مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3386|ئىنكاس: 12

داڭلىق ئاشپەز يۇنۇس ھەمدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 12:59:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




      يۇنۇس ھەمدۇللا 1945-يىلى 4-ئايدا مورى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئالىي تېخنىكۇم .ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق كەسپى ئۇنۋىرسىتىتى ساياھەتچىلىك –ئاشپەزلىك فاكۇلتېتىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى .ئۇ 1964-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە مورى ناھىيىسى ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئاشپەزلىك قىلغان .1986-يىلىدىن تا ھازىرغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .ئۇئاشپەزلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىل جەريانىدا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ كەسىپتە ۋە دەرس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل بولۇپ ،توختىماي ئىزدىنىپ ،ئاشپەزلىك بىلىمى ۋە كەسپى تېخنىكىسىنى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى .

ئۇ  1982-يىلى 8-ئايدا 3-دەرىجىلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا ،1992-يىلى ئالاھىدە 3-دەرىجلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا، 1994-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ،1994-يىلى 8-ئايدا ئالاھىدە  2-دەرىجىلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1995-يىلى 5-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك   ئاشپەزلىك دەرىجىسىنى باھالىغۇچىلىققا،1996-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئاشپەزلىك ئىلمىي  جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان .1997-يىلى 9-ئايدا جوڭگو ئاشپەزلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان .1998-يىلى 1-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئالىي دەرىجىلىك باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان .1998-يىلى 4-ئايدا «جۇڭگو  ئاشپەزلىكى » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى تۈزۈشكە قاتناشقان .

1998-يىلى 9-ئايدا شەرەپ بىلەن «شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئاشپەز پىشۋاسى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن .1998-يىلى ئاشپەز ئۇستىلارنى باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان .2000-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا «ھەرخىل قورۇما قورۇش ئۇسۇللىرى » دېگەن كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغان .2002-يىلى 8-ئايدا «جۇڭگوچە تائام ۋە قورۇمىلارنى ئوقۇتۇش » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى   يېزىشقا قاتناشقان ،2001-يىلى 8-ئايدا «مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر »دېگەن خەنزۇچە كىتاپنى تۈزۈشكە قاتناشقان ،2003-يىلى 4-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «شىنجاڭ ئاشپەزلىكىدە يەككە تۈرلەردىن ئىمتىھان ئېلىش نۇسخىسى » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى تۈزگەن .2003-يىلى «دۇنيا مۇتەۋۋەر مۇتەخەسسىسىلىرى قامۇسى »غا كىرگۈزىلدى .

ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاشپەزلىكتە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئەمىلىيەت ۋە نەزىرىيە ئۆلچەملىك دەرىسلىكىنى تۈزمەكتە .


يۇنۇس ھەمدۇللانىڭ كىچىك ئارخىپى


ئىسمى:يۇنۇس ھەمدۇللا
يېشى:65
يۇرتى:1945-يىلى4-ئاينىڭ15-كۇنى مورى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان
ۋەزىپىسى :ئاشپەز ئۇقۇتقۇچىسى
ئۇنۋانى:جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئاشپەز ،شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق ئاشپەز،جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،دۆلەتلىك1- دەرىجىلىك باھالىغۇچى،شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمىئىتىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئىتى ھەم مەسلىھەتچىسى،شىنجاڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باھالىغۇچىسى ئاشپەزلىك ترنېئىر،شىنجاڭنىڭ ئاشپەزچىلىك مۇتەخەسسىلەر گۇرپىسىنىڭ ئەزاسى،پەن تىخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى
خىزمەت تەجىربىسى:46يىللىق خىزمەت تەجىربىسگە ئىگە
مىجەزى: ئىنتايىن خۇشچاقچاق.


كېلىش مەنبەسى:ئاشپەز تورى
مەنزىل:http://www.radioxj.com/show.aspx?id=822&cid=3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 01:25:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇنۇس دادامنى كۆرمىگىلى خېلى يىللار بولۇپ قاپتۇ،پەقەت ئۆزگەرمەپتۇ.مىنىڭ كىچىك چىغىمدىكى ئۇدۇل خوشنىمىز ئىدى.راسلا بەك خۇشچاقچاق.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 01:35:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەرەقىيات نۇقتىسىنى كۆزىتىدىغان بولساق،تائام مەدەنىيىتى نۇرغۇن،ئۆز ئالدىغا خاسلىققا،جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە،يېشىلمىگەن سىرلارمۇ نۇرغۇن،100يىل بۇرۇن شېۋىت مېئونىسلىرى يەكەن،قەشقەر ئەتراپىدىكى ئاۋات بازارلاردا كىشىلەرنىڭ پولۇ،كاۋاپ يېۋاتقىننى كۆرۈپ،ئۇيغۇرلارغا ھەيران قالغان،ھەممىمىز بىلىمىز،ياۋۇرپا كىشىلىرى تولىسى سوغۇق مىجەز كېلىدۇ،ئۇلار ھاياتىدا ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن،شۇڭا،بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ دېھقىتىنى ئالاھىدە تاتقان،ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى كۈندىن -كۈنگە يۈكسىلۋاتىدۇ،مەن بىلگەن،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە داڭقى بار ئاشخانىلاردىن قەشقەردە تۇران،ئوردا قاتارلىقلار بار،ئۈرۈمچىدە ئەلبىك دەپ بار،بۇلۇپمۇ،قەشقەردىكى ئوردا ئاشخانىسىنى دۇنيادىكى شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كىرمەي تۇرۇپ،قەشقەرنى ئايلانمايدۇ،ئوردا ئاشخانىسىنىڭ تائاملىرى بەك ئۆزگىچە،تەملىك،ئاشخانا ئىچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يوقۇرى قول-ھۈنەر سەنئىتىدە ئۇيغۇرچە مىللىي ئۇسلۇبتا لاھىلەنگەچكە،ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىپ كەلگەن،داڭلىق ئاشپەز يۇنۇس ھەمدۇللانىڭ بۇ تەقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ ،تولىمۇ سۆيۈندۈم،بۇنداق ئاشپەزلەر بىزگە مۇھىم،ئۇيغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئالاقە كۆۋرۈكى.بۇندىن كېيىنمۇ،مۇشۇنداق داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى،جوڭگۇ بازارلىرىدىلا ئەمەس،پۈتۈن خەلقئارا بازارلىرىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ بازار تېپىشىغا تىلەكداشمەن،ئۇيغۇر تائاملىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن كىتاب،ئۈن سىن بۇيۇملار چىقتى،بۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ،ئۇيغۇر تائاملىرىنى ھەقدارىغا يەتكۈزۈش،مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن يۇنۇس ھەمدۇللادەك كىشىلەردىن يەنە نەچچە مىڭلىغان ئوغلانلار كېرەك.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 09:15:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ خالىسا ،يۇرتىمىز شىنجاڭدىن ،يەنە نۇرغۇن كىچىك ،يۇنۇس ھەمدۇللالار يىتىشىپ  چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .چۇنكى ھىچ قانداق دولەت ياكى مىللەتنىڭ تائاملىرى ،ئۇيغۇرنىڭكىگە يەتمەيدۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشپەز ئەمەسلىرىمۇ ،خېلى قورومىلەرنى ئوخشۇتۇپ قورالايدۇ.

ئىمان بار يەردە،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48530
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3872
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 10:19:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاشخاننى ناھايىتى پاكىز تازلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىردىغان كىشلەر ئىچشى كىرەك . بەزى ئاشخانىلارنىڭ ئىچىگە قارايدىغان بولسىڭىز كاتتا بىزەلگەن بىراق تازلىقىنىڭ ناچارلىقىدا بىر نەرسە يىگۈڭىز كەلمەيدۇ .
ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان ھەرقانداق ئادەم ئۆزنىڭ شەخسى تازلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىشى تولىمۇ زۆرۈر .
ئۈرۈمچىدەبولۇپمۇ تازلىق جەھەتتە بولسۇن تاماقىنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بولسۇن كونسۇل كوچىسىدىكى ئاشخانىلار خىلى راۋرۇس بولۇپ قۇيىدۇ .
دۆڭۆۈرۈكتىكى ئاشخانىلار قارىماققا تىشىدىن نۇچى كۆرۈنگىنى بىلەن تازلىقى ياخشى ئەمەس .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 10:26:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئاكاشنىڭ كىتابىنى كۆرگەن ئىدىم بەك ئۇستا ئىكەن

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 12:18:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ قولىدىن بىر لەغمەن يىگۈم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

تەۋەككۈل_ئەجىر 

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7900
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10378
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 7131 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 12:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىمۇ بىر كىتاۋى بار ھەرخىل قورۇما ۋە سوغۇق سەي قورۇش تېخنىكىسى تۇنۇشتۇرۇلغان ، مۇشۇ كىتاپتىن نۇرغۇن سەي قورۇشنى ئۈگۈنۈۋالغان ئىدىم .

ئۇيغۇر تورخانا ئاچقۇچىلار ۋە تورخانا سېستىمىسى مۇنازىرە چ چ توپ نۇمۇرى:       50701499

ھەقىقەت ھاقارەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3474
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8929
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 03:12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇنۇس ھەمدۇللا~مىنڭ تاغام~ھەم ئوقۇتقۇچىم`ئاللاھ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە،
بەرىكەت،تەن ساخلىق،خۇشاللىق،ھەم ئۇزۇن ئۇمۇر~چەكسىز بەخىتلەر ئاتاقىلغاي~~~~~~~~گۇچۇڭ ناھىسىدىن يۇسۇپ ئەبەيدۇللا~~~~`

يۇرۇگۇم شاۋقىنلاپ ئاققان بىر دەريا،
مۇڭلۇنۇپ قارايمەن قىرغاقتا ئاڭا.
ئىستىقبال كۆرۇگىم پۇتمەي تۇرۇپلا،
كۇتمەيمەن ھىچقانداق ئارتۇقچە ھەمرا.

ھېچ ئىشنى ئويلىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36174
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4842
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 847 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 05:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ تاماق ئىتىشنى ئۆگەنسەم بۇلىدىكەن ..  ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي

دوستۇم ئاچچىقىڭ پەللىگە يەتكەندە ئۆزەڭنى بىر مىنۇت بېسۋالغىن....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش