|
|
|
|
ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1949–يىلى 10–ئايدا شىنجاڭ قومۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان .1970–يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى پۇتتۇرگەن .1981–يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ماي بوياق رەسىم كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان .ھازىر شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ كەسپىي رەسسامى .شىنجاڭ گۈزەل –سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ فوتو–سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك رەسسام .
ئابدۇشۈكۈر كېرەمنىڭ ‹‹ئۇدۇم قالدۇرۇش ››، ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››، ‹‹مەشرەپ ››،‹‹چاقپەلەك ئۇسۇلى ››،‹‹كۆچەت تىكىش ››، ‹‹ھۈنەرۋەن ››،‹‹قارا چىراق ئۇسۇلى ››، ‹‹بۇركۈت ئۇسۇلى ››،‹‹پامىرلىقلار ››،‹‹ئۇستىكار ››قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان .بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە ساقلىنىۋااتىدۇ .‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››ناملىق ئەسىرى 1995–يىلى تۇركىيىدە ئۆتكۈزۇلگەن خەلقارالىق نۇرۇز پېتىسىۋالىدا يىغىن گىرىبى قىلىنغان ھەم گېزىت –ژورناللاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان .1993–يىلى شەخسى ماي بوياق ئەسەرلەر توپلىمى نەشىردىن چىققان .1995–يىلى جۇڭگو گۈزەل –سەنئەت سارىيىدا ماي بوياق ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2001–يىلى ئۈرۇمچىدە ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2002–يىلى ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››تېمىسىدا فوتو–سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان .2003–يىلى ‹‹قومۇل كۆك مەشرىپى ››ۋە ‹‹قومۇللۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ –ئادەتلىرى›› تېمىسىدا فوتو –سۈرەتلەر توپلىمى نەشىردىن چىقتى .‹‹خوجايىن ››،‹‹قىزىم ›› قاتارلىق ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل –سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ .ئۇ ماي بوياق رەسىم ،ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ،ئىبرو رەسىم سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ھەم تۇرمۇش فىلىملىرى ئىشلەشتىمۇ بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن .
رەسسامنىڭ ‹‹ ئۇدۇم قالدۇرۇش›› ناملىق بۇ ۋەكىل خاراكتىرلىك
ئەسىرى 1981 يىلى ئۈرۈمچىدە سىزىلغان
كېلىش مەنبەسى:ئۇستاز تورى
مەنزىل: http://www.radioxj.com/show.aspx?id=469&cid=3
|
|
|
|
|
|