2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىدئەت تەشكىلات نىگىرىيەلىك بىر قىزنى 51 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە ئازدۇرغان. بۇ قىز 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر بىدئەت تەشكىلاتقا قاتناشقاچقا ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ دادىسىمۇ باركەن.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو نېفىتلىكى بىلەن نېفىت خىمىيە گورۇھى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىلغان «گوۋۇيۈەن تارماقلارنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» گە ئاساسەن، يېرىم يىللىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككى شىركەت قۇرۇلغان.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پۇلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى كېۋىن كارتېر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. «ئاچلىقتىكى سۇدان» دېگەن بۇ رەسىمنى چوقۇم تونۇيسىز، بۇ دەل كېۋىن كارتېرنىڭ ئەسىرى. رەسىمدىكى سۇدانلىق قىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئارقىسىدىكى بۈركۈت بولسا بۇ قىزنى يېيىش ئۈچۈن ئىشتەي ساقلاپ تۇرماقتا. بۇ رەسىم 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان، پۇلىتسېر مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاخبارات مۇكاپاتى. 1994-يىلى 4-ئايدا كېۋىن كارتېر مۇشۇ ئەسىرىگە تايىنىپ پۇلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ كاربون چالا ئوكسىدىن زەھەرلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ مۇنداق دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان: مەن كۆپچىلىككە ھەقىقەتەن يۈز كېلەلمەيمەن، ھاياتنىڭ ئاچچىقى خوشاللىقتىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىكەن.
1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە مىسىرغا قاراتقان 72 يىللىق ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئىككى دۆلەت سۈۋەيىش قانىلى كېلىشىمى تۈزگەن. كېلىشىمدە ئىككى تەرەپ سۈۋەيىش قانىلىدىكى تونۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كاپالەت بەردى. قانالدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا ئەنگلىيەنىڭ 46 ئادىمى، مىسىرنىڭ 100 گە يېقىن ئادىمى قازا قىلغان.
1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغان. چاۋشيەن ئۇرۇشى چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، ئامېرىكا، جۇڭگو، سوۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق 18 دۆلەت ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ ئۇرۇش 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ھەربىي ئىشلاردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى» ئىمزالىغاندىن كېيىن توختىتىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسى «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى قوغداش» شوئارىنىڭ ساداسى ئىچىدە يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاۋشيەن ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان.
1921-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسۇلىننى غەلبىلىك ئايرىپ چىقارغان. ئىنسۇلىن ھۈجەيرىنىڭ گىلىكوزىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201107/t20110726_130765.html