ئېنىڭ ئورنىغا بىرە تاغار خۇرجۇن تاسما-كۆرپە يىغىپ ئالۇرلەر. بۇ لوپتىن يىغقان ھەممە پۇل-مالنى ، يەنە ئالباڭغا ئات-ئۇلاق ئادەم يىغىپ بۇ تۇرپان بەگلىرى بىرلە ئېلىپ تۇرپاڭغا ئالبان بىرلەن ئاپچىقادو. بۇ لوپ خەلقى تۇرپاڭغا چىقاتۇرغان ئالبىنىنى ئۆلۈم ئالبىنى دەيدو. « نېمە ئۈچۈن» دېسە ، بۇ لوپ خەلقىگە چېچەك چىقمايدو. ناۋادا تۇرپاڭغا چېچەك كېلىپ قالغان بولسا ، « بېشىڭنى ھېلى چاپىمەن » دېسىما، « ئې بۆبۈلەرىم كەپ قاپتۇ» دەپ ھەرگىز تۇرپان ئالبىنىغا چىقمايدو. بۇ لوپلۇقنىڭ « بۆبۈلەرىم» دېگىنى چېچەك ئانىسىنى دەيدو. ناۋادا بۇ تۇرپاڭغا چېچەك كەلگەن گاخلاردا بۇ لوپلۇق تۇرپاڭغا چىقىپ قالسا، بىر-ئىككى كۈن ھايال بولماستىن ، قېرى بولسىما، چېچەك چىقىپ قالادو. بۇ چېچەكتىن قورقۇپ تۇرپاڭغا چىقماي، شۇ لوپ ئىچىدە بىرە بىر چېچەك چىقىپ ساقايغان ئادەملەر بار. ئۇ ئادەملەرنى لوپلۇق ئۆز ئىچىدە « پىششىقلا» دەيدو. ناۋادا چېچەك چىقماغان ئادەملەرنى تۇرپاڭغا ئالباڭغا بۇرۇسا، پىششىقلارنى ئورنىغا چىقارادو. مۇبادا، بۇ تۇرپاندا لوپتىن چىققان ئادەمگە چېچەك چىقىپ ساقايسىما، تا ئۈچ يىلغىچە لوپقا كىرگۈزمەيدو. ئۈچ يىلدىن كېيىن لوپقا كىرەر بولسا، لوپنۇڭ چېتىدە كۆنچى دەريا دەپ دەريا بار، دەرياغا لوپلۇق كېلىپ يىغىلىپ تۇرۇپ، بۇ كەلگەن پىششىق لوپلۇقنى ئوتراغا ئېلىپ، ھەممە لوپلۇق ئەر-خوتۇن، تا كىچىك بالا، بىرى قالماي، قولىغا بىر سىقىمدىن قوينىڭ يۇڭىنى تۇتۇپ تۇرۇرلەر. ئاندىن يەنە بىر تاغار كېپەكنى ئاپكېلىپ، بىر كۆتۈرۈم ئەدراسمان ئاپكېلىپ، بۇ كېپەك بىرلەن ئەدراسماننى يانچىپ ئېلىشتۇرۇپ، ئاندىن ئوت ياقارلەر. ئاندىن بۇ پىششىق لوپلۇقنى بۇ ئىسنى قىرىق بىر قېتىم ئەرگىتىپ، قىرىق بىر قېتىم ئوتنىڭ ئۈستۈنىدىن تاقلىتىپ ئۆتكۈرۈرلەر. ئاندىن بۇ پىششىقنى شۇ يەردە ئەلنىڭ ئوترىسىدا يالاڭاش قىلىپ سۇغا تۈشۈرۈرلەر. ئاندىن بۇ لوپلۇق پىششىقنى قاتىرىغا ئېلىپ لوپقا ئېلىپ كىرۈرلەر. ناۋادا لوپقا چېچەك كىرىپ قالسا، بۇ چېچەك چىققان خايى كىچىك بالا، خايى چوڭ كىشى بولسىما، بۇ چېچەكنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ئادەملەر، چېچەك چىققان ئۆيدىكى ئادەملەر، ئاتا-ئانىسى بولسىما « قارا مەرەز كېلىپتۇ» دەپ بۇ چېچەكنى شۇ ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ يىراققا قېچىپ كېتەرلەر. بۇ لوپ ئىچىدە بىر مۇنچە ئادەملەرگە يامان يارا چىقىپ قالسا، بۇ ئادەمنىما تاشلاپ قاچۇرلەر. يەنە بىر سۆز بار. بۇ لوپ خەلقىنىڭ مۇسۇلمانچىلىغىنىڭ بايانى شۇدۇر. ئەر خەقنىڭ قېرىسىنى، مەزلىم خەقنىڭ قېرىسىنى « قۇرۇتقا» دەرلەر. بۇ قۇرۇتقالەر ھەر بىرسى ئون يىل، ئون بەش يىل، يەتتى-سەككىز يىل نەپلى ناماز ئۆتەپ روزا تۇتۇرلەر. بەش گاخ نامازنى ھەرگىز تاشلامايدۇرلەر. ......... بۇ لوپ خەلقى ئاتا-ئانا، بالا-چاقا، ھەممىسى بىر ئۆيدە ياتادو. بۇ لوپ خەلقىنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى ھەممىسى قېمىشتۇرلەر. يەردىن يەرگە قىشلاق يازلاق دەپ يەرلىرى باردۇر. بۇلار شۇنداق يەرلەرگە كۆچۈپ يۈرەدو. بۇ لوپنىڭ توققۇز بەگنىڭ ئارىسىدا ئۈچ ئاخۇنى بار، ئۈچ قازىسى بار، ئۈچ مۇپتىسى بار. بۇ لوپ خەلقىنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى ھەممىسىنىڭ قېمىش، بەگلىرىنىڭ ئوردالىرىما ھەم قېمىشتا تۇرۇر. مۇبادا بۇ بەگلەر گۈنا قىلغان ئادەمنى سولار بولسا، قېمىش ئۆيگە سولايدۇرلەر. ( قېمىشنى مەن قومۇش دەپ چۈشەندىم، ھازىرچە، ) لوپلۇقنىڭ خوتۇن خەلقىنىڭ ئېڭىل كەيگىنى شۇنداقتۇر. بېشىغا خايى قېرى ، خايى ياش بىردىن لىچەك سالادو. لىچەكنىڭ ئۈستۈنىگە ياش چۆكەللىرى ئۈش-تۆرت ياغلىقنى بېشىغا چىگىپ، ياغلىقنىڭ ھەممە ئۇچىنى ئوڭ يېنىغا ئاپكېلىپ بىر قىسما گۈل قىلىپ قويادو. بۇ لوپ خوتۇللىرى بېشىغا بۆركنى ھەرگىز كىيمەيدو. چېچىغا جۇگان چۆكەللىرى قىزىل شەلپەرنى، ئاق سۈرۈپنى يىنچىكە-يىنچىكە يىرتىپ، چېچىغا ئۇلاپ چاش قىلىپ سېلىپ ئالادو. خوتۇللەر چاپىنىنى ئەر كىشىنىڭ چاپىنىغا ئوخشاش كىيەدو. ئەر خەقنىڭ كىيىمى قازاق كىيىمدەك تۇرۇر. ئۇ يەنە ئەر-خوتۇننىڭ كىيگەن ئىشتان كۆڭنىكى ھەممىسى يۇڭدا بولادو. بۇ لوپلۇقنىڭ ئەر خەلقى قوي بېقىپ، ئىشكار قىلىپ مۇنداق ئىشلارنى قىلادو. خوتۇن خەلقى يىراق جاڭگاللارغا بېرىپ قىزىل چىگە سويۇپ ئاپكېلىپ بۇ چىگىنى سۇغا چىلاپ بىر نەچچە كۈن بولغاندا، ئاندىن ئېلىپ پوستىنى سويۇپ ئالادو. پوستىنى ئېلىپ ئۇششاق-ئۇششاق باغلاپ يەنە سۇغا سالادو. بۇ چىگە سۇدا بەش-ئالتى كۈن تۇرغاندا سېسىپ ئۆزىدىن ئۆزىگە تال-تال بولۇپ ئارىلادو، بۇ چىگىنى ئاندىن خوتۇللەر تۆرت-بېشى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بىر خوتۇن ئىككى قولىغا بىردىن ئىككى تال چۇبۇق ئېلىپ بەش-ئالتى خوتۇن بىر قۇچاق، ئىككى قۇچاق چىگىنى ئوترادا قويۇپ تۆبۈرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ چىگىنى سابايدو. ئاندىن بۇ چىگە بىر سائەت بولغاندا يۇمشاق پاختاغا ئوخشاش بولادو. ئاندىن بۇ چىگىنى خوتۇللەر تۆمۈر يىككە يۆرگەپ ئېشىپ، ھەر كۈنىگە شۇنداق تۆرت-بەش يىك ئېگىرىپ بىر كۈللەر بولغاندا بۇ خوتۇللەر شۇ چىگىنى ئادەم بېشىدەك، ئادەم بېشىدەك يىگىرمە-ئوتتۇز يۇمغاق قىلادو. ئاندىن مەھەللىنىڭ خوتۇللىرىنى ھەممىسىنى يىغىپ كېلىپ، يەرگە قوزۇق قېقىپ بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بىر كۈن بۇ چىرلاغان مەزلىملەرگە ئاش بېرىپ، ئاشنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئاشنىڭ ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ قولىنى باغلاپ تۇرۇپ« ئەي مەيماللەر، مەن ئەرتىلىككە تاغار يۈگۈرەدۇرمەن، ئەرتىلىككە ماڭا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر» دېسە، بۇ خوتۇللەر ئاندىن ئەرتىسى كېلىپ بۇ خوتۇڭغا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى نەچچە كۈن يۈگۈرسە، ئوتتۇز-قىرىق تاغارلىقنى بىر قېتىمدا يۈگۈرۈب ئالۇرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى يەنە شۇ خوتۇن خەق توقۇيدۇرلەر. ئىشتان-كۆڭنەك، كىيەتۇرغان يۇڭنىما خوتۇن خەق توقۇيدو. ھەممە تاغار-خۇرجۇن ، پالاز، داستۇرخان توقۇيدۇرغاننى لوپلۇقنىڭ خوتۇن خەلقى قىلادو. يەنە لوپ خەلقىنىڭ يەيدۇرغان غىزاسىنىڭ بايانى شۇ دۇر. بۇ لوپ خەلقى ھېمىشە يەيتۇرغان گۆش غىزاسىغا بېلىق يەيدو. يەيتۇرغان ئۇن تائامىغا بۇغداي ئۇنىنى بېلىق يېغى بىرلەن بوغۇرساق قىلىپ يەيدو. لوپ خەلقىنىڭ مېچىتى ھەم قېمىشتا بولادو. ئاستىنىغا سالغان بىساتى لىكەندىن بولادو. بۇ لوپ خەلقىنىڭ مۆگىسى لوپنىڭ جاڭگىلىنىڭ جىگدىسىدۇر. ئۇ جىگدە قوينىڭ قۇمۇلىغىدەك ئۇششاق بولادو. بۇ لوپلۇق شۇ جىگدىنى يازلىغى بولسا، جاڭگىلىغا بېرىپ ئون تاغار يىگىرمە تاغار جىگدە قىلىپ ئالادو. بۇ جىگدىنى ئاش ئىچەر بولسا، ئاشنىڭ ئارىسىغا بىر شىڭ-بىر شىڭ ئىلەشتۈرۈپ سېلىپ ئىچەدو. لوپلۇقنىڭ توي قىلغىنى شۇنداق تۇرۇر. ئىككى كىشى توي قىلۇر بولسا، ئوغلى بار كىشى قىزى بار كىشى بىرلەن ماقۇللاشسا، قىز يەتتى ياشقا كىرگەندە ئوغلى بار كىشى بۇ قىزى بار كىشى بىرلەن توي سېلىشۇرلەر. تويىغا زەدەرلەر بەشيۈز ئۇلاق، مىڭ ئۇلاق ئوتۇن سالۇرلەر. ئۇ يەنە زەدەر بولسا، توققۇز يۈز قوي، نامرات بولسا ، بىرە-ئىككى يۈز قوي سالۇرلەر. توققۇز-توققۇز قوي-كالا سالۇرلەر. بۇ قىز قىز بولۇپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارغۇنچە يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيمىكىنى بېرىپ تۇرۇرلەر. ئوتۇنىنى ، قويىنى، ماللىرىنى توي بولغۇچە ھەريىلدا كۈچى يەتكىنىچە بېرىپ تۇرۇرلەر. بۇ قىز بولغاندا توي قىلۇر بولسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزغا تەئەللۇق ئاتىسىنىڭ دۇنياسىنى بۆلۈپ بېرۇرلەر. توي بولماستىن ئەگگەل قىزنىڭ ئاتىسىدىن تەككەن پۇل-مالنى يىگىتنىكىدە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن توينى قىلۇرلەر. توي قىلۇر بولسا ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىرە يۈز قوي، ئون، ئون بەش كالا ئۆلتۈرۈرلەر. ھەممە لوپ خەلقىنى چىرلاپ كېلىپ ئۈش كۈن ئاش بېرۇرلەر. ئاندىن قىزنى كۆچەر گاختا يۇرت خەلقى كېلىپ قىزنى كۆچۈرۈپ چىقسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەممە ئۇرۇق-قۇياشى بىر تۇتامدىن يۇڭ ئاپچىقىپ قىزنىڭ بېشىدىن « بالا-قازاڭ چىق، چىق!» دەپ بۇ يۇڭنى قىزىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ-ئۇرۇپ قويارلەر. ئاندىن قىزى ئاتقا مىڭگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئانىسى قىزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېتىنىڭ ياندۇرغۇسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ« جانىمنى بەردىم! جانىم ئىچىگە ئابام بالام ، ئىنەم بالام، سېنى خۇدا پاتشاغا تاپشۇردۇم» دەپ ئۇزاتىپ قويۇرلەر. ئاندىن يىگىتنىكىدە بارغاندا يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ ئايلىغا بېرىپ بىر مۇنچا يۇڭلار ئېلىپ بېرىپ« چىق، چىق بالا-قازاڭ ! كەل، كەل، خۇدا كېلىن ، كەل» دەپ قىزنىڭ قېيىن ئاتىسى كېلىنىنىڭ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇرلەر. ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتىسى ئۆلتۈرگەن قوي-كالىلىرىنىڭ گۆشىنى لوپ خەلقىگە تارتىق بېرىپ، يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تېگەتۇرغان تەئەللۇقاتىنى ھەممىسىنى بۆلۈپ قولىغا بېرۇرلەر. ئاندىن بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ، قىزنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ بۆلەك چىقىپ ئۆز ئوقاتىنى قىلۇرلەر. مەشرەپ ئۇسۇلنى لوپ خەلقى بىلمەيدو. سۈننەت قىلغاننى، ئات قويغاننى مەن كۆرمىدىم. لوپ خەلقىنىڭ ئۆلۈك ئۆلسە، بۇ ئۆلۈكنى ئۈش كۈن ئۆيدە ساقلارلەر. ئۈش كۈنگىچىلىك بۇ ئۆلۈكنىڭ پۇل-مالى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بالا-چاقىسى بولسا، ئۆلۈكنى كۆممەي تۇرۇپ بۆلۈشۈپ ئالۇرلەر. ئاندىن ئۆلۈكنى كۆمەر بولسا، ئۆلۈكنىڭ ناماز ھەققىسىگە تاپقان دۇنياسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ھېساپلاپ ناماز قىلغان ئاخۇنغا قويۇرلەر. ئاندىن بۇ ئۆلۈكنى يەرلىگىگە ئاپىرىپ گۆرنىڭ ئىچىگە كىگىز سېلىپ، ئاندىن ئۆلۈكنى ياتقۇزۇپ قويارلەر. ئاندىن بۇ ئۆلۈكنى كۆمۈپ قويۇپ كېلىپ ئۆلۈك ئۆلگەن قېمىش ئۆيگە ئوت قويۇپ ئاتۇرلەر. بۇ ئۆلۈك ئۆلگەن مەھەللىدىن بۇ ئادەملەر قېچىپ كېتەرلەر. گۆرنىڭ ئۈستۈنىدە قازاق سالغىنىدەك تاش سالادو. لوپلۇقنىڭ كېسەل بولغىنىنىڭ بايانى شۇدۇر. لوپلۇق كېسەل بولسا، بىر يىل، ئىككى يىل ساقايماسا، بۇ كېسەلنى مېچىتلىك ئون، ئون بەش، يىگىرمە ئادەم كىرىپ بىرسىنىڭ ئۈستۈنىگە بىرسىنى ئىتتىرىپ خام بوسۇرماق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويادو. ئۇ يەنە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن كىشىنى بۇ لوپلۇق شۇ ئۆيدە قويۇپ ياتقان قېمىش ئۆيىگە ئوت قويۇپ ئاتادو. ئۇ يەنە يامان يارا چىققان كېسەل بولسا، يامان يارىنى باقادۇرغان ئادەملەر ئىچەتۇرغان سۈيىنى قېمىش بىرلەن يىراقتا تۇرۇپ ئىچۈرەدو. ناۋادا يامان يارا يولاپ قالسا، بۇ ئۆيگە ئادەمنى قويۇپ ئوت قويۇپ ئاتادو. بۇ يارىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئاپىرىپ دەرياغا ئېقىزىپ ئاتادو.


نەشرگە تەييارلىغۇچى:  ئابلېز ئورخۇن
مەنبە:جۇڭگۇ رادىئوسى شىنجاڭ تارماق تورى
http://www.radioxj.com/show.aspx?id=3626&cid=16

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
matimatika + 50 قىممەتلىك يازما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
honzada بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 07:32:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 08:36:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي اللاھ  ،نىمە دىگەن ۋەھشىيلىك بۇ ،بۇلۇپمۇ ئاخىردىكى باستۇرماق قىلىپ ئولتۇرۇش ،ئىسلام دىنى بارلىققا كەلمىگەن بولسا ،بىز ئۇيغۇرلارمۇ قەبئى خەقكەنمىز جۇمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 6173 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 10:59:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىنى بىلىۋالدىمدە.
توي ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپكەن

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 03:47:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ماقالىكەن رەھمەت دوستۇم!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 10:39:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئۆزگىگە ئىشەنگى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39323
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 11:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىنى بىلىۋالدىمدە. (7mAt3n k

لىككاكى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 12:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش